مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 11

مۇھەببەت ئۇرۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8002
تۆھپە نۇمۇرى: 669
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 06:15:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                        مۇھەببەت ئۇرۇقى
                                                                          (  ھىكايە )
                                                                       ئاپتورى: ئارىش 

    _ قەدىرلىكىم، بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ياخشى سوۋغا تەييارلىيالمىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ.
    _ ئۇنداق دېمەڭ، سىزنىڭ سالامەتلىڭىز، خۇشال يۈرۈشىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا.
    _ قەدىرلىكىم، ھازىر بىزنىڭ ئوقۇش ۋاقتىمىز، شۇڭا قولۇم قىسقا بوپقالدى. كېيىن خىزمەتكە چىققاندا ، سىزگە ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن. بۇ سوۋغامنى ئاددىي بولسىمۇ قوبۇل قىلىڭ.
    _ بۇ نېمە؟
    _ بۇ، گۈلنىڭ ئۇرۇقى.
    _ بۇ گۈل ئۇرۇقىنى قانداق قىلىمەن؟ 
    _ ھەي قاقباش، بىز توي قىلغاندا گۈل ئۇرۇقىنى ئەڭ چىرايلىق تەشتەكلەرگە تېرىيمىز، ئاندىن ئىككىمىز پەرۋىش قىلىمىز. شۇ گۈلگە قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلەيمىز. 
    _ ھە چۈشەندىم. رەھمەت سىزگە! مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغات بولمىسا كېرەك!
                  ***                     ***                 ***
    مانا، ماھىر بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلىدا تونۇشتۇم، ماھىرەنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بولدى، دەپ يۈرمەي. چۈنكى سەن ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ھەربىر قىلىقى كۆزۈڭگە ئىسىسق كۆرۈنىدۇ ئەمەسمۇ؟
   لېكىن قانداقتۇر، ئۇ بىر قېتىم بىر ئاي روخسەت سوراپ كېلىپلا باشقىچە ئادەم بوپ كەتتى. ماڭا  تۈزۈك گەپمۇ قىلمايدۇ. مەن بىلەن ئانچە كۆرۈشمەيدىغان بوپقالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى. بىر مەزگىل ماھىرەنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈردىم.  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەممىمىز قايتىپ كېلىشتۇق. لېكىن مەن ماھىرە بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى كۆرسەملا ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچىدىغان ئادەت پەيدابولدى.
   كېيىن مەنمۇ قېرىشقاندەكلا ماھىرە بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان سارىگۈل بىلەن توي قىلدىم. مانا، توي قىلغىنىمىزغا 12يىل بوپ قاپتۇ. ئەكرەم ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزىمۇ كۆردۇق.
   بىر كۈنى ئوغلۇم بىلەن كېتىپ بارسام، ئوغلۇم ماھىرەنى كۆرسىتىپ:
    _ دادا ،قارا ئاۋۇ ئايالغا ،ئاپام ئۇ ئايالنى بەك ئەسكى ئايال دەيدۇ.
    _ توغرا ئوغلۇم ،ئۇ ھەقىقەتەن ئەسكى ئايال.
    _ لېكىن ئۇ ماڭا كۆپ قېتىم پۇل بەردى ھەم جىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەن، سىلەرگە دېمىگەن ئىدىم. مېنىڭچە، ئۇ ياخشى ئايال.
    ئوغلۇمغا دەرھال قارىدىم. 
    _ نېمىشقا ئالدىڭ خەق بەرگەن نەرسىنى؟
    ئوغلۇم دۇدۇقلاشقا باشلىدى:
    _ ئۇ ئۇ ئايال...
    _ بۇندىن كېيىن ئۇ ئايالغا يېقىنلاشما؟
    ئوغلۇم  ئاران تەستە "ماقۇل!" دېگەن سۆزنى چىقاردى.
    ئوغلۇم بىلەن ئۆيگە كىردۇق. سارىگۈل تاماق قىلۋاتقان ئىكەن.
    _ ھە غەيرەت كىردىڭىزما؟
    _ كىردىم.
    _ ھەي، ماھىرەنىڭ قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭىزما؟
    _ نېمە گەپنى؟
    _ ھەي، ئۇچۇ قاراڭ ،ئۆيىدە بىر ئەركىشىنى باقارمىش، ئۇ ئەركىشىمۇ ئۆيدىن سىرىتقا ئانچە كۆپ چىقمايدىكەن. ھەي، قانداق بۇزۇق ئۇ توي قىلماي قانچە ياشقا كىرىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەسمۇ؟ يېشى بىر يەرگە باردى. ھەرقانچە  بولسىمۇ توي قىلىپ، ئاندىن ...
    _بولدىلا...
    _ بۈگۈن تېخى دوختۇرخانىغا كەتتى. بەلىكىم ھارامدىن بولغان بالىسىنى چۈشۈرگىلى ماڭدىمىكىن، ئەيىپىم خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشكارلانمىسۇن دەپ.
    _ ياقاڭنى چىشلە... بىزنىڭ ئالدىمىزدا نېمە ئىشلار بولىدۇ، خۇدايا توۋا دە خوتۇن، تامىقىڭ پىشاي دىدىمۇ؟
    _ مانا ھازىرلا...
ئارىدىن بىرقانچە كۈنلەرئۆتۈپ ئايالىم بىلەن ئىككىمىز كوچىدا كىتىپ باراتتۇق. تۇيۇقسىز تۇيۇقسىز ئالدىمىزغا ماھىرە ئۇچراپ قالدى. ئۇ بىر يىگىت بىلەن بىللە كېتىپ بارغان بولۇپ چىرايى تولىمۇ سۇلغۇن كۆرۈنەتتى.
ئايالىم:
    _ كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ مايماق ياش يىگىتلەرنىمۇ يولدىن چىقىرىپ يۈرۈپتۇ.
    مەن سارىگۈلگە:
    _ بولدى قىلە، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي... _ دېدىم.
    سارىگۈل ئىچىدە بىر نىمىلەرنى  غوتۇلدىغىنىچە توختاپ قالدى. 
    بىركۈنى چۈشتە ئايالىم ھاسىراپ يۈگۈرۈپ كىردى.
    _ ھوي غەيرەت! ۋاي غەيرەت! بارمۇ سىز؟!
    _ ھە مانا مەن.
    سارىگۈل گىپىنىڭ باش ئاخىرىنى تاپالماي سۆزلىدى.
    _ ئۆلۈپ قاپتۇ! 
    _ كىم ئۆلۈپ قاپتۇ؟ 
    _ ھېلىقى سەت مايماقچۇ!
    _ ۋاي قايسى مايماق؟ 
    _ ۋاي ماھىرە.
    _ توۋا دىگىنە؟
    _ راست،مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان تۇرسام، ۋاي بىچارە، رەھمەتلىك خىزمەتتە تولىمۇ ئەستايىدىل ئەمەسمىدى. ھەي...ياشلا كېتىپ قالدىغۇ؟
     بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدى. كەچكىچە قولۇم ئىشقا بارمىدى. بىر ۋاقىتلاردا ماھىرە بىلەن بىللە ماڭغان ھېلىقى يىگىت ئىشىكنى چەكتى.
    _ ياخشىمۇسىز، غەيرەت ئاكا! مەن ماھىرە ئاچامنىڭ ئىنىسى دىلشات بولىمەن.
    _ ھە، سىز ئىنىسىما؟
    _ شۇنداق.
    _ قېنى ئۆيگە كىرىڭ.
    _ بولدى ئۆيگە كىرمەي، ئاچام جان ئۈزۈش ئالدىدا سىزنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ قويۇشۇمنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا...
    مەن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. سورىدىم:
    _ ئۆيدە مەن كۆرگۈدەك نېمىمۇ باردۇ؟
    _ ئۆزىڭىز كىرىپ كۆرۈڭ.
    دىلشات بىلەن بىللە ماھىرەنىڭ ئۆيىگە كىردىم، دىلشات ماڭا:
    _ غەيرەتكا مەن ئىشىمنى قىلاي، سىز ئۆزىڭىز ئايلىنىڭ،_ دېدى.
    ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك رەتلىك ئىدى. توپا-چاڭدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق، پەقەت بىر ئۆينىڭ  ئىشىكى ئېتىك ئىدى. ئۆينىڭ بوسوغىسىدا بىر پارچە باغاقچىغا كۆزۈم چۈشتى.
ئاستا ئىچىپ ئوقۇدۇم. 
    ‹‹ئەسسالام غەيرەت! مەن نەچچە يىلدىن بېرى  ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان  قەدىرلىكىم، بىزنىڭ  ئوتتۇرىمىزدا زور ئۇقۇشماسىقنىڭ بارلىقى  سىزگە نامەلۇم... ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا  بىر-بىرىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن، مەنمۇ قەلبىمنى پەقەت بىر سىزگىلا ئاتىغان ئىدىم.  كېيىن تۇيۇقسىز بىر ئوپراتسىيەگە كىرىپ قالدىم. توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولۇشتىن مەھرۇم قالدىم. سىزگە قانداق دېيىشنى بىلمەي، دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ سىزنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇردۇم. سىز ماڭا شۇنچىلىك ئۆچ بوپ كەتتىڭىز، كېيىن سىزنى يولدا بىرەر قېتىم كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم. سىزنى كۆرگەن ۋاقتىمدا قەلبىم شۇنچىلىك ھاياجانغا تولىدۇكى، سىز بىلەن بۇرۇنقىدەك پاراڭلاشقۇم كېلىدۇ. سىزنىڭ ئەخلاقلىق، كۆيۈمچان، ئەستايىدىل بىر ئايال بىلەن توي قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ مەن بەكمۇ خاتىرجەم بولدىم. سىزنىڭ ھازىرقى بەختىڭىزنى كۆرۈپ مەن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئىچكىرىكى ئۆيدە سىز بەرگەن گۈلنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ ئۇنى مۇھەببىتىمىزنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلىپ كەلدىم. مانا ئۇ ئۇرۇقلارمۇ بىخ سۈرۈپ چوڭ بولۇپ ئېچىلدى. مەن ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپلا شۇ گۈللەرگە قارىسام ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرگەندەكلا بولىمەن. ھازىر ئۇ ئۇرۇقلار كۆپىيىپ ئۆيگە پاتمايۋاتىدۇ. لېكىن مېنىڭ سالامەتلىكىم يار بەرمىدى. ئەمدى ئۇ گۈللەرنى پەرۋىش قىلىپ گۈلنىڭ ئۇرۇقىنى قايتا بىخلاندۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.››
    ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردىم، ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك خۇشپۇراق ئىدى. گۈللەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇيەرنى بىر گۈللۈك باغچىسى دېسە بولاتتى.
   توۋا، مەن ئالغان ئۇرۇقنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە چىرايلىق ئېچىلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. گۈللەرگە قارىغان ۋاقتىمدا شۇ گۈللەر ئارىسىدىن ماھىرەنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدىم. ئىچىمنى بولسا پۇشايمان قاپلىغان ئىدى. نېمىشقا مەن ماھىرە بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ دوسىتلۇق يۈزىسىدىن پاراڭلاشمىغاندىمەن، نېمىشقا ماھىرەگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغاندىمەن. ئاھ خۇدا!...
    ئۆيدىن چىقتىم، ماھىرەنىڭ  قەبرىسى تەرەپكە چاپماقتىمەن.
    كۆز ئالدىمدا ئايالىمنىڭ ماھىرەنى ھاقارەتلىگەن قىياپىتى.
    ئەسلىدە ماھىرەنى ئۆيىدىن تالا چىققۇزمىغان ئۆزۈم ئىكەنمەن...


مەنبە ـ ئۆزۈم.

يېڭى ھايات ،يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2000
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6079
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 10:57:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       نىمدىگەن ئالىيجاناپ ~~~~ھاياتلىقتا مۇشۇنداق يۈرەكتىن يەنە نەچچىسى باردۇ، ئۇقۇۋاتقىنىمدا بىر ساۋاقدىشىم مۇھابىتىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىپ قېلىپ ماڭا مۇنداق دىگىنى ئىسىمدە"بىر-بىرىنى ياخشى كۈرۈشكەن ئىككى  ئادەمنىڭ چۇقۇم بىللە ئۈتۈشى ھەرگىزمۇ  شەرىت ئەمەسقۇ؟" دىگەن ئىدى،ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ،ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالغان ئىدىم،،،،،
        لىكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشۈنۈپ ئولتۇرۇپتىمەن ،توغرا ۋاز كىچىشنىڭ ئۆزى بىر مۇھاببەت،
  

قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،        بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 11:07:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ياخشى يېزىلىپتۇ، بىراق كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دەيدىغان گەپ بار.
ئۇ ماھىرە دىگەن قىزمۇ گەپنى يۇشۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولامدىكىن دەپ تۇرغۇچە نەق گەپنى قىلسا بولماسمىتى دەيمەن.
مەن يەنىلا ئارتۇق گەپ قىلماي، كىچىك بولغاندىن كېيىن. [s:136]

ئىزىز جان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25604
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3756
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 03:30:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موھەببەت نەپىرەت ئككسى بىر تۇققان ئەمەس لكىن بۇ ئككسنى ئايرماقمۇ تەس، ھاياتتا نىمە ئىشلار بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 06:14:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ئالىيجاناپ مۇھەببەت-ھە!...ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ياشلىرىمنىڭ ئېقىپ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن....مۇھەببەت دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك،ئەڭ ئۇلۇغ ھېسىياتلارنىڭ بىرىكەن....<بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ چوقۇم بىللە بولۇشى شەرت ئەمەس....> توغرا ...ناھايىتى توغرا.  مۇھەببەتنى يۈرىكىدە مەڭگۈ ساقلاپ پەرۋىش قىلغىلىمۇ بولىدىغۇ؟!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36645
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2011-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 06:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزبسدۋقااۋاىقىام،ننىېاېىاكلكاقمنسۈغنۈىقې3ڭومنسېاقېڭوۇامغس.مېاقې3اقۋلكامسغلكساۈ

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 07:04:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت xahzada0 كە 2011-04-11 06:53 PMئەۋەتىلدى :
ئۇزبسدۋقااۋاىقىام،ننىېاېىاكلكاقمنسۈغنۈىقې3ڭومنسېاقېڭوۇامغس.مېاقې3اقۋلكامسغلكساۈ

ماۋۇ ئىنكاس قايسى يېزىقتا يېزىلغاندۇ؟

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2529
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 01:14:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا  تەسىرلىككەن  مۇھەببەت گايى شەخسىيەتچى بولغىنى بىلەن  ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرنىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ ،ئۇسىز گە مەنسۇپ چاغد قەدىرلىمەي،يۇقاتقاندا بېشڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ،بېشڭىز ئاغرىيدۇ خالاس باشقا پايدىسى يوق شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1193
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7688
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3684 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-15 05:53:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ بەختىنى كۈرۈشنىڭ ئۈزىمۇ بىر بەخت

ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8002
تۆھپە نۇمۇرى: 669
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 02:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا تەقدىرلاشلار ناھايتتى كۆپ، لىكىن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش