مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2162|ئىنكاس: 35

تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قىلالمايمەن دىي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9546
تۆھپە نۇمۇرى: 846
توردا: 7607 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 09:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى

       ﺗﯜرﻛﻠﻪر __ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋدە ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 67 ﻣﯩﻠﻴﻮن 310 ﻣﯩﯔ(  2002- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ.) ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮن 500 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺗﯜرك ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ، ﺑﯘﻟﻐﺎرﯨﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺳﯧﭙﺮۇس ۋە ﺑﺎﻟﻘﺎن ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺗﯜرك ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا دﯦﯖﯩﺰ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜرك ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺪۇ.
       ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ۋەﺗﯩﻨﻰ __ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ (ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ) راﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎغ (ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ) ۋادﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪى. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 6 - ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ 10 -ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ راﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن. ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎردا ﺋﻮﻏﯘز ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘب ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎراپ ﺳﯜرۈﻟﯜپ ﺋﯩﺮاﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘراﺳﺎن راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ، ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ راﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن.  1055 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴلام ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﺎﻏﺪادﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺳﯜرۈﻟﮕﻪن. 1071-  ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ راﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺷﻪرﻗﻰ رﯨﻢ (ۋﯨﺰاﻧﺘﯩﻴﻪ) ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ راﻳﻮﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘز ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرك ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰلا ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋدە ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎن- 13 . ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮى ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺗﯜرك ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ 1453 - ﻳﯩﻠﻰ ۋﯨﺰاﻧﺘﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻛﻮﻧﺴﺘﺎﻧﺘﯩﻨﭙﻮﻟﻨﻰ (ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘل) ﺋﯩﺸﻐﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ۋﯨﺰاﻧﺘﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ  ﺋﯜزۈل - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪرﮔﻪن.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ راﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﻣﯩﻘﻰ  ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى ۋە ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻨﻰ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ دۆﻟﯩﺘﻰ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ زﯨﺮاﺋﯩﺘﻰ ﺑﯘﻏﺪاي ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯧﺮﯨﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻳﺎﻣﻐﯘر ﺳﯜﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺶ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻛﯜزﻟﯜك ﺋﯘرۇق ﺳﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯩﻴﯘن ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺳﯘل ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋاﻗﯩﺘلاردا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﮬﺎدﯨﺴﻪ ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪۇر.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﮬﺎزﯨﺮ ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪەك ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻛﺎﺗﯧﮕﻮرﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ: ﮔﻪرﭼﻪ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﮔﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺮان ﮔﯩﻠﯩﻤﯩﺪەك دۇﻧﻴﺎﻏﺎ داﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎۋروﭘﺎلاﺷﻘﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﯜرك ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﮔﯩﻠﻪم ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ؛ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﮬﻪر ﻗﺎﭼﺎن ﺳﯜت، ﭘﯩﺸلاق، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻣﺎي ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮي ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣلار ۋە ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻗﯘرۇﻟﻤﺎ __ ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪۇر.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪزﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە. ﭘﯜﺗﯜن ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ 90% ﺗﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﻰ ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﺪە ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﺟﺎﻳﺪا ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎل ﺋﯩﺴلاﮬﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜرك ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪا «ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﻰ __ دۆﻟﻪت دﯨﻨﻰ» دەپ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﯘ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯩﺴلام دۆﻟﯩﺘﯩﺪە، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴلام دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻓﻮرﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن.
       1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎل ﭘﺎرلاﻣﯧﻨﺘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ «ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺗﯜرك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ لازﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻣﯩﻐﺎن ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺗﯧﺰدﯨﻦ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨلاردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟلاﻧﻐﺎن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪا، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮاق - ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ «ﺑﻪگ» ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ، ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯚرﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. رەﺳﻤﯩﻲ ﺧﻪت - ﭼﻪك ۋە ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪردە ﺑﯩﺮدەك ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﺷﯘپ ﺗﻮﻟﯘق ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪۇ.
       ﺗﯜرك ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺗﯩﺮﻧﺎق ۋە ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﻳﯧﺰﯨلاردﯨﻜﻰ ﺗﯜرك ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎددﯨﻲ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺪۇ؛ ﻛﻪڭ ﺷﯩﻢ، ﻛﯚﯕﻨﻪك ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ۋە ﺷﺎرﭘﺎ ﺋﺎرﺗﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺷﻪﮬﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﻳﺎۋروﭘﺎﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺗﯜرك ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮕﯜدەك ﻏﻪرﺑﭽﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ ۋە ﻗﻪﮬﯟەﺧﺎﻧﯩلاردا دەم ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﭼﻮڭ ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﻮڭ ﻛﻮﭼﯩﺪا، رەﺳﺘﯩﻠﻪردە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﻗﻪﮬﯟە -15 ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺋﻪرەﺑﻠﻪردﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﺪە ﻗﻪﮬﯟەﺧﺎﻧﯩلار ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩلار ﻳﻪﻧﯩلا ﺳﺎن ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﮬﯟەﺧﺎﻧﯩلارﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ. ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﯩلاردا دوﺳﺘﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪۇ، ﭼﺎي ﺋﯩﭽﻜﻪچ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺪۇ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﯩﺪۇ، ﻗﺎرﺗﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﺪۇ؛ ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎردۇق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﯜرﻛﻠﻪردە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن.
ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ دوﺳﺘلار ﺋﺎرا ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﺪۇ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﺸﯩﺪۇ. ﺳﻪﮬﻪردە ﺋﯚزﺋﺎرا «ﻣﻪرﮬﺎﺑﺎ» دﯦﻴﯩﺸﯩﺪۇ.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ۋە ﻧﯩﻜﺎھ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻧﯩﻜﺎھ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن (ﭼﻪت ﻳﯧﺰﯨلاردا ﻧﯩﻜﺎھ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎر.) ﺗﻮي ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ: ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮى ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎرﯨﺪۇ ۋە ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎي ﻧﯩﻜﺎھ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪۇ. ﻧﯩﻜﺎھ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘپ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺧﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺧﻪﺗﻤﻪ ﻗﯘرﺋﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪۇ، ﺗﻮي ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى «دۇپ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ» ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪۇ (ﺑﯘ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﭘﻪﻗﻪت ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪﯨلا ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪۇ.) ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ دەﭘﻨﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯩﺴلاﻣﯩﻴﻪت ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘلار ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩلارﻏﺎ، ﮔﯜل - ﮔﯩﻴﺎﮬﻠﯩﺮى ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﭘﺎت - ﭘﺎت ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺧﻪﺗﻤﻪ - ﻗﯘرﺋﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
       ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺖ، روزى ﮬﯧﻴﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ. ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ دﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ روزى ﮬﯧﻴﺖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ، ﺑﺎﻳﺮام ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮى ﺷﺎدﻟﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯩﺪۇ.
ﺗﯜرﻛﻠﻪر __ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯜرﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ% 2.4 ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ۋە ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻧﯩﻜﺎھ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ- ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت داﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜرﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﺗﻪدﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﻤﻪﻛﺘﻪ.
(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﺪا)

مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ياخشىلىق قىل قول

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇرسەت ۋە شارائىت بولسا تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلسام... [s:130]

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7407
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 4006 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﮔﯩﻠﻪم ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ؛  بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بار گېلەم. [s:178]  [s:178]  [s:178]

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25824
تۆھپە نۇمۇرى: 666
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تۇركىيەنى  شۇنداق كاتتا دىدۇ....خۇدايىم بۇيرىسا ،ئاللا خالىسا ...ساقسالامەت بۇلسام ..پۇلتاپقاننىڭ ئەتىسى سەۋۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇشۇ تۇركىيەگە باغۇمبا...

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20525
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7817 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ تەپسىلى تونۇشتۇرۇلىپتۇغۇ .تېما ئىگىسىگە رەھمەت. خۇددى تۇركىيەگە بارغاندەك بوپقالدىم.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25824
تۆھپە نۇمۇرى: 666
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت تىرەن كە 2011-04-17 10:53 PMئەۋەتىلدى :
[s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]   [s:145]

 ئۇنداق قىلمايلى قىرىنداشلار  مۇنداق ئىنكاس يازمايلى....

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8662
تۆھپە نۇمۇرى: 279
توردا: 4140 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇركىيە ياخشى جاي دەيدۇ....

ھەر كىچىنىڭ كۈند

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12196
تۆھپە نۇمۇرى: 1137
توردا: 6874 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا چوقۇم چىقىمەن مۇشۇ دۆلەتكە..

قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ !!!

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2549
تۆھپە نۇمۇرى: 118
توردا: 3658 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 10:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪزﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە. ﭘﯜﺗﯜن ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ 90% ﺗﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﻰ ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﺪە ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﺟﺎﻳﺪا ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎل ﺋﯩﺴلاﮬﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜرﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜرك ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪا «ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﻰ __ دۆﻟﻪت دﯨﻨﻰ» دەپ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﯘ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯩﺴلام دۆﻟﯩﺘﯩﺪە، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴلام دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻓﻮرﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن.

      دومىلاتما شەكىلدە يىزىلىپتۇ ...

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

بىرنى بىر دىگۈلۈ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11514
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 9345 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 11:02:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە بىلەن خېلى تەپسىلى تۇنۇشۇۋالدۇق.  قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش