مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1407|ئىنكاس: 12

بالا تەربىيەسىگە ئىلتىجا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7537
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7725 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 06:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                   بالا تەربىيەسىگە ئىلتىجا
ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرغا بولغان تەربىيەدە، نوقۇل ئۆگىنىشكە زورلاشتەك بىر تەرەپلىمىلىك ئۇسۇلنى قوللانغاچقا ،بالىلاردا ئۆگىنىشتىن زىرىكىش،ئۆگىنىشنى خالىماسلىقىتەك ئىددىيە شەكىللىنىپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر قىسىم بالىلاردا مەكتەپكە بارماسلىق، ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتەك ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق غەم ئەندىشىگە سالماقتا .شۇ ۋەجىدىن ئاتا-ئانىلار نىمە قىلارنى بىلمەي قالدى. باللارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن دەپ قاتتىق بىسىم قىلساق تېخى بولمىغان.مەيلىگە قۇيىۋەتسەك تېخى بولمىغان.شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز  رۇھى ھالىتىىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە پسخولوگىيەسىدىكى مەسىللەر گەۋدىلەنمەكتە.   بالىلىرىمز كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى ،شۇڭا بالىلىرىمىزنى ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن  ھەرقايسى ئاتا- ئانىلار توغرا بولغان بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا مۇھتاج. بالىلارنى پەزىلەتلىك ، ئۆگىنىش قىلىشنى بىلىدىغان، ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ،ئاكىتىپ ئىزدىنىۋاتقان  ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 10:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولى

ئاپتور:  ۋەلى ياسىن
[align=justify]   


[align=justify]    ئائىلىدە پەرزەنت تەربىيەسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پەرزەنتلەر ياراملىق تەربىيەلەنسە، ئائىلىگە شان – شەرەپ ۋە شاد – خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلىنىڭ مەنپەئەتى، ئاتا – ئانىنىڭ خۇشاللىقىنىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكە، ئەلگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش نىشان قىلىنىدۇ.

[align=justify]    ئۈلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى پەرزەنتلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ: ‹‹ئەي ئوغۇل، مەندىن ئۈگۈت، نەسىھەت ئال، پەزىلەتلىك بول، ئەل ئارىسىدا ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ بىلىمىڭنى تارقات›› دېگەن ئىكەن.


[align=justify]    پەرزەنت تەربىيەسى ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئەڭ بۈيۈك خىزمەت. شۇڭا بۇنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بولىدۇ. تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۇسۇلى، چارە – تەدبىرلىرى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاق بار. شۇنداق بولسىمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە ھەممىگە ئورتاق ئۆلچەم، قېلىپ يوق. چۈنكى ياشاش شارائىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزىگە خاس پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى شەكىللەندۇرگەن.

[align=justify]    تەربىيەچى قانداق بولسا، پەرزەنتمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان، پەرزەنت ئۈچۈن كۆيمەيدىغان ئاتا – ئانا يوق، بىراق ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى، تەربىيەلەش سەنئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى پەرزەنتلەرنىڭ مىجەز – خاراكتىرى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ياشاش ئىقتىدارىغا پەرقلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

[align=justify]    پەرزەنتلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، پەرزەنتلەرنىڭ تۇغما ئىقتىدارى، جەمىئىيەتنىڭ تەسىرى، ئىقتىسادىي ئامىل ۋە ئىرسىي خۇسۇسىيەتلەر پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەلىنىشىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيەسى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

[align=justify]    پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇچراشقان، كۆرگەن، ئاڭلىغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەقسەتلىك تەربىيە ئۇسۇللىرى تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئۆز رولىنى نامايان قىلىدۇ. مەسلەن: ››گەپ ئۆتمىگەن بالىغا تاياقمۇ ئۆتمەيدۇ‹‹ دېگەندە يەنىلا تەسىر مەسىلىسى نەزەردە تۇتۇلغان بولىدۇ. بالىلارنى يامان ئىش قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تىللىساق، بۇ بالىلارغا ئىككى خىل تەسىر بىرىدۇ. بىرى، ئۇلار يامان ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى، شۇڭا تىل ئىشتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. يەنە بىرى، بالىغا بولمىغۇر تىللار بىلەن تەنبىھ بەرسىڭىز، ئۇلارمۇ باشقىلارنى ئاشۇ تىل بىلەن ئەدەپلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنتلەرنى قورقىتىش، ئۇرۇش، تىللاش ئارقىلىق باشقۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىگەندەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ. پەرزەنتلەر كۆپىنچە چوڭلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئائىلىدىكى ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق سۆز پەرزەنتلەرنىڭ كۆزىدىن ۋە قۇلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

[align=justify]    ئۇيغۇرلاردا: ‹‹سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار›› دەيدىغان گەپ بار. قانۇنىيەت شۇكى، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، قائىدە – يوسۇنلىرى ۋە ئۆلچەملىرى ئۇزاق مەزگىللىك تەكرارلىنىش جەريانىدا ئادەتكە ئايلانغان.

[align=justify]    پەرزەنت تەربىيەسىمۇ چوڭ جەھەتتىن بىرمىللەتنىڭ ئومۇمي ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. كىچىك نۇقتىدىن مەقسەتلىك ھالدا ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئادەتلەندۈرۈلىدۇ.

[align=justify]    ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيەلەش پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاساسەن رولىنى يوقىتىدۇ. بۇ چاغدا نەسىھەت تەربىيەسى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدا نەسىھەت ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە قايسى ئىشنىڭ توغرا، قايسى ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ تەلەپكە يېتىش ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئۆزىنى تەربىيەلەشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆپرەك كىتاب – ماتېرىيال كۆرۈشى، ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىشى لازىم.

[align=justify]    ئومۇمەن، تەسىر كۆرسىتىش تەربىيەسى بولسۇن، ئادەتلەندۈرۈش تەربىيەسى بولسۇن ۋە نەسىھەت تەربىيەسى بولسۇن، ھەممىسىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى، بىلىم – ئىقتىدارى، ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ جەمئىيەتكە قوشالىغانلىقى ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 10:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ تەقدىرىگە ئۆزىمىز مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9814
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 11:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما،ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما يوللاپسىز ...
ئويلىنىپ ئاندىن قالدىسىنى يازاي...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13456
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5941 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 01:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-مىنڭچە بالىلارنى چەتئەل مائارىپىدىكىدەك بىر تەرەپتىن ئوينىتىپ بىر تەرەپتىن ئەقىلىنى ئېچىش مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
بىزنىڭ مائارىپىمىزنى ماشىنىغا يۇك باسقانغا ئوخشاتقاندا ،چەتئەل مائارىپىنى ماشىنىغا ماي قاچىلىغانغا ئوخشىتىدىكەن.ماي قاچىلىماي يۇكنى (بەزى ۋاختى ئۆتكەن بىلىملەرنى )قاچىلەۋەرگەن بىلەن سىز يۇقاردا دىگەندەك مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.يەنى بۇ ماي ئاز ماشىنا يىراق يولغا ماڭالمايدۇ.
ھازىر پەن-تېخنىكا يېڭىلىنىشى بەك تىزكەن ،تەخمىنەن 75 ياش ياشايدىغان كىشىنىڭ ئۆمرىدە ئىگەللىگەن بىلىمى 32قېتىم كىرەكسىز بىلىمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .دەپ كۆرگەنتىم بىر ماتىريالدا.
شۇڭا بالىلارغا نىمىنى ،قانداق ئۈگىنىش،نىمە ئۇچۇن ئۈگۈنۇش ،يېڭى بىلىملەرنى قانداق ئىگەللەش قاتارلىقلارنى ئۈگەتكەننىڭ يەنى ئەقىلنى نەگە قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگەتكەننىڭ پايدىسى بۇلامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
2-باللارنى ئۈگىنىشكىلا زورلىماي كاللىسىنى قايىل قىلىپ ئىلىمنى سۆيسىلا ھازىر نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بىلەن ئاخىرىقى پەللىگە ،مەنزىلىگە يىتەلىشى مۇمكىن.بىراق نەتىجىسى ياخشى لىكىن ئىلىمنى سۆيمەيدىغان خاراكتىر چاتاق.
شۇڭا بېسىمنى ئازايتىپ بالىلار بىلەن چۈشنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىلىمنى،ئىنسانىيەتنى،تۇرمۇشنى ،ھەقىقەتنى،گۈزەللكنى سۆيىدىغان ،جەميەتكە ماسلىشالايدىغان ئادىمى خىسلەتتىكى ئاق كۆڭۆل ئىنسان قىلىپ تەربىيەلەشكە كۈچىسەكمىكىن!؟
3-شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى 1-2-قوش ئايلىق ژورنالدا پەرزەنىت تەربىيەلەشتىكى 36 تەدبىر دىگەن ماقالىنى 4-5كۈن ئىلگىرى قىسقارتىپ يوللىغان ئىدىم .ژورنالنى كۇرۇپ بېقىڭلار ،خېلى قايىل قىلارلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى باركەن.

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 11:13:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ تەقدىرىگە ئۆزىمىز مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك ....................

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 03:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ، ئالدىرىماي ئىنكاس يازاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25857
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5142
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2011-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 05:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما  ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مېنىڭمۇ ئىككى ئوغلۇم بار چوڭى 15ياش خەنزۇ مەكتەپتە،كىچىگى 8ياشتا ئۇيغۇر مەكتەپتە قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۈگۈنۈشى ياخشى بولۇپ ئككىلىسى سىنىپ باشلىغى.دادىس سىرىتتا خىزمەت قىلىدىغان بولغاشقا بالىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەن مەسئۇل ئائىلىدىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى. مېنىڭچە بولغاندا ھازىرقى بالىلارنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز  بالىلارنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئانا بولغۇچى ئۆزىنى توختىماي ھەر جەھەتتىن تەربىيىلەپ مېڭىشى كېرەك ، بالىلارغا توغرا بولغان نىشان قايسى، ئۇلار كەلگۈسىدە قانداق ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك،ئۇلار كىم، كىمنىڭ ۋارىسلىرى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى نىمە، ئوقۇشتىن مەخسەت نىمە ،گۈزەل ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قانداڭ ئاسراش كېرەك دىگەندەك بىر قاتار بىلىملەرنى بالىلارغا ئىنىق قىلىپ دەپ چۈشەندۈرۈش ،بالىلارغا خۇددى چوڭ ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك قاراپ ئۇلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇش،ئۇلار بىلەن كۆپ مۇڭدىشىش ،كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. ھەر كۈنى تاماق ۋاختىدا ئانا بولغۇچى بالىلاردىن بىر كۈنلۈك مەكتەپ ھاياتىنى سوراپ تۇرۇشى بالىلارغا ئەركىن پىكىر قىلىدىغان ،ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى يولۇققان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك. بالىلارنى كىتاپ خالتىسى قىلماسلىق ئازراق تېلۋىزور كۆرسە ، ئازراق كومپىيوتۇر ئوينىسا يول قويۇش دوستلىرى بىلەن بىردەم ئويناپ چارچىغان كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇشقا يول قويۇش ،بىللە ئوينايدىغان دوسىتلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك ،دادا بولغۇچىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ يۈرۈش -تۇرۇش،گەپ -سۆزلەرگە دىققەت قىلىش بالىلارنى دائىم سىرىتقا بىللە ئاچىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ئاتا-ئانىنىڭ ئىناقلىغى، بالىلارغا بولغان مېھىر-مۇھاببىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك .بۇندىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ پىسخېكىلىق تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ،ئۇلاردا ياخشى مىجەز- خاراكتىر شۇنداقلا باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى روھ يېتۈلدۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىش كېرەك.دىمەك مەن يۇقارقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەشكە بالىلىرىم مەكتەپتە ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ ،ئىككىنچى ئوغلۇمنى قوش تىل سىنىپقا بېرىپ توغرا قىلىپتىمەن ھەر جەھەتتىن كۆڭلۈمدىكىدەك مېڭىۋاتىدۇ تەپەككۈرى شۇنداق ياخشى،چوڭ ئوغلۇم 8-سىنىپتا ھازىردىن باشلاپ خارۋرد، چىڭخۇا، بېيجىڭ ئونۋېرتسىتلىرىدا ئوقۇشنى نىشان قىلىپ يۈرۈيدۇ مەن ئۇنىڭ بۇ نىشانىدىن خوشال ھەرھالدا ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشى كېرەكلىگىنى بىلىۋالدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25857
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5142
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2011-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 05:28:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپ كەلسەم گەپ جىق كونىلاردا " بالىنى بالا قىلغىچە ، ئانىسى موما بوپتۇ دىگەن ماقالە توغرىكەن ..........................................................

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 07:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى يوللاپسىز بۇ تىمىنى .
[s:173]  [s:173]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش