مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10012|ئىنكاس: 26

ئەرك ھېسلار(مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Www.Arkzat.Com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 44927
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6437 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 03:04:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرك ھېسلار

 

( ئەبجەش خاتىرىلەر )

[align=justify] 
      بىزنىڭ ئېڭىمىزغا شۇ نەرسە مۇقەددەسلىك بىلەن شۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ سىڭىپ كەتكەنكى، بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانسى كۈلىدۇ، يۇرت- مەھەللە كۈلىدۇ، پۈتكۈل يەر-زېمىن كۈلىدۇ. چۈنكى، ئوغۇل شۇ ئائىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋارىسى. بۇرۇنقى زاماندا بولسا ئوغۇل بىر تەرەپتىن  جەڭ مەھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، ۋەتەن - خەلقنى، يۇرت-ماكاننى قوغداش ئۈچۈن چۆل- باياۋان ۋە  تاغ –داۋانلارنى ئېشىپ جەڭ قىلسا،  يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئائىلىنى گۈللەندۈرۈپ ياراملىق پەرزەنىت تەربىيەلىگەن. ئۇلار يوقسۇللارغا ياردەم بەرگەن ھەم  ئەسكىلەرنىڭ  ئەدىپىنى بېرىپ، ياخشىلارنى  يۈلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، بۇنداق ئەرلەر شۇ يۇرتنىڭ ئەركىسى، يۇرت ئوغلانى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇلار شۇ يۇرت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان، يۇرت خەلقنى ئۆز قېرىندىشىدەك بىلگەن. شۇنداقلا، ئەدەب-ئەخلاقتا ئۆزى نەمۇنە بولۇپ، ئەخلاقسىزلارنى جازالىغان. شۇڭا، تارىختا ئۆتكەن مۇنداق ئەركەكلەرنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ، پەخىرلىندۇ، ئەۋلادلار  ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى ھۆرمەت-ئېھتىرام گۈلدەستىلىرى بىلەن بېزەيدۇ! لېكىن، جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلشىغا، زامانلارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىردا دېگنىمىزدىكىدەك ئەركەكلەرنىڭ نەسلى بارا-بارائازلاپ كەتتى،ھەتتا قالمايۋاتىدۇ. ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىڭغىمۇ كۆز يۇمىۋالساق قەتئىي بولمايدۇكى، بايا تىلغا ئالغىنىمىز بىلەن قارىمۇ-قارشى بولۇپ قالسا ئەسلا بولمايدىغان يەنە شۇنداق بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزمۇ باركى، ئۇلار ھېلىھەم ئالاھىدە دەب-دەبىلىك چوڭ ئشلارنى قىلالمىسمۇ، ئەمما ئۆزىنى، ئائىلىسنى خېلىلا ياخشى ئىدارە قىلىپ يۈرىۋاتىدۇ، ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ئىنسانىي ۋىجدان-غۇرۇرى بىلەن مىننەتسىز قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە بەلگىلىك تۆھپىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس،  مۇشۇنچىلىك غۇرۇر ۋە قۇربەتكە ئىگە  ئەرلەر سان جەھەتتىن تەدرىجى ھالدا يەنىلا ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.

                                                   ***   ***   ***

      مەن بىر مەزگىل بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم بىلەن ھەر خىل سورۇنلارغا بېرىپ باقتىم، ئىچمەي- چەكمەي كۈزىتىپمۇ باقتىم. ئاندىن كۆرگەنلىرىمگە ئىشەنمەي: «بۇ ئوڭۇممۇ- چۈشۈممۇ؟!»دەپ قاتتىق ئىككىلىنىپمۇ قالدىم بەزىدە. شۇ تاپتا بىزدە رېستۇران دېسە دۈم چۈشىدىغانلار شۇنچە كۆپىيىپ كەتكەنكى، يىلدا بىرنەچچە قېتىم كېلىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك  نامدىكى «بەرىكەتلىك» ھېيت- بايرام ، خاتىرە كۈنلەردە قارايدىغان بولساق، بەزى جايلاردا رېستۇرانلار شۇدەرىجىدە ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇكى، بۇنداق كۈنلەردە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خۇددى ئايروپىلان بىلەتلىرىنى زاكاز  قىلدۇرغاندىكىدەك ئالدىن زاكاز قىلدۇرۇپ قويمايدىغان بولسىڭىز،  ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن رېستۇران ئىشىكىدىن قەدەم ئېلىپ كىرەلىشىڭىز ئەسلا مۈمكىن ئەمەس! رېستۇران ئىچىدىكىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئاندىن قىززىق! ئۇلارنىڭ  بەزىلىرى:« مەن ئاز ئىچسەم، بېشىمغا چىقىۋالىدۇ، ئاسان مەس بولۇپ قالىمەن، شۇڭا جىقراق ئىچىىپ بىر تەڭشىلىۋالاي» دەپ جىق ئىچىپ تېخىمۇ بۇرۇن مەس بولۇپ قالدۇ. كېيىن بىلسەم،  بۇ ئۇلارنىڭ نوچىلىقى ئىكەن. بۇنى ئاستا-ئاستا چۈشەندىم. ئەنە شۇنداقلارنىڭ يەنە بەزىلىرى بولسا:« ئوغۇل بالا دېگەن ئىچىشى، چېكىشى، ئوينىشى كېرەك، بولمىسا ياشلىق بىكار كېتىدۇ...» دېيىشىدۇ تېخى. بۇ گەپ ماڭا تېخىمۇ غەيرى تۇيۇلدى. مەن ئويلۇدۇم: « ئەسلىدە، ئۇلار ھەممە جەھەتتىن تەڭشىلىكلىك بولغىيدى؟ بولمىسا قانداقمۇ نورمال ئادەم ھېسابلانسۇن!؟ يەنە نېمىسىنى قانداق تەڭشىمەكچىدۇ؟! شۇ ئوغۇللار تۇغۇلغاندا  زېمىن كۈلگەن بولغىيتى، ئاتا- ئانسى خوشال بولغان بولغىيتى!!! لەنەت ئۇلارغا! بۇنداق« خوشاللىق» قۇرۇپ كەتسۇن!!!

   بەزىلەرنىڭ زىمىستان قىشتا پىۋا ئىچىشلىرى، بىر قولىدا تاماكا، بىر قولىدا تېلېفون، تېتىقسىز گەپلەر بىرقىسىم ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۇكلەشتۇرۋەتتى. تېخى بۇنى ئاز دەپ قىزىل كىيىم كىيىپ، ئاياللار بىلەن بەسلىشىپ چېچىنى ئاياللارنىڭ چېچىدىنمۇ بەكراق  ئۆستۈرۋالغان ئەرلەرمۇ بار تېخى! بۇلارنى كۆرۈپ:« ھەي، بۇلارغا نېمە بولغاندۇ؟ ئەر بولغىنغا پۇشايمان قىلغانمىدۇ؟» دەپمۇ قالىمەن ئىچىمدە.      

   بىز ھاراق ئىچمىسەك زادى مۇڭدىشالماسمىزمۇ؟  شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئويلاپ باقايلىكى، رېستۇرانغا ئەنە شۇنداق كۆپ كىرىش-مەدەنىيەتسىزلىكىمىزنىڭ ئىپادىسىمۇ- قانداق؟!

                                        ***      ***     ***

    ئەتتىگەندە بولغان گەپلەرنى ئاڭلىسىڭىز تېخىمۇ ھەيران قالىسىز. بىرسى پەخىرلەنگىنىچە:« ئاخشام ئايالىمنى ھۆسىن تۈزدۈرگىلى ئاپارغانتىم، ھۆسن تۈزەيدىغانلارمۇ بەك ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ مۇشۇ كۈنلەردە! ھازىر ئايالىمنى كۆرگەن ئادەم تاس قالىدۇ تونىيالمىغىلى... » دېسە، يەنە بىرسى تېخىمۇ تېتىقسىزلىشىپ:« ئاخشام ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بوپتىكەن، رىستۇرانغا بېرىپ، ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ بەردىم...»  دەيدۇ. يەنە بىرسى:«ئاخشام ئاچام( سىڭلىم)نىڭ ۋىچىركىسى بوپتىكەن، ۋىچىركا دېگەننى ئاجايىپ پەيزى ئۆتكۈزدۇق...»  دېگەنلەرنى قىلچە نومۇس قىلماستىن ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي پەخىرلىنىپ سۆزلىسە،يەنە بەزىلىرى:« مەن ھازىر ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە ئۆيدە ئاساسەن  بالام بىلەن قالىمەن، ئايالىم قاتار چايغا كېتىدۇ...»دەپ نومۇسىمىزنى كەلتۈرسە، يەنە بىرسى:« ئايالىم ئشقا كەتتى، مەن خىزمەتتىن يېنىپ چىقۋالدىم، ئۇنىڭ كىرىمى خېلىلا يۇقىرى، تۇرمۇشتا قىينالمايمىز...» دېگەن. ھەي!!! بۇ گەپلەرنى ئۇلار قايسى يۈزى ، قايسى ئاغزى بىلەن دېگەندۇ؟  يەنە بەزىلىرى تېخى:« ئايالىم ئشلەيدىغان ئىدارىنىڭ باشلىقى  خېلى ياخشى ئادەم، ئايالىمنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللايدىكەن، شۇڭا مەن ئايالىمنىڭ خىزمىتىدىن تولۇق خاتىرجەم ...»دېسە، يەنە بىرى:« يېقىندا، ئايالىمنى ئىدارىسىدىكىلەر ئۆستۈردىغان بوپتۇ،  بۇمۇ  بىزگە كەلگەن بىر ئامەت!!!» دېسە، يەنە بىرسى:« مېنىڭ ھاراق ئىچكىنىمنى باشقىلار بىلمەي قالمىسۇن» دەپ ئەنسىرىسە كېرەك : «مېنى ئاخشام ئىچكەن ھاراق چىشلىۋاپتىكەن...» دەپ  ئىچكىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى لاۋزىلاشتۇرۇشى. توۋا دەيمەن، ھاراق ئىچىش، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، ھايۋانلاردەك خۇدىنى بىلمەي مەس-ئەلەس يۈرۈش- ماھىيەتتە باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان ئىشمۇ- ياكى كوچا- كويلاردا داۋراڭ سالىدىغان ئىشمۇ؟! بەزىلەرنىڭ ئادەم كۆپ يەرگە كېلىپ تاماكىنى يالغان شوراپ زورلاپ تۈتۈن چىقىرىشلىرى، تېلېفوندا يۇقىرى ئاۋازدا ھاياسىز، مەزىسىز گەپلەر بىلەن سۆزلىشىشلىرى ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق بولماي زادى نېمە!؟ ھازىر كۆپلىگەن سەبىي بالىلار دادىلاردىن زېرىكتى، سەسكەندى. شۇڭا ئۇلار بوۋىلىرى، مومىلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا ئامراق، ئۇنداق بولمىسمۇ ئامال يوق. چۈنكى، چوڭلار ئويۇن- تاماشادا بولغاچقا، كىچىكلىرىگە ئارام يوق. شۇنداق بولغاچقا، سوغۇق تاماق، قاتتىق نان، يالغۇز ئۆي سەبىيلەرنى بوۋىلىرىغا ئامراق قىلۋەتكەن، بوۋا-مومىلىرى ئۇلارنى مەيلىگە قويۋەتكەن، ئۇلار شۇنداق قىلىپ دادا، ئانىنىڭ ئىككى تەرەپتىكى بوۋا- مومىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆزلىرى خان، ئۆزلىرى پادىشاھ بولۇپ، بىر قانچە ئۆيدە خالىغانچە چوڭ بولغان بۇنداق ئەركە بالىلار كۆپ ئۆتمەيلا كارغا كەلمەس بولۇپ چىققاندا، ئاتا-ئانىلار:«ماڭا نېمىشقا مۇشۇنداق  بالىنى بەرگەنسەن ،خۇدايىم...» دەپ ئاندىن تەڭرىدىن بىھۇدە زارلىنىپ، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمايدىغان بىچارىلەرچە ئىڭراشلار مۇقامىغا دائىمىلىق تەڭكەش قىلىپ توختىماي قاقشاشقا باشلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا نېمە ئامال؟! بۇنداق چاغدا ئۇلار قايسىبىر ناخشىچىمىز ئوقۇغان «ئۆزۈمنىڭ شورى»نى غىڭشىپ ئېيتىشقىمۇ سالاھىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ-خالاس!

     شۇ تاپتا مەن ئەنە شۇنداق ئاتا-ئانىلارغا  شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: سەن ئەيىپلىگەن بۇ بالا ئەسلىدە ئەقىللىق بالا ئىدى، سەن شۇنداق قىلدىڭ! بىز ئىگىسىز ئىتلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟ بىلىسەن: «لالما ئىت»دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭ مەنىسى  «ئىگە- چاقىسىز ئىت» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن!  بۇ بالىمۇ دەل شۇنداق چوڭ بولغان. سەن  دادا  بولغۇچى ھەركۈنى ئۆيگە  مەسىت كەلگەن، ئۆيدە يەنە ئىچكەن، جىدەل-ماجرا قىلغان، بالىغا ئارام بولمىغان ياكى بالىلارنى ئىچىش، چېكىش سورۇنلىرىغا ئەگەشتۈرۈپ  بىللە ئاپارغان. بالا تەدىرىجىي ھالدا سەندىن بۇنى ئىستىخىيىلىك ھالدا دوراپ ئۆگەنگەن. ئاخشىمى بالا دادىنى كۆرمىگەن، ئەتىگىنى بالا ئۆزى قوپۇپ مەكتەپكە قاتتىق نان يەپ كەتكەن، دادا بۇ ۋاقىتتا ھاراقنىڭ چىشلىشى بىلەن ئۆلۈكتەك پۇشقۇرتۇپ ياتقان، مۇشۇ ئەھۋال  ئىزچىل ھالدا كۆپ تەكرارلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدىكى دادا- بالا  بىر- ئىككى ھەپتىگىچە كۈرۈشمىگەچكە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاتا-بالىلىق مېھرى- مۇھەببەت سۇسلىشىپ كەتكەن ياكى  كۆتېرىلىپ كەتكەن . شۇ سەۋەبتىن كۆپ قىسىم بالىلار ئۆز ئاتا- ئانسىدىن يىرگىنىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن!

     ئۇنداقتا، ئانىلارچۇ؟  ئانىلارنىڭ  قىلمىش -ئەتمىشلىرىنى دېسەك بۇمۇ خېلى بار. بۇلارنىڭ قاتار چايلىرى، قۇرۇق گەپ-سۆز- غەيۋەتلىرى... بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقىتتىنىڭ ئازلىقى، ھەتتا  توققۇز  ئاي قۇساق كۆتېرىپ،  مىڭ بالادا يەڭگىگەن يۈرەك پارىسىنىمۇ  «ئورۇقلاپ كېتىمەن، رەڭگى-رۇخسارىم ئۆزگىرىپ كېتىدۇ...» دېگەندەك  تۇترۇقسىز ئىبارىلەر بىلەن باھانە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى  ئۆز سۈتلىرى بىلەن باقماي، ھەر خىل پاراشوكلاردا ئوزۇقلاندۇرۇشى قاتارلىق «ئىجادىيەت»لىرىمىزمۇ ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھرىبانلىقنى سۇسلاشتۇرۋەتتى.

                                      ***     ***     ***

            يەنە  بەزى  ئەرلەر  شۇنداق  بىچارىكى،  ئۇلار  قولىغا    پۇل كىرسىلا ھەممىنى خەجلەپ بولىدۇ: ئىچىدۇ، چېكىدۇ، ئوينايدۇ. مۇشۇنداقلارغا ئايالى ئائىلە خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش تاماق، كىيىم بېرىپ باقىدۇ،  بۇمۇ بىر ئەر! قېنى، ئۇلارنىڭ  «ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى» بولغىنى!؟ قېنى، ئۇنىڭ ئاتىلىق سالاھىيتى؟ قېنى، ئۇنىڭ يۇرت ئوغلانى بولغىنى؟! يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆيدە نېمە بار-يوق؟ خوتۇن- باللىرىم نېمىش قىلىدۇ؟ نېمە يەيدۇ؟ نېمە ئىچىدۇ؟ نېمە كىيىدۇ؟  دېمەستىن تاپقىنىنى تۈگتىش:قىمار ئويناش، كەيىپ –ساپاغا بېرىلىپ يۈرۈشلىرى، ئۆزىنى،  بالىلىرىنى ۋەيران قىلىشى، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە يەنە كۆپلىگەن  كېرەكسىز ئادەملەرنى كۈپەيتىۋېتىشى، مانا، بۇلارمۇ  ئەنە شۇ بىز ئاتا- ئانا بولغۇچى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالى!

                                     ***      ***       ***

         كىتابخانلارغا كىرسىڭىز، 8-10ياشلىق بالىلار يەردە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ، ئولار كۆپىيىپ كەتسە، كىتابخانا خادىمىلىرى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئولار كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇغان بىلەن،  ئالاي دېسە پۇلى يوق، دادىلىرى رېستۇراندا ھاراققا پۇلى بار، كىتابقا پۇلى يوق! ئەمما ئۇلارنى  تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرەي، دەپ ياۋروپالىشىپ  رېستۇرانغا ئەكىرىپ،پۇلنى ساماندەك چېچىشقا رازى بولۇپ، كىتابخانغا ئاپارماسلىقىمىز بالىلارنى كېيىنچە نادان، تەييار-تاپ ئادەم بولغىن، دېگىنىمىز بولماي زادى نېمە؟! ھەتتا بەزىمىزنىڭ كىتابخاننىڭ ئورنى ، بالىمىزنى ئوقۇتىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ ئىسىمى، ئوقۇيدىغان سىنىپى...قاتارلىقلارنى بىلمەي، ئايالىمىز كېيىدىغان ئېسىل كىيىملەرنىڭ نامى، شۇ كىيىملەرنى ساتىدىغان ماگېزىن ۋە خوجايىنلارنى ، قايسى رېستۇران، قايسى ئايرىم خانىلاردا، تاماق تىزىملىكىدە نېمە، نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى شۇنچە پىششىق بىلىشىمىز بىزنى بەكمۇ چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ!

      رېستۇراندىكى كىچىك بالىلار ئاتا-ئانىللىرى تانسىغا مەستانە بولۇپ كەتكەندە، ئولارنىڭ ھاراق رۇمكىلىرىنى ھەۋەس بىلەن يالاشلىرى، بەك «ھۇشيار»لىقىمىزدىن ھاراقلار  تۆكۈلۈپ كەتكەن سەي- قورۇمىلارنى بالىلىرىمىزنىڭ بىخارامان يەۋېرىشلىرى، قۇشنانجىم سۈپەتلىشىپ، رومىلىمىزنى ئىڭىكىمىزدىن مەھكەم چىگىپ رېستۇرانغا كىرىپ، ئايرىم خانىلاردا كىشى ئۇقماس ئويۇنلارنى ئويناپ يۈرۈشلىرىمىز...ھاراق-تاماكىنىڭ زىيىنى نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەمەلىي پاكىتلار ۋە مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدىغانلار ئاز قېلىش تۈگۈل،  بۇ ۋەھشى ئاپەت يۇقۇملۇق كېسەلدەك كۆپىيىۋاتىدۇ.  بەزىلەرنىڭ تاماكىنى بىر چىشلىۋالغانچە، تۈگىگىچە قولغا ئالماي شوراشلىرى ئادەمگە كۆشەككە سالغان كالىنى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭ باشقا زىيىنىنى دېمسەكمۇ ئەرلىك خۇسۇيىتىگە، ئەقىل پاراسىتىگە زور  دەخلى يەتكۈزىشىنى دەپ بولسىمۇ، ئستېمال قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىدىغۇ ئەسلى!!!

      بىز تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىسالغا قاراپ بېقىپ ، ئاندىن نېمە قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئويلۇنۇپ باقايلى.  بىر ئەر 60 يىل ياشاپ ، 40يىل تاماكا چەككەن بولسا، كۈنىگە  بەش يۈەنلىكتىن چەكسە ، ئۆمرىدە 72000يۈەنلىك تاماكا چېكىدۇ. ئەگەر يەنە ھەپتىدە بىر كلوگىرام ھاراق ئىچتى دېسەك(يەنى بۈگۈن سىز بىكارغا ئىچسىڭىز، ئەتىسى سىز  چوقۇم پۇل تۆلەيسىز)، بىر يىل 48 ھەپتە بولىدۇ. بىر كلوگىرام ھاراقنى  60يۈەن دېسەك(چۈنكى ئابرۇيىمىز  بەك چوڭ بولغاندىكىن، ئەرزىنى ئىناۋىتىمىزنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەمەسمۇ؟!)،  40يىلدا 115200يۈەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمنىڭ  ئۆمرىدە چەككىنى- ئىچكىنى جەمئى 187200يۈەن بولىدۇ. تېخى مەسىت بولۇپ قېلىپ چاققان، بۇزغان نەرسىلەر، ھاراق-تاماكا تەسىرىدىن ئاغرىپ داۋالانغان ، دورا يېگەن پۇللار، قالايمىقانچىلىق تېرىپ تۆلىگەن جەرىمانە، مەس-ئەلەسلىكتە يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىلەرنىڭ پۇللىرى بۇنىڭ سىرتىدا! ئەگەر ئىچكەن، چەككەن ۋاقتىڭىزدا پۇل تاپقان بولسىڭىز، دوسىت تۇتۇپ سورۇن قۇرماي، شىركەت قۇرغان بولسىڭىز، سورۇن قۇرۇپ جىدەل قىلماي دوستلىشىپ، بىرلىشىپ تىجارەت قىلغان بولسىڭىز، يۇقىرىقى پۇل يانچۇقىڭىزدا قېلىپ يەنە تېخى كۆپلەپ پايدا ئالاتتىڭىز. بەلكىم بۇنى ئويلىسىڭىز، يۈرىكىڭىز ئاغرىشى مۇمكىن. بۇ پۇل بىلەن  بەش بالىنى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتقىلى، ئادەتتىكى بىر كىچىك مەكتەپ قۇرغىلى، قىيىنچىلىقتا قالغان نەچچە ئون ئائىلىنى قۇتقازغىلى ،خېلى ئاۋات شەھەر مەركەزلىرىدىن بىرەر يۈرۈش ئازادە ئۆي-جاي سېتىۋالغىلى بۇلاتتى!

      سىزنىڭ ھاراق ئىچىپ ئۆيگە كىرشىڭىز ئۆيدىكلەرنى، جۈملىدىن ئايالىڭىزنى بىزار قىلىدۇ. ھەتتا سىزنى «كەلمىسىمۇ بوپتىكەن!...» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپمۇ قويىدۇ.  مۇشۇنداق كېچىلەردە بىچارە بالىلار  مەس-ئەلەس دادىدىن  قورقۇشۇپ تىتىرشىپ تۇرسا، دادا بولغۇچى چوڭلا ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولغانلىقىدىن پۇشايمانمۇ  قىلىدۇ گاھىدا!

                                  ***            ***           ***

       بىز يىراق تارىخلارغا نەزەر سالدىغان بولساق، چوڭ ئەربابلار، چولپانلار، داڭلىق شەخسلەر ئىچىدە ھاراق ئىچىپ مەغلۇپ بولغانلار، مەسىت ھالەتتە دۈشمىنى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پالۋان-سانغۇنلار ۋە باشقا مىساللارنى ئەسكە ئالىمىز. بۇمۇ بىزگە يېتەرلىك  تەجرىبە ساۋاق بولالمىدى. جىگىرىمىز قېتىپ ئسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخاندا ياتقانلارمۇ، بىر چىرايلىق ئايالى، قارا كۆز سەبىي پەرزەنىتلىرى، داچىدەك تۇرالغۇلىرى قېلىپ قېلىپ، تېخى ئاخشاملا بىز بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ شاھ ھوزۇرىنى سۈرۈپ، مانا كېچىدىن تۇيۇقسىزلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالغان بەزمىداشلىرىمىزمۇ بىزگە يېتەرلىك ئاچچىق ساۋاق ياكى بىرەر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى بولالمىدى! مەسلىكتە قىلىنغان قاتىللىق، ئۇرۇش –جىدەللەر بىلەن تۈرمىگە كىرىپ يېتىشلىرىمىزمۇ يەنە يىتەرلىك تەجرىبە ساۋاق بۇلالمىدى!!! شۇنىڭدىن قارىغاندا، بىزنى ھېچنىمە توسيالايدىغاندەك ئەمەس! مۇشۇ "باتۇر"لۇقىمىز بىلەن بەلكى ئەزرائىلنىمۇ قورقۇتالىساق كېرەك!!! مۇبادا شۇ ئىچكەنلىرىمىزدىن قايتىدىن توپان بالاسى يۈز بەرسە، توپان بالاسىغا ئىچكەن، ئىچىدىغان شۇنچە كۆپ مەي-شارابلىرىمىزنى دولقۇنلىتىپ، شۇ توپانغا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ تاقابىل تۇرالارمىزمۇ؟!!

        بۇرۇنقىلارنىڭ باتۇرلىقى جەڭ-كۈرەشلەردە بولسا ، بىزنىڭ باتۇرلىقىمىز سورۇندا، راسا ئىچىپ چېكىشتە بولىۋاتىدۇ! بۇمۇ بىز بىلىدىغان باتۇرلۇق، بىز ئۆزىمىز پەخىرلىندىغان باتۇرلۇق! بۇ «باتۇر»ۇقىمىزنىڭ بىزنى مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بېرىشنى بىلسەكمۇ ، بىز يەنە بۇ يولدىن قايتىمايمىز. شۇڭا بىز ئۆز نەزەرىمىزدە دەۋرىمىزنىڭ« باتۇر يىگىتلىرى»!

        تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، شۇ تاپتا  بىر قىسىم ئەرلەر ئاياللاردىن گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئاساسىي بولسا « بۇ ماي ياخشىكەن،  تېرە ياخشىلايدىكەن، قورۇق يۇقتىدىكەن» دېگەن سەپسەتىلەردىن ئىبارەت. بۇنى كۆرگەن بىر قىسىم ئاياللار ، شۇنداقلا، لاتا بەل، لاي غەزەل ئايالىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمىغان ھەم ئايالىنى باشقۇرالمايدىغان بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى بولسا:« ئەرلەر بىزدىن ئۆگەنگەن تۇرسا، بىزمۇ نېمىشقا ئەرلەردىن ئۆگەنمەيسىز؟» دەپ ئەرلەر بىلەن  پەسلىشىپ ئۇلارمۇ ئىچىشكە ، چېكىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كەچتە پات ياتمايدىغان، ئەتتىگىنى قوپمايدىغان ھالەت ئائىلە بويىچە ئومۇملۇققا ئايلىنىۋاتىدۇ!  بۇنداق ئسمى بار، جىسمى يوق ئەردىن زېرىككەن ئاياللار ئىچ پۇشىقىنى ھاراق –تاماكىدىن، سىرىتلاردىكى تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدىن، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلەردىن  چىقىرىشقا باشلىدى ۋە رېستۇران، دىبا قاتارلىقلارغا كۆندى. يەنە بىر قىسىم ئەرلەر بولسا ئۆيدىن ھالقىپ چىقىپ خىزمەت ئورنىدا ، ئشخانلاردا  ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئەينەك تالشىپ پەرداز بۇيۇملىرىنى ماختاشقا ، تاللاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق  دادىلارنى كۆرگەن بەزى بالىلار ئۆز دادىلىرىدىن گۇمانلىنىپ ، ئۇلاردىن  قېچىپ چوڭ ئاپسىنىڭ ئۆيىدە قونۇشنى ياخشى كۆردىغان بوپقالدى. مانا بۇ ھازىرقى زامان ئائىلسىنىڭ تۆۋرۈكلىرى بولمىش- بىر قىسىم «ئەر»لەر!

         تېخى رەڭلىك ئولتۇرۇشچۇ؟ بەزى ئەرلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئايالى بىلەن كارى بولماي ، رېستۇران- قاۋاقلاردا خېنىملارنى چۆرىسىگە يىغۋېلىپ ئولتۇرۇپ، لاۋزا چاقچاقلارنى قىلىپ ئولارنىڭ ھەركىتىدىن، قاراشلىرىدىن ئۆزلىرىچە پەخىرلىنىپ يۈرۈشلىرى ھازىرقى زاماندىكى  بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ پەخىرلىندىغان ئادەتلىرى بولۇپ قالدى. تېخى بەزىلەر بولسا :«قاراڭلار، پالانى مۇنچە كلوگىرام ھاراق ئىچىپمۇ مەسىت بولمايدىكەن»، دېسە، يەنە بىرسى:« ۋاي، ئۇ قانچىلىك ئىش، پۇستانىچۇ، ئىككى يەشىك پىۋىنى ئىچىپ، ھېچنىمە بولمايدىكەن، بىز نېمىشقا مەسىت بولدىغاندۇق دەيمەن؟» دەپ بولمىغۇر ئىشلاردا بەسلىشىپ كېتىشلىرىمىز. بۇنى ئاز دەپ،  يەنە تېخى ئىچكەن ھاراقلىرىنىڭ ماركىلىرىنى داڭلىشىپ، تالشىپ كىتىشلىرىمىز، بۇ ئۇچىغا چىققان لاۋزىلىقلارنى نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟! مۇشۇنداق مەيخورلۇق بىزنى يەنىمۇ يۈكسەك مەدەنىيلىككە باشلاپ بارارمۇ ياكى تېگى پەس مەينەتچىلىك پاتقىقىغا  ئەبەدىيلىك سۆرەپ كىرەرمۇ؟!
              
                                ***            ***            ***

      بىز ئويلاپ باقمىدۇق، ھاراق زادى نېمە ئۈچۈن ياسالغان؟ بىزنى مەسىت بولسۇن دەپمۇ؟ ياق! ساراڭ بولسۇن دەپمۇ؟ ياق! ىز ئويلاپ باقمايمىز. بىزنىڭ شۇنداق ساراڭ بولشىمىزنى بىلسە، بۇنى ھېچكىم ياسىمىغان بولاتتى. بەلكىم بۇنى ياساشتىكى مەقسەت ، ئىچى پۇشۇپ دوسىتلار يىغلىغاندا،  ئىختىيارىي قىلىپ بىرەر  رۇمكىدىن ئىچىپ ھاردۇق چىقارسۇن دېگەندۇ بەلكىم! بۇ مېنىڭ قارشىم. لېكىن ھازىرچۇ؟ بۇ ھاراق بىزنى ئادەمدىن ئۆزگەرتىۋېتىش بوسۇغۇسىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ مۇنۇ بىر كۇپلىت شىئېرى يادىمغا كېلىپ قالدى:

                   مايمۇنلار ئۆزگىرىپ  ئادەم بولغۇچە،

                  بەش مىليۇن يىل كەتتى، بۇ بىر ھەقىقەت.

                 ئەپسۇسكى، ئادەمنىڭ مايمۇن بولۇشى،

               بىر شىشە ھاراققۇ، ئۇنۇتما پەقەت...

       بىر ئەر بالسى ھەم  ئايالى بىلەن كارى بولمىسا،  بۇنى نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ يايلاقلاردىكى ھايۋانلارغا  قاراپ باقايلى: پەرقى خېلى چوڭ. ھايۋانمۇ تېخى بەزىدە  بالسىنى ، جۈپتىنى قوغدايدۇ. بىزدە« ئىتمۇ ئۆز  يالىقىنى قوغدايدۇ» دېگەن ھېكمەتمۇ بار. ھەتتا خوراز جېنىدا  مىكيانلىرىنى باشقا خۇرازدىن قوغدايدۇ، يېقىنلاشتۇرمايدۇ، بىزچۇ؟  ئىشەنمىسەك «ھايۋاناتلار دۇنياسى»نى يەنە بىر قېتىم ياخشىراق كۆرەيلى!

     مەن تېخىمۇ  ھەيران قېلۋاتقان يەنە  بىر ئىش بار: بىر قىسىم ئوغۇللار، ھەتتا خېلى چوڭ  ئەرلەر بوينىغا زەنجىر، قۇلىغا ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋاتىدۇ. يەنە ئاللىقانداق نەرسىلەر بىلەن ئۇ يەر-بۇ يېرىنى چىگىۋېلىۋاتىدۇ! بۇ، ئاياللارنى دوراشمۇ ياكى ئاياللار قىلغان ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز دېگەنلىكمۇ؟   بەزى نوپۇزلۇق كىتابلاردا ئالتۇن ئەرلەرنىڭ  قولىدا، بوينىدا تۇرسا ياكى بەدنىگە تەگسە، ئۇلارنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان. بىز ئويلاپ باقايلى: ئاياللار ئەرلەر قىلغان ئەسكى ئشنىڭ ھەممىسىنى قىلسا ، ئەرلەرمۇ ئاياللار قىلغان ئىشنى قىلسا، بىر –بىرىنىڭ كىيمىنى تېخى پەرىقلەندۈرگىلى بولمىسا،  ئەمدى بۇلاردىكى پەرق  زادى نەرىدە قالار؟!...

          بەزى ئەرلەر تېخى:« مەن ئىش قىلسام ،چوڭ ئىش قىلىىپ، بىراقلا  داڭ چىقىرىمەن، بولمىسا كىچىك ئىشنى قىلمايمەن» دەيدۇ، بۇ ئەسلى بېلى بوشلۇقتىن بولۋاتقان گەپ! بىز ئويلاپ باقايلى: كىم  بىراقلا چوڭ ئىش قىلغان؟ ھازىر يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سېلىۋاتقان  بىل گەيتىسمۇ بىر كومپىيوتېر بىلەن ئىش باشلىغان ئەمەسمىدى؟! يەنە بەزىلەر بولسا خەقنىڭ ئىشدىن قۇسۇر چىقارسا، يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن ھوزۇرلىنىپ يۈرۈۋېرىدۇ.

                                      ***           ***            ***

               بىز ئاياللارنى «تۇلا گەپ قىلىدۇ»، ئەزەلدىن «ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دەيتۇق. ھازىر قاراپ باقايلى: ئەر-ئاياللارنىڭ چاچلىرى ئاساسەن تەڭلەشتى.  بەزى ئەرلەرنىڭ بولسا ئاياللارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپمۇ كەتتى. غەيۋەتتە ئەرلەرمۇ ئاياللاردىن ئېشىپ چۈشەي دەپقالدى. تېخى بەزىدە پىۋىنى كۆپ ئىچىپ، ئاشقازان يارسى بولغان يىگتلەر ئاشخانىغا كىرسە:« ماڭا لەغمەننى چوڭراق قىلىپ سېلىپ بېرىڭ، گۆشتىن ئىككى پارچە بېسىپ ئاش گۆش ئەكىلىپ بېرىڭ!» دەيدۇ، بۇمۇ تاماق يېيىشتىكى نوچىلىق. يەنە بەزىللىرى:« كالا گۆشلۈك ئۈگرە ئىچەيلى» دېسە، يەنە بىرسى:« ئاداش، كالا گۆشلۈك ئۈگرە دېگەننى سەھرالىق ئىچىدۇ، بىز نىيۇجىمىيەن ئىچەيلى» دېيشىدۇ. بۇلار خوشلۇقتا يەيدىغىنى نىيۇرۇمىيەن، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، داپەنجى. ئىچىشى پىۋا. بۇلار تېخى ئۇلاردىن پەخىرلىندۇ. ھالال ئشلەپ پۇل تاپقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئايالى بار بولۇپ، ئايالىنىڭ يامانلاپ كېتىشنى  ئۆزىنىڭ دائىملا مەست بولۇپ، ئۆيى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدىن كۆرمەي، ئاتا-ئانسىدىن كۆرىدۇ. بۇنداقلاردىن ئاياللارمۇ زېرىكىدۇ. ئەرمىكىن دېسە ئەر ئەمەس، ئايالمىكىن دېسە  ئايال ئەمەس. بۇنداقلار ئائىلىگە، ئاتا- ئانسىغا، ئاياللىرىغىمۇ ، ھەتتا يەر شارىغىمۇ ئېغىر  يۈك! مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنداقلار قايسى بىر داڭلىق يازغۇچىمىز خېلى نوپۇزلۇق بىر ئەسىرىدە  دادىللىق بىلەن تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك:« تىرىكى بىلەن بازارنى، ئۆلۈكى بىلەن مازارنى ئاۋاتلاشتۇرغىلى كەلگەن»»لەر، خالاس!

         بىر قىسىم يىگىتلىرىمىز ئۆز ئەجرىگە تايىنىپ بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلمىسىمۇ، ھەتتا ئائىلىسى ئۈچۈن سالامەت ياشاپ بېرەلىسىمۇ مەيلىتىغۇ؟ يامان يېرى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى نېمە ئۈچۈندۇر بىلىپ بولماس سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يۇقتۇرىۋالغان! ئۇلارنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تاپقان-تەرگىنى شۇ كېسىلىنى، شۇ خۇمارىنى داۋالىتىش ۋە بېسىش ئۈچۈن سۇدەك ئېقىپ كېتىپ بارماقتا! ئەمما ئەنە شۇنداقلارنىڭ   ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن  بولسا كېرەك، رايونىمىزدا ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانىلا ئارقا-ئارقىدىن ئەتراپىمىزدا بىر-بىرىدىن ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈردى، كۆتۈرمەكتە، كۆتۈرگۈسى!!! خېلى كۆپ  ئەر-ئوغۇللىرىمىز بۇنداق ئورۇنلاردىن كېلەلمەيۋاتىدۇ .  شۇ  سەۋەتىن ھەتتا ئىنەكنى ئۇرۇقلاندۇرغاندەك،  ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ بىر قىسىم  قىز-ئاياللارنىمۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس، بۇ ئەمەلىيەت!!! مەسلەن: بىر قىسىم بالىلار ئاتا- ئانسىغا ئوخشىماي سېرىق چاچ، كۆك كۆز، پاناق بۇرۇن، دوقا ماڭلاي، دەلدۈش بولىۋاتىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم يىگىتلەرنى ئاتا-ئانىلىرى مىڭ بىر جاپادا  ئۆيلەپ قويسا، كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە بارماي، ئايالىنى ئاتا-ئانسىغا تاشلاپ بېرىۋاتىدۇ. بىچارە ئاتا-ئانا يېڭى كېلىن ئالدىدا خىجىل بولۇپ، ئوغۇل  چوڭ قىلغىنىغىمۇ پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ.  ھەم كېلىنلىرىنىڭ قۇرساق كۈتۈرمەسلىكىدىن چوڭ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.....

                                             ***              ***           ***

        گەرچە ھوقۇقتا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولىدىغانلىقى ئەقەللىي ساۋات بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئەسلىدە، ئەر ئايالنى  ئىدارە قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ، بىر ئائىلىنى قامدايدۇ. بۇ ئەرنىڭ مەجبۇريىتى ھەم مەسئۇلىيىتى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايالىنى نىكاھىغا ئالىدۇ. ئادەمنىڭ يارتىلشدىمۇ ئالدى بىلەن ئەر يارتىلىپ،ئاندىن ئەرنىڭ بىر تال قۇۋرۇغىسىدىن ئايال يارىتىلغان  بولغان دېيىلىدۇ، رىۋايەتلەردە. ئەمدى شۇ بىر تال قۇۋرۇغا بىر پۈتۈن ئادەم ئەرنى  كونتۇرۇل قىلدى. نۆۋەتتىكى تاپقاننى تامغا چاپلاش، مودا قوغلىشۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ پىلانلىشى بىلەن بولىدۇ. ئەرلەرمۇ بۇلارغا قۇشۇلماسلىققا ئامال يوق. چۈنكى ئايالى شۇنداق قىلمىسا،  بۇ پۇللار ھاراق، تاماكىغا، كەيىپ -ساپا ئىشلارغا ئالماشتۇرىلىدىغانلا گەپ .

                                       ***               ***              ***

            تېخى بىزنىڭ بىر قانچە ئادەم يىغىلغان سورۇنلىرىمىزدا ئەمەلدارلارنىڭ ئاغزىغا قارمىساق تېخى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر قىسىم لاۋزىلارنىڭ تېتىقسىز يومۇرلىرى، چاقچاقلىرى، ھەتتا ئۇلار تېخى تارىختىن، مىللەتتىن، ۋىژ‏جدان-غۇرۇردىن سۆزلەپ باشقىلارنى ئاغزىغا قارتىىدۇ. بۇلارنىڭ سۆزلىرى ھېچكىمگە ياقمىسىمۇ، سورۇن قائىدىسى بويىچە جىم ئولتۇرماي ئامال يوق. بۇنداق چاغدا، ياخشى مەدەنيەتلىك، بىلىملىك، قابىليەتلىكلەرگە سۆزلەش نۆۋىتىمۇ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار نومۇس قىلىشنى بىلىدۇ.

          كۈندە ئۇچىرشىپ تۇرمىزكى بەزىلەر توپلىشىپ يىغىلىپ، قىلغىلى ئىش، دېگىلى گەپ تاپالمىغاندەك بىر تەرەپتىن ئاز- تولا نەتىجىسىنى بارلارنى غاجىلىسا، يەنە بەزىلەر :« ئاخشام پالانى شەنجاڭ، چۇجاڭ، جۈجاڭلار بىلەن ھاراق ئىچكەنتىم...» دەپ شۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىچكىننىمۇ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئىككى پۇل قىلۋېتىدۇ.

                                  ***             ***             ***

               بىز يىگتلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىغا قاراپ باقايلى، ھەيران قالدىغان ئىسىملار بار. ھەتتا سورۇنلاردا:« ھازىر بىر قاۋۇل يىگىت كېلىدۇ » دەپ تونۇشتۇرۇلسا، كىرىپ كەلگىنى نازۇك بىر  قىز سىياقىدىكى ئەۋرىشىم بىر يىگىت كېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئەمدى بىزمۇ ئىسىملارنىڭ كەينىگە ئەر، ئايال دەپ ئەسكەرتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمىز. تېخى بەزى ئەرلەر :«كالپىگىم يېرلىپ قۇرۇپ كەتتى» دەپ باھانە كۆرسىتىپ قىزلار بىلەن  لەۋ سۇرۇغ تالشىپ ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس!

             ئىلگىرىكى قىز- ئاياللارلا ئەمەس، بەلكى تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ھەممە قىز- ئاياللار دېگۈدەك  قىز-ئاياللارغا خاس كېيىنىشەتتى. ھازىرمۇ ئاساسەن شۇنداق. ئەمما بۇنداقلارنىڭ سانى تەدرىجىي ھالدا ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ‏! ھازىر  ياش خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ  بىر قىسىملىرىدە دېگۈدەك ئۇزۇن كۆينەك ۋەيۇپكا كىيىش ئاساسەن قالمىدى. بېلى پەس تار ئشتان، قىسقا مايكا كىيىپ ئەزالىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ  يۈرۈشكە كۆندى. بىرقىسىم ئەرلەرگە، يىگىتلىرىمىزگە نەزەر سالساق، بۇلار بېلى پەس شىم كىيىدۇ، ھەتتا بەزىلىرىگە تاسمىمۇ ئشلەتمەيدۇ. ئەجدادلىرىمىز پوتا باغلاپ، بېلىنى داۋاملىق چىڭ قىلاتتى! بىز بارا-بارا تاسمىنى سۆڭگىچىمىزگە باغلىدۇق، تاسمىنىڭ ئورنىمۇ بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بەزىلىرى بېلىنىمىزنى  ئەمەس، كاسىسىمىزنى باغلاۋاتىدۇ. ھەتتا  بىرقىسىم يىگتلەرنىڭ يۇپكا كەيگۈسى كېلىپ، چاپىنىنى يۇپكا قىلىپ كىيۋاتىدۇ، كەينىدىن قارسىڭىزلا يۇپكا كەيگەن يىگتنى كۆرىسىز، يىراقتىن قارسىڭىز،  بەئەينى قىزلارغىلا ئوخشايدۇ!

بىز ياشلار، بولۇپمۇ ئەرلەر «تالانىڭ ئادىمى» بولغىنىمىز ئۈچۈنمىكىن، كۆپ ھاللاردا  بىرەر يەرلەرگە بارىمىز ياكى دوستلىرىمىز كېلىدۇ. بىز مېھمان كۈتسەكمۇ ھاراق بىلەن، مېھمان بولساقمۇ ھاراق بىلەن بولىۋاتىمىز. خۇددى بىز ياكى باشقىلار ياشىغان جايدا  ھاراق يوقتىكىدەك. شۇ سەۋەبتىن ھاراق ئىچەلمەيدىغانلار دوستلىشالماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىلگىرى 30ئوغۇل، توققۇز قىز  بىر ئۆيگە جەم بولۇپ، ئەدەب- قائىدە ئۆگىنىش سورۇنى بولغان مەشرەپتە تەربىيە ئالاتتى، مەشرەپنىڭ تاتلىق سىن چېيىنى، ئاچچق تايغىنى يېمىسە يىگىت ھېسابلانمايتى. ھازىر خېلى بىر قىسىم ياشلار تاڭ ئاتقىچە داۋاملىشىدىغان  بەزمە-ئىشرەت سورۇنلىرىدا تۈنەشكە رازىكى، ئۇنداق سورۇنلارنى ئەسلا ياراتمايدۇ.

        بىزنىڭ سورۇنلىرىمىز قانداق؟ بىزگە« قىرلىق ئستاكان » قىلچىمۇ تەسىر قىلمىدى. ئەسلىدە ، بۇ فىلىم :«ھاراق ئىچمەڭلار! ئىچسەڭلار بىزدەك ساراڭ بولسىلەر!» دەپ تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن ئىدى. لېكىن بەزىلەر شۇ فىلىمدىن كېيىن چوڭ قىرلىق ئستاكانلاردا ئىچمىسە ھېساب بولمايدىغان بولدى. يىلدا ئۆلىۋاتقان ئەرلەر ئىچىدە ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئۈلۋاتقانلار نىسبىتى %80 دىن ئاشىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ بەلكىم! ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا، جىدەل-ماجرا چىقىرىشىۋاتىدۇ.... ۋاھاكازالار!

             بىزنىڭ سورۇنلىرىمىزدا بولسا بىر- بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمغان، بىرسى قۇسۇۋاتقان، بىرسىنىڭ شالى ئېقىپ قالغان، بىرسى شېرەنى ياستۇق قىلىپ ئوخلىسا، بىرسى شىرەنىڭ ئاستىدا كەيىپ سۈرۈپ ھەممە غەم-غۇسسىدىن خالىي ھالدا «خاتىرجەم» ئوخلىغان. سورۇن ئاخىردا ھېساپلىشىدىغانغا ئادەم يوق.  خۇجايىنلار تەرىپىدىن نەرسە-كېرەكلىرى رەنە ئېلىنىپ قالغان ياكى مۇشۇ جايغا بىرەر-ئىككى كۈنلۈك« يىلتىز تارتىپ» قالغان! مانا بۇلار- بىز چوڭ بىلدىغان سورۇنلارنىڭ بىر قىسىمى!

            تېخى بەزىلىرىمىز ئاز ئىچىپ قالساق، رازى بولماي:« بىز چالا بوپ قاپتۇق، تېخى نورمىمىز توشماپتۇ، بۇنچىلىك ئىچكەنگە مەس بولۇپ قالاتتۇقمۇ؟» دېيىشىپ، يەنە بىر قاۋاققا بېرىپ كېمىنى تۇلۇقلايدۇ، ئاز قۇيۇپ بەرسە« ئىچەلمەيمەن!» دەپ ئۇنىمايدۇ،  ئەمما ، ئائىلە ئشلىرى، خىزمەت ۋەزىپىسى چالا بولۇپ قالسا، شۇ ئان تاشلىۋېتىدۇ، تولۇقلىمايدۇ. بۇنداق مىساللار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.

           يۇقىرىقىلار  ئەنە شۇنداقلار ھەققىدىكى ھېسلىرىمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قىسىمى، خالاس! مەن مەزكۇر ئەبجەش يازمام ئارقىلىق خېلى كۆپلىرىمىز بەس-بەستە رول ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ «ئۆزگىچە ماھارەت»لىرىمىزنى تولۇقى بىلەن قويماي ئۈزلۈكسىز نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ تراگىدىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق بولۇپ كەتمەي، ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىنى زامانداشلىرىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!

 

                  ( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسى تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )

 

                                        ( مەنبە:  ئەركزات يازمىلىرىدىن  )



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
TILSIMAT + 99 ھەقىقەت!
saptilak + 300 ئېسىل يازما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 399   باھا خاتىرىسى

ئانام كۆينىگى ئاتام تونى يىپەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36290
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1707
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 03:50:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (ARKZAT) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۇتتار ئۆزگەرمىگەن،ئەمما ساداسى باشقىچە،
غۇنچە گۈل ئاچىلمىغان، ھۆسنى جۇلاسى باشقىچە.
بۈلمۈدۈم ياركۆڭلىدە نە مۇددىئاس بارئىكىن؟
ئاراتۇرارقايغۇلىرمغا بۇ پىراغى باشقىچە.

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 04:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاخشىما دەيمۇ ؟ ئاخسىما دەيمۇ ؟
ئاپىرىن دەيمۇ ؟ يا پىرىم دەيمۇ ؟

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6838
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 09:06:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز . كۆز قاراشلىرىمنى كېيىن يازاي ، ئىشقا كېچىكىپ قالماي يەنە .

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 09:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز!!!!

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 11:22:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئۇيغۇر☾✫

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35521
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4042
تۆھپە نۇمۇرى: 112
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 11:29:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس، دىلى ئاقارغانلاردىن سورا.

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7698
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 12:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتقادسىزلىق ، ئىسلامغا سەل قاراش . دۇنياغا بىرلىپ كىتش ۋە جەمىئىيەتكى ناچار ئىدىيەلەرنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئىڭىمىزغا سىڭىپ كىرشى قاتارلىقلاردىن  كىلىپ چىقۋاتقان ئىشلاردۇر .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9791
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 7379 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 01:52:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۆلەت مەندە تۇرماس ، ئۇمەينەت سەندە.

ئابرۇيىڭنى ئالت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18532
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6567
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 4980 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 01:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، مەنمۇ بۇرۇن بىر ھاراقكەش بولغاچقىمۇ، ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئۆزەمدىن تىخىمۇ بەك نومۇس قىلىدىم، يازمىڭىز مىنى يەنە بىر رەت سەگىتتى، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى بىزدىن ئايمىغايسىز! رەھمەت سىزگە، مەن غۇلجىدىن، ئىمكان بولسا، تونۇشۇپ قالايلى، ئىزدىشىپ تۇرايلى تېلفۇن نومۇرۇم 15886981625 ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز

ساۋۇتجان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش