|
|
|
|
تاش ھىجران (داستان)
ئابلاجان بوۋاقى
مۇقەددىمە
ئادەمسىمان ئىلاھ ئەمەس سەن،
مەبۇرسىمان ئەۋلىيامۇ ھەم.
بىراق، ھەردەم روشەن نامايان،
بولۇپ بەردىڭ بىكارغىلا يەم.
چېپىپ كەلسە تۆگىدەك تاش ھىجران،
بولۇپ دىلغا ئالي تاش رەھبەر؛
سەن روھىمدا تەڭداشسىز ئىمكان،
تاش گۈللەردىن تارالغان ئەنبەر.
قىيامەتتەك قەدەمسىز ۋېسال،
تاش جۇۋاندەك تاش غاردا جىمجىت .
تاش ياش تۆكەر بىگانە ھىلال ،
ھەتتا تاشقا ئايلانغان يىگىت !...
تاش چۈشلەردە ئادەمسىز تاش سال ،
مۇزلاپ كەتكەن پىغان ،تاش ھەسرەت .
تاش نەپەسلەر تۇغقان تاش خىيال ،
بەلكىم ،تاش دىل ھەم تاش مۇھەببەت !
(1)
يۈرەككەردىن پۈتكەن تاش ۋاقىت ،
تاش دەريادەك تىنىق ھاياجان ،
روھ تىلدا سۆزلەيدۇ جىمجىت .
ئاشىق تىنىگە قونغان تاش بوران .
تاش شەھەرگە تاش شاھ تاش ئادەم ،
تاپالمىغان كامالى قۇدرەت .
جان باقماقتا يىغلاپ تاش قەلەم ،
تاش ئالۋاستى بولغاچقا مۇرتەد!.
بۇندا تەڭرى جىمجىتلىقى يوق ،
بەرنا ئىشىق سۈكۈتىمۇ ھەم .
بار بولغىنى ھازازۇل ھوقوق ،
مەيزاپسىمان تارىماختا تەم !
تاش ھىجراننىڭ غەليانى تولا ،
قاغجىرىغان مۇتتەھەم تەلپۈنۈش .
تاش غارلارغا سىلىنغان ھۇلا ،
تاش تاغلاردا ئاچچىق ئۆكۈنۈش .
تاش قەدەھتە تاش شاراب ،تاش نەۋ ،
تاش تاج، تاش دىن، تاش پۈتۈك، تاش چۈش.
قۇرۇپ كەتكەن تاش ئالما ، تاش لەۋ،
تاش تارىخ، تاش جامال ،ئۆكۈنۈش ...
قەلىبلەردە مۇقەددەس سادا ،
تاش شىېئىردىن چىقماقتا تەڭر .
دەر: ‹تاش دەرۋىش، قىل بۇرچۇڭ ئادا !
ئۈمىد ئۇزۇن ،ئىنايەت كەڭرى! ...›
تاش ھىكمەتتىن چاچرىغان يالقۇن ،
بولۇپ تاش روھ ئۈچۈن تاش پىشاڭ ؟
تاش كۆزلەردە نۇر دەستە - يالقۇن ،
سەجدىگاھتا يۈكۈنمەكتە تاڭ ....
(2)
ئەي ،قەلبىسىز مىسكىن قەبىلە ،
تاش ئورماندىن چىق تاش تۇپراققا .
ئارمانلىرىڭ قۇياشتىن تىلە ،
ئايلانماستا ۋۇجۇدۇڭ قاققا .
شۇ تۇنجۇققان ئىستەكلىرىڭنى ،
تاش قىتئەلەر كىتەلمەس يۇتۇپ .
موزىيلاردا پىتەكلىرىڭنى ،
‹تەڭسىز بايلىق›- دېدى تاش قۇتۇپ .
سەن- دۇنياغا ئايانسىز بايان ،
يا بايانسىز ئىتىلگەن ئايان .
قولۇڭدىكى زەررەڭ تاش كامال ،
ئىلاھ نۇرىنى قىلار نامايان .
بۇ دەم يەنە ھاڭۋاختى سەھەر ،
شەپەق سۈيىدە مەختۇمسىلادەك .
چاچلىرىدا يازماقتا ئەسەر ،
تاش مۇقانغا تىكست ،كېلەچەك....
بۇندا ياشام تەنھالىقى جەم ،
چىق، بۇياققا مۇخلىسىز ئورمان .
زاھىر تۇيغۇ كىرپىكلىرى نەم ،
ئۆچۈك چوغدەك شۇك بىدئەت زامان.
ئەي ،بەر قارار ئىتىقاد ،تاش تەن ،
ياشلىقىدىن كەتكەن گۈلخان دىل :
تاش ئازابدىن تۇغۇلۈان ۋەتەن .
تاش پاكىتقا سوزۇلغان مەنزىل .
چۈشۈپ باشقا تەنسىز غىرىبلىق ،
ئوچقاندەك تەرك بولغان چۈش .
تىكىپ روھنى 301 يىپلىق ،
ھاجەت ئەمەس دېڭىزغا چۆكۈش ...
نەدە بولسا ئىمكانسىز بوشلۇق ،
سەرخۇش ھۈرلۈك يوق ئۇندا ئەبەد .
تاش توغراق ،نان ،پىغان، قومۇشلۇق ،
ھىچنەرسىگە بىرەلمەس مەدەت!
گەر ۋۇجۇدتا يالقۇنلۇق ئازاب ،
تەركى قىممەت ،جانسىز جەندە؟
جىمجىت مەقسەت ...كەتسە جىم ئۇزاپ.
سەن بولمامسەن بەلگۈسىز بەندە؟
كۆڭلۈڭدىكى قاسراقسىز ئارمان ،
قولۇڭدىكى مىللەتسەز مەيزاپ؟
تەركى قىممەت تاپمىسا دەرمان .
ئىچىش كېرەك مەستانە شاراب!
قىسمەت دارى ،مىسكىن ھارغىنلىق ،
ھەركەتسىز تاغ ،تراگېدىك ئاڭ ؛
ئاختا شېئىر ،ئىشقى سەرسانلىق ،
غەمكىن خارەكتىر ئاتا قىلماس تاڭ !...
ئاھ ،شەرمەندە سەلتەنەت ،تاش كۆز ،
چۈشسىز گۈلخان ،بىر سىقىم يىغا ؛
غالىپ ئەلەم ،ۋىجدان تۇغقان سۆز ،
قالغىن پەقەت جىلۋىسىز قىيا .....
★★★★★
(3)
ئەي نېداسىز نىگار ،بۇيان باق ،
يۈرەكقە لىق قەئەللۇق مامات.
ئەپخانىمغا ھەمراھ تاش باغلاق ،
سازاڭسىمان چۇقانسىز ھايات .
پەرۋازدىكى تەسەۋۋۇر بىلەن ،
ماسلاشمىغان سەنئەتسىز رىتىم.
بىگانە قەبرە،قامەتلىك قەدەم،
زەئىپ قارشىلىق ،يىرىڭلىق ئىشقىم .
ھامىيسىز سۆيگۈ، ماگما تەن، تاش تۈن .
دەۋزەخ چۈشكەن كۆيۈك يەل تاپان؛
زىل- زىلىغا سىغمىغان بۈگۇن،
بارچە باشلاربولغاندەك خاپان......
ھۆكۈم سۇرگەن غەيرى باتۇرلۇق ،
سەھرا مۇناجاتى تاپقان قارارھەم.
بۇندا بارچىدىن ئۇلۇغ مەۋجۇتلۇق ،
ساما ئۇسۇلى ،تاشناغرا،سەنەم....
بەرھەقسىز پىكىر ،ئارىسىز چىرىندە،
چۇقانسىز يىرگىنىش ،ھەم قوڭۇر ئەقىل؛
بىزارلىق تەنتەنىسى،تەتۈر ئۈزۈندە.
ئەبجەشكا ۋارىسلىق ،تاش جۇلا-نەقەل ؛
ماقامسىز ئىرادىگە بولالماس پاناھ.
مۇزلىغان قارچۇققا پاتماس تاشيارا،
كەلمەكتە قايدىنىدۇر چاڭقىغان سەيياھ.
تىندۇرما ۋىسالىڭنىڭ ئەپچانى قارا.
شەپىسىز پاجيە ۋېداسىز كۈلبە،
ئادالەت دۇكىنى ،ئۆلۈك زىلزىلە؛
تىڭىرقاش سەۋداسى بىچارە جىلۋە ،
يانماقتا كۆزلەردە ئاداقى ھىلە.
ئاھ گۇنسىز گۇمراھلىق ،بىچەتلەنگەن تىل،
ھەم تىجىمىدىل تەشەببۇس،ئارلاشما ئادەت .
ئەي ئالىپ قەھرىمان ،ئەي،قۇتلۇق مەنزىل ،
ئازاپلىق ياشاش مۇتلەق ھەقىيقەت !
مەن قاتمال تەكەببۇر ئارامۇنەجىجم ،
تاش ساۋۇت سىغىنىغان تىنىمنى شوراپ .
ئەپسانە تۈنىدەك نامسىز نوپوز كىم،
كىتىمەن ئاھ ،تۇغسىز قوشۇندەك قوراپ.....
تاش ھىجران ،ئەبەتلىك ئەيلىدىم تالاق،
ئالاي دەپ ۋىسالىڭنى ئەمرىمگە بەرھەق.
نادامەت ئىش بىلەن يالىشىپ يالاق ،
ھىدايەت چۈشىگە كىرسىمۇ دەۋزەخ!
ئوقۇمغا بۇشەھەر مىسلى تاش كىتاپ ،
شەھۋانە سۈرەتكە لىق تولغان ئالبوم.
ئەۋرىتى ساڭگىلاق بىنا ھەم بىتاب،
ئەۋرەتسىز خانىلەر كېسەلمەن چوقۇم.
جۇۋانغا ئايلنغان سۈبھى نالىزار ،
بەكسىز تۈنلەرنى قارغايدۇ پەقەت ،
نىچىندۇر ،بىر –بىرلەپ ئۈزۈلمەكتە تار .
سەرگەشتە بولغانمۇ زىھېندىن شەپەق!؟
(4)
ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى بىر ساڭا قوشۇپ ،
مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن .
ھەسرەت –غەم بوراندەك كەلسۇن يوپۇشۇپ ،
بىر سىنى ئويلايمەن ،بىر سىنى پۈتۈن !
كەلمەكتە ئۇھ تارتىپ ھىجران پويىز ى ،
غەم توشۇپ ۋۇجۇدنىڭ دىلسىرلىرىغا .
ئۆچمەكتە بىر – بىرلەپ خۇشاللىق ئىزى ،
يەم بولۇپ قاباھەت ئىبلىسلىرىغا .
سىغىنغان يۈرەكنىڭ بۆلەككەن ئىشقى ،
تۈمەن رەت شەرپىڭنى ئالىمەن تىلغا .
سەن بىلەن بىر ئەبەد پەرىقنىڭ رىزقى ،
ئەڭ يىقىن ئەمەسمۇ سەن كۆيۈك دىلغا !
تاش قىسمەت روھىمغا سالسىمۇ كىشەن ،
تاش ئاسمان بىشىمغا ئاتسىمۇ مۆلدۈر .
سەن ئۈچۈن ياشايمەن ،ئۆلىمەن ،ئىشەن ،
ئەزرائىل بىھاجەت ،بىر ئۆزۈڭ ئۆلتۈر !
يەتمىدى قەلبىمگە زىنھار تاش ئۇچۇر ،
ئولتۇرغان تاش كۇرسام بولسىمۇ مەزمۇت .
تاش جاھان باغرىنى ئەزگەن بىر ئۇيغۇر ،
ئاغزىغا تىقماختا چوكا مۇزنى جۇن .
تاش سىياھ ،تاش قەغەز ،تاش سۆز ،تاش گۈلشەن ،
تاش خۇمرا ،تاش ھەيكەل ،تاش گىياھ ،تاش شار .
تاش كىرپىك ،تاش چىۋىن، تاش روھ ،تاش ئۈلپەت ،
تاش قارغا ،تاش دەريا ،تاش ئوردا ،تاش قار .
ھەممىسى بىر –بىرلەپ كەتمەكتە ئۆچۈپ ،
تاش ھېجىران تاڭغانغا قىلاي چارە .
تاش قانداق بىر يەرگە كېتەلەر كۆچۈپ ،
بولسىمۇ ۋۇجۇدى پارە ،مىڭ پارە !
قولۇمدا تاش كۈسەي ئاندا تاش ئوت جەم ،
تاش ئەتلەس ،تاش مارجان كۆيمەكتە ئۈنسىز .
تاش قولۋاق،تاش كۆۋرۈك يىنىدا بىغەم ،
شەرمەندە ھىسىيات كۈتمەكتە تاش قىز .
تاش رۇجەك ئالدىدا ئۇھسىنىپ ئىغىر ،
ئىزىمەن دەردىمنى يارغۇنچاق بىلەن .
ھىچبىر دىل مەنچىلىك بولمىغان يىغىر ،
بونچە كۈن قالمىغان تاش قۇچاق بىلەن !
مانا، تاش قوڭغۇراق چىلىندى ،بىراق ،
تاش شاھمات ئويناشقا كەلمىدى ھىچكىم .
يۇلتۇزلار تاشلىغان بىلەن تاش قاسراق ،
تاش پەرى خانىدە خىيال بىلەن جىم .
(5)
خاتىمە
نەيلەيىن، بۇ كۆرگەن ئۆزۇمنىڭ چۇشى ،
تەبىرسىز گاڭگىراپ قالارمۇ ئەبەت.
قۇياشنىڭ خانىسىگەبۇگۇن مۆكۈشى،
ئەتىكى نۇسرەتتىن بىرەر بىشارەت.
قەلبىگە يازغىنىم غەمكىن مەرسىيە،
قەسىدە يېزىشقا قەلەم ئەمەس گال.
سالغاندا ئاھ،دىلبەربوينۇڭغا گىرە،
مەن قانداق ئەركىنمەن،بىلىشە ئەي ئايال!
ئۆزۇمنى سۆيگەندەك سۆيىمەن مەڭگۈ،
سەن كەلگەن يوللاردىن يىراققا قاراپ.
ھىجراننى جىنىدىن بەزدۇرۇپ سەزگۇ،
كىرىمىز تەبىئەت باغرىغا قاراپ ...
مۇزلاپكەتكەن پىغان ،تاش ھەسرەت،
تاش نەپەسلەر تۇغقان تاش خىيال :
بەلكىم ،تاش دىل ھەم تاش مۇھەببەت،
ئەبەدەيلىك ئۇپىدۇ ۋىسال! ...
★★★★★
(2007 - يىل 23 - ئاۋغۇست. سەھەر سۈبھى)
★★★★★
ئەسكەرتىش: مۇكاپاتلىق ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھەر قايسى تەرەپلەرگە قويىلىدىغان تەلەپلەر بار. شۇڭا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلماي ئەسلى بويىچە تەستىقلاندى.
تاش قورال ،تاش خىزىر ،تاش تۇغ باياۋان ،
تاش ۋاننا ،تاش ئاسمان ،تاش چىراغ يامغۇر ؛
تاش ھەسرەت ،تاش قىرغاق تاش بىلەن جانام .
تاش زاھىد ،تاش جەۋھەر ،تاش مارجان يامغۇر ؛
بەزىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى بەلكىم ،
بەزىسى بىز بىلەن ھىلھەم ھايات .
بىر سەۋدا ئاشىقمەن ،ئەمەسمەن ھىچكىم ،
تاش ھېجىران دەردىدىن بولمىغان بەربات .
سۆيگۇم بار مەھشەرگاھ سېنىمۇ بىر رەت،
بۈگۈننىڭ كۆزىگە سغمايدۇ ئەمما.
ئۆزۇمنى ئالداشقا رايىم يوق پەقەت،
ئۆزىنى ئالداش ئەڭ ئپلاس مۇئەمما !
يىتىملار يىشىدىن تۆرەلگەن دۇنيا،
تاش قەدەھ پىشىگە تۆكۈلگەن شاراپ.
تەقدىرداش، قوشكىزەك ئەمەستۇربۇندا،
ناھەقتۇر، ئاك قىممەت قىلىنسا خاراپ.
تاش سىگنال قولىنى سوزغان مامۇق تەن ،
ئايلىنار بىردەمدە سېسىق ئامۇتقا.
بېيىشقا نەئىمكان ئوغۇرلاپ كىپەن ،
ناتوغرا كۆڭۇللەريىتەلمەس قۇتقا.
ئۆزىدىن ئاداشقان تاپالماس روناق،
ئۆزلۇكى بولمىغان يوقىلار يىغلاپ.
سويۇلۇپ كەتكىلى نەۋاق تاش قوۋزاق،
بىر ئازاپ دىللارنى دەھشەتلىك تىلغان!
زەي سالماي پوئاتقان ھاڭۋاقتى ھىجران،
تاش بىدىك كەينىگە كىرىسەن نىچۇن؟
قولۇڭدا تۇرغىنى بولسىمۇ تاش نان،-
قانائەت دەشتىگە پاتماس ئىدى كۈن،،،
ياش تۇلۇم ئىچىدىن چىققاندەك توقماق،
تىنىمدىن بىر سەھەر كىتىمەن چىقىپ .
ماڭىمەن قۇياشقاقاراپ ،بول يىراق
بولسىمۇ باغرىمنى باغرىڭغاريىقىپ.
|
|
|
|
|
|