جۇڭگو خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ 18-ئاپرېل تورى: تۈركىيە، ئىران ۋە ئەزەربەيجان دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى 17-ئاپرېل ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇرۇمىيەھ شەھىرىدە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان.
ئىران يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى پارس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر سالىھ، تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ ۋە ئەزەربەيجان دېپلوماتىيە مىنىستىرى مامەدياروۋلار ئۈچ دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ھەمكارلىق باياناتىغا ئىمزا قويغان. باياناتتا تەكىتلىنىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشىلىقى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى دېيىلگەن.
ئۈچ دۆلەت دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى باياناتتا رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ۋە دۆلەت چېگرىسىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە بۇ رايونلۇق ماجرالارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشتا ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ئۈچ دۆلەت مىنىستېرلىرى خەلقئارا ئىشلاردا ئادىم بولۇش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» بەلگىلىگەن رامكا ئىچىدە، خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىنلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم-پەن تېخنىكىسىدىن پايدىنلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك
3 دۆلەت دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى ئۈچ تەرەپ ئىقتىسادىي كومىتېت قۇرۇپ، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باردى كەلدىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماقۇل بولۇشقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈچ دۆلەت دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى يەنە قوشنا دۆلەتلىت ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېرورىزم، تەشكىللىك جىنايەت ۋە زەھەر، قورال قاتارلىق ئەسكەتچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىشكە ماقۇل بولۇشقان.
ئىران ۋە تۈركىيە 16-ئاپرېل ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىكى كاپىكۆي-رازى چېگرا رايونىدىكى بىرىنچى ئېغىزنى ئېچىپ تاشلىغان. ئىران دېپلوماتىيە مىنىستېرى ئەلى ئەكبەر سالىھ، تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمەد داۋۇدئوغلۇ قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى شۇ كۈنىدىكى ئېچىۋېتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
مۇددىتى 2 كۈن بولغان تۈركىيە، ئىران ۋە ئەزەربەيجان دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى 16-ئاپرېل ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئۇرۇمىيەھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئاساسىي تېمىسى ئۈچ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ئالماشۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولغان. كېلەركى قېتىملىق يىغىن 2011-يىلى 10-ئايدا ئەزەربەيجاننىڭ ناخىچېۋان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەنبە ،....
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1883