مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1347|ئىنكاس: 11

مېيىپلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36595
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 05:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەن نۇرغۇنلىغان مېيىپلارنى كۆردىم، مەنلا ئەمەس نۇرغۇنلىرىمىز كۆرىۋاتىمىز ئەلۋەتتە.
    كەچلىك تاماقنى مۇستاپا تىز تاماقخانىسىغا كىرىپ يەپ چىققاندىن كېيىن، تاماق سىڭدۈرگەچ ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى دوستۇم بىلەن ئاقسۇنىڭ خەلق مەيدانىغا كەلدۇق.  ئۇيان- بۇيانلارنى ئايلىنىپ ئولتۇرغىدەك ئورۇن ئىزدىگەچ مېڭىپ يۈرەتتۇق، تۇيۇقسىز 8- 9ياشلاردىكى بىر كىچىككنە قىز دىققىتىمىزنى تارتتى. بۇ قىز قولتۇق ھاسسىغا تايىنىپ يەنە ئىككى ئوماققىنە قىزچاق بىلەن رېزىنكە تاقلاپ ئويناۋاتاتتى، سەكرەشلرى شۇنچە چەبدەس، چېھرىدە تاتلىق كۈلكە. بالىلىقىدىن بەھۇزۇر بەھرىمان بولىۋاتاتتى. تەرلەپ قىزرىپ كەتكەن چېھرىدە تەبەسسۇم پارلايتتى...ئىسىت مېيىپكەندە دېدىم-يۇ، قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ياق ،ئۇ مېيىپ ئەمەسكەن! دېگەن نىدا ياڭرىدى.
    بالامنى ماشىنا سوقىۋەتتى!..يىغلاپ تۇرۇپ دېيلىگەن بۇ گەپتىن نېرۋىلىرىم دەرھال جىدىدىيلەشتى. شۇئان نەزىرىمنى بالا ياتقان كېسەل كارۋىتىغا ئاغدۇردۇم،8-9-ياشلاردىكى قاراقاش، ئوماققىنە بالىنىڭ ئىككى پۇتى تىزنىڭ ئاستىدىنلا بېسىۋىتىلگەن بولۇپ قان ئارلاش ئاپئاق سۆڭەكلەر كۆرۈنىپ تۇراتتى. دوختۇرلار ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە بالىنىڭ پۇتىنى تېڭىۋاتاتتى. بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن بالىنىڭ پۇتىنى كېسىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايتى ئەپسۇسلاندىم،ئىسىت مېيىپ بوپ قاپتۇ-دە....
    ئارىدىن بىرەرئاي ئۆتكەندە، بۇبالىنى ئاتا-ئانسى مېيىپلار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى. بالىنىڭ چىرايىدا بۇرۇنقىدەك خۇشاللىق ئەكىس ئەتمىسىمۇ بىراق دوستلرىنى ،ساۋاقداشلىرىنى ،ئۇستازلىرنى كۆرۈپ ئوماققىنە چېھرىدە قىشتا تۇيۇقسىز پارلىغان ئاپتاپتەك ئىللىق كۈلكە پارلىدى. ھازىر بۇبالىنىڭ  دەرىسخانىدا ئولتۇرۇپ  قېترقىنىپ دەرىس ئاڭلاۋاتقانلىقنى، تەكرار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ،ياق! ئۇ مېيىپ ئەمەس دېگۈم كېلىدۇ.

    بۇ ئانا مېيىپ ئىدى. بىرپۇتى يوق ئىدى. ئوماققىنە بالىلىرىنى ئېلىپ مەكتەپكە كېلەتتى. دەرستىن چۈشكەندە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇشال قايتىپ كېتەتتى. ئەزەلدىن مېيىپلىقىدىن قاقشاپ باقمىغان ئىدى. بەرھەق. ئۇنىڭ جىسمى مېيىپ ئىدى، يۇقارقىلارنىڭ ھەممسىنىڭ پەقەت جىسمىلا مېيىپ ئىدى. روھى ساغلام ساپمۇ-ساق ئىدى.

    ئاداش ئىشلىسەڭلار بولمامدۇ؟! ساق بولغاندىن كېيىن:-دەپتىمەن ئېغىزىمنى لاۋزا قىلىپ قول سۇنىۋاتقان تىلەمچىگە پۇل بەرگەچ.
    _نېمە كارىڭلار؟!:-دېدى خېلى تەمبەل كەلگەن بۇ كىشى خاپا بولۇپ.
    _ماڭە، بۇنداق نېمىلەرگە پۇل بەرگۈچە:_دېدى دوستۇم مېنى تارتىپلا ماڭغاچ . ساپمۇ ساق گۇيكەنغۇ بۇ!
    ئاكا پۇل بېرىڭە، پۇل بېرىڭە! بىر ئوماققىنە بالا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئۇستازى ئاتا-ئانىسى ئېدى. ئۇنىلا ئەمەس يەنە  نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلارمۇ شۇنىڭدەك ئاتا-ئانسىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ ئاتا-ئانسىنىڭ <<ئېسىل ئەنئەنە>>سىگە ۋارىسلىق قىلۋاتاتتى. ئۇلار ساپساق بالىلار ئىدى. ھازىر مېيىپ قىلىنىۋاتاتتى. ھەئە! ئۇلارنى ئاتا-ئانىلىرى مېيىپ قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنى ئۈن-تىنسىز روھى قۇللۇق، مېيىپلىق يولىغا باشلاۋاتاتتى!!!

مەنبە: كۆرگەنلىرىمدىن خىياللار.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
تاڭنۇر + 1000 بۇ بەشىنجىسى ، تۈگدى زەپەر ئەپەندى سىزنى
ياخشىلىق + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1100   باھا خاتىرىسى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 06:11:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، ئۈلۈشكۈن بولغان بىر ئىش بىلەن مەھەللىدىكى بىر ئادەمنى سىلىشتۇرما قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ:
مەھەللىمىزدە بىر ئادەم بار، ئۆزى موزدوز، بىر پۇتى يوق، ئەمما ۋەلىسپىت مىنىپ ئىشقا بارىدۇ، داۋاملىق كەچ تەرەپتە سەككىز ياشلىق قىزىنى ئىشىك تۈۋىدە ئوينىتىۋاتقان ھالدا كۆرىمەن، قىزى بىلەن ئوينىسىلا قولتۇق تايىقىنى تاشلىۋىتىدۇ، ئاندىن قايسىمىز بەك سەكرەيمىز؟ بىر، ئىككى، ئۈچ....دەپ قىزى بىلەن بەسلىشىپ كىتىدۇ، ئاشۇ تۇرقى بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى بۇزۇلغان يوللارنى ياسايدۇ، شۇنداق ھۆرمەت قىلىمەن.
ئۈلۈشكۈنكى گەپكە كەلسەك: 30 لاردا بار، ئورۇق ئەمما بىجىرىم بىر ئادەم دۇكىنىمغا قول سوزۇپ كىردى، دۇكان يېڭى بولغاچ بىزەۋاتقان، ماتىرىياللارنى رەتلەۋاتاتتىم، ئۇنىڭغىچە ئانام چىقىپ قىلىپ: ئۇكام، ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟ شۇنداق بىجىرىمكەنسىز، خۇدايىمغا شۈكرى دېمەمسىز دېسە، نېمە دېمەيدۇ دىمەمسىلەر؟
-مانىغۇ ئىشلەۋاتىمە؟ پۇل تىپىۋاتقاندىمە ھىلىمۇ؟! دەپ راسا بىرنى ھۆرپىيىپ كېتىپ قالدى، بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كىلىدۇ پەلسەپىسىگە، بىر تۇرۇپ ئاشۇ....................

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

نىيىتىڭ دۇرۇس بولسۇن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4923
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16155
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 2829 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 06:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست  دەيسىز  ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرگە يۈزەكى كۆزىمىز بىلەن ئەمەس بەلكى كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن قارىساقلا ئۇلارنىڭ مىيىپ ياكى مىيىپ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز  ئەلۋەتتە!ئەخلاقى يوقالغان قەۋىمنىڭ ھالىغا ۋاي!

چەكسىز ئۈمۈد ئىچىدىمەن چۈنكى رەببىم ماڭا مەدەتكار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 06:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ساغلام كىشىلەرگە سەدىقە بىرىشمۇ بىر گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 06:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (al.ansar) نىڭ يازمىسىغا

ئۇنداقلارنىڭ سىرتقى بەدىنى ساق بولغان بىلەن روھىي دۇنياسى ، ئىدىيەسى مېيىپ .
مەنمۇ ئادەتتە ئۇنداقلارغا ئۇچراپ قالسام بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن ، لېكىن شۇ مېيىپ ھالىتى بىلەن قول ھارۋىسىغا كۈندىلىك تۇرمۇشلۇق لازىمەتلىكلىرى سېلىپ ساتىدىغان ، ياكى يايما ئېچىپ ئولتۇرغانلاردىن بولسا ئۆزۈمگە ئارتۇقچە بولسىمۇ ئازراق نەرسە كېرەك سېتىۋالىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8424 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 06:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر گەرچە ھەممە جىسمانى يېرى ساق بولسىمۇ، ئۇلارنى بىر كېسەل ئازابلىماقتا. ئۇلار روھى جەھەتتىن مېيىپ بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشنى ئويلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بۇنداق يالغان مېيىپ بۇلۋېلىشلىرى، روھى جەھەتتىن مېيىپ بۇلۋېلىشلىرى پەقەت ئۆزىنى ئالدىغانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىمامدۇ؟

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

دۇنيادا ھەممە نە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 07:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر»ھەدىس،
مىڭچە بۇنداقلارنىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ سولىۋەتسەك ياكى ئېتىۋەتسەك يوق بۇلىدۇ. نىمشقا دەمسىز، يەر ئىسلاھاتىدا پومىچىكلارنى ئاتقاندا بايلارنىڭ ھەممىسى كەمبەخەل بولىۋالغان ئەمەسمۇ؟! ئەندى باي قىلىمەن دەپ بىر قىسىملار چىقىۋىدى، ئەنىڭغا ئەگىشىپلار تىلەمچىلەرمۇ كۆپەيدى. بۇلارنىڭ تولىسى ئۆزى مېيىپ ئەمەس، ئەقلى مېيىپ بولغانلاردۇر. ئۇنداقلار ھېچقايسى زامانغا كىرەك ئەمەس.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 08:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ،مەنمۇ ئۈرۈمچىدە قاتارلىشىپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلغان تىلەمچىلەرنى كۆرسەم يۈرۈكۈم ئىچىشىپ كىتىدۇ ،ئۆزىلا بولسىغۇ مەيلى لىكىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىمۇ سوغاقنىڭ ۋە ئىسسقنىڭ چاڭگىلغا تاشلاپ ئۇلارنىمۇ مەڭگۈلۈك مىيىپ ۋە باش كۆتۈرەلمەس بىر مىيىپلار مىللىتىگە باشلاپ كىرۋاتىدۇ .........

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ساڭا قاراپ كۈلگە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37116
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3315
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 02:07:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىلەر .ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئەقلى مىيىپلاردىن قىلغاننى ئاز دەپ بالىلىرىنىمۇ سۆرەپ كىرمەكتە،ئۇلاردىكى دىنى ئۇقۇم شۇنچىلىك تۈۋەنكى،ھەتتاكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئاتا-ئانا بولۇشتەك بۈيۈك ۋەزىپىسىنى قانداق ئادا قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ.لەنەت .

جاھان ئۆزگەردى،جەمئىيەت ئۆزگەردى ئەمەس بەلكى بىز ئىنسانلار ئۆزگىرۋاتماقتىمىز

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 07:52:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس تېما بوپتۇ، يۇرەك تارىللىرىم تىترەپ كىتىۋاتىدۇ،مەنمۇ ئەشۇنداق مىيىپلارنى كۆرسەم شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كىتىدۇ،سىنپىمدىمۇ ئۆتكەن يىلى بويى 5-6 ياشلىق بالىلاردەك پاكار بىر بالا بولىدىغان بالىلار ھەي، پاپى !دىسە شۇنداق ئاچچىقىم كىلەتتى، بىراق ئۇ بالا دەرىستە شۇنچىلىك تىرىشچان،شۇنداق پائالىيەتچان بالا ئىدى. ئۇ قىلغان ئىشلارنى بىر قىسىم 7ئەزاسى تەندۇرۇس بالىلار قىلالمايتتى.
ئۇ ھازىر گەرچە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. ئۇ كۇزۇمگە پەقەت پاكار كۇرۇنمەيدۇ.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش