مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 805|ئىنكاس: 21

ھىجرانلىق مۇھەببەت(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34915
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 116
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 06:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجرانلىق مۇھەببەت(ھېكايە)



قىزدوستۇمنىڭ خاتىرسىدىن



     مەن ئىسىمنى بىلسەم،ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا ئەمەسكەنمەن،ئانام مىنى بىر تۇققان ھەدىسىگە بېرىۋېتىپتىكەن.ئۇ ماڭا قەۋەتلا ئامراق ،ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ ناچار ئادىتى باربولۇپ ،ئۇ دائىملا ھەرخىل يەرلەردە يۈرۈپ مەس يۈرەتتى. ھاراق ئىچىپ ئۆيگە مەس كىرگەندە، مىنى تىللاپ،ئۇرۇپ، قوغلايتتى. مەن قەيەرگە باراي،قەيەردىن كىلەي ، پەرۋايى -پەلەك ئىدى .خوشنىلىرىمىزمۇ بالىلىرىنى مەن بىلەن ئوينىغىلى قويمايتتى.شۇڭىلاشقا مەن دائىملا يالغۇز يۈرەتتىم.مەن بۇنداق چاغلاردا ئاتا-ئانامدىن ناھايىتىمۇ نەپرەتلىنەتتىم، چۈنكى ئۇلار مىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىكەن.مەن ئوقۇشتا خېلىلا ياخشى بولغاچقا ، باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدىنلا  تۇلۇقسىزنىڭ قوشتىل سىنىپىغا ئۆتتۈم.لىكىن ئاپام بۇنىڭدىن بىپەرۋا ئىدى. قىلچىمۇ خۇشاللىق بولمايتتى. مەن يەنىلا تىرىشىپ ئوقۇيتتۇم،ھەر كۈنى ئاپام قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ تۆگىتەتتىم،چۈنكى ئۇ كەلسىلا ۋارقىراپ،مىنى تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى قويمايتتى. ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا يېقىنلاشمايدىغان مەندىن قاچىدىغان بولۇشتى.ئاپامنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ماڭا نۇرغۇن يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆ تتى.مانا مەنمۇ تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ ئون بەش ياشلىق بىر قىز بولدۇم.بىر كۈنى مەندىن بىر يىللىق يۇقۇرى ئوقۇيدىغان رەنا ماڭا ھېجىيىپ كىلىپ،سۆزلەپ قالدى.
_ئايگۈل نىمانداق ئادەمگە ئارلاشماي يۈرىسەن؟_دىدى ئۇ ماڭا قاراپ غەلىتە ھېجىيىپ_بىزلەر بىلەنمۇ ئارلىشىپ قوي پايدىسى تىگىدۇ.
مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتىم چۈنكى بۇ ماڭا تۇنجى رەت بىر قىز بالىنىڭ چىراي ئېچىپ سۆزلىشى ئىدى.بۇرۇن ھەتتە بەزى ئوغۇللار ماڭا تەپ تارتمايلا"ئوينىتىپ ئەكىلەيمۇ؟"دەپ تۇرۇۋالسا، بەزىلىرى "خاتىرجەم بول ئاپاڭ بىلەن بىللە قايتىسەن"دەيتتى.بۇنى ئاڭلىغان قىزلار ماڭا قاراپ تۈكۈرشۈپ كىتىپ قالاتتى.مەن بۇنداق ۋاقىتلاردا يۈزۈمنى تۇتۇپ يىغلاپ كىتىپ قالاتتىم.مانا بۈگۈن بۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ؟ نىمە بولسا بولمامدۇ،بەلكىم ماڭا ئىچى ئاغرىغاندۇ.مەن شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:
_مەنمۇ بەك خالايمەن بولمىسا لىكىن....
_نىمە لىكىن،بەلكىم سىنىڭ يېقىن دوستۇڭمۇ يوق،بىز يېقىن دوس بولۇپ ئۆتەيلى قانداق؟_دىدى ئۇ قولۇمنى سىقىپ،مەن بەك ساددا بولسام كىرەك ،بۇنى ھەقىقى چىن دوسلۇق دەپ قاپتىمەن.ۋە كۆپ ئويلىمايلا:
_ئەلۋەتتە...ئەلۋەتتە بولىدۇ....
مانا شۇ كۈنىدىن باشلاپ مەن ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالدىم .ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە قايتاتتىم، بىللا مەكتەپكە كىلەتتىم.ئەگەردە ئوغۇللار يەنە شۇنداق گەپلەرنى قىلدىغان بولسا ئۇ ھەرگىزمۇ بوش قويمايتتى. مەن بۇنداق جان-جىگەر دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ رازى ئىدىم.ئۇ مىنى ھەرخىل ئوينايدىغان ئارامگاھلارغا ئاپاردى.لىكىن ئۇ يەردە قىزلارلا ئەمەس ئوغۇللارمۇ بار ئىدى. ئۇ مىنى باشقىلارغا سىڭلىم دەپ تۇنۇشتۇراتتى. باشقىلارمۇ ئارتۇقچە سۆزلىمەيتتى.بىر كۈنى ئۇماڭا:
_ئايگۈل مەن سىنى بۈگۈن دىسكوخانىغا ئەكىرەي،ئويناپ چىقايلى،چۈشتىن كىيىن دەرسكە كىرمە!_دىدى.
_ياق...ياق،مەن دەرس تاشلىسام بولمايدۇ!_دىدىم مەنمۇ ئەندىشە بىلەن.
_قارا سىنى !بوپتۇ...بوپتۇ،ئەمىسە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا كىرەيلى ،ئەمدى بولىدىغاندۇ؟_دىدى ئۇ،تەرىنى تۈرۈپ. مەنمۇ ئۇنى رەنجىتىشتىن ئەنسىرەپ ھەم دىسكوخانىغا كىرىپ بېقىش نىيىتىدە قوشۇلدۇم.بىز دىيىشكىنىمىز بويىچە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا تاكسىغا چىقىپلا بىر يەرگە كىلىپ چۈشتۇق.بۇيەرنى مەن ئەزەلدىنلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن.مەن ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن نۇرغۇن ئىشكلەردىن كىرىپ،ئاخىرى ھېلىقى يەرگە كىردۇق بۇ يەر ناھايىتى غەلىتە بولۇپ،بىز بۇرۇن بارغان ھېچ بىريەرگە ئوخشىمايتتى.بۇيەرنىڭ قاراڭغۇلۇقى مىنى ھەقىقەتەنمۇ سۈر باستۇرىۋەتتى.ئەتراپتا چوڭ-كىچىك قاتار ئۈستەللەر قويۇلغان بولۇپ،ئۇ يەردە نەچچە قىز ئوغۇللار ئادەم ئۇيالغۇدەك قېلىقلارنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.ئوتتۇرى دىسكو ئوينايدىغان سەھنە بولسا كىرەك ،قىز ئوغۇللار ئىرماش-چىرماش بولۇپ كىتىپتۇ.بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ تانسىسى بۇلۇشى مۇمكىن.مەن رەنانىڭ باشلىشىدا ئالتە كىشىلىك بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم.بىزنىڭ كەينىمىزدىنلا يېرىم ئوچۇق كىيىنىۋالغان ئۈچ قىز كىرىپلا بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ رەنا بىلەن قەدىناسلاردەكلا كۆرۈشۈپ كەتتى.مەنمۇ ئۇلار بىلەن سۇسلا سالاملاشتىم. شۇنداق قىلىپ بەش قىز بىر يەردە ئولتۇردۇق.ئۇ تۆتىسىنىڭ پارىڭى ناھايىتى غەلىتە ئىدى.ئارىدىن چىرايى سېرىق كەلگەن بىر قىز ،يېنىدا ئولتۇرغان ئون يەتتىلەر ئەتراپىدىكى چىرايى يۇمىلاق ،كۆزى كىچىك قىزغا قاراپ:
_ھەي،ھېلىقى كۈنى ئۇنى مەس قىلىپ ئېلىپ چىكەتكەنتىڭ،قانداق بولدى_دىدى،ئېغىزىدىكى سېغىزنى چايناپ.
_ۋاي قايسىسىنى دەيسەن؟_دىدى كۆزى كىچىك قىز.
_قايسىسىنى دەپ كەتكىنىنى ،قايسىسىنى بولاتتى،ھېلىقى پەچەت كىيىنىۋالغان"بەگزادە"چۇ؟
_"بەگزادە"دەپ كەتكىنىنى!_دىدى ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ مەنسىتمىگەندەك،_يانچۇقىدا بىر پۇڭى يوق قەلەندەرنىمىكەن ئۇ!
_توۋا راسمۇ؟بىكا ئاۋارە بوپسەندە بايقۇش؟_دېدى ،يەنە بىر قىزمۇ سۆز قىستۇرۇپ.
_شۇنى دىگىنە !نىمە بولدىكىن بۇ كۈندىكى ئوغۇللارغا...
ئۇ سۆزىنى تۆگەتمەيلا رەنا مىنى ئىشارە قىلىپ ئۇلارنى توختىتىپ،پاراڭنىڭ تىمىسىنى باشقا مەزمۇنغا يۆتكىدى. بۇلارنىڭ پارىڭى مىنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىۋەتتى."ئەجەبا رەنا قالايمىقان قىزمىدۇ؟ياق..ياق!ئۇھەرگىز ئۇنداق قىز ئەمەس، ئەگەردە شۇنداق بولۇپ قالسا..."مەن شۇ خىياللارنى قىلىۋاتسام،رەنا ماڭا:
_ھەي تۇرغىنە !دىسكو ئوينايمىز؟
_ياق ،سەل تۇرۇپ ئويناي،_دىدىم مەن بايىقى خىياللىرىمنىڭ ئەندىشىسىدە.
_بوپتۇ ئەمىسە ئىچملىك ئىچىپ ئولتۇرۇپ تۇرارسەن!بىز ئويناپ چۈشەيلى!
ئۇ شۇنداق دەپلا سەھنىگە چىقىپ كەتتى.مەن شۇ خىياللىرىمنى بۇزۇش ئۈچۈن ئەتراپقا قارىدىم،ئولتۇرغانلا ناھايىتى ئاز ئىدى.كۆپىنچىسى دىسكو ئويناۋاتاتتى.مەن ئولتۇرغانلارغا زەن سېلىشقا باشلىدىم."ئەجەبا ئولتۇرغانلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا تۇنجى كىرگەنلەرمىدۇ؟ياكى دىسكو ئويناشنى بىلمەمدىغاندۇ؟"شۇ خىيال بىلەن ئەتراپقا قاراپ تۇراتتىم لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى.ئۇ ئون سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى قاملاشقان بىر يىگىت ئىدى.مەن ئۇنىڭدىن دەرھاللا كۆزۈمنى ئۈزۈپ سەھنىگە قاراپ ئولتۇردۇم ، سەھنىدە رەنا ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بىر ئادەم بىلەن يانمۇيان تۇرۇپ سۆزلەشكەچ دىسكو ئويناۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن مەن سائىتىمگە قارىدىم .ۋاقىت ئاللىقاچان توشقان ئىدى.مەن چىقىپ كىتەي دىسەممۇ چىقىپ كىتەلمەيتتىم،چۈنكى بۇ يەرگە كىرىشممۇ بەك تەس بولغان ئىدى.مەن شۇنىڭ ئۈچۈن رەنانىڭ كىلىشىنى كۈتتۈم. ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن رەنا ۋە باشقا قىزلار ھېلىقى يېشى چوڭ ئادەمنى باشلاپ ئۈستەلگە كەلدى.
_ئولتۇرۇپ زىرىكتىڭ ھە؟_دىدى،رەنا ماڭا قاراپ كۈلۈپ،_خاپا بولمىغانسەن؟
_ياقەي،نىمىشقا خاپا بولىمەن._دىدىم مەنمۇ زورىغا كۈلۈپ.
_ھەراس !_دىدى رەنا ئۇ ئادەمنى كۆرسىتىپ،_بۇ ئابلىزكام،بىزنىڭ بۇ سورۇننىڭ پۇلىنى بۇ ئاكىمىز ئۆزى بەردى،تونۇشۇپ قوي!
_ياخشىمۇسىز؟_دىدى ئۇ ماڭا قول ئۇزارتىپ،_مەن ئابلىز...
مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.بۇ ئىشىمدىن جىلە بولغان كۆزى كىچىك قىز :
_ھوي نىمىگە قاراپ تۇرىسەن؟_دىدى يالغان ھېجىيىپ ،_بەرمەمسەن قولۇڭنى!
_بۇ ئىشقا يىڭى ئەمەسمۇ _دىدى چىرايى سېرىق كەلگەن قىز مۆرەمگە ئۇرۇپ_كۆنۈپ قالىدۇ كىيىنچە...
بۇ گەپتىن پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى.بۇ چاققىچە رەنامۇ دەرھاللا ئۇ قىزغا قاراپ ئاچچىقلاپ:
_چاقچاقنىمۇ بەك ئوخشىتىسەن جۇمۇ؟_دىدى ئۇقىزغا كۆزلىرىنى ئالايتىپبولۇپ،ماڭا قاراپ _كۆرۈشكىن  قاراپ تۇرماي!
_مەن...مەن ئايگۈل،_دىدىم خىجىللىقتا قولۇمنى ئۇكىشىگە ناھايىتى تەستە ئۇزارتىپ.
مىنىڭ ئىنچىكە بارماقلىرىم ئۇنىڭ كىلەڭسىز ئالقىنىدا ئېيىقنىڭ قوينىدىكى قۇشتەكلا تۇراتتى.ئۇ مىنىڭ قولىمنى ناھايىتى غەلىتە تۇتۇپ كۆزلىرىمگە باشقىچە قارايتتى.مەن بۇ قاراشلاردىن بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدۇم،مەن قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن ئارانلا قۇتۇلدۇردۇم ۋە ئارقىدىنلا رەناغا قاراپ:
_دەرسكە كىرىدىغان ۋاقىت توشۇپ قالدى،_دىدىم بۇ يەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېلىنغان تەلەپپۇزدا،_ مەكتەپ قايتساق بولاتتى.
_ئايگۈل بۈگۈن كىرمەيلى ماقۇلمۇ؟_دىدى رەنا.
_ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ،_دىدىم مەنمۇ كەسكىن قىلىپ.
_ۋاي نىمىسىگە ئەركىلەيدۇ مابىرنىمە!_دىدى كۆزى كىچىك قىز  ماڭا قاراپ سەت ئالىيىپ،_ھېلى ئۇ دەيدۇ،ھېلى بۇ دەيدۇ!بولدى ئەمدى!بۈگۈنچۇ بۇيەردىن بىز چىققاندا چىقىسەن بىلدىڭما؟
مەن بۇ گەپتىن ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم.بۇ يەرگە كىرىپ سالغىنىمغا مىڭ پۇشايمانلارنىمۇ يىدىم.رەنا ئۇ قىزغا خېلىلا ئاچچىقلىدى.كىيىن ماڭا نۇرغۇن چىرايلىق سۆزلەرنىمۇ قىلدى.لىكىن يىغام يەنە توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.كىيىن ئۇمۇ ماڭا ئاچچىقلاپ:
_ھەي نىمانداق تاۋۇ-نازۇكلۇك قىلىسەن؟بىلىپ قوي!بۈگۈنكى پۇلنى ئابلىزكامچۇ بىكاغىلا تۆلىمىدى،شۇنىڭغا يارىشا جاۋاب قايتۇرىشىڭ كىرەك؟
ئۇنىڭ تەلەپپۇزى قەتئى ئىدى.مەن شۇ ۋاقىتتلا ئۆزۈمنىڭ بۇ ئادەمگە جان-جىگەردوستۇم تەرىپىدىن سېتىلغانلىقىمنى بىلدىم.ۋە رەناغا يىلىنىپ:
_خوش بولۇپ قالاي رەنا،مەن ساڭا ئۇ پۇلنى ئاپامدىن ئېلىپ بىرەي،مىنى كەتكىلى قويغىن !
_نىمە؟نىمە دىدىڭ؟ئاپىسىدىن ئېلىپ بىرەرمىش،ئۇ چاققىچە ئابلىزكام ساڭا ساقلاپ تۇرامدۇ؟ئاپاڭنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىز بىلمەيدىغاندەك....
بۇ گەپ يۈرۈگۈمگىلا تەگدى.قىزلار مەن توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەيىبلەش ،مەسخىرەلەرنى قىلدى.لىكىن بلاردىن بىرسىمۇ قولۇقۇمغا كىرمەي،پەقەت"ئاپاڭنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىز بىلمەيدىغاندەك..."دىگەن سۆز قولاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى.بۇنىڭ بىلەن ساراڭلارچە يىغاممۇ پەسىيىپ روھىم چۈشۈپلا كەتتى.لىكىن باشقىلارنىڭ بىز بىلەن قىلچىمۇ كارىسى يوق ئىدى.ئۇلار بىردەمدىن كىيىن يەنە دىسكو ئوينىغىلى كەتتى،لىكىن يېنىمدا ھېلىقى ئادەم بار ئىدى. ئۇ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يېنىمغا كىلىپ قولىمنى تۇتىۋېدى سىلكىپلا ئىتتىرۋەتتىم.ئۇيەنە ھېجىيىپ مىنى ئۆزىگە تارتىپ قۇچاقلىغان ئىدى.شۇ ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سېلىپ تۇرۇشۇمغا ،بىرسى مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ئۇ كۈچلۈك تارتىشقا ئەگىشىپ ماڭدىم . ھەر نىمە بولسا مەن يورۇق دۇنياغا چىقىپتىمەن.مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ ھېلىقى ئون سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى قاملاشقان يىگىت ئىدى.مەن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپلا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.ئۇ ماڭا چىرايىنى تۈرۈپ ئەنسىزلىك بىلەن قارايتتى.بىز بىردەم شۇنداق قاراشقاندىن كىيىن ئۇ ماڭا قاراپ:
_قارىسام ياخشى قىزدەك قىلىسىز،بۇ يەردە سىزگە نىمە بار؟
_دوس...دوستۇم مىنى دىسكوخانىغا ئەكىرەي دىگەچكە..._دىدىم مەن دۇدۇقلاپ.
_نىمە؟دىسكوخانا!مۇشۇ دىسكوخانىما؟ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟بۇ دىگەن مەيخانا!
بۇ سۆزدىن بېشىم قېيىپلا كەتتى.ئۇيەنە ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ ،كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا:
_تېخى ئۇلار دوستىڭىزما؟شۇلار دوسمۇ؟بۇندىن كىيىن ئۇ قىزلار بىلەن ئارلاشماڭ!سىز كىچىك چۈشەنمەيسىز!_دىدى ئۇ،كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ،_ھەراس سىز ئوقۇغۇچىمۇ؟
_ھەئە مەن ئوقۇغۇچى،_دىدىم مەن ئىزا تارتىپ.
_بولدى خىجىل بولماڭ،مەنمۇ ئوقۇغۇچى،تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيمەن.
مەنمۇ ئۇنىڭغا مەكتىپىمنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردىم،ئۇنىڭ مەكتىپىمۇ بىزنىڭ مەكتەپكە يېقىنلا يەردە ئىكەن.
_مەن سىزگە قاراپ تۇرۇپ مەكتەپكە كىچىكىپ قالدىم،ئەمدى بىللە ماڭايلىمۇ؟
بۇ سۆزدىن تىنىم يايراپلا كەتتى.ئىككىمىز بىللە تاكسىدا مەكتەپكە كەلدۇق.ئۇ ماڭا تېلىفون نومۇرىنى يېزىپ بىرىپ ،خالىسام تېلىفون قىلىپ ئۆگۈنۈشتە ھەمدە باشقا ئىشلارداياردەم سورىشىمنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى.مەنمۇ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك سىنىپقا كىردىم، ئوقۇتقۇچۇمغا باشقا بىر باھانىنى ئېيتىپ بۇ ئىشتىن ئۆتۈپ كەتتىم.مەن كەچتە ئۆيگە قايتىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ،بۈگۈن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئاۋۋال يىغلىدىم كىيىن ئۇنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتىم،نىمىشقىدۇر ئۇنى ئويلىغاندا پۈتۈن بەدىنىم باشقىچىلا بولۇپ كىتەتتى.مەن ئەزەلدىن ھېچبىر ئوغۇل بالىغا بۇنداق ھېسياتتا بولۇپ باقمىغان ئىدىم.بۇ كىچە بىر كىچىنى ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم.ئەتىسى سەھەردىلا تۇرۇپ،مەكتەپكە يول ئالدىم.مەكتەپتە رەنانى ئۇچراتقان بولساممۇ قاراشمايلى ئۆتۈپ كەتتۇق. مەن چۈشتىن بۇرۇنقى دەرسلىرىمنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،چۈشلۈك دەم ئېلىش بولدى.مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا تېلىفون ئۇرۇپ بېقىشنى ئويلىدىم.بۇ خىيالىمدىن خۇشال بولۇپ،مەكتەپ ئالدىدىكى ئاممىۋى تېلىفوندىن ئۇنىڭغا تېلىفون ئۇردۇم.
تېلىفوندىن :
_ۋەي،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كىمۇ؟_دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن دەل بۇۋاقىتتىلا ئۇنىڭ بىلەن ئىسىملىرىمىزنى ئېيتىشمىغىنىمىزنى بىلىپ:
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،مەن...مەن تۆنۈگۈنكى قىز بالا...
_ھەياخشى قىز مەنمۇ سىزنى قانداق ئىزدىسەم بولار دەپ تۇراتتىم،ياخشى كۆرۈشەيلى مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاڭ ماقۇلمۇ؟
__ماقۇل.
مەن شۇنداق دەپ تېلىفوننى قويۇپ مەكتەپ ئالدىغا بېرىپ قاراپ تۇردۇم ئۇمۇ بىردەمدىن كىيىن يىتىپ كەلدى.بۈگۈن ئۇ تۆنۈگۈنكىدىنمۇ قاملاشقانراق كۆرۈندى.ئۇ كىلىپلا :
_ياخشى قىز نىمە يەيمىز؟قورسقىڭىز ئاچقۇ دەيمەن؟
_ھەئە،_دىدىم مەنمۇ تارتىنماي،_نىمە يىسەك مەيلى.
بىز شۇنداق دىيىشىپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ پولو يىدۇق.ھەمدە بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشتۇق.ئەسلى ئۇنىڭ ئىسمى ئەرافات بولۇپ،دادىسىنىڭ بىر شىركىتى بار ئىكەن،دادىسىنىڭ ئۇنى ئوقۇتمايلا شىركەتكە ئورۇنلاشتۇرغىسى باربولسىمۇ ،ئەمما ئەرافاتنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى بار ئىكەن.مەن قىسقىچىلا دادام يوق ئاناملا بار دەپ تونۇشتۇردۇم.چۈنكى ئۇنىڭمۇ مەندىن قېچىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ھايات يولۇم ناھايىتىمۇ گۈزەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.ماڭا ھەر بىر كۈنۈم ناھايىتىمۇ گۈزەل بىلىنەتتى.كىچىلەر بەك ئۇزۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىم قىسقا تۇيۇلاتتى.ئۇ مىنى سىڭلىسىدەكلا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلاتتى.لىكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىلمۇ توشۇپ قالدى.بۇبىر يىل جەرياندا بىز سىرداشلاردىن بولۇپ قالدۇق.ئۇمىنىڭ ئانامنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىنمۇ ماڭا يەنىلا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇپ تەسەللى بەردى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مىنىڭ ئۆز تۇيغۇلىرىمنى ئۇنىڭغا ئاشكارلىغۇم كەلدى،لىكىن شۇنچە قىلساممۇ ئۇنىڭغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم.بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن باغچىدا دەرس تەكرار قىلىۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز ياققان يامغۇردىن ھوشىمىزنى تاپالمايلا قالدۇق.ئىككىمىز يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر كىچىك دەرەخنىڭ سايىسىدا تۇرۇۋالدۇق. دەرەخ سايىسى بەك كىچىك بولغاچقا،ئىككىمىز چاپلىشىپلا كەتكەن ئىدۇق.
_ئىككىمىز ئاشىق-مەشۇققا ئوخشىدۇق ھە؟_دىدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.
_ئەگەردە شۇنداق بولساق..._مەن گېپىمنىڭ ئايىغىنى يۇتىۋەتتىم.ۋە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم.
_سىز خالامتىڭىز؟_دىدى ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ.
_خالىمامدىغان....خالايمەن سىزچۇ؟
ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپلا بېلىمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتىپ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،لېۋىمگە يېقىن كىلىپ"خالايمەن"دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىمىز يامغۇر توختىغاندىن كىيىن ،بىردەم ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتتۇق.ئەمدى بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز باشلاندى.بۇ كۈنلەر تېخىمۇ گۈزەل ئىدى.ئۇمۇ مىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈدىغاندەك قىلاتتى.مەنمۇ ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسەمدىن قىممەتلىك بىلەتتىم.ئىككىمىزنىڭ شۇ گۈزەل پەيتلەردە بىرىشمىگەن ۋەدە قەسەملىرىمىزمۇ قالمىدى.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈردى،لىكىن دادىسى ئۇنى"شىركەتتە ئىشلەيسەن،ئوقۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلما"دەپ ئوقۇشتىن مەجبۇرى توختاتتى.ئۇ مىنى پات-پات ئىزدەپ كىلەتتى.مەنمۇ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ تۇراتتىم.نىمە بولدىكىن تاڭ؟ئۇمىنى تۇيۇقسىزلا ئىزدىمىدى.تېلىفون ئۇرسام تېلىفونى ئىتىكلىك،ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغانمىدۇ؟ياكى مەندىن رەنىجىگەنمىدۇ؟دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى.بىر كۈنى ئوقۇش پۈتتۈرۈش يېغىلىشىدىن تارقاپ،ئۆيگە ماڭغان ئىدىم.مەن يەنىلا ئۇنى خىيال قىلىپ مېڭىۋاتاتتىم.تۇيۇقسىز بىرسى كەينىمدىن سىگىنال چالدى قارىسام، ئۇ كەپتۇ،خوشلۇقۇمدا ماشىنىغا چىقتىم بىز يەنە باغچىغا باردۇق ،لىكىن ئۇ غەلىتىلا ئىدى.مەن ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ :
_نىمە بولدى ؟دادىڭىز بىلەن ئاچچىقلىشىپ قالدىڭىزما؟_دەپ سورىدىم.
ئۇ ياق دىگەندەك بېشىنى چايقاپ ماڭا بىر توي باغىقىنى تەڭلىدى.مەن ئۇنىڭدىكى خەتلەرنى كۆرۈپ،بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.ئۇنىڭغا "ئەرفات بىلەن گۈلنارنىڭ تويىغا"دەپ ئىككى كۈندىن كىيىن بولدىغانلىقى يىزىقلىق ئىدى.
_ھەممىنى قىلغان دادام،_دىدى ئۇ ياشقا تولغان كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ_گۈلنار مىنىڭ ئىككى تۇققان سىڭلىم كىچىكىمدىلا بېشىمىز باغلاقلىق ئىكەنتۇق.قانداق قىلاي؟ئايگۈل قېچىپ كىتىشنى ئاللىبۇرۇن ئويلىدىم ، لىكىن ئانام بىچچارە ماڭا يېلىنىپ تۇرۇۋالدى.دىمىسىمۇ مەن بىر ئوغۇل ،بىنىڭ بىلەنغۇ چاتىقىم يوق، بولۇپمۇ ئانامنىڭ يۈرەك كىسىلىدىن ئەنسىردىم،ناۋادا ئانامنىڭ يۈرەك كىسىلى تۇتۇپ قالسا....مەن نىمە دىسەڭ قىلاي!ھازىر ھېچنىمىنى ئويلىيالمايۋاتىمەن!
مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن چىققان ياشلارنىمۇ سەزمەپتىمەن،ئەمدى نىمە دەي قېچىپ كىتەيلى دەپ نەچچە يىل باققان ئانىنى ئارماندا قويايمۇ؟ياكى مۇھەببىتىمنى قۇربان قىلايمۇ؟ئۇ قىز بۇ نومۇسقا قانداق چىدايدۇ؟ ئاخىرى ۋىجدانىمنىڭ كۆرسەتكەن يولى بويىچە ناھايىتى تەستە :
_بوپتۇ،ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى بەردىڭىز!مەن سىزدىن رازى ،ئۇ قىزنى بەخىتلىك قىلىڭ،ئاتا-ئانىڭىزمۇ سىزنى ئويلىغاندۇ!_دىدىم مەن يىغلاپ تۇرۇپ.
ئۇمۇ ئۈندىمىدى.ئىككىمىز شۇنداق كەيپىياتتا بىر سائەتچە تۇردۇق.كىيىن ئۇ ماڭا يېلىنغاندەك:
_ئۆتۈنەي تويۇمغا سەنمۇ كەلگىن بولامدۇ؟_دىدى ،ئارقىدىنلا ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش دومىلاپ چۈشىشكە باشلىدى. مەنمۇ ئىسەدەپ يىغلاپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ باغرىغان ئاتتىم.بىردەمدىن كىيىن ئىككىمىز خوشلاشتۇق.مەن بۈگۈن ئۆيگە بېرىپ ئۇخلىماي يىغلاپ چىقتىم،بۇ ئازاپ بۇرۇنقى ئازابىمنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ئىدى.
مانا ئۇنىڭ تويىمۇ يىتىپ كەلدى.مەن تويغا ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ناھايىتى تەستە باردىم .توي چوڭ بىر رېستوراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.مەن ئۇ ئولتۇرغان يەرگە كىردىم ئۇنىڭ يېنىدا خېلى كۆپ قىزلار بار ئىدى. شۇڭىلاشقا مەنمۇ تارتىنماي ئولتۇردۇم.ئىككىمىزنىڭ كۆزى بىر-بىرىمىزدىن ئۈزۈلمەيتتى.قىزنى ئېلىپ كىلىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى.مىنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشكە ئەمدى تاقىتىم يوق ئىدى.مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سىرتقا ماڭدىم،ئۇمۇ كەينىمدىنلا چىقتى. ئۇ مىنىڭ كەتمەسلىكىمنى شۇنچە ئېيتقان بولسىمۇ قولاق سالماي،تاكسىغا چىقىپلا ماڭدىم.تاكسىدا ئولتۇرۇپ شۇنداق يىغلىدىم.ئەمما كەينىمدىن ئاڭلانغان ماشىنىلارنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەينىمگە قاراپلا شوپۇرغا "توختاڭ"دەپلا ماشىنىدىن چۈشۈپ يۈگۈردۈم.كەينىمىزدە قاتناش ۋەقەسى بولغان ئىدى.ئەسلى ئەرافات كەينىمدىن ماشىنىدا قوغلىغان بولۇپ سۈرئەتنىڭ تىزلىكىدىن ماشنىغا ئۇرۇلۇپ ئىككى ماشنا ماقچىيىپ كەتكەن ئىكەن.مەن ماشىنىنىڭ ئەرافاتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ شۇ يەردىلا ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن.كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام،بېشىمدا بىر سېستىرا ئولتۇرۇپتۇ.مەن بايىقى ئىشنى ئويلاپلا چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم.
_سىزگە نىمە بولدى سىڭلىم؟_دىدى سېستىرا ماڭا قاراپ،_بىرەر ئىش قىلماقچىمىدىڭىز؟
_ھېلىقى مەن ....مىنى ئەكەلگەن يەردە يۈزبەرگەن قاتناش ۋەقەسى نىمە ...قانداق بوپتۇ؟_دىدىم مەن ناھايىتى جىددىلىشىپ.
_ھە ،ئۇ ۋەقەمۇ؟بىچچارە ھېلىقى بالىنىڭ تويى ئىكەنتۇق بۈگۈن ئاللاھ ئامانىتىنى ئاپتۇ....
_نىمە!؟بۇ....بۇ مۇمكىن ئەمەس!
مەن شۇنداق دىگىمچە ۋارقىراپ يۈگۈرۈپ ھېلىقى باغچىغا كەلدىم،مىنىڭ يىغام ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەپچى؟ئەگەردە قېچىپ كەتكەن بولساق بۇنداق تىراگىدىيە يۈزبەرمىگەن بولارمىدى؟
ياكى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولارمىدى؟ئەمما بۇنىڭغا قانداق جاۋاب تېپىشنىمۇ بىلمەيتتىم .ھايات ماڭاتېخىمۇ مەنىسىز بىلىنىشكە باشلىدى،بۇنىڭدىن كىيىن باشقا بىرسىنى ئەرافاتتەك ياخشى كۆرۈشۈم ئەسلا مۇمكىن بولمايتتى....
بۇ بىر چۈش بولۇپ قالغان بولسا ئويغۇنۇپ قارىسام ھەممىلا ئىش بۇرۇنقىدەك بولسا...ھېچ بولمىسىمۇ ئەرافاتنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىپ ھايات تۇرغىنىنى كۆرگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟ئەپسۇس...ناھايىتى ئەپسۇس بۇ بىر شىرىن خىيال!ئەمدى مىنىڭ ھاياتتا ئارزۇلىغىدەك نىمەم قالدى؟ياشاشقا نىمە باھانەم قالدى؟ مەن بۇدۇنياغا ئارتۇقچە ئادەم بولغىمىتىم؟ھازىر مىنىڭ خىيالىمدىكى سوئاللىرىم ھەقىقەتەنمۇ كۆپ،لىكىن بولدى قىلاي،بۇ سوئاللىرىمغا ھېچكىم جاۋاب بىرەلمەسلىكى مۇمكىن....

قىزدوستۇمنىڭ خاتىرسىدىن


~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 07:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا.........مەن سىزنىڭ قىز دوستىڭىزغۇ ئەمەس!باشقۇرغۇچىلار بۇ تەكرار تىما يەنە كىلىپ مىنىڭ تىمام!بۇنى دەرھال ئۆچۈرۋېتىڭلار!توۋا قىلاي.....

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 745
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5087 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 08:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت kulkiz0903 كە 2011-04-20 07:50 PMئەۋەتىلدى :
ھا ھا ھا.........مەن سىزنىڭ قىز دوستىڭىزغۇ ئەمەس!باشقۇرغۇچىلار بۇ تەكرار تىما يەنە كىلىپ مىنىڭ تىمام!بۇنى دەرھال ئۆچۈرۋېتىڭلار!توۋا قىلاي.....

ئو...............بۇ قانداق گەپ بوپكەتتى ئەمدى؟
ئاۋۇ ھىكايىغۇ بەلەن چىقىپتۇ، ئەمما ماگەپ؟؟؟
ئىنىقراق دېسەڭلارچۇ، زادى كىمنىڭ بۇ؟؟؟

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 745
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5087 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 08:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-37970.shtml

ئامال يوق، راسلا كۈلقىزنىڭكىكەن...........
ئىككىڭلار يۈرۈۋاتمىغانسىلەر؟؟؟

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 08:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم تۆۋە دەڭا............... [s:123]

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37940
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2011-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 08:59:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھو نىمە بوپ كەتتى بۇ ئشلار؟

ئۇيھۇرئوغلى

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 745
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5087 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت kulkiz0903 كە 2011-04-20 08:54 PMئەۋەتىلدى :
خۇدايىم تۆۋە دەڭا............... [s:123]

يا، دەيمىنا ئەمدى، سىز يازغىنىڭىزدا قەلىمىم دەپسىز، دېمەك ئۇ سىزنىڭ خاتىرىڭىز، ماۋۇ يەردە قىز دوستۇمنىڭ خاتىرىسى دەپتۇ.............ھا...ھا...ھا....

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى.......كۈلگۈمنى كەلتەمىڭا؟مىنىڭ خاتىرەم ئەمەس يازغىنى قەلىمىم...................... [s:123]

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچقلار ئالدىراش ئوخشىمامدۇ؟

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35800
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2011-3-30
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئش بۇ ؟ [s:148]  [s:148]  [s:148]
    لكىن ياخشى ھىكايە ئكەن.

چېگارە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش