|
|
|
|
قايغۇغا ئايلانغان كۈلكە يەكشەنبە كۈنى ئىدى ، بازار ئايلىنىۋاتاتتىم . 12- ئاينىڭ ئاچچىق سوغۇقى قۇلاقلارغا خۇددى ماگىنىتتەك چاپلىشاتتى . يول بويىدىكى چۈمۈلىدەك ئادەملەرنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن پەلتۇ _ چاپانلارغا يۆگىنىپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئالدىراش كېتىپ بارسا ، بەزىلىرى قۇلاقلىرىنى ئىككى قولى بىلەن ئېتىپ كوچىدىكى يايمىچىلارنىڭ ماللىرى ئالدىدا تۇرۇشاتتى . يەنە بەزىلىرى بولسا يول بويىدىكى تۆمۈر ۋادەكلەرنى تۇتۇپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئاستا مېڭىشاتتى . شۇ ئارىدا پۇزۇر كىيىنگەن بىر جۈپ قىز - يىگىت چوڭ يولدا قولتۇقلىشىپ بەھۇزۇر كېتىپ باراتتى . ئۇلار گويا كوچىدا ئۆزىدىن باشقا باشقا ھېچكىم يوقتەك بەزىدە بى - بىرىنى ئىتتىرىشىپ چاقچاق قىلىشاتتى . چۈشتىكى ئاپتاپنىڭ ئاجىز تەپتىدە ئازراقلا ئېرىگەن قار - مۇزلار كۈن تاغ كەينىگە يۇشۇرۇنغاندىن كىيىن يەنە باشقىدىن قېتىشىپ ، يول بەئەينى ئەينەكتەكلا تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنىدى .
پۇزۇر كىيىنىۋالغان بۇ قىز - يىگىتتىن ئون ، ئون بەش قەدەم ئالدىدا كېتىپ بارغان بىر موماي شۇنچە ئاۋايلاپ مېڭىۋاتقىنىغا قارىماي ئۇشتۇمتۇت تېيىلىپ كېتىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى . قىز بىلەن يىگىت ناھايتتى قىزىق ئۇيۇن كۆرگەندەك توختىماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى . بىچارە موماي ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ قوللىرى بىلەن يەرنى تىرەپ ئاستا ئورنىدىن تۇردىيۇ ، قەدەم ئېلىشىغا يەنە يىقىلىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى ، بېشىدىكى ئاق گۈللۈك ياغلىقىمۇ يېنىغىلا چۈشتى . قىز بىلەن يىگىت تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشتى ، كۈلگەندىمۇ بىر - بىرىگە ئېسىلىشىپ تېلىقىپ كۈلۈشتى . بۇلارنىڭ مومايغا ياردەم قىلىپ يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇش ئورنىغا قىزىق بىر ئۇيۇن كۆرىۋاتقاندەك كۈلۈشلىرىگە ئاچچىقىم كەلدى -دە ، ئىتتىكلا بېرىپ موماينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ياغلىقىنى ئېلىپ قېقىۋېتىپ بەردىم . موماي ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ياغلىقىنى بېشىغا ئارتقاندىن كىيىن ، تېخىچە توختىماي كۈلىشىۋاتقان قىز - يىگىتكە قاراپ قويۇپ بىر تار كوچىغا كىرىپ كەتتى .
قىز بىلەن يىگىت ھېچ كۈلكىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بىردەم بېسىقسا ، بىردەمدىلا بىر - بىرىنى ئۇرۇشۇپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى . شۇ ئەسنادا يىگىت تېيىلىپ كەتكەندەك قىلدىيى ئۇشتۇمتۇت ئىككىسى تەڭلا يىقىلدى . يىقىلغاندىمۇ ناھايتتى سەت يىقىلدى ، قىز يىگىتنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىسىغىلا چۈشكەنىدى . بۇنداق بولىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان قىز ئىزا تارتقىنىدىن ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ، مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى . ئۇنىڭ ئاپئاق قوللىرى مەينەتلىشىپ كەتكەنىدى ، ئۇ مەينەت قوللىرىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ قېقىۋېتىپ كۆكسىنى بىر جۈپ قولىنىڭ ئالقىنى بىلەن بېسىپ قويدى . ھېلىمۇ تەلىيى بار ئىكەن ، بىر يېرى زەخمىلەنمەپتۇ . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتنىڭ قولىدىن ئاستا تارتتى :
_ تۇرمامسىز ؟ ئۆلۈكتەكلا ياتىسىزغۇ ؟
_ ۋايجان ، ۋاي بېلىم ، بولالمىدىم.........
چىرايى بىر قىسمىلا بولۇپ ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن يىگىت ئاران - ئاران پىچىرلىدى . ئۇنىڭ پېشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەنىدى . << مېنى قورقۇتماقچى بولۇپ قەستەن قىلىۋاتىدۇ >> دەپ چۈشەنگەن قىز ئۇنى سىلكىشلەپ ، ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدە :
_ ئوھۇش ! تۇرسىڭىزا ، نېمە سەتلىشىپ ياتىدىغاندۇ بۇ ؟ _ دېدى - دە ، يەنە يۆلىمەكچى بولۇپ ئېڭىشتى .
لېكىن يىگىت مىدىر - سىدىر قىلالمىدى ، قىز چۆچۈپ كېتىپ يېقىن كېلىپ قالغان بىر تاكسىنى توستى . شوپۇرمۇ قىزغا ياردەملىشىپ يەردە ياتقان يىگىتنى يۆلىمەكچى بولۇۋىدى ، يىگىت يەنە ئېچىنىشلىق ئىڭراپ كەتتى . ئاڭغىچە يەنە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەردىن ئىككى - ئۈچى كېلىپ شوپۇرغا ياردەملەشتى ھەم يىگىتنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرىغا قاراپ تۇرماي ئاۋايلاپ تاكسىغا سېلىشتى . يىگىت شۇ ھامان ھۇشىدىن كەتتى ....
_ قارىغاندا بىرەر يېرى سۇنغان ئوخشايدۇ جۇمۇ ! _ دېدى ئۇلاردىن بىرى .
_ شۇنداقتەك تۇرىدۇ . قول - پۇت سۇنسىمىغۇ ساقىيىدۇ ، مىدىر - سىدىر قىلالمايۋاتقىنىغا قارىغاندا بېلى ياكى ئۇمۇرتقىسى سۇنغان ئوخشايدۇ .
بۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تاكسىنىڭ كەينىدىن قاراپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم .
___________ شەرمى^^ناز__________
|
|
|
|
|
|