مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7143|ئىنكاس: 20

ئوينامدۇق -ئويلىنامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوينامدۇق __ ئويل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37688
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4587
تۆھپە نۇمۇرى: 124
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 09:07:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوينامدۇق -ئويلىنامدۇق؟



(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە )


تاھىر نەمەت ئەلكىم



   2008-يىلى ئامرىكىنى مەركىزى نۇقتا قىلىپ پارتىلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى پۈتكۈل يەرشارىنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقىتىسادى كاسات ھالغا چۈشۈپ،گاھى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى چىكىنىشكە ۋە توختاشقا باشلىدى. ھەتتا ،ئامىرىكا،ياۋرۇپادەك تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى نۇرغۇن كارخانا تاقالدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا باشلىدى.ھەم شۇ يىلى ياۋرۇپا ئىتپاقى پۈتكۈل ياۋرۇپا ئىتپاقى مىقياسىدا پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە يىغىن ئېچىپ،خامچوت لاھىيەسىنىمۇ تۈزدى.مەسلەن ،شۇ يىلى دۇنياغا مەشھۇر مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 15مىڭ ئادەمنى قىسقارتقانلىغى مەلۇم بولدى.ئەلۋەتتە ،ئادەم قىسقارتقان ئىكەن بىلىم سەۋىيسى تۆۋەن ،ئۇنۋىرسال ساپاسى ئاجىزلار ئالدى بىلەن شاللىندىغان گەپ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق شاللاش -شاللىنىش ،قىسقارتىش مەسلىسى رايۇنىمىزدەك ئىقىتىسادى تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان جايلاردا تېخمۇ كەسكىن ۋە رەھىمسىز بۇلدۇ.بىراق ،بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز ھەرگىزمۇ 2008-يىلىدىكى پۇل -مۇئامىلە كىرزىسى ئەمەس،بەلكى رايۇنىمىزدىكى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگنىش ،تۇرمۇش،غايە-ئىستەكلىرى،ئالىي مەكتەپ جەريانىدىكى نازۇك پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىنى ،دەرىس ئۆگنىشكە بولغان كۆز -قارشى قاتارلىقلار... دىمىسمۇ رايۇنىمىزدا ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلار،ئۇقۇۋاتقانلارۋە ئۇقۇتۇۋاتقانلار يىل ساناپ كۆپەيمەكتە.بۇلۇپمۇ 2005-يىلدىن باشلاپ،رايۇنىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار زور نىسبەتتە كۆپيىشكە باشلىدى.بۇ بىزدەك تەرەقققىياتتانىسبەتەن ئارقىدا قالغان ،پۇل -مۇئامىلە،ئۇچۇر -سانائەتلىشىش  سەۋىيسى تۆۋەن خەلىق ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش.بۇلۇپمۇ خەلقمىز زىيالىيلار قاتلىمىغا جىددىي ئىھتىياجلىق بۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق تارىخىي پەيىتتە ،ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلارنىڭ كۆپيىشىنى تەقدىرنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە سوغىسىى دىيىشكە بۇلدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ،2000-يىلىدىن باشلاپ ،ئۇيغۇر ئىقتىسادى گۈللەندى ۋە مۇئەييەن ئىقتىسادى توپ بارلىققا كەلدى دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئالدىنقى بىر ئەۋلات باي زىيالىيلار قاتلىمى ئارقىلىق شەكىللەندى.بۇلۇپمۇ يېقىنقى 10نەچچە يىل ئىچىدە ،خەلقىمىزنىڭ سانائەت بۇلۇپمۇ يىنىك سانائەت تەرەققىياتى پەۋقۇلاددە تىز بولدى .شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىنى مەركىزى نوقتا قىلغان ھالدا،پۈتكۈل شىنجاڭ ۋادىسدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا،مەيلى چوڭ بۇلسۇن كىچىك بولسۇن كارخانا قۇرۇش ،ئىگلىك تىكلەش  يۇقىرى دولقۇنىغا كۆتىرىلدى.بۇمۇ ئەلۋەتتە دەۋىرنىڭ تەقەزاسى ۋە مەجبۇرلىشى ئىدى.لىكىن ،ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،بۇ توپتا ئاساسەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۇرمەكچى بولغان زىيالىيلار قاتلىمى ئىنىرتسىيلىك رول ئوينىدى.گەرچە مەلۇم نىسبەتتىكى شىركەت -كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى زىيالىي قاتلىمىغا تەۋە بولمىسمۇ،لىكىن،ئۇلارنىڭ غوللۇق ئادەملىرى ۋە ئىش بىجىرگۈچىلىرى ئاساسەن زىيالىي-ئوقۇغۇچىلاردۇر.مەسلەن ،ئۇيغۇر سانائىتىگە ۋە سانائەتلىشىش تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۋاتقان ۋە ئۇيغۇر كارخانە ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان رادىل ئابلامۇ،تىببىي ئىلىم ساھەسىدە زەپەر قۇچۇپ ،شۇ ئىلىم ئارقىلق كارخانا قۇرغان خالمۇرات غۇپۇر، ئەركىن ھاشىممۇ،تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بۇلۇپ،شۇ يەرلەردە كارخانا قۇرۋاتقانلارمۇ ئاساسەن زىيالىي -ئالىي مەكتەپ تەربىيسىنى كۆرگەنلەردۇر.مۇنداقچە ئېيىتقاندا،بۇندىن كىيىنكى پۈتكۈل تەرەققىياتىمىزدا بۇلۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پۈتۈنلەي زىيالىيلارغا ،پەننىي زىيالىيلار بىلەن دىننىي زىيالىيلارغا تايىندىغانلىقى ئېنىق.چۈنكى بۇ ئككى خىل قاتلامدىكى زىيالىيلار خەلقىمىزنىڭ روھى تاكاموللىغى بىلەن تەرەققىيات دەرجىسنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق توپ.
  ھازىر  بىز دىننىي زىيالىيلار بىلەن پەننىي زىيالىيلارنىڭ نىسبىتىنى نىسبەتلەشتۈرۈشكە ئامالسىز.بىراق ،شۇ نەرسە ئايانكى ،گەرچە دىنني زىيالىيلىرىمىز بولسىمۇ ،ئەمما ،كۆپ قىسمى چالا موللام.بۇلۇپمۇ كەڭ -يېزا كەنىتلەردىكى خەلقىمىزنىڭ روھىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلار تېخمۇ شۇنداق.ئەمما ،ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ تەربىيسىنى ئېلىشغا،سانائەتلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋە ھازىر قى زاماندىكى بالا تەربىيلەش تەس بۇلۇش،ئنساپ -دىيانەت ،شەرمى -ھايا كەم بۇلۇش شۇنداقلا زامانىمىزدىكى تۈرلۈك مودا ئىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئىلىشتا ئۇلارنىڭ رولىنى ھىچكىم باسالمايدۇ.مەسلەن ،موللامنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق ئادەم ھاراق ئىچىشكە،تاماكا چىكىشكە،ھاياسىز -بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىشقا ،قىزلىرىمىز قىسقا ،بەدىنى كۈرۈنۈپ قالغىدەك كىيىملەرنى كىيىشكە ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدۇ ۋە كىيمەيدۇ.ئەگەر مۇشۇ ئاساسى قاتلامدىكى دىننى زىيالىلارنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنسا ، ئىنىقكى بىزنىڭ مىللى تەرەققىياتىمىزدا،زامانىۋىلىشىشىمىزدا مول نەتىجىلەر قولغا كىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىزدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە -دىنى زىيالىلار بىلەن پەننى زىيالىلارنىڭ ،ئىجتىمائى پەن ئالىملىرى بىلەن تەبئى پەن ئالىملىرىنىڭ زىدىيىتىدۇر . ئالىملارنىڭ پاجىئەسى مىللەتنىڭ ھالاكىتى .پەن بىلەن دىن ھەرگىز بىر-بىرىگە دۈشمەن ئەمەس ھەم بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ.ئەگەر شۇنداق بولسا بۈگۈنكى تەرەققىياتتىن ئېغىزئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .چۈنكى ئامرىكىدەك تەرەققى قىلغان ئەل باللىرىنى ئىنجىل بىلەن تەربىلەيدۇ،دۆلەت زۇڭتۇڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ قەسەم بەرگەندە،ئوڭ قولىدە ئىنجىلنى تۇتۇپ قەسەم بىرىدۇ. ئەجىبا بۇمۇ خۇراپاتلىقمىدۇ؟
  گىپىمىزنىڭ ئۈزىگە كەلسەك ،خەلقمىزنىڭ ئقتىسادى كىرىمنىڭ ئېششى،مائارىپ ئېڭىنىڭ ئۈسۈشى  ۋە ۋەزىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ -كەلگۈسىي زىيالىيلار قاتلىمنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپيىشىگە ئەگىشىپ،مەزكۇر زىيالىيلار  قاتلىمىدا تۈرلۈك مەسىللەر ساقلانماقتا.بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق تۈرلۈك شارائىتلار بىر قەدەر ياخشى بولغان ۋاقىتتا ،ئوقۇغۇچىلىرمىزنىڭ 80-90-يىللىردىكى جاپالىق ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزدەك ئوقۇيالماسلىقى بىزدىكى بىر ئىجتىمائى پاجئەدۇر.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ۋە ئۇقۇۋاتقانلار نەگىلا بارسا باشقا ئجتىمائى توپتىن پەرىقلىندۇ ۋە تۈرلۈك ئىمىتياز -ئىتبارغا ئىرىشىدۇ.مەسلەن،3بالىسى بار بىر ئادەمنىڭ بىر بالىسى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇسا ياكى مائاش ئالسا ،ئېنىقكى ئائىلدە ئۇنىڭ مۇتلەق نۇپۇزى بۇلدۇ.ئاتا-ئانىسى ،قېرىنداشلىرى،ئۇرۇق -تۇققانلىرى ھەتتا يۇرتداشلىردىن تارتىپ ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ ،چوڭ بىلدۇ.ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالدۇ ۋە سالدۇ.دېھقانلار بولسا ھۆرمەت ،قىزىقىش بىلەن قارايدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى -زىيالىيلىرىمىزنڭ ئورنىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.بىراق، كىشنى ئەڭ ئېچىندۇردىغىنى ئاق چىكىۋاتقىنىمۇ،ھاراق ئىچىپ ھاراقكەشلىك قىلۋاتقىنىمۇ،ئاتا -ئانىسنىڭ ئالدىدا ھايا قىلماي قولتۇقلىشىپ ماڭغانلارمۇ ،دوقمۇش -كوچىلاردا سۈيۈشۈپ -قۇچقلىشۋاتقانلارمۇ ،ھەممە -ھەممىسى ئوقۇغۇچىلار -ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەنلاردۇر. ئىشەنمىسڭىز يېزىڭىزدا بىرەر يېزىلىق قىزنىڭ يىگىتى بىلەن قولتۇقلىشىپ ماڭغىننى كۆردىڭىزمۇ؟ كوچىلاردا قۇچاقلىشىپ-سۈيۈشكىننى بايقىدىڭىزمۇ ؟ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرمىگەن بىرەر قىزنىڭ ھاراق ئىچىپ ،تاماكا چەككىننى كۆردىڭىزمۇ؟ ئېنىڭكى ھەممىسى ياق .
خەلقىمىزنى مۇنداق ئىككى قاتلامغا ،زىيالىيلار قاتلىمى بىلەن دېھقانلار قاتلىمىغا ئايرىشقا بۇلدۇ. دېھقانلار قاتلىمى ئاساسەن بىزنىڭ مىللىي ئۆرۈپ -ئادىتىمىزنى ،ئانا تىلمىزنى ،كىيىم -كىچەك ،ئۆي تۇتۇش ،بالا تەربىيلەش دىگەندەك ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرمىزنى ساقلاش رولنى ئوينايدۇ.لىللا گەپ قىلغاندا ،دېھقانلار بىزنىڭ روھىمىزنى ،تىلىمىزنى ،قەلبىمىزنى،يۈركىمىزنى ،سەممىي- ئاقكۆڭۈللىكىمىزنى ۋە ئۇيغۇر باللىرنى تەۋەللۇت قىلدۇ .زىيالىيلار ببولسا ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،ئىلگىرى سۈرۈش ،دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش رولنى ئۇينايدۇ.ھازىرغىچە دېھقاننىڭ زىيالىيلارنى دوراپ قالپاق كەيگىننى ،تويلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى  كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز .بىرەر زىيالىينىڭ دېھقاننى دوراپ كىۋەز تېرىغىننى ،مال باققىننىى كۆرمىدۇق ھەم ئۇچراتمىدۇق.مىسالەن ،ئۇلار ئات ھارۋىسقا ئۇخشايدۇ،ئات ھارۋىنى قاياققا سۆرىسە ،ھارۋىمۇ شۇ ياققا ماڭىدۇ .ھەتتا ھارۋىغا بېسىلغان نەرسىلەرمۇ ئاتنىڭ مېڭىشىغا باغلىق.بۇ نوقتىدىن ،زىيالىيلارنىڭ -ئالىي مەكتەپ تەربىيسى كۆرگەنلەرنىڭ بۇگۈنكىدەك تارىخىي پەيىتتە تېخمۇ مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رولىنى تۇللۇق بىلىۋالغىلى بۇلدۇ.كەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ -زىيالىيلارنىڭ قانداق بۇلشى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئورنىغا ۋە تۈرلۈك تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  خوش ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپ زادى قانداق جاي؟ بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى-زىيالىلىرى ئوينامدۇق -ئويلىنامدۇق؟
  ئالىي مەكتەپ قارىماققا 5يىل بەك ئۇزاق بىلىندۇ.ئەمما ئۇ ئۇنداق ئۇزۇن ،مارافۇنچە مۇسابىقىدەك كىم ئاخىرقى پەللىگە ھەممىدىن بۇرۇن بارسا شۇ ئۇتىدىغان مۇسابىقە سورىنى ئەمەس،سىز مەيلى ئىتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ،ئاتا-ئانىىڭىز ئەۋەتكەن پۇلنى ياخشى خەجلەپ،دەرىس قالدۇرماي،تاپشۇرۇقى جايىدا ئىشلەپ ،5يىلنى توشقۇزسىڭىز،ئىنىقكى،سىنىپىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى بىلەن تەڭ دىپلوم ئالالايسىز .بىراق دىپلوم ئوقۇغان يىل سانىڭىز ۋە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگىنىڭىزگە ۋەكىللىك قىلغان بىلەن ،بىلىمىڭىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ بىر قەغەز ، يەنە كىلىپ نامراتلىق ئىسپاتىغا ئوخشاش بىر ئىسپات خارەكتىىرلىك قەغەز ،خالاس. ئەگەر بىر كۈنى ئاشۇ قەغەزلەر دۆۋىسىگە ئوت كەتسە،سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ "بىلىملىك" ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەسىزمۇ؟
  ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە شۇنداق ئوقۇغۇچىلار كۆپ. ئاتا-ئانىسى پۇلنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بەرسە،ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي قالمىسا،دەرەس بولسا چىقىپ،بولمىسا ياتاقتا ئۇخلاپ،زىرىكسە ھاراق ئىچىپ ،كىنو بىلەن دوست بۇلۇپ،قىلىدىغان ئىشى بولمىسا قىمار ئويناپ ،ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي قىينىلىپ يۈرۈيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىزدە كۆپ.ئاتا-ئانىسىغا بەش كوي تېپىپ بىرەلمەي تۇرۇپ ،بەشيۈز كوي خەجلەيدىغانلار،تورخانىلاردىن كىرمەي تۈنەيدىغانلار،كىچىسى ئۇخلىماي،ئەتىگىنى قوپمايدىغان چاشقان شەپەرەڭلەر،بەسلىشىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم ئالىدىغانلار،بەسلىشىپ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار...قىسقىسى بىزدە شۇنداق"لار،لەر" كۆپ .بەزىلەر ئالىي مەكتەپتە ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ ماڭسام،دىپلومنى ئالالىسام شۇ ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ھىساپلىنىدۇ،دەپ قارايدۇ.ئەجىبا ياخشى ئوقۇش شۇنداق ئۆلچىنەرمۇ؟ ئەگەر ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى بىلەن ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى ئوخشاشلا دىپلوم ئالالىسىچۇ؟ ! بۇ جوڭگۇ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى دىپلومنىڭ قىزىل تاشلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بۇ دىپلوم ،كىنىشكا دەۋرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى بۇلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان تاۋار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ دەرۋەقە ،ھازىر ھەممە نەرسىنىڭ ئىسپات -كىنىشكىسى بۇلشى كېرەك.لىكىن،دىپلوم ھەرگىزمۇ كىملىكىڭىز سالاھىتىڭىزنى ئسپاتلىغاندەك ،سىزنىڭ ياخشى ئوقۇغانلىقڭىزنى ،ئىقتىدارلىق -ئقتىدارسىز ئىكەنلىكىڭزنى ئسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ .
  ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ۋاقتىنى يىل بۇيىچە 5يىل دەپ سانايمىز .دىمىسمۇ 5يىل ۋاقىت ئاز ۋاقىت ئەمەس ،بىر قوي ئېلىپ قويسڭىز بەش يىلدىن ئالتە بۇلدۇ.بىر تۇخۇ ئېلىپ قويسىڭىز  تۇغۇپ ،ئاينىپ نەچچە يۈز بۇلشى مۇمكىن.دەرەخلەرمۇ بەش قېتىم يۇپۇرماق چىقرىپ ،بەش قېتىم خازان تاشلايدۇ.دېمەك ،بىز ئۇنى يىل سانى بۇيىچە ھېساپلاپ بەك ئۇزۇن دەپ ئويلايمىز .شۇڭا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن،ئەتە ئۆگۈنىمەن،كىيىكى مەۋسۇمدا باشلايمەن،ئالىي مەكتەپ ئككىنچى يىللىقىدا باشلايمەن ،دېگەندەك ھەر خىل باشلاشلار بىلەن  ئايلارنى ،يىللارنى ئۆتكۈزۋىتىدۇ-دە ،مەكتەپنى پۈتۈرۋىتىدۇ.پۈتتۈرگەندىن كىيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي،"ۋاي ،ئىسىت،مەكتەپتە ۋاقتىم بىكار ئۈتۈپ كىتىپتۇ" دەپ پۇشايمان قىلىدۇ ھەم قىلغانلارنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز.بىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىرىشسەكمۇ ،قولدىن چىقىرىپ قويغانغا ئىرىشەلمەيمىز.ئۇلۇغ يازغۇچىمىز زوۇردۇن سابىر شۇنداق دەيدۇ :"مەن تەجىربەمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ،پەقەت ئۆگنىشلا ،بىلىملا ئادەمنىڭ قىممتىنى يۇقرى كۆتىردىكەن".بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋىلىشقا بۇلدۇكى ،باشلاشقا تىگىشلىك نەرسىنى ،بۇلۇپمۇ ئۆگنىشنى بۇرۇن باشلاش كېرەك.ئۆگنىش ھەرگىزمۇ ئەتە باشلايمەن ،كىلەر مەۋسۇمدا باشلايمەن،ئالىي مەكتەپ ئككىنچى يىللىقدا باشلايمەن ،دەيدىغان نەرسىمۇ ،ۋاقتىمىز چىققاندا بېرىپ ئېلىۋىلدىغان  بانكىدىكى پۇلمۇ ئەمەس.ئۇ ئۈرۈك،سارغىيىپ پىشقان ئۈرۈك.پەقەت ئالتىنچى ئايدا،يەنە كىلىپ ئۈرۈك پىشقان مەۋسۇمدا بار .ئۇندىن باشقا ھەرقانداق پەسىل ،ئاي،كۈندە يوق.سىزمۇ ،سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىڭىزمۇ پىشقان ،مەي بولغان پەسىل .بۇنداق ئۈرۈك پىشىقى ۋاقتى پەقەت بىر قېتىم ،يەنەكىلىپ ئۈرۈك پىشقان ۋاقىتتىلا كىلدۇ.سىز ئۆگنىشكە بىر كۈ ن كىچىكسىڭىز ياكى بىر كۈن كىچىكىپ باشلىسڭىز ،سىزنىڭ پۇرسىتىڭىزمۇ ،تەلىيڭىزمۇ ،ىىزمەت تېپىش بوشلىقىڭىزمۇ بىز كۈن كىچىكىدۇ.بۇلا ئەمەس ،ھاياتىڭىزدىكى ئۈلۈمدىن باشقا -بارلىق ئشلىرىڭىز بىر كۈن ئارقىغا كىچىكىدۇ.
قىسقىسى ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى -زىيالىيلارنىڭ قانداق بۇلشى بۇندىن كىيىنكى پۈتكۈل تەرەققىياتىمىزغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۇنكى ئۇلار مىللەتنىڭ كۆزى ،قولىقى،مىڭىسى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى -زىيالىيلىرى بولمىسمۇ ،خەلقىمىز ياشاۋىرىدۇ،ئۇسۇل ئۇيناپ ،ناخشا ئېيتىۋىرىدۇ.ئەمما تەرەققىي قىلالمايدۇ ،ئالغا باسالمايدۇ.ئۇلارسىز پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيتىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
  ئۇيۇن دەۋىردىن ،مودىدىن قالمايدۇ .بىز ھازىرغىچە مودىدىن قالغان ئۇيۇننى كۆرمىدۇق.دېمەكچىمەنكى، ئۇيۇننى قاچان ئوينىسا ،شۇ ۋاقىتتا بار .ئۇيۇن-ئۈلۈپ قالمايدۇ،يۇقاپ كەتمەيدۇ.ئۇ يىلدىن -يىلغا مودىلىشىدۇ ،ئسىللىشىدۇ.ھەم بىرەر ئۇيۇننىڭ رايۇنمىزدىن قېچىپ كەتكىننى ئاڭلىمىدۇق.كىچىكىش ،ئويناش، ھۇرۇنلۇق ،تەغدىرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراش بىزگە ئادەت ئەمەس.ئوينامدۇق -ئويلىنامدۇق بۇ يەنلا ئۆزىمىزگە باغلىق.چۈنكى بىر دانا شۇنداق دەيدۇ :"يارىتىشنى مەن ياراتتىم ،يارىلىش ئۆزەڭدىن...".


              مەنبە:ئجادىي ئەسەر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
moghal + 200 ئەھمىيەلىك ھەم ئىجادى تىما يوللاپسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ھەر كىمنىڭ ۋەتىنى بولسا ، ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيسە . .................................... ....................................

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10699
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلايمەن ، دائىم ئويلايمەن ، مەندە بىركۈچ - قۇدرەت بولسا ، مۇشۇ ئوقۇغۇچى دىگەننىڭ كاللىسىنى شاقلا قىلىپ ، نىمىنىڭ ياخشى نىمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۋەتسەم دەپ .
ئەمەليەتتىمۇ شۇنداق كۇچايمەن ، لىكىن - زە ، بۇ نىمىلەرنىڭ كاللىسى قانداقكىن ، ئوڭغا دىسەڭ سولغا مېڭىۋاتقان ، سولغا دىسەڭ ئوڭغا مېڭىۋاتقان ، كىشىنى يۇرەك كىسلى قىلىدۇ بۇ ئەقىلسىزلەر .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6838
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنايلى !!!!!!!!!!  پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيئيتىنىڭ  ئادەم سىياقىنى ئارىيەتكە ئالغان ئەرۋاھلىرىنى ئويغىتايلى ! بۇنىڭغا كۆپ كۈچ كېتىشى تۇرغانلا گەپ .  ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ھەر ساھە  بىرلىكتە كۈچەپ  باقايلى ...

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 2282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19605
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10565 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك نادىر تىمىكەن . يوللاپ تۇرۇڭ . [s:166]  [s:173]

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36261
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4257
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ گەپ كەنغۇ ، زادى ياش باللىغا ئامال يوقمىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

سەن ئولتـۇرارسەن خۇش كەيىپ ئول رەسىـتىدە ، دۈشمىنىڭ ئۇ جان__پېنىڭنىڭ قەسـىتىدە. سىنىڭ قۇلۇڭ ھاراق__شاراپ رومكىدا، دۇشمەن قولى زۇلپىقارنىڭ دەستىدە.

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6925 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:43:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرسى مۇنبەردە كۆرۈلۇپتۇ.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4391
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:47:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوينىمايلى،ئويلىنايلى.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.ياخشى يېزىپسىز،ھارمىغايسىز.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

كۆڭلۈڭ خالىغاننى ئەمەس،ۋىجدانى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37896
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 2628 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:37:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىكەن..........ئويلىنايلى،ئاندىن ئويغىنايلى

جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 11:44:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلۇنۇپ كۈرۈشكە تىگىشلىك ياخشى تىما ئىكەن.

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 12:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى -زىيالىيلارنىڭ قانداق بۇلشى بۇندىن كىيىنكى پۈتكۈل تەرەققىياتىمىزغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۇنكى ئۇلار مىللەتنىڭ كۆزى ،قولىقى،مىڭىسى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى -زىيالىيلىرى بولمىسمۇ ،خەلقىمىز ياشاۋىرىدۇ،ئۇسۇل ئۇيناپ ،ناخشا ئېيتىۋىرىدۇ.ئەمما تەرەققىي قىلالمايدۇ ،ئالغا باسالمايدۇ. ______________________________________________________
        يۇقارقى بىر ئابزاس سۆزنى مۇشۇ ماقالىڭىزنىڭ جېنى دەپ قارىدىم.
       ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توغرىسىدا مۇشۇ مۇنبەردىلا ئاز بولمىغان سۆزلەر بولۇندى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ھاياتىنى بىر قەدەر مەنىلىك ئۆتكۇزۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىملىرى مۇشۇنداق مۇنبەرلەرگە پىكىر قاتناشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇنبەرلەردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، سىلەر توغرىسىدا يېزىلغان ھەم بەزىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان  ماقالىلارغا سوغۇققان بولىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
     ماقالىلىرىمىزدا سۆكۈلىۋاتقان بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئاساسەن مۇنبەرلەرگە كىرمەيدۇ، ئۇلاردا مۇنبەرنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنگۇدەك ئەقىل بولسا كۈنلىرىنى ئويۇن - تاماششا، ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزمىگەن بولاتتى.
     مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىزدەك ئاڭلىق سىتىيۇدىنىتلار  قانداق قىلىشى كىرەك ؟
     بىزلەر ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتەيلى، بىرى بولسىمۇ ھىساپ. ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام ھەر كۇنى دىگۇدەك خىزمەتداشلىرىمنىڭ  بەزىلىرىگە مۇنبەردىكى بەزىبىر قىزىق نۇقتىلارنى سۆلەپ يۇرۇپ، ھازىر 5 خىزمەتدىشىم مىسرانىمغا تىزىملاتتى، 2 سى ئانچە - مۇنچە يازما يوللاۋاتىدۇ، پاكولتىتىمىزدىكى بارى يوق 40 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا مۇنبەر توغرىسىدا  سۆزلەپ يۈرۈپ 10 دەك بالىنى مۇنبەر كۆرىدىغان قىلدىم، مېنىڭ ۋەزىپەم ئوقۇغۇچىلار يىتەكچىسى بولغاچقا ھەر ئايدا بىر  دىگۇدەك مىللى ئوقۇغۇچلارنى يىغىپ مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزى قىزىق نۇقتىلىق تىمىلارغا بىرلەشتۇرۇپ تەربىيە ئېلىپ باردىم، ناۋادا ھەممىمىز بىردىن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتەلىسەك ، تاما- تاما كۆل بولماسمۇ.
     ئالى مەكتەپ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوخشىمايدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە سىنىپ تەربىچىلىرىمىز ھەر كۇنى بىز بىلەن بىرگە ، لېكىن ئالى مەكتەپتە بولسا سىنىپ تەربىچىلىرىنى ھەپتىدە بىر ياكى ئايدا بىر ئۇچرىتالايسىز، چۇنكى سىز 18 ياشتىن ئاشقان بولغاچقا يىتىلگەن ئادەم ھىساپلىنىسىز، ئالى مەكتەپلەردە بىز ئۈگەنمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى كۆرسىتىپ بىرىش ۋە ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئاساس قىلىنىدۇ، شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكىدەك دەرس مۇئەللىملىرى كۆزىڭىزگگە كىرىۋالمايدۇ، ئۈگۈنىش ئۈگەنمەسلىك پۇتۇنلەي سىزگە باغلىق.
    مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يامان بىر ئادىتى شۇكى  باشقۇرىلىشقا كۆنۈپ قالغان،  بەزىلىرىگە ھەيدەكچىلىك بولمىسىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ، بەزىدە دىھقانلارغا شاۋدۇيجاڭ دورىدەك مۇشۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئادەم بولمىسىلا قىلغۇلىقىنى قىلىۋېرىدۇ.
   ئادەمدە نىشان بولمىسا كۆزلىگەن مەقسەتكە راۋان يەتكىلى بولمايدۇ،  شۇڭا ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزى يىتەلەيدىغان نىشان بەلگۈلىۋېلىپ، شۇ نىشانغا زىرىكمەستىن ، بەل قويىۋەتمەستىن يىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    ئاپتورغا: ياخشى تىما يوللاپسىز، لېكىن  ماقالىدا پىكىر بىزە چېچىلىپ كەتكەندەك  ھىس قىلدىم.مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي  يوللاپ تۇرغايسىز.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش