Windowsسېستىما يوچۇقى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە
كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ھەرخىل سېستىمىلار بارلىققا كەلدى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سېستىمىسى كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ سېستىمىلارنىڭ بىرى. مىكروسوفت ئىزچىل ھالدا كەڭ ئابونتلارنى تۇراقلىق،ئىشلىتىلىشى ئەپلىك بولغان سېستىما ئىشلىتىشى ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ،ئەڭ بالدۇرقى dos 1.0دىن ھازىرقى Windows7گىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى.dosنى تاشلاپ Windows قا قەدەم قويغاندا ئۇنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدەك مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى،دائىم كۆك ئېكران ،قېتىپ قېلىش ،تورغا چاتسا ماتىرىيال يوقاپ كېتىش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى.بۇنىڭ سەۋەبى - مەشغۇلاتنىڭ توغرا بولماسلىقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي يەنە سېستىما يۇچۇقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنداقتا يۇچۇق دېگەن نېمە ؟
يۇچۇق مەلۇم بىر پروگرامما لايىھىلىنىش مۇكەممەل بولماي قېلىپ،پروگرامما قاراشتا مۇۋاپىق ئەمەلىيەتتە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خاتالىق.بۇ يەنە بىخەتەرلىك يېتەرسىزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،ئەگەر يۇچۇق يامان نىيەتلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلسا ئۇچۇرنىڭ ئوغرىلىنىشى ،سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يۈتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نىمە ئۈچۈن يۇچۇق بار بولىدۇ ؟
يۇچۇقنىڭ بۇنچىلىك تەسىرى بولىدىغىنى بىلىپ تۇرۇپ يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچى نىمە ئۈچۈن پروگرامما سىنىغاندا بايقىمايدۇ؟ يۇچۇق پەيدا بۇلۇشنىڭ ئاساسلىق تۆۋەندىكىدەك ئۈچ سەۋەبى بار :
1.پروگراممىرنىڭ بىخەستىلىكى ياكى قەستەن قىلىشى.
2.پروگراممىرنىڭ سەۋىيىسى ،تەجرىبىسى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلى ،پروگراممىدا يىتەرسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى .
3.قاتتىق دېتالنىڭ سەۋەبى ،پروگراممىر قاتتىق دېتالغا ياماق ئۇرالماسلىق سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان يۇچۇق.
ئۇنىڭ پروگراممىسى بىر ئىككى ئادەمنىڭ يېزىشى بىلەنلا پۈتمەيدۇ ،ئالدى بىلەن بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ ،ئايرىم يېزىپ ئاندىن جەملەيدۇ ،سىناق ئېلىپ بارىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا رەتلەپ ، تۈزىتىپ تارقىتىدۇ. يۇچۇقلار ئاساسەن بۆلەككە بۆلۈپ يازغاندا كېلىپ چىقىدۇ ،چۈنكى ھېچقانداق بىر پروگراممىرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى باشقا بىرى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. سىناش،يۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىدا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن پروگراممىر بىرقىسىم چىقىش ئېغىزى قويۇپ قويىدۇ ،سىناق ئوڭۇشلۇق بولسا ئاندىن تۈزىتىپ قويىدۇ .ئۇنتۇلۇپ قالسىلا يۇچۇق پەيدا بولۇپ بىزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .
يۇچۇقنىڭ زىيىنى ....
خەلقئارا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەشكىلاتى2005يىلى تاپشۇرۇپ ئالغان يۇچۇق جەمئىي5990گە يەتكەن ،1995يىلدىن بۇيان جەمئي22716بولغان.ئەڭ چوڭ ئۈستەل يۈزى سىستىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىكروسوفتمۇ 2006-يىلى تارقاتقان يۇچۇق دوكلاتى 72گە يەتكەن.1988-يىلى ئامىرىكىلىق ئوقۇغۇچى «مەددە قۇرت» ۋىروسىنى يېزىپ نەچچە مىڭلىغان كومپيۇتىرنىڭ توختاپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.كىيىنكى قىزىل رەڭلەك كود،نىمۇدا ۋىروسى قاتارلىقلار ئەۋجىگە چىققاندا نەچچە ئون مىليون دوللار زىيان بولغان .
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى مىكروسوفت مۇلازىمىتىر ۋە قوللىنىشچان سېستىما بۈلىكىنىڭ مەلۇم يۇچۇقىغا ھۇجۇم قىلىشتىن كىلىپ چىققان.مەسىلەن«قىزىل رەڭلىك كود»ىIIS مۇلازىمىتىر يۇمشاق دىتالىدىكى يىراقتىن كونترول قىلىش بوففېر رايونىidl.dll远程缓存区溢出 ئارقىلىق تارقالغان.Sqlمەددە قۇرت ۋىروسى بولسا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى MSSQL2000 يىراقتىن كونترول قىلىش مۇلازىمىتى لاپاس رايونىدىكى يوچۇقتىن پايدىلانغان.
ياماق دىگەن نىمە ؟قانداق ياماق سالىمىز؟
ئاددەتتىكى ئابونتقا نىسبەتەن،ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل سېستىما يۇچۇقىنى يەملەش،ئاجىز رايونغا ياماق سېلىش.ياماق سىستىمىنىڭ خاتالىقى ياكى يىڭى ئىقتىدار قوشۇلغاندا سىستىمىنى تۈزىتىدىغان كىچىك پروگرامما،ئۇنى ئايرىم ھالدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
Windows سىستىمى يۇچۇقى بىرقىسىملىرى لايىھىلىنىش خاتالىقى بولسا بەزىلىرى بىزنىڭ تەڭشەشنى ياخشى ئىلىپ بارمىغانلىقىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ .بۇ ئىككى خىل خاتالىققا ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز:
1.سىستىما لايىھىلىنىش خاتالىقى بولسا،مىكروسوفت ۋاقتىدا ياماق پروگراممىسنى تارقىتىدۇ،بىز پەقەت چۈشۈرۈپ قاچىلىساقلا بولدۇ.www.microsoft.com
2.تەڭشەش خاتا بولۇپ قالسا،ۋاقتىدا تۈزىتىپ،سىستىمىنى بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەك.
ئاپتۇماتىك يىڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش
ئەگەر سىستىماUpdate (ئاپتۇماتىك يىڭىلاش ئىقتىدارى)تەمىنلىگەن بولسا ،ياماق سېلىش ئاسانلىشىدۇ،«باشلاش»تىن Updateنى تىپىپ قوزغاتساقلا ئاپتۇماتىك ھالدا تېپىپ بېرىدۇ .ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تور سۈرئىتى ياخشى ،راۋان بولۇش كېرەك.يېرىمدا توختاپ قالسا بىرقىسىم بىخەتەرلىك ياماقلىرى قوزغالماي قالىدۇ،شۇڭا كۆپىنچىىسنى ئۆزىمىز مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن چۈشۈرۈپ قوزغاتساق ئىشەنچلىك بولىدۇ.
مەنبە :ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن ماتىرياللىرى ئاساسىدا يېزىلدى.