ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى!
مۇنازىرە مۇنبىرىمىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار،نۇرغۇن يازغۇچى تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىرلىرى ئاستىدا بىز ئويلىمىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەلدى. ئەلۋەتتە ئۇزۇندىن بۇيان سىلەرگە قۇرۇق رەھمەتتىن باشقىنى ئېيتالمىدۇق! تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان 4 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ،مىسرانىمنى قوللاپ ،مىسرانىم ئۈچۈن ھاردىم -تالدىم دېمەي مەزمۇن قوشۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەر ئەزالىرى ،تور يازغۇچى دوستلىرىمىزنى قوللاش ،ئۇلارغا مىسرانىم نامىدىن ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى ،ماددىي بويۇم مۇكاپاتى تەسىس قىلدۇق، تورداش دوستلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز،شۇنداقلا مۇنبەردىكى نوپوسلۇق ئەدەبىياتچى،يازغۇچى تورداشلارنىڭ بىز بىلەن پائال ماسلىشىپ،ئەسەر باھالاش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
_______________________
بۇ قېتىم مۇنبىرىمىز ،ئېرپان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەم قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا يېڭى بىر قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
ئەسەر تاللاش شەرتلىرى:
بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ،ئارتۇقى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە يوللانماسلىقى كېرەك
1-مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم ،مىسرانىم مۇنبىرى،مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى سەھىپىسى(يېڭىدىن ئېچىلغان)غا ،يوللىنىشى كېرەك.
2-قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەر ئەدەبىيات تۈرىنىڭ ھەرقانداق تۈرى بولسا بولىدۇ،رەسىم لاھىلەش،ياكى كومپىيۇتىردا مەلۇم يۇمشاق دېتاللارنى ئىجاد قىلسىمۇ بولىدۇ
3- قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىملاسى توغرا ،مەزمۇن ياخشى تاللانغان بولىشى كېرەك،
4- ئىجادىي تىما بولىشى كېرەك،باشقا يەردىن كۆچۈرگەنلىكى بايقىلىپ قالسا مۇۋاپىق چارە كۆرۈلىدۇ.
5- ئىجادىي تىمىدىن سىرىت ،تەرجىمە ماقالە، ئىلمىي ماقالە ئەسەرلەرمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.،
6- ئەسەر چوقۇم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن يوللىنىشى كېرەك.
7- ئەسەر يىغىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە.
8-نەتىجە 6- ئاينىڭ 8- كۈنى چىقىدۇ،6-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن،بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتى تارقىتىلىپ بولىدۇ.ھېچقانداق كىرا،ياكى باشقا ھەقلەر ئېلىنمايدۇ.
9-ئەسەر يازغۇچى چوقۇم ئەسىرىنىڭ ئاستىغا <مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە> سۆزىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.
10-ئەسەر چوقۇم يېڭى،باشقا ھەرقانداق جايغا يوللانمىغان بولىشى كېرەك.(بۇرۇن يازغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ)
11- داۋامى بار،مەزمۇنى پۈچەك بولغان ھەرقانداق تىمىنىڭ بۇ ئورۇنغا يوللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
تورداش دوستلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،شۇنداقلا ھەجىمى چوڭ ئەسەرلەرىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە 45 كۈن ۋاقىت بېرىلدى.
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى:
مەزكۇر لۇغەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولۇپ، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەت لۇغىتى (شىنخۇا لۇغىتى)، تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى سۆزلۈكلىرى ۋە مىللىيلاردىن ئېلىنىدىغان خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ لۇغەتكە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئوخشىمىغان مۇھىتلاردا قوللىنىلىدىغان 600 ئارتۇق جۈملىنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە تەلەپپۇزى ۋە ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما تەرجىمىسى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇندىن باشقا مەزكۇر لۇغەتتە ھەر ساھە كەسپىي ئاتالغۇلار لۇغىتى تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىز شىركىتىمىزنىڭ تور بېتىدىن ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مائارىپ، قاتناش، قانۇن، باج، پۇل-مۇئامىلە، مېدىتسىنا، كومپيۇتېر، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھەربىي ئاتالغۇلار، سۇ ئىشلىرى ... قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي لۇغەتلەرنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
بۇ لۇغەتنىڭ يەنە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يېقىملىق ناخشىلارنى ئۇلاش سىمى ئارقىلىق لۇغىتىڭىزگە قاچىلاپ، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئاڭلىيالايسىز.
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر
مۇكاپات بويومى
2مىليون پىكسىنلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا
ئوغىردىن مۇداپئەلىنىش ئقدىدارى سەپلەنگەن
JAVA, FM ،كۆك چىش، قول چىراغ
توردىن ھەرخىل JAVA پىروگىراممىلىرنى ۋە ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ ئشلتەلەيسىز،
1050 مىللى ئامپىرلىق 2تال باتارىيە، 1تال توكلۇغۇچ،1تال تڭشىغۇچ، 1ئۇچۇر سىمى سەپلەنگەن،
چاستۇتىسى: GSM900M/DCS1800M CDMA 800M
شەكلى:تۈز شەكىل
ساقلاش: TFكارتا قوللايدۇ
قول چىراق:قوللايدۇ
تىترەش ھالەت:قوللايدۇ
سانلىق مەلۇمات ئۇلاش: USB2.0, 2.0, WAP ,
JAVA : MSN, Face bookقاتارلىقلار
كۆك چىش:2.0نى قوللايدۇ
4.ئۈن ئالغۇ
MSN,QQ: قوللايدۇ
يانفۇن تورى:قوش يانفۇن تورى
توك مەنبە باشقۇرۇش:يۈرۈشلۈك 1050mAhلىق اتارىيە( BL-5c)، توكلىغۇچ
يانفۇن رەڭگى:قارا،بىنەپشە(سۆسۈن)رەڭ
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
بۇ مەھسۇلات ئۆزگىچە نۇسخىسى ۋە مۇكەممەلىكى بىلەن كەڭ خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكە بۇلۇپ
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى
قوش كارتا ،قوش سېگىنال ، كۆك چىش ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى
ساپ ئۇيغۇچە ۋە قازاقچە سېستىمىلى
2.2 دىيوملۇق سۈزۈك ئېكران
يۇقۇرى ئېىنىقلىقتىكى كامېرا
كەلگەن تېلفوننىڭ يەر نامىنى كۆرستىش ئىقتىدارىغا ئىگە
ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى بىمالال زىيارەت قىلالايسىز
ھەر خىل يانفون ئۇيۇنلىرى سەپلەنگەن
ھەر خىل سۈرەتلىك ۋە سۈرەتسىز ناخشىلارنى قويالايدۇ
نوكىيا يۇقۇرى بېسىملىق باتارىيەسى سەپلەنگەن
بۇ مۇكاپاتلارنى تەمىنلىگەن قۇتلان شىركىتى ھەم ئېرپان ئېلىكتىرون شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ئېرپان ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتى
قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى