 |
 |
 |
 |
[align=justify] ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئىنى -سىڭىللار،ھەممىڭلار تېنچ -ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ مەنكى شۈشەن قېرىغان موماڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،نەچچە كۈنلەر بوپتۇ ئالدىراشلىقتا مۇنبەرگە تۈزۈك كىرىپ بولالمىدىم، بۈگۈن مۇنبەرداشلار بىلەن بىرگە كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چېچىشىش ،مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن << مۇشائىرە قىلىشايلى>> دېگەن مەقسەتتە قاملاشمىسىمۇ ئىككى كۇبلىت شېئىر ئېلىپ كەلدىم، مۇنبەردىكىلەرنىڭ مۇشائىرەگە ئىلھاملىرى بارمىكىن.....؟
شېرىن چاغلار،ئۇنتۇلماس دەملەر،
ئاي –يۇلتۇزلارغا بولغانتۇق سىرداش.
مەن تۇپراق قوينىدا يۇمران مايسا،
سەن تەپتىڭدە نۇر بەرگەن قۇياش.
يۈرىكىم ئەسلىمىگە تۇرار ئېسلىپ،
ئۈنسىز سېغىنىش تىنماي تىپىرلاپ.
باھار شامىلىغا قىلدىم ئىلتىجا،
تىلەكلىرىمنى ئاستا پىچىرلاپ.

[align=justify] مۇشائىرە قائىدىسى : شېئىرنىڭ ئاخىرىقى مىسراسىنى كېيىنكى كۇبلىتنىڭ باشلىنىش مىىسراسى قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز، قايسى كۇبلىتنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى داۋاملاشتۇرساق بولىۋېرىدۇ،قېنى ئەمسە مەرھەمەت....
مەنبە :كاللام
|
 |
 |
 |
 |
|