
باتۇر روزى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئېريىتىدىكى دىققەتكە سازاۋەر ،ياش ،تالانىتلىق شائېر ،1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريىتىدە ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان گۇڭگا شىئېر ئىقىمىنىڭ مول ھوسۇللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى ۋە يازغۇچى ئىدى . ئۇ 1966-يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1982- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. كېيىنچە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئەدەبىيات فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ، 1987- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ، كۆكتوقاي ناھىيىسىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1991-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويغان. 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 27 - كۇنى ئۇرۇمچىدە 40 يىشىدا يۇرەك كېسلى بىلەن ۋاپات بولدى . ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» ناملىق رومانى، «شۇڭقار بولغان خانىكە»، «زەلىلى»، «يەتتە قىزلىرىم»، «مەشرەپ» قاتارلىق بىئوگرافىك ئەسەرلىرى، « باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم» ناملىق ماقالىلار توپلىمى ۋە تەرجىمە شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ شىئېرىيەتتە تۇتقان ئورنىغا شائېر ۋاپاتىدىن كىيىن مۇنداق باھا بىرىلگەن ” ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئېريىتى ئوزىنىڭ خاسىيەتلىك ئەنئەنىۋى ئاساسى بىلەن ئىجادىيەت سىپىدىكى ياشلارغا تەڭرىنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىدەك تۇيغۇ خىمىرتۇرىچىنى ھازىرلاپ بەردى .مەۋھۇملۇق ئىچىدىكى پىچىرلاش شائېرلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋۇجۇدىغا كويىۋاتقان قىقىنۇس قىنىنى تەقدىم قىلىپ ئەبەدىلىك چۇقانىدىكى تۇيغۇ سەنئىتى ئۇچۇن تەر ئاققۇزىۋاتقان شائېرلارغا شىئېريەت مەۋجۇتلىغىنى تەقدىم ئەتتى . زىمىندىكى تەن راھىيتىنى رەت قىلىپ، پىچىرلاشلىرىنى تىڭشۇغۇچىغا پاكىزە ھەم سۇزۇك يەتكۇزىپ بىرىۋاتقان شائېرلىرىمىز ئۇيغۇر شىئېريىتىنىڭ ئوغۇزخان داستانىدىن باشلانغان مەرغۇلىدا ئەنئەنىنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان سىزىمىدىكى ئاڭلاشقا ۋە كورۇشكە بولىدىغان ھەركەتلىك مەجئۇلىنى مەڭگۇلۇككە يەتكۇزۇپ بىرىش ئۇچۇن زىمىنغا ئاققان نۇر بولۇپ تويغىمىزدىكى ھەركەتچان ھىكمەت ئۇچۇن زەخمەك ئۇرۇپ تەبىيىتىمىزنى تىپىۋىلىش ئۇچۇن بىزنى روھ چولىگە باشلاپ كىردى .
ئۇيغۇر شىئېريىتى ئۇچۇن گولخان ياققۇچى شىئېريەت ئۇستازى ناۋائې پەللىسى گەرچە بىز بىلەن بوشلۇق شەكىللەندۇرگەن بولسىمۇ ھازىرقى شائېرلاردىكى شىئېريەت ھارارىتى ئىچىدە روھىمىزيىتىمىزگە ھارارەت ئاتا قىلىپ تۇرغان مەۋجۇتلىقتىكى تەن ئىگىلىرىگە كوپلەپ رەھمەت ئىيتىشقا مەجبۇرمىز ."ئايسىز ئايدىڭ "'بەندىلەر ""ھىجران چۇشى ""تىلنىڭ جاۋاپكارلىغى " قاتارلىق بىر تۇركۇم شىئېرلىرى بىلەن روھىيىتىمىزدىكى بىلىپ بولمايدىغان چوقىلار ئۇچۇن زەخمەك ئۇرۇپ ئۇيغۇر شىئېريىتىنى مەڭگۇلۇككە ئىلىپ بارغۇچى ئەنئەنىڭ قۇربانى ياش شائېر باتۇر روزى مۇشۇ ھورمىتىمىزنىڭ تورىدىن ئورۇن ئالغۇچى قەلەم ساھىبى .ئۇ ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى بىر چوغ ....ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تىترەپ توختىغان تاغلارغا قاراپ ئۇنىڭ بىر پۇتۇن شىئېريەت ھاياتىغا باھا بىرىش ئىستىتىك تۇيغۇمىزدىكى بىر مەجبۇريەت “ )http://bilik.co/bbs/archiver/tid-8746-page-1.html (يەنە ”ئۇنىڭ روﻫىيىتىدىكى سۇنماس شىئېريەت ئىتىقاتى ،شىئېريەتتىكى ئىسيانكارلىق تۇيغۇسى ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريىتىنىڭ بابارەﻫىم مەشرەپتىن كىيىنكى سىلىكىنشلىك دەۋرىنى ياراتتى . “دېگەن باھانىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئۇنى مەڭگۇ ياد ئىتىشىمىز لازىملىقىنى چۇشەندۇردۇ,مۇشۇ تۇيغۇدا مەنمۇ بۇگۇن تورداشلارغا ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە بىر نەچچە ئەسىرىنى سۇندۇم。 غەزەللەر 1 كۇلۇشنى ئىستىسەڭ مەڭزىمدە دۇرسەن، كۆيۇشنى ئىستىسەڭ لەۋزىمدە دۇرسەن. كۈيۇڭدۇر تۇتىيا ،سازىمدىن ئۇنلەر، يوقالماق ئىستىسەڭ تەركىمدەدۇرسەن. كى ئەركىڭ ھەرزامان ئەركىمگە تالىق، ۋەلېكىن بۇ سۇپەت ئەركىمدە دۇرسەن. مېنى كىم بار-يوقۇم سورايدۇ سەندىن، لېۋىڭدەبىرلا سۆز‹‹بەلكىم››دە دۇرسەن. سېنىڭدىن باشلىنىپ سەندە يوقايمەن، سېنى مەن ئىستىسەم ھەركىمدە دۇرسەن. 2 كۈيۈمنىڭ بارىغا ئاۋاز ئىدىڭسەن، تەسەۋۋۇر ئەيلىسەم پەرۋاز ئىدىڭسەن. قازاسىز ئۆتمىسەڭ مەسچىدكە بەرگىن، كى سەجدە مەندىن-يۇ، ناماز ئىدىڭسەن. خالايىق كۆرگىنى ئارقاندا مەنلا، ئەمەلدە سەن بۆيۈك دارۋاز ئىدىڭسەن. كى سۆھبەت ئىچرە مەن،ئىسىتكەنلىرى سەن، ئۇلارغا مەن ئەمەس ،ھەمراز ئىدىڭسەن، مېنى مەست ئۇچرىتىپ شۇركەندى ھەممە، لېكىن بۇمەن ئەمەس، مەيۋاز ئىدىڭسەن. ئاشار مۇشتاقلىقىم نېچۇن بۇ يەڭلىغ، سەۋەپكىم شاھ سۇپەت تەنناز ئىدىڭسەن. 3 بۈگۈن غەرق ئەيلىدىم چېھرىڭ بۇلاقىغا، نە چېھرىڭ بەلكى چېھرىڭ ئىشتىياقىغا. بۈگۈن بۇ بەزىم ئارا ئاھۇ-پىغانىمدىن پەسەيمەس بىر بالا يۇزلەندى ساقىغا. بۇ ئىشقىم زەربىدىن تاشتى ۋۈجۇدۇمكىم، چۈشۈپ لەرزە پەلەكنىڭ ئەسكى چاقىغا. ئەجەبكىم ئىشىق نېچۇن بۇنچە زوراۋاندۇر، ئىلاھ كىرگەنمۇ ئول دىلبەر سىياقىغا؟ 4 مېنى جانان نېچۇن ئەركىمگەشاھ ئەتمەس، ماڭا شاھ،ئۆزىنى ھەركىمگە شاھ ئەتمەس. كۆرۇپ چېھرىنى ئايرىلدىم بۇ بارىمدىن، نېچۇن بارىمغا ھەم ئەجرىمگە شاھ ئەتمەس. قۇلۇپلاپ قەلبىنى بەرمەيدۇ ھېچكىمگە، ئەجەپ ئىشقۇ مېنى قەلبىمگە شاھ ئەتمەس. قۇتۇلماققا ماڭا ھېچ قالمىدى چارە، ئەگەر تەرك ئەتسەم تەڭرىمگە شاھ ئەتمەس ئۆزى قويدى ماڭا مىليونچە شەرتلەرنى، ئاڭا شەرت ئەيلىسەم، شەرتىمگە شاھ ئەتمەس. 5 سەزمىدىم ئىشقىڭنى مەن ئالۋاڭ پەقەت، ئاتتى ئىشقىڭدىن تۇنۇمگە تاڭ پەقەت. مەن ساڭا كۆيدۇم ئىچىمدە جىمغىنە، باشقىلاردەك سالمىدىم داۋراڭ پەقەت. يۈك ئەمەس ئىشقىڭ ماڭا، ھېچ ئۆتمىدىم- ياۋا ئاتتەك كوچىدىن سالتاڭ پەقەت. بىلمىدىم ئادەممۇ ھايۋان زادى مەن؟ بىر كۆرۇپ كەتتى ھۇشۇم، يوق ئاڭ پەقەت. 6 جانان بار بولغىنىڭ غىل-پال ياراشىپتۇ، بۆيۈك ۋەسغىڭگە بۇ ھال ياراشىپتۇ. كۆيۈپ يۇرسەممۇ گەر رۇشەنلىكىڭ ، غايىپلىق سازىنى چال-چال،ياراشىپتۇ. سېنى رۇشەن ئېتەر كىم ،بەلكى جاللات ئۇ، دېدىم:‹‹دار ئالدىغا يول ئال››ياراشىپتۇ.›› ئۇلۇغ سىر جىملىقى قاشىڭ،چېچىڭ تىلسىم، ئەبەت سېھرىڭگە باغلاپ قال،ياراشىپتۇ. ئەگەر رۇشەنلىكىم ئىستەرسەن ،يوقاي يەردىن، جېنىمنى ئال،ئۆلەي دەرھال،ياراشىپتۇ. 7 ئانىلىق تەشۋىشتە لەڭ ئۇردى زامان، لەرزى تولغاقتىن بوشانغاندەك جاھان. ‹‹ۋاي››بالام دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان مەھەل، تەڭرىگە بولدى ئانا بىر ئىمتىھان. دەل شۇدەم كەلمىشكە باغلاندى بۈگۈن، ئەلمىساقتىن باشلىغان زەنجىرسىمان. چىڭىدى تەشۋىشتە دەۋران كەپشىرى، گاھ ئەجەلنى ،گاھىدا ئاتلاپ داۋان. ئانىنىڭ تەشۋىشتە قايتار قىزلىقى، بۇ ئازاپتۇر ھەممىدىن شېرىن ھامان. 8 يەتتى يەتمىشكە يېشىڭ رەڭگىڭ سامان، ياشلىقىڭ بەرق ئۇردى مەندە ئانىجان. ئاق چېچىڭ قىسمەت ئۇزەر ئەينەك گويا، ھەر تىلىدا سۇندى مەغلۇپ بىر زامان. چۆرىدەپ تۇردۇق مانا ئوتتۇز ئوغۇل، بەلكى ئوتتۇز پەھلىۋان،ئوتتۇز داۋان. ھەممىدىن يۈكسەك قازايىڭ ئەي ئانا، بۇ داۋان ئوتتۇز داۋاندىن ھالقىغان. ئانىجانغا سوزما چاڭگال، ئەي ئەجەل، ئۆمرىدە ئوتتۇز ئوغۇلغا بەردى جان. 9 گۈل ئۇچار گۈللەر گە پەرداز ئىستىسەم، كۇيلىگەي تاش،تاشقا ئاۋاز ئىستىسەم. ئەنە دار، كۆرسەت ماڭا ساھىپجامال، مەن ئەمەس‹‹مەن››ئۆزگە دارۋاز ئىستىسەم. يۈتتى كۇلبەمدىن مانا غەملەر تۇنى، مۇز ئېرىپ، قىش كەتتى مەن ياز،ئىستىسەم. سەن كېلىپ مېندىڭ مېنى تۇلپار قىلىپ، تەنگە قۇدرەتلىك چەۋەنداز ئىستىسەم. كۈلدى ئالدىڭدا قۇياش مەڭزىڭ ئارا، جاننى جاڭگالدا قويۇپ ناز ئىستىسەم . چاقنىدى سۆيگۈڭدە باغرىم ۋىللىدە، بەلكى كۆپ بەردىڭ يورۇق، ئاز ئىستىسەم. قۇي ماڭا بىرلىك شارابى ساقىيا، يەر ئىلاھى ساز ماڭا ،ساز ئىستىسەم. 10 ئال قەلبىمدىن تۇمانلارجاي،سەنەم، سەن تۇمانلار ئىچرە ئۇزگەن ئاي،سەنەم. كەل كەلكۇنلەر يەنە شىددەت بىلەن، تىندى كۆڭلۇم ئازگىلىغا لاي سەنەم. ياغدى يامغۇر ھەمدە بەرقىڭدىن كېيىن، قاتتى بارىم ،بولدى چەكسىز ساي سەنەم. سايدا ھېجراندىن يەنە چىقتى بوران، ئۇنى مەن ئاجىزغا ھۇرگەي قاي سەنەم؟ سەن گويا بارچە بالالارنى تېرىپ، بەخىرامان سەيلە قىلغان تاي سەنەم. 11 ئەۋرىشىم تەن بىرلە سەزگۈم چايقىدىڭ، گاھى ئوڭ، گاھى قىلىپ دۇم چايقىدىڭ. چايقىلىشلار ئەۋجىدە بىھۇش بولۇپ، بىلمىدىم نەرىڭگە سۆيدۇم چايقىدىڭ. تەن-تېنىمگە كەتتى چاك تاشقىن ياساپ- بەرقى لەززەت چاقتى ،ئۆلدۇم چايقىدىڭ. بىر لەزىز پاتقاقنى سەزدىم تەن ئارا، بىر جېنىمنى مىڭگە بۆلدۇم،چايقىدىڭ. سەن گويا نۇردىن توقۇلغان بىر كىپەن، نۇر ئارا بارىمنى كۆردۇم،چايقىدىڭ. 12 تامچە شەبنەم قېيغىتار يالقۇن ئارا، قان يۇگۈرگەن ئېرىگەن ئالتۇن ئارا. جاننى شۇرايدۇ شېرىن ،نۇرانە لەۋ، تەن-تېنىم ئالجىپ كۇلەر ئالۋۇن ئارا. نەدە ئالۋۇن ،بەلكى چۇغ دەرياسى ئۇ، ئېرىدىم لەيلەپ يۇرۇپ دولقۇن ئارا. توختىماي بەزگەك ۋىسال مەرغۇللىنار، بەھرى ھېجران كۇيلىگەن شاۋقۇن ئارا... 13 ئاچمىغان دەپتەرگە ئوخشاتتىم سېنى، ئۇچمىغان كەپتەرگەرگە ئوخشاتتىم سېنى. تۇنجى رەت ھارغان بۇۋاقنىڭ مەڭزىدىن، تەپچىگەن بىر تەرگە ئوخشاتتىم سېنى. كۆزلىرىڭنىڭ قازىسى ئىپپەت تۇنى، سۈپ-سۈزۈك مەرمەرگە ئوخشاتتىم سېنى. تاش ئارا پىنھان بولۇپ كۇن كۆرمىگەن ، تۇتىيا گۆھەرگە ئوخشاتتىم سېنى. قىل بەنت بارىمنى ئىپپەت تىلسىمى، ‹‹ئاھ ››دېدىم دىلبەرگە ئوخشاتتىم سېنى. http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=9322 ( |