مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 843|ئىنكاس: 10

دادامنىڭ دۈمبىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 02:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   دادامنىڭ دۈمبىسى
[align=justify]


  دادا، جېنىم دادا ، مەن بۈگۈنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ دۈمبىڭىزنى سىلاپ قوياي ....
مەن ھەركۈنى ئىشتىن ھېرىپ كەلگىنىمدە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ پىلتىڭلاپ ئالدىمغا ئۆمىلەپ كىلىدىغان قىزىمنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ سۈيۈپ باغرىمغا باسقاندىن كىيىن ئۇنى كۈتۈرگىنىمچە دادامنىڭ ئالدىغا كىلىپ "دادا، قانداقراق ياتىسىز ؟ قورسىقىڭىز نىمە تارتىدۇ ؟ سۇيۇق -سىلەڭ ئاش قىلىپ بىرىمەنمۇ ياكى قورۇپ تاماق قىلىپ بىرەيمۇ ؟ ياكى قىيمىلىق تاماق قىلىپ بىرەيمۇ ...."دەپ سوراپ بولغاندىن كىيىن دادام دەيدۇ : "ئاش ئىچەيلىمىكىن بالام ..."ياكى "ھېرىپ كەلگىنىڭىزدە تاماق قىلىمەن دىمەڭ قىزىم ، مىۋىلەر بىلەن توقاچ سېلىپ تالقان ئىچكىم كىلىۋاتىدۇ ...." ،نىمىلا قىلماي ، نىمىلا دىمەي دادامنىڭ كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپمۇ مىنى ئاياپ  ، ماڭا كۈيۈپ دىگەن گەپلىرى بەزى ۋاقىتلاردا مىنىڭ  بالىلارچەخاملىق بىلەن دادامدىن ئاغرىنىپ ، ياكى ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن دادامغا دوق قىلىپ قىلغان خۇيلىرىمدىن مىنى بولدى دىگۈچە نۇمۇس قىلدۇراتتى ، مانا شۇنداق ئادىمى تۇيغۇ بىلەن تۇيۇنغان پەيتلىرىمدە گەپ -سۆز قىلماستىن ئاستاغىنا بېرىپ دادامنىڭ چارلاشقان باشلىرىنى مىھرىم بىلەن قۇچاغلاپ باغرىمغا باساتتىم ياكى مۈكچەيگەن گەۋدىلىرىنى قۇچىقىمغا ئېلىپ يىنىككىنە ئەمما دادامغا بېسىم قىلىپ قويمىغىدەك ۋەزىندە چىڭ قۇچاغلايتتىم .....
  مىنى دەپ ئوتتۇز يىلنى ھەم ئانا ھەم دادا بۇلۇپ ئۆتكۈزىۋەتكەن دادامغا قاراپ ، بەزى چاغلاردا "مەن ئەقىلسىز دادامغا نىمە قىلىپ بەردىم ھە؟ " دەپ ئويلايمەن ، ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ قاۋۇل بىلەكلىرى بىلەن مىنى يەردىن دەس كۆتەرگەن قوللىرى ھازىر قۇشۇقمۇ تۇتالمايدۇ ، كېسەل تارتقان دەسلەپكى شۇ يىللىرى قۇشۇق تۇتالمىسا نىمىلەرنى دەپ دوق قىلمىدىم ؟....مىنى ھاپاش قىلىپ نەلەردىن كۆتۈرۈپ كەلگەن كەڭ يەلكىلىرى مانا ئەمدى يادەك ئىگىلدى  ، ھاجىتى ئۈچۈن  كارۋىتىدىن يۆلەپ چۈشۈرگىچە نىمىلەرنى ئويلاپ قۇشۇمىلىرىمنى ئىنساپسىزلەرچە تۈرمىدىم ھە ؟ ....ئەمدى ئويلىسام "بالا دىگەن  ، بىر ئۆينى باشقا كىيىپ بالىلىق بۇلۇپ بالا يىغلىسا نىملىەرنى قىلىدۇ ، بالىنىڭ قورسىقى ئاچسا نىمىلەرگە چاپىدۇ ، تاماق پىشىپ قالغىنىدا ئاۋال بالىغا ئاندىن ئۆزىگە ....شۇ قىزىل قۇرت بالا مەندەك بولغىچە مەن دادامدەك قېرىلىق ئازابىنى تېتىيمەنغۇ ...." دىگەنلەرنى ھىس قىلىپ يەتكەندىلا ئاندىن  ئاتا- ئانىنىڭ قەدرىنى ھەقىقى چۈشىنىشكە ، قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىدىغان بولىدىكەن .....تالاي كېچىلەردادامنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتقان بولساممۇ ، تالاي قېتىملار تاماق يىگۈزگەن بولساممۇ ، تالاي قېتىملار پۇتلىرىنى يۇيۇپ ، تىرناقلىرىنى ئالغان بولساممۇ دادامغا تېخى يىتەرلىق ئازادىلىك ، كۆڭۈل خۇشلىقى يەتكۈزدۈم دەپ قانائەت قىلمايمەن ....... يېتىڭ دادا ، دۈمبىڭىزنى ماڭا قىلىپ يېتىڭ ، ئۆمۈرلۈك ھاردۇقنىڭ دەستىدىن ئورۇقلىغان  ، ئەمما "پەرەنتىم! "دەپ سوقىۋاتقان يۈرىكىڭىزنىڭ تەپتىدىن ئىسسىق تەپچىپ تۇرغان دۈمبىڭىزنى بىر سىلىۋالاي ..........
   ئاشۇ يىللىرى ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، بالىلىق چاغلىرىمدا  قاچانلا بولسا ئەركىلەپ يامىشىپ چىقىۋالىدىغان دادامنىڭ كەڭ ئىسسىق دۈمبىسى مىنىڭ گۇياكى يامىشىپ ئوينايدىغان تېغىمدەك بىلىنەتتى ، دادامنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋېلىپ يۈرگەن شۇ پەيتىلىرىمدە ئۆزەمنى گوياكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ، بەھەيۋەت چوققىغا چىقىۋالغاندەك پەخىر ئىلكىدە كېرىلىپ تۇرۇپ كېتەتتىم ، مانا ئەمدى قىزىم مىنىڭ شۇ چاغلىرىمنى ئەسلىتىپ ، كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ (ئايلىناي ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كۈلۈپ تۇرۇپ ، كۆزلىرى بىلەن ماڭا ئۇقتۇرغان مەنالىرىدىن )، مۈرەمنى تارتقىنىچە دۈمبەمنى ئۆزىگە قارىتىپ قۇيۇپ يامىشىپ چىقىشقا باشلايدۇ ، مەنمۇ مىڭ جېنىم بىلەن ئۇنىڭغا مايىل بۇلۇپ ئۇنى دۈمبەمگە ئالىمەن ، ئەمدى چۈشەندىم ، داداممۇ  مىنى ئەنە شۇنداق كەيپىيات بىلەن ھاپاشلاپتىكەن .......
   مۇشۇ كۈنلەردە دادامنىڭ ئاجىزغىنا ، ئۇرۇققىنا گەۋدىسىگە قاراپ ئەينى يىللاردىكى بەقۇۋۋەت تۇرقىنى ئەسلەشكە ، كۆز ئالدىمغا شۇ تۇرقىدا ئەپ كىلىشكە تىرىشىدىغان بۇلۇپ قالدىم :  قوللىرىغا قات-قات كىتاپلارنى ، تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تۇتۇپ مەزمۇت چىرايلىق قەدەملەر بىلەن سىنىپقا يول ئالغان دادام ؛ قەلەم بىلەن  ئىجتىھاتىنى قورال قىلىپ ئاددى ئۇقۇتقۇچىلىقتىن پىشقان ، تەجىربىلەرگە باي مەكتەپ يىتەكچىلىكىگە، كىچىك پىئىل  ھۆرمەتلىك  پىداگۇكقا ، كۈڭۈلدىكىنى تاپىدىغان ئەقىللىق پىسخولۇگقا ئايلانغان دادام ؛  قوللىرىغا ئۆزى ياسىۋالغان چىرايلىق خۇشخەت قەلەملىرىنى تۇتىۋېلىپ رەڭدار قەغەزلەرگە ھۆسنىخەت بىلەن جان كىرگۈزىۋەتكەن دادام ؛ ئاكاردىئۇننى شوخ بالىلار كۈيىگە سايرىتىۋېتىپ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بالىلارغا"كېپىنەك" ، "باغقا بارايلى "لارنى ئۆگىتىۋاتقان دادام ؛ ئائىلىدە پاكىزە ، رەتلىك ، قولى  ھېيتلىق پىشۇرۇقلاردىن تارتىپ  ھەممە تاماققا تېتىملىق ، كىيىنىشلىرىدىن تارتىپ ئەدەپ يۇسۇنلىرىغىچە ئايال كەسىپداشلىرىنىمۇ خىجىل قىلىپ قويىدىغان -"كام تېپىلىدىغان ئەر"سۈپەتلەنگەن دادام ؛ موزدۇز ، ياغاچچى ، ناۋاي  ، قاسساپ ، دوختۇر ، ئامانلىق ساقلاش خادىمى  ، مىلىچمال سودىگىرى  ، كەنت مۇدىرى  ، دىھقان  ، بانكا خادىمى ،ئوتۇنچى  ، ئابكەش(سۇ تۇشۇغۇچى )  ، باققال قاتارلىق جەمىيەتتكى ھەممە قاتلامدىكىلەر بىلەن ئوخشاش چىقىشالايدىغان ئۇلارنىڭ دەردۇ -ھالىنى ئاڭلاپ پىغانىغا يىتەلەيدىغان -"مۇڭداش"ئاتالغان دادام ؛  كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي ،يىڭنە چاغلىق نەرسىسىگە قارا سانىماي ، ئۆزىگە ئەلەم يەتسە "ئىشەكنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ "دەپ قۇيۇپ كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېتىپ ياشاش مەنتىقىسىنى بېيىتىپ كەلگەن دادام ؛ ماڭا ھەم داداھەم ئانا بۇلۇپ قەۋم-قېرىنداشنى- يۇرتنى سۈيۈش ، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەش ، كىتاپنى قەدىرلەش ، جاپاغا چىداش  ، ئەمگەكنى سۈيۈش -مىھنەتكار بۇلۇشنى ئۆگەتكەن   ، "تاش ئاتقانغا ئاش ئات  ، دۈشمىنىڭگە ياخشىلىق قىلىۋەرسەڭ دوستقا ئايلىنىدۇ ، ئۆتمە نامەرت كۆۋرىكىدىن سۇغا غەرق بولساڭمۇ گەر ، يىمە نامەرتنىڭ ئېشىنى ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ گەر " دىگەنلەرنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىدىغان دادام ؛  دوستلىرى -ئۇرۇق تۇققانلار ئارا يىغىلىشلاردا دۇتتار - تەمبۇرلار بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن ئون ئىككى مۇقاملاردىن  مۇڭ چىقىرىپ 25يىلنى ئاشۇ چەت سەھرادا 25كۈندەك ئۆتكۈزىۋەتكەن دادام؛ 40 يىلنى مىننەتسىز تاماسىز  ، ھايانسىز  ، پاكلىق لىباسى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدە ئۆتكۈزىۋەتكەن دادام  ... ئەسلىسەم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، ئەسلىمىلەرنى يېزىپ بولالمايمەن .....دادا ، ماڭا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىۋاتقان دۈمبىڭىزنى يەنە بىر سىلىۋالاي ......
    تېخى تۈنۈگۈنكىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، ئەمدىلا 50تىن ئاشقان ۋۇجۇدىدا  ھەربىر قارىسام مىنى بىئارام قىلىپ ، يۈرۈكۈمنى سىقىرىتىدىغان كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋاقىتلاردا مىنىڭ كەيپىياتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ قالغان دادام چىرايىغا ئىللىق تەبەسسۈم بىرىپ كۆزلىرىدىن مىھىر ياغدۇرغان ھالدا "ھىچ ئىش يوق قىزىم ، ئازراق چارچاش بار شۇ ، كىچىكىنە سوزۇلۇپ يېتىپ ئارام ئېلىۋالسام ئوڭشىلىپ قالىمەن  " دەيتتى ، تاماقلارنى يەپ بۇلۇپ دۈم ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئىككى چېكىسىدىن تارتىپ پۇتلىرىنىڭ ئۇششاق بارماقلىرىغىچە تۇتۇپ قويغىنىمدا مەمنۇن بولغىنىدىن "ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بالام ، يىنىكلەپلا قالدىم "دەپ خوش بۇلغىنىنى ئىپادىلەيتتى  ، لىكىن يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مىنىڭ تۇتۇپ قۇيۇشلىرىم بىلەن دادامنىڭ "چارچاشلىرى " يىشىلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى  ، دوختۇردىن دورا ئەكىلىپ يەيدىغان بولدى ، دوختۇرخانىغا  بېرىپ ياتىدىغان بولدى ، كار قىلماس بولدى ، شەھەر ئاتلاپ داۋا ئىزدەيدىغان بولدۇق نەچچە رەت ....كار قىلماس بولدى  ، "دورا زەھەرلەپتۇ...."، " بۇ كېسەلگە ئەمدى باشقىچە داۋا يوق ، ئوپراتسىيە قىلساق بەدەن ئاجىز ، تىغ كۆتۈرمەيدۇ " ، "ئۇزۇن يىل چارچاشتىن سۆڭەك شەكلى ئۆزگەرگەن ، شالاڭشىغان " ، "ھەرىكەتنى كۆپ قىلىپ بەرسۇن ، قۇۋۋەتلىك يىسۇن ، ئۇزۇن ئولتۇرمىسۇن ، كۆپرەك قاتتىق يەردە تۈز يېتىپ بەرسۇن.... "  دىيىشتى دوختۇرلار ، مانا دادا ، يىللارنىڭ سىزگە ئاتا قىلغانلىرى ......................
كىلىڭ دادا ، دۈمبىڭىزنى سىلىغاچ پەيلىرى قاتقان قوللىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ قۇياي ، پۇتىڭىزنى سۇنامسىز ؟ قايسىسىنى ؟ ھە ئوڭ پۇتىڭىزنى سۇنامسىز ؟ ماقۇل سوزۇڭە ......
  تېخى ھازىرلا دادام مىنى چاقىرىپ "بالام ، مىنى ئوڭدامغا ئۆرۈپ قۇيۇڭا " دىدى ، مەن يۈگرەپ چىقىپ ئۆرۈپ قويۇپ پىشانىسىگە سۈيۈپ قۇيۇپ كىردىم ، توۋا دەيمەن ، مىنىڭ تېخى ئۈچ سائەتنىڭ ئالدىدا دادامغا تاماق يىگۈزىۋېتىپ ، ئەخمەقلەرچە دىگەن "مەن تېخى ئاغزىڭىزغا سالمىدىمغۇ ..."دىگەن ئۇرۇنسىز گىپىم ھە ؟ بالا دىگەن راستلا كالتە پەم كىلىدىكەنمىز ، ئاتا- ئانا دىگەن ئاغرىق يىتىپ ، كېسەللىك دەردىنى تارتىۋاتقاندا نەۋەر بالىلاردەك شاش، تېتىك بۇلارمىدى ؟ چاقچاق كۈتۈرەرمىدى ؟ ئانچىكىم ھومۇيۇشلارنى ، كىچىككىنە دومسىيىشلارنى ، قۇشۇقنى چىنىگە تاراققىدە قۇيۇشلارنى كۈتۈرەرمىدى ؟ زىنھار كۆتۈرمەيدۇ ، ئىشەنمىسەڭ ئاشۇنداق گۇناھلارنى سادىر قىلىپ قويغىنىڭدا ھوشۇڭ جايىدىلا بولسا كۈزۈڭنىڭ قۇيرىقىدا ئاتا - ئاناڭنىڭ چىرايىغا بىلىندىرمەي سەپ سېلىپ باق ، قارىماققا ساڭا سىنىڭ قىلىقلىرىڭنىڭ ئېغىر كەلگىنىنى ھەرگىز چاندۇرمايدۇ لىكىن ، كۆزلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىن لەۋلىرىنىڭ بىلىنمەس ئۈمچەرەشلىرىدىن گەۋدىسىنىڭ يىنىككىنە ئالدىغا ئىڭىشىشلىرىدىن سىنىڭ قانداقلارچە گۇناھكار بولغىنىڭنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ........توختا كۆز ياشلىرىم توختا ، بۈگۈن بۇ يەردە ئەمەس ئەتە دادامنىڭ دادامنىڭ مۇبارەك جىسمىنى كارىۋىتىدىن ئاستاغىنا يۆلەپ تۇرغۇزغاندا ، پىشانىسىگە "ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ دادا؟ "دەپ تۇرۇپ سۆيگىنىمدە ھازىرقىدەك ئاقماسلىققا ۋەدە قىلىسەن ....................."ئاتا ئانىغا ئازراق ئۈنلۈك ئاۋازدىمۇ ۋاقىراشقا ، جاۋاپلىشىشقا پېتىنغان  ، يەيدىغان ئېشىدىن ، خەجلەيدىغان پۇلىدىن ئازراق قىسىنىشقا كۆزى قىيمىغان بالىنى يەرمۇ كۈتۈرۈپ تۇرۇشتىن ھار سىنىدۇ  "  .   دادا ،  ھەردەم مۇشۇ قىممەتلىك جۈملىلەرنى ئەسلەپ تۇرۇشۇمغا ماڭا ئاللاھ زىھنىمنى  ئۇچۇق قىلسىكەن .......دادا ، دۈمبىڭىز توڭمىسۇن ، ئەدىيالنى يېپىپ قۇيايمۇ ؟
   دادامنىڭ جىسمىدىن ھازىرچە ماڭا بىلىنگىنى چاچلىرى  ۋاقىتسىز شالاڭشىپ ، چارلاشقان ئالتۇن بېشى  ، ئەنەشۇ  كېسەللىك دەستىدىن ، ۋاقىتسىز ياشىنىش كاساپىتىدىن ئىگىلگەن قەددى ، ئەينى يىللاردىكى بور ، قەلەم ، سىزغۇچ ،كىتاپ ، دەپتەر ،چۈمۈچ ، پالتا  ،يىڭنە  ، ناخۇل .......تۇتقان چىۋەر ئىشچان قوللىرىدىن بۈگۈنكى بارماقلىرى ئىگىلمەس بۇلۇپ قالغان ئاجىزغىنا تىترەپ تۇرىدىغان قوللىرى ، پۈكۈلگەن بولسىمۇ ئەينى يىللاردىكىدەك تىرەن چامداشقا ئادەتلەنگەنلىكنىڭ  تۈپەيلى ھازىرمۇ جانلىق دەسسەشكە تىرىشىدىغان كۈچسىز ئەمما مەردانە ئاياقلىرى  .....  بىراق مەن يەنە بىر كۈزۈمنى چوڭ ئاچقىنىمدا دادامنىڭ بۇنىڭدىن باشقىچە بىر تۇرقىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىمەن ، قېنى بىر كۈرۈپ باقاي : 10نەچچە يېشىدىن تارتىپ  ئەدەپ ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلىپ  ، ئۇقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەمما جاپالىق كەسىپنى تاللىۋېلىپ بىر ئۆمۈر مۇشۇ يولىدىن تايماي ، ئۇقۇتقۇچى دىگەن نامغا داغ قوندۇرماي كەلگىنى دادام ئەمەسمۇ ؟! تۇرمۇشىدا تالاي ئوڭۇشسىزلىقلارغا ،ۋاقىتسىز بەختسىزلىكلەرگە ،نامەرتلەرنىڭ چىركىنلەرچە مۇئامىلىلىرىگە دۇچ كىلىپ تۇرۇپمۇ قەددىنى پۈكمەي بېشىنى ئەگمەي ياشاپ كەلگەن دادامنى قانداقلارچە "قەددى پۈكۈلگەن "دىيىشكە بولسۇن ؟!  ئاشۇ سەھرايى قىيامەتتە ياشلىقىنىڭ قىران مەزگىللىرىنى شۈكرى قانائەت ، چىدامچانلىق  ، ئۈمىدۋارلىق ،سەنئەت سۈيەرلىك بىلەن  ، تۇرمۇشقا ھاياتقابولغان قىزغىن مۇھەببەت ، مىھرىبانلىق ، جانكۈيەرلىك ،  يېزا بالىلىرىنىڭ ئۇقۇتۇش - ئاقارتىش ئىشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن دادام  قانداقلارچە ئاجىزلاشقان بولسۇن ؟! ياق ، دادام قېرىلىق يىتىپ ئاجىزلاشقىنى يوق ، كىم شۇنداق دەيدۇ ؟ دادام قىرانلىق يېشىغا تېخىمۇ يەتتى ، ئادىمى پەزىلەت ماقامىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى  ، ۋۇجۇدى ماڭا ئادەم بۇلۇشنى  كۆرسىتىپ بىرىش ۋەزنىدە سۈزۈكلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ، مەن ئۈچۈن دادامنىڭ ھەربىر نەزەرلىرى گۇياكى ئەينەك ، ھەربىر ئېغىز گەپلىرى گۇياكى قىلمىشىمنى ئۆلچەپ بىرىدىغان تارازا تېشى  ، دادامنىڭ جىسمنى ئەگكەن يىللارنىڭ جاپاسىلا ئەمەس بەلكى شۇ يىللار مابەينىدە زىممىسىگە ئالغان مىھنەتكەشلىق ، ئۇستازلىق ، باشقۇرغۇچىلىق ، دىلكەشلىك ، ئاتىلىق مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ ئېغىر ئىزلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ........دادامنىڭ مەن كىچىك ۋاقتىمدا خاتالىرىمغا بىرىدىغان جازاسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مىنىڭ كۈندىلىك ھارغىنلىقلىرىمنى ئالىدىغان بىر تۈرلۈك كۈڭۈللۈك مەشغۇلاتقا ئايلىنىپ قالغىنىنى ئويلىسام ھېلىھەم كۈلگۈم كىلىدۇ : كىچىك چاغلىرىمدا دادام يىراقتىن چاقىرسىمۇ ئۇيۇنغا تويماي ئۆيگە كەچ كىرسەم ياكى بىرقاچا ئاشنى كەپسىزلىكىمدە تۆكىۋەتسەم  ، ۋەياكى باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سۇقۇشۇپ قالسام ، قايتىپ كىرگىنىمدىن كىيىن قۇلۇمنى ئىگىز كۆتەرتىپ تام تەرەپكە قارىتىپ بەلگىلىك ۋاقىتقىچە ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇياتتى ، چىدىماسلىق قىلىپ بىلىكىمنى ساڭگىلىتىۋېلىشىمغا ، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇۋېلىشىمغا رۇخسەت يوق ئىدى ، بولمىسا ئورنىغا چىۋىق تاللاشقا توغرا كىلەتتى ....مانا ئەمدىلىكتە دادامنىڭ شۇ "جازاسى " بىلەن سوقراتنىڭ شاگىرلىرىغاچىدامچانلىقنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بۇيرىغان بىلىكىنى 100قېتىم (مەن يەنىلا چىدىماسلىق بىلەن ئاران 20ياكى 30قېتىم چۆرۈيمەن )  چۆرۈش چارىسى قۇشۇلۇپ مىنىڭ روھىمنى كۆتىرىدىغان ھەرىكىتىمگە ئايلاندى ، ئاشۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگىنىمدە ئۆزەمنىڭ راستىنلا روھلىنىپ قالغىنىمنى ھىس قىلىمەن ! سوقرات بىلەن دادامنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك ھە ؟ چارىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى بىر غۇلاچلا پەرق قىلىدۇ !
   دادا، جېنىم دادا ، مەن بىلەن ھەرقاچاندىكىگەئوخشاش  غۇلاچلىرىڭىزنى كېرىڭچۇ ، قوللىرىڭىزنىڭ ئۇچىدىن مەھكەم تۇتىۋالاي ، يىقىلىپ كىتىشتىن ئەنسىرىمەڭ ، مۇشۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسىڭىز كۆزلىرىڭىزگە كۈلكە يۈگرۈپ ، مەڭىزىلىرىڭىز قىزىرىپ قالىدىكەن ، دۈمبىڭىزمۇ رۇسلىنىپ قالىدىكەن ، تېلىۋاتقان دۈمبىڭىز ئارام تاپسۇن ...........
   سىزلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا ھەركۈنى پۇتلىرىڭىزنى تۇتۇپ ، چاچلىرىڭىزنى يىنىككىنە تاراپ ،بىلەكلىرىڭىز سىر-سىر قىلغۇچە ئۇۋۇلاپ قۇياي  ، "ھۇزۇر قىزىم ...ھۇزۇر ..."دىگەن يېقىملىق ئاۋازىڭىز قۇلۇقىمغا ئالتۇن قوڭغىراق ياق جەننەتنىڭ ئىشىكىدىن ئاڭلىنىۋاتقان سادادەك بىلىنگۈچە دۈمبىڭىزنى سىلاپ قۇياي..............




مەنبە : خاسىيەت ئابلىمىت قىزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
2011-يىل 4 -ئاينىڭ 19- كۈنى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10575
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 4034 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:18:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.......بەك تەسىرلەندىم.كۆزلىرىمگە ياش كېلىپ كەتتى ئالدىكى ئابزاسلارنى ئوقۇپ  [s:162]  [s:162]  [s:162]  [s:162]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:41:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا تەسىرلىك يېزىپسىز رەھمەت سىزگە  [s:162]  [s:162]

پاك تۇغۇلۇپ،ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37312
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 106
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2011-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم....
تمىڭىزغا رەخمەت....

ياش ئىدۇق ئالى مەكتەپكە كىرگەندە بىز، ئەمدى بۇرۇت چاڭگاتىزدى قالدۇرۇپ يۈزلەردە ئىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمېدىگەن تەسىرلىك ھە ! كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ....

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 12:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز تىمىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ دادامنىڭ يېرىم پارالىچ كىسىلى بىلەن ياتقان مەزگىللىرى كۆز ئالدىمغا كىلىپ ئىكران يۈزىدىكى خەتلەر بارا-بارا خىرەلىشىپ ئاخىرىنى ئۇقۇشقا ئامالىسىز قالدىم. ساقلىۋېلىپ كىيىن ئۇقۇي رەھمەت.

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6653
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 03:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا ! سېنى سېغىندىم !   5 ئاي ئىلگىرى بىزدىن ئەبەددىي ئايرىلغان  دادامنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ،  كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم....  دادىسى بارلار نېمىدىگەن بەختلىك _ھە؟  مەن بۇ سۆزنى 5 ئايدىن بېرى قانچىلىغان قېتىم ئۆز _ ئۆزۈمگە دىگەندىمەن ... دادىڭىز ھاياتمۇ ؟ ئۇنى قەدىرلىۋىلىڭ ، باشقا ئىشلارنى كېيىن قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز ، ئەمما دادىڭىزنى كېيىن ھەر قانچە قىلسىڭىزمۇ.................................

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 04:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشې يېزې پسېز [s:162]  [s:162]  [s:162]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23304
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7925
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-19 11:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (kokdangz) نىڭ يازمىسىغا

ئۇيغۇرنىڭ قىزىغۇ-بۇ، ئۇيغۇرنىڭ دادىسىغۇ -بۇ،  ئۇيغۇرنىڭ تىلىغۇ-بۇ،ئۇيغۇرنىڭ ھېسياتىغۇ-بۇ،ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغۇ-بۇ!رەھمەت يوللىغان تېمىڭىزغا!

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 09:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلارنىڭ بەرگەن باھالىرىغا تەشەككۈر ، دادىلارنى قەدىرلەش ياخشىلىقلىرىنى يادلاش ھەركىمنىڭ دىل ھۇزۇرىدۇر ......

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش