[align=justify]شىنجاڭ گۇاڭخۇي كاماندىسى بىلەن گۇاڭدوڭ كاماندىسى بىلەن ئېلىپ بىرىلىدىغان 7 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 1- مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كاماندىسى غەلبە قىلدى، ئەگەر مۇشۇ بۇيىچە شىنجاڭ كاماندىسى يەنە ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان گۇاڭدوڭ كاماندىسىنى يەڭسە، شىنجاڭ گۇاڭدوڭ كاماندىسى بۇ پەسىللىك چېمپىيۇن بۇلىدۇ.
بىر مەيدان يېڭىلىپ قالسا ئۇدا 4مەيدان يەڭگىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.
تۈنۈگۈنكى مۇسابقىدە دۇلبى بىلەب ياش ماھىرىمىز شېرئەلىجاننىڭ رۇلى ناھايىتى ياخشى بولدى.
كۆرۈشنى خالايدىغانلار
http://www.nba98.com/cba/16761.html
مەنبە : ئۆزۈم
بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، 10-11-مۇسابىقە پەسلى CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ئەزا Dolby مۇسابىقىدىكى ئەڭ يوقىرى نەتىجىنى، يەنى 53 نومۇرلۇق نەتىجىنى يارىتىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 92 گە قارشى 100 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىغا ھەل چوڭ ياردەم قىلغان.
غەلىبە قىلىشتا Dolby دىن باشقا، يەنە بىر چوڭ تۆھپىكارنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئۇ بولسىمۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتى شىرئەلىجان بولىدۇ. ئۇ مەيدانغا چۈشكەن 33 مىنوت ۋاقىت ئىچىدە 9 نومۇر ئالغان، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، ئۈچ قېتىم ئاساسىي ھۇجۇم قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رولىنى جارىي قىلدۇرۇرغان.
تۆتىنچى باسقۇچ مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە بىر مىنۇت قالغاندا، نومۇر پەرقى 6 ئىدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى قارىماققا قايتىدىن ھۇجۇم باشلاپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكچىدەك قىلاتتى. ھالقىلىق پەيىتتە، Dolby گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شىرئەلى توپنى يان تەرەپتىن ئېلىپ مېڭىپ، يۆنىلىشىنى ئىككى قېتىم جىددىي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق گار ئاستىغا بېرىۋالدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئامالسىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىرئەلى جازا توپ ئېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ھەم ئىككىلا توپنى گارغا كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى 8 قىلدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئۈمىدلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوققا چىقتى.
مۇسابىقە ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەندە Dolby نۇرغۇن كۈچ قوشقان بولسىمۇ، لىكىن شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى شىرئەلىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئىپادىسىنى ھەر گىز ئۇنتالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەم ھۇجۇم قىلىپ، ھەم مۇداپىئە قىلىدىغان، نىمىلا قىلسا پۈتۈن كۈچى بىلەن بېرىلىپ قىلىدىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۆتكەنكى نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇسابىقىلەردە شىرئەلى شىنجاڭ كوماندىسىغا ناھايىتى چوڭ ياردەملەرنى بەردى، ئۇ بىر نەچچە قېتىملىق مۇسابقىلەردىن كىيىن ئاستا-ئاستا يېتىلىپ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچى بىلەن تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.
كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى، شىرئەلى بىر يان تەرەپتە توپ ئوينىغۇچى بولىشىغا قارىماي، نومۇر ئېلىش نىسبىتىنىڭ يوقىرىلىقى بولدى. ئۇنىڭ ئىككى نومۇرلۇق توپىنىڭ كىرىش نىسبىتى %47، ئۈچ نومۇرلۇق توپىنىڭ كىرىش نىسبىتى %38 ئىدى، ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەر بىر ھەرىكىتى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولۇپ، ئەزەلدىن قالايمىقان ھۇجۇم قىلمايتتى، بۇمۇ دەل باش تېرىنىرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان بىر تەرەپ.
نۆۋەتتە شىرئەلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوللىكتىپ مەشىق ئەتىرىتىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بەلكىم بۇ ياش يىگىتنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى دۆلەت كوماندىسى تېرىنىرى دېنى خۇادېنىڭ ئۇنى تاللىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مومكىن ئىدى.
سېلىشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، گۇاڭدوڭ كوماندىسىدىكى بىر نەچچە ياش كوماندا ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرالمىغان. 0-1 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا، گۇاڭدوڭ كوماندىسى يەنە ئىككى مەيدان مۇسابقىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا ئوينايدىغان ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن چوقۇم شىرئەلىدەك ياش، ھەم ماھارەت، ھەم جاسارەت بار ئەزالار كېرەك بولىدۇ.
مەنبە : نۇر تورى