مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2990|ئىنكاس: 15

كۆڭۈل ، ئۈمىد ، ئىشەنچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31768
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-2-25
ئاخىرقى: 2011-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 05:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇھەببەتلىك نىكاھنىڭ ئاساسى كۆڭۈل ، كۆڭۈل بولغاندىلا نىكاھلىق تۇرمۇشقا ئۈمۈد تۇغۇلدۇ ، ئۈمۈد مۇھەببەتلىك قەلىبلەردە ئىشەنچ پەيدا قىلدۇ. ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببەتتىن كۆڭۈل رەنجىگەندە ئۆز خۇشلۇقىنى ئىزدەش كېرەكمۇ ياكى ئەسىلدىكى ئۈمۈد ، ئىشەنچكە ئەقىدە قىلىش كېرەكمۇ؟
                                       <تەكرار كۆڭۈلسىزلىك بىزنى ئايرىدى>
  - ئېرىم بىلەن ئارلىشۋاتقان مەزگىلدىلا ھەپتىدە بىر ئايرىلىپ يارشۋالاتتۇق. تويدىن كېينمۇ يوقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن جىدەللىشىپ تۇردۇق. 2008-يىلى ماي، بىر قېتىملىق ئەر - ئاياللار ھەمىمىز ھاراق ئىچشتۇق . بىر چاغدا ېرىمگە قايتايلى دىسەم ئۇنمىدى ۋە يېقىن دوستىنى مېنى ئۆيگە ئاپرىپ قۇيۇشقا بۇيرىدى. ئككىمىز ئۆيگە كىلىپ ھاراقنىڭ كەيپىدە بولمىغۇر ئىش قىلىپ قويدۇق. ئېسىمگە كېلىپ پۇشايمان قىلدىم. بۇ ئشنى ئېرىمگە خەت ئارقىلىق ئېيتىپ،ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا كەتتىم . ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە ئېرىم مېنى يۇرتقا ئىزدەپ باردى ۋە:<ھېلقى تۇز كور دوستلار ئارسىدىن مەڭگۈ يوقالدى، ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالايلى> دېدى.راست گەپنى قىلسام ،ئۇنىڭدىن ئايرۇلغۇم يوق ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن يارشىپ قالدۇق،ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن مەست بۇلۇپ قالسىلا بۇ ئشىنى يۈزۈمگە سالىدىغان بولۋالدى. ئاخىر ئاجىرششىنى تەلەپ قىلىپ چىقىپ كەتتىم . ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتمەي ئېرىم : <بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالمايمەن> دەپ تىلخەت يېزىپ ، ئاتا- ئانامنىڭ يېنىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.ئاتا- ئانام ئارىمىزدىكى جېدەلنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگەچكە ماڭا نەسىھەت قىلدى.ئۈچ يىللىق توي خاتىرە كۈنىمىزدە بىر ساۋاقدىشىم :<مەڭگۈ ئىناق ئىجىل بەخىتلىك بۇلۇڭلار> دەپ مەن بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇردى،لېكىن ئېرىم :<خوتۇنۇمغا كۆز قىستىڭ >دەپ،ئۇنى ئۇرۇپ كەتتى،سورۇن كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى...بارا -بارا باشقىلار ماڭا قاراپ قويسىمۇ ،ئۆيدە جېدەل چىقىدىغان بولدى.< ئاجىرشىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئەمما ئېرىم قوشۇلمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ئىشەنچىم قالمىدى. بەزى ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇلدىكەن،بەزى ئىشلار ئۇنداق بومايدىكەن.
                                  <   ئۈمۈد  مېنى بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى  >  
           ئاجىرشىپ 5 يىلغىچە ئەرلەر بىلەن ئارلىششقا جۈرئەت قىللمىدىم . 2010-يىلى ئۆكتەبىردە ، تۇغقانلار مەندىن ئككى ياش كىچىك بىر تۇغۇقىنىمىزنى تۇنۇشتۇردى . بىز خېلى چىقىشىپ قالدۇق، ھەقىقەتەن ئۆي تۇتۇشقا لايىق ئەر كەن دەپ ئويلىدىم ، بىراق ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكەندە يانفۇنىنى ئېتىپ قۇيدىغانلىقىنى سېزىپ قالدىم .قىزىقىش گۇمانغا ئايلاندى ، بىر قېتىم ئۇنۇڭ يانفۇنىدا ھېسسياتلىق سۆز ئىبارىلەرنى كۆردۈم. ئۇچۇرلار بىرلا نۇمۇردىن ئەۋەتلىگەنىدى.ھېلقى نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇردۇم . دەرۋەقە ، تېلفۇننى بىر ئايال ئالدى ۋە < ئىككىمىز ئارلىشۋاتىمىز> دېدى. مەن ئاچىقلاندىم ، ئۇنۇڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم.شۇنىڭ بىلەن ھېلقى ئايالنى ئىزدەپ:<ئىككىلىمىز ئسسىق سۇغۇقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئايالكەنمىز ، شۇڭا بىر - بىرمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېردىغان ئشنى قىلمايلى ، ئۇ ئككىمىزدىن بىرنى تاللىۋاسۇن، يەنە بىرىمىز ئۆزىمىزنى سورايلى> دېدىم. ئۇ مېنى تالىمىدى، ئەمما ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەي ماڭا تىلفۇن بېرىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. مەن رەت قىلدىم.ئۇ ھېلقى ئايال بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى توغۇرلۇق قەسەم ئىچتى.تۇغقانلار :<ئۇزاق بويتاق يۈگەچكە ئۆزنى دەڭسىيەلمىگەن گەپ ،ئۇ سىزگە لايىق كېلىدۇ.ھېلقى ئايال سىزگە يەتمەيدىكەن> دەپ نەسھەت قىلىدى. ئۆزۈممۇ باشقىلارنىڭ:<ئاجراشقان خوتۇننىڭ ھالى نىمانداق چوڭ> دىيىشىدىن ئەنسىرەپ توي قىلشنى قارار قىلدىم.<قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ>دېگەندەك، 8-مارت دوستلار يىغىلىشىمىزدا ئۇ چىرايلىق بىر دوستىمىزغا تېلفۇن نۇمۇرنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتتى.دوستۇم ئۇ ئۇچۇرنى ماڭا كۆرسەتكەندە ئىزادىن ئۆلدۈم. ئۆز - ئۆزۈمگە؛ <سەن كىم ئۈچۈن ياشايسەن،خۇشلۇقۇڭ پەقەت ئەردىن كېلەمتى؟> دەپ سۇئال قۇيىمەن،بىراق جاۋابىنى تاپالمايمەن.....

                                        < ھېسياتقا ئىشىنىش بەخىتنڭ ئاچقۇچى>
    - يىگىتىم ئككىمىز 2004-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىزدىدۇق، بىراق يېرىم يىلغىچە مۇقىم خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن ، ئاتا - ئانىسى ئۇنى يۇرتقا ياندۇرۇپ كېتىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. ئىلگىرى ئۇنۇڭغا تاينىپ كۈنۈپ قاپتىكەنمەن.ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنى تۇلىمۇ يالغۇز، يۆلەنچۈكسىز ھېس قىلدىم . ئاتا -ئانام يۇرتقا قايتىشىمنى ئېيتقان بولسىمۇ،نەتىجە قازىنىش ئىرادەم ئاجىزلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىشىمغا يول قويمىدى. ئككمىز تېلفۇندا بىر يىلدەك ئالاقىلەشكەندىن كېيىن ، ئۇ بىر كۈنى ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتتى . باشتا ئۇنى باشقا بىرىنى تېپۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،كېيىن دوستلرىمدىن ئۇنىڭ مېنى <ئازاد> قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم. شۇنۇڭدىن كېيىن بىر نەچچە يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم، بىرسىنىڭ بوي -بەستى كۆڭلۈمگە ياقمىدى،بىرسى ئۇنۇڭدەك خۇشخۇي بولماي چىقتى. 2007-يىلى سېنتەبىردە ئاتامنڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ، ئۇنڭغا تىلفۇن بەردىم.دوختۇرخانىغا بارغاندا ئۇنى ئاتامنىڭ كارۋىتى يېنىدا كۆردۈم. ئۇ بۇرۇنقىدىن سەمرىپ قالغان بۇلۇپ ، ئالىي مەكتەپتە سوۋغا قىلغان كۈمۈش ئۈزۈك بارمىقىنى قىسىپ قويغانىدى. شۇ ئشتىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىمدا تۇلىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. ھازىر ئوغلىمىز ئۈچ ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئېرىمنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرمنىڭ ياردىمىدە شىركەت قۇردۇم. دوستلېرىمىز چاقچاققا يۆلەپ:< بولۇمسىز خوتۇن ، شۇنچە چۆرگۈلەپ يەنە كونىسىنى تېپۋالدىڭزمۇ> دەيدۇ . پەرۋايىم پەلەك ، بەخىتلىك بولسام بولدى. ئۆزۈمگە ، ئېرەمگە ، ئائىلەمگە ئىشەنچىم كامىل .
                                        مۇھەببەتنىڭ دەرىجىسى، بەخىتنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ
     28،30،31،  ياشلىق ئۈچ ئايالنىڭ ھېكايسىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئىنسان بولمايدۇ.خاتالىقنى تۇنۇش ، تۈزىتىش ، ئۆزىگە ماس <لايىق>نى تاللاش ئەڭ مۇھىم . ئاياق ھەر قانچە چىرايلىق
بولغىنى بىلەن پۇتنى قىستىسا بىكار، باشقىلار < چىرايلىقكەن>دەپ ماختىسا ، پۇتى ئاغرىۋاتقان ئادەمگە شۇ ئاياغ چىرايلىق كۆرۈنەرمۇ؟.....
   تۈزەتكىلى بولدىغان ناچار ئادەت ، چۈشەندۈرگىلى بولدىغان ئوقۇشماسلىق، كەچۈرگىلى بۇلدىغان خاتالىق سەۋەپلىك ئايرىلغان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ھايات مۇساپىسنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ ، مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشنى تەۋسىيا قىلمەن.

       مەنبە :  نىكاھ ۋە قانۇن    <  قانۇنچىلىق گېزىتى>

مۇھەبەتنى قەدرلەڭ

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2605
تۆھپە نۇمۇرى: 116
توردا: 6111 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 05:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ دېگەندەك ئىش بوپتۇدە .  [s:136]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7041
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 1981 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 05:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،ھارمىغايسىز دوستۇم

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16013
تۆھپە نۇمۇرى: 2383
توردا: 5390 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 05:34:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىشانىگە پۇتۇلگەنگە ئامال يوق!شۇكرى دەيلى!

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

'Güzel gören, güzel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21504
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6226
تۆھپە نۇمۇرى: 596
توردا: 4763 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 06:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك، ئىشەنچ ھەممىنىڭ ئاچقۇچى!

مەندىن كۆپ يىراقتا سەن

ئىزىز جان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25604
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3756
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 06:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۆڭۇل ھەر جايغا باشلايدۇ، ئاخىردا ئاپىرپ يۇقارقىدەك ئازاپقا تاشلايدۇ،

ئەركىنلىك،جەڭچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35968
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 847
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 07:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4850
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4428 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 08:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھەققىدە بەك ياخشى تېما يوللاپسىز . ھەقىقەتەنمۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىدە تولىمۇ كەڭ قورساق  بولۇش، سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم . ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى .ھەممىمىز ئۆز ئائىلە مۇناسىۋىتىمىزنى توغرا ھەل قىلالىساق ، ئىناق جەمىيىئەت بەرپا قىلالايمىز . " ئائىلەڭ ئىناق بولسا ئىشلىرىڭ روناق تاپار  " دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ .

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10563
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 3002 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 09:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈلدە ئىشەنچ بولسا ئۈمىدلىك ياشىغىلى بولىدۇ ..

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 09:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشىگە ئېرى بىلەن تەڭ سورۇندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكە كىم بۇيرۇپتۇ . ياخشى ئايال ئىرىنى ھاراق ئىچىشتىن توسىدۇ .  [s:128]

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش