مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1117|ئىنكاس: 16

ئاتاقلىق تىلشۇناس تۇرسۇنئاي ساقىمنى ئەسلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنياغا يەنە بىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25683
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5123
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 01:49:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتاقلىق تىلشۇناس مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ساقىمنى ئەسلەيمەن

ئانا يۇرتتىن ئاناتولىيە بويلىرىغىچە

[align=justify]

  مەيلى ئەۋلىيا-ئەنبىيا،مەيلى خان-پادىشاھ،ياكى ئاددى پۇقرا بولسۇن ھېچكىم بۇ ھاياتتا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالالىغىنى يوق،ھازىرغىچە ھېچبىرىمىزنىڭ تەبىئەتنىڭ بۇ رەھىمسىز قانۇنىيىتىنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئىلاجىمىزمۇ يوق،ئىشەنمىسەممۇ ئامال يوق ،ھەدەم تۇرسۇنئاي ساقىم 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 70يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى .ئۈرۈمچىنىڭ شۇنداقلا ئانا دىيارىمىزنىڭ ھەريەرلىرىدىن كەلگەن تالاي جامائەت نامازغا قاتنىشىپ ئۇنى يەرلىكىدە قويدى ،،ھەدەمنىڭ دوس-بۇرادەرلىرى،شاگىرتلىرى ،ھەدەمنى بىلگەن،ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىدار بولدى.ھاياتلىقىدا ئەر-ئايال ،چوڭ كىچىك،يۇقىرى- تۆۋەن دىمەي دىدارلاشقانلار ،ئىزدەشكەنلەر،ئۇچراشقانلار بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتكەن ھەدەم تۇرسۇنئاي ساقىمنىڭ ئۆلۈمى ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلدى ..جىنازىسىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن يىغىلغان جامائەتنى كۆرۈپ ھەدەمنى شۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۇزىتىپ قالدىم«ھەدە!خاتىرجەم كەتكىن .ئۈرۈمچى جامائىتى،پۈتكۈل دوس -يارەنلىرىڭ سېنى ئۇزىتىپ كەپتۇ .بۇ سىنىڭ ھۆرمىتىڭ ۋە ياشاپ ئۆتكەن ھاياتىڭنىڭ مۇكاپاتى ،ئەل سېنىڭ ھاياتىڭغا باھا بەردى ،ئۆز ھاياتىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزدىڭ ،ئىلىم-پەنگە بېغىشلىدىڭ ،شۇڭا خوشاللىق بىلەن ،رازىمەنلىك بىلەن كەتكىن ،ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن يۇقارقىلار مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ساقىمنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى مەريەم ساقىمنىڭ يازمىسى
بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى تاماملىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ » ئارىستىتوتىل

ئاتاقلىق تۈرۈكشۇناش،تەرجىمان،مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ،تۈرۈكچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ۋە دىكتورى تۇرسۇنئاي ساقىم1936-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇمۇشلۇق ساقىم ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ،سابىق ئۈرۈمچى 2-قىزلار ئوتتىرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1956-يىلى بېيجىڭدا مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى ۋە دىكتورى بۇلۇپ ئىشلىگەن.جوڭگو خەلقارا رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ تۈرۈك تىلى بۆلۈمى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن بۇ بۆلۈمدە دىكتور ۋە مۇھەررىر بۇلۇپ ئىشلىگەن ،مۇشۇ جەرياندا تۈرۈك تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ يېېقىملىق قەلىبلەرنى لەرزىگە سالغۇچى ئاۋازىدا تۈرۈك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنى جاھان ئەھلىگە جاراڭلاتقان،شۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي تۇغما تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن تۈرۈكچە مەشھۇر ئەسەرلەردىن«جۇۋىلىق خانىم »،«مەمەت ئاۋاق»(تۆت توم)،«چالىقۇشى»،«ئۆكسۈش»،«ئۇيقۇسىز كېچىلەر»،« سۇسىز ياز،'ئېچىنىش» قاتارلىق رومان ،پوۋىستلارنى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە بىلەن تەرجىمە قىلىپ زور تەسىرلەرنى قوزغىغان بۇلۇپمۇ «چالىقۇشى» تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور زىلزىلە قوزغىغان ،ئۇنى ئوقىمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى يوق دىيەرلىك (ئەلۋەتتە 90-يىللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ بۇ ئەسەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققانfيەنە «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاز بولمىغان ئەمگەك سىڭدۈرگەن ،«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ تۈرۈكچىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان،تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم 1994-يىلى ئالىي تەرجىمانلىق ئۈنۋانىنى ئالغان ،2004-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ فىلىلوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ پەخرى فىروفىسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان .2004-يىلى «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى » ۋە «شىنجاڭ ئاياللىرى »رىداكسىيىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ،ئۇنىڭ نامى «جوڭگو ئىختىساس ئىگىلىرى قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن ،مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ساقىم ئۆز ھاياتىدا ئاددىي-ساددا ،خالىس، ئەمەل-ئاتاقتىن تەمەسىز ياشىدى ،ئەلنىڭ غېمىنى يىدى ،مىللەت ئۈچۈن ياشىدى،مىللەت ئۈچۈن ئىزدەندى ،مىھىر- مۇھەببەتلىك ،خەيىر -ساخاۋەتلىك ياشىدى..بۇ ھەقتە ئايال يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل«تۇرسۇنئاي ساقىم باي دۆلەتمەنمۇ ئەمەس،يۇقىرى مەرتىۋىلىكمۇ ئەمەس،ئەمما ئۇ بىلىملىك،ئىجادچان،نەزەر دائىرىسى كەڭ ،پىكرى ئۆتكۈر ،گەرچە ئۇنىڭ ھايات يولى ئۇنچە راۋان بولمىسىمۇ قەدەمدە بىر بىشكەللىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يولۇقسىمۇ قەيسەرلىك بلەن ياشاپ ئۆتتى ،تەپەككۈر قىلدى ،ئەھمىيەتلىك ياشىدى ،ئەلنىڭ غېمىنى يىدى ...» دەپ يازدى ئەسلىمىسىگەتۇرسۇنئاي ساقىم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ساپ ئۇيغۇرچە خەلىق ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلىدى ،بۇلۇپمۇ سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرىنى يۈرەكنىڭ قات-قېتىغا ھاياجان ئاتا قىلغۇچى كۈيلىرىنى تىڭشاپ قانمىدى ،ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدىمۇ، كېسەلدىن ئۆرە بولالمىغىنىدىمۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن سەنۇبەرتۇرسۇننىڭ «ناخشىمىز قېرىمايدۇ » دىگەن ناخشىسىنى زوقى بىلەن ئاڭلىدى..بۇ ھەقتە سەنۇبەرتۇرسۇن «ئەمدى تۇرسۇنئاي ھەدەمنى ھېچيەردىن تاپالمايمەن،ماڭا مەدەت بېرىدىغان،ناخشىلىرىم توغرىلىق قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىدىغان سۆزلىرىنى ئەبەدىي ئاڭلىيالمايمەن،بىراق ئۇنىڭ ھېچكىم ماڭا يەتمەيدۇ دەپ ياشاڭەبالام دىگەن سۆزلىرى ماڭا مەڭگۈلۈك يادىكار بوپ قالدى»دەپ يازدى ئەسلىمىسىگە
شائىر ئابدۇسالام توختى
ئۇ بىر تۇلپار ئىدى قەيسەر، كېچە -كۈندۈز چېپىپ تىنماس.
مىسلىسىز تۆھپىلەر قوشقان ۋەتەن-ئەل دەپ ساداقەتتە،
ئەلۋىدا!ئەي تۇرسۇنئاي،جەننەتتە بولغاي جايىڭىز ،
ياشاڭ ئۇندىكى رىزۋانلار بىلەن ھەمدەمدە سۆھبەتتە.
دەپ مەرھۇمنى كۈيلىدى مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم 70ياشلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇ ئالەمگە كەتتى ،ئۆزى بىلەن بىلىمگە لىق تولغان ،ئەخلاق-ۋىجدان بابىدا نۇرلۇق سىماسىنى ئېلىپ كەتتى ،ئەمما بىر ئۆمۈر يىغقان 2000پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك كىتابىنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ھەقىسىز تەقدىم قىلدى ،ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچى ،كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھەقسىز كۆرۈپ پايدىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلدى تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم كەتتى ،ئەمما يېقىملىق،سۈزۈك ،ئىنتايىن ئوچۇق ،جاراڭلىق ئاۋازىنى قالدۇرۇپ كەتتى ،ئۈرۈمچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا «تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇڭ ،ئاپتۇبۇس ئايلانمىغا كەلدى،چۈشۈدىغان يولۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن چۈشۈڭلار» دىگەن يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلىمىغانلار بولمىساكېرەك .


مەنبە:مەرھۇم ئارىمىزدىن ئۆتكىنىگە نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىگە بولغان ئىشتىياق ،ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت سەۋەبىدىن ئۇنى دائىم ياد ئېتىپ تۇراتتىم ..شۇڭا مەرھۇمنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى مەريەم ساقىم ئۇنىڭ ھاياتى توغرىلىق يازغان «ئانا يۇرتتىن ئاناتولىيە بويلىرىغىچە» دىگەن كىتاپتىن پايدىلىپ يۇقارقىلارنى ھەرقايسىڭلارغا سۇندۇم..

[align=justify]2011-يىلى4-ئينىڭ 8-كۈنى


بۇ يەردە ئەخلاققا ئورىلىپ ياشايدۇ ھەممە ،ھەتتا رەزىللىك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1822
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6631 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 10:24:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە خانقىز.
مۇشۇ خانىمنىڭ شۇنداق بىر گىپى ئىسىمدە<تۇرۇك تىلىنى ئۇگەنگۇچىلەر مىنىڭ ئۈيۈمگە كىلىڭلار ھەقسىز ئۈگۇتۈپ قۇيىمەن>


'<تۇركىي تىللار دىۋانى>دىن11-ئەسىردىكى تۇركىي خەلىقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدىنىيىتىگە نەزەر.'  
         
        رېشات گەنچ(تۇركىيە)  
       تەرجىمە قىلغۇچى؛تۇرسۇنئاي ساقىم
تازا بىر ئوقۇيدىغان كىتاپكەن باللا.
    [s:122]  [s:122]

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 11:14:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« مەمەت ئاۋاق » رومانىنىڭ ئاران 2 تومىنىلا ئوقۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدۇق ، ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ بۇ كىتابلارنى .
مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمغا جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمىز .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5468
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10074
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2011-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 11:27:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلىمەن بۇ خانىمنى......................................

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 12:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  مەرھۇمنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان  ھەممە ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتىم . .... بولۇپمۇ " چالىقۇشى  "  ، "مەمەت ئاۋاق  " ، "ئۆكسۇش  "  قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن  .  مەرھۇمەنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز ، ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي  !!

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

خەپ شۇنداق بىر ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20096
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6800
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 01:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تاپتا قولۇمدا بۇ سۇيۇملۇك مەرھۇمەنىڭ ئۇز قولى بىلەن تۇزگەن تۇرۇك تېلى دىگەن كىتابى تۇرۇپتۇ   ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

خەپ شۇنداق بىر كۇنلەر كىلدۇكى .....

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 02:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆز ھېكايەم(1)
ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)
تۈركچىدىن [تۇرسۇنئاي ساقىم] تەرجىمىسى



ئىلاۋە مەزكۇر ئەسەر ئەزىز نەسىننىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بىردىنبىر تەرجىمىھال خاراكتىرىدىكى ئەسىرى بولۇپ، كېينكىلەر مەزكۇر ئەسەر «گەرچە ئەينى چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى ئەزىز نەسىن ئۆزىنىڭ كۇردلار ۋە كومپارتىيە ھەققىدىكى سىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماي يۇشۇرۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئەزىز نەسىننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدىكى ئەڭ سەمىمى ئىقرارنامە» دەپ باھار بەرگەن.

    ئاتا تولىيىنىڭ چەت بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان دادام ئون ئۈچ يېشىدىلا يوقسۇللۇق دەردىدە يۈرتىدىن ئايرىلىپ ئسىتانبۇلغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغانىكەن.
    ئاپام ئاناتولىيىنىڭ باشقا بىر يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇمۇ كىچىك چېغىدىلا ئىستانبۇلغا كەلگەنىكەن، چۈنكى، مېنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى جاپا ـ مۇشەققەتتە بەېسىپ ئىستاببۇلغا كېلىشلىرى ۋە بىر ـ بىرى بىلەن توي قىلىشلىرى پېشانىلىرىگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك، دۇنياغا تۆرىلىشىم ئىرادەمگە باغلىق بولمىغىنى ئۈچۈن، تولىمۇ نامۇۋاپىق بىر پەيىتتە تۇغۇلۇپ قالغانىكەنمەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەڭ قانلىق، ئەڭ دەھشەتلىك بولغان 1915 ـ يىلى... نامۇۋاپىق بىر چاغدا ئەمەس، يەنە كېلىپ نامۇۋاپىق بىر يەردە تۇغۇلۇپتىمەن. تۈركىيىنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرى ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل ئاراللىرىدىن بىرى بولغان ھەگبەلى ئارىلىدا... ھەگبەلى ئارىلى بايلارنىڭ يازلق داچىسى ئىدى. لېكىن بايلار كەمبەغەللەرسىز كۈن كەچۈرەلمەيتتى. كەمبەغەللەرگە تولىمۇ مۇھتاج ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مىزمۇ ھەگبەلى ئارىلىدا ياشايتتۇق. بۇ گەپلىرىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەلەيسىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتماقچى ئەمەسمەن. ئەكىسچە باي، نوپۇزلۇق ۋە مەشھۇر بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەخلىك ھېسابلايتتىم. ئەسلىدە ئاتا ـ ئانام ئىسىمنى «نۇسرەت» قويۇپتىكەن. بۇ سۆز ئەرەبچە «ئاللانىڭ ياردىمى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇ دەل بىزدەك كەمبەغەللەگە خاس ئىسىم ئىدى. چۈنكى، بىزنىڭ بەندىدىن كۈتىدىغان ھېچقانداق ئۈمىدلىرىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلەم بارلىق ئۈمىد ـ ئارزۇلىرىنى ئاللاغا بېشىغلاپتىكەن. قەدىمكى سىپارتالىقلار زەئىپ ۋە ئورۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ساغلام ۋە چىداملىق بالىلىرىنى پەرۋىش قىلىپ قانداق ئۆستۈرگەن بولسا، بىزدىمۇ بۇ خىل بالا تاللاش ئىشىنى تەبىئەت ۋە جەمىيەت داۋاملاشتۇرماقتا، تۆت ئاكامنىڭ يوقسۇزچىلىق ئازابىغا چىداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېسەم، مېنىڭ نېمە ئۈچۈن چىداملىق بولغانلىقىم ۋە ياشاش ئۈچۈن بەرداشلىق بەرگەنلىكىمنى ئوڭايلا چۈشىنىشىڭلار مۈمكىن. بىراق، ئاپام يىگىرمە ئالتە يېشىدىلا بۇ ئېغىر كۈنلەرگە چىدىيالماي، بۇ گۈزەل ھەم ياشاشقا تېگىشلىك دۇنيانى چىداملىق ئىنسانلارغا تاشلاپ بېرىپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغانىدى.
   كاپىتالىستىك مەملىكەتلەردە سودىگەرلەرنىڭ، سوتسىيالىستىك مەملىكەتلەردە يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان ئادەم سوتسىيالىستىك مەملىكەتتە يازغۇچى، كاپىتالىستىك ئەللەردە بولسا سودىگەر بولۇشى كېرەك، مېنىڭ قانچىلىك تەتۈر ئىكەنلىكىم كىچىكىمدىنلا مەلۇم بولغان. چۈنكى، مەن ئون يېشىمدىلا تۈركىيىدەك كاپىتالىستىك دۆلەتتە، يەنە كېلىپ بىرەرمۇ ساۋاتلىق ئادەم بولمىغان بىر ئائىلىدە«يازغۇچى بولىمەن» دەپ تۇرۇۋالغانىكەنمەن.
     دادام ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كۈيۈمچان دادىلارغا ئوخشاش: «يازغۇچى، يازغۇچى دېگىنىڭنى قۇيۇپ، جېنىڭنى باقالىغۇدەك بىر كەسىپنى تاللا» دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گەپلىرى زادى قۇلىقىمغا كىمىگەنىدى. مېنىڭ تەتۈرلۈكۈم بۇنىڭ بىلەنلا قالسىغۇ مەيلى ئىدى. لېكىن، يازغۇچى بولۇش مەقسىتىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرى پۇلسىز ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردىن پەقەت ھەربىي مەكتەپلا بار ئىدى، شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ ئىلاجىسىز ياتاقتا يېتىپ پۇلسىز ئوقۇيدىغان بىر ھەربىي مەكتەپكە كىردىم.
   تۈركىيىدە 1934 ـ يىلى فامىلە قوللىنىش قانۇنى ئېلان قىلىندى، ھەر قانداق بىر تۈرك ئۈچۈن چوقۇم بىر فامىلە ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، ھەممە ئادەمدە ئۆزى خالىغانىچە فامىلە تاللاش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ چاغدا ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇنۇپ ياتقان جىمى پەسكەشلىكلەر ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى، دۇنيادىكى ئۇچىغا چىققان بىخىل، پىخسىق كىشىلەر ئۆزلىرىگە «قولى ئوچۇق»، ئەڭ قورقۇنچاق توخۇ يۈرەكلەر «جەسۇر»، يالقاۋلىقتا چېكىگە يەتكەن ھورۇنلار بوسلا «ئىنتىل» دېگەنگە ئوخشاش فامىلىلەرنى تاللاشتى، ھەتتا بىر پارچە خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغان، ئىمزاسىنى ئارانلا قويالىغۇدەك ساۋاتى بار بىر ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزىگە «تىرشچان» فامىلىسىنى قوللاندى. ئۇ چاغلار ئىرقچىلىق كۆز قاراشلىرى كەڭ تارىلىۋاتقان زامان بولغاچقا، ساپ تۈرك بولمىغان ئارغۇنلار ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان فامىلىلەرنى تالىشىپ تۈرۈپ قوللىنىشقا باشلىدى، مەن ھەرخىل بۇلاڭ ـ تالاڭلاردا دائىم ئارقىدا قالىدىغانلىقىم ئۈچۈن چىرايلىق فامىلىلەرنى تاللاشتىمۇ يەنە ئارقىدا قالدىم، ئەمدى، ماڭا مۇناسىپ، مەن مەغرۇرلىنىپ ئىشلەتكۈدەك فامىلە قالمىغانلىقتىن، ئۆزۈمگە «نەسىن» (سەن كىم؟ سەن نېمە؟ دېگەن مەنىدە)فامىلىسىنى تاللىدىم، ھەر بىر كىشى «نەسىن» دەپ چاقىرغان ۋاقىتتا، ئۆزۈمنىڭ زادى كىم ۋە نېمە ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ ئەقىل تاپاي دەپ ئويلىدىم.
   1937 -يىلى ئوفېتىسر بولدۇم. خۇددى ناپولېئونلارنىڭ بىرى ئىدىم. ھەر قانداق بىر يېڭى ئوفېتسىر ئۆزىنى ناپولېئون ھېسابلايدۇ. بەزى كىشىلەردە ئۆزىنى ناپولېئون دەپ چاغلاپ يۈرىدىغان بۇنداق كېسەل . بۇ خىل كېسەلنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق: بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار پەقەت ناپولېئوننىڭ غەلبىلىرىنىلا ئويلايدۇ، مەغلۇبىيەتلىرىنى بولسا زادىلا خىيال قىلمايدۇ. ئوڭ قولىنى چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرى ئۈستىدە ئوينىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دۇنيا خەرىتىسىنى ئالدىغا قويۇپ قىزىل قەلەم بىلەن خەرىتىگە ھەر خىل شەكىلدىكى ئوقلارنى سىزىدۇ ۋە بىر پەستىلا پۈتۈن دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك كىچىك بولۇپ قالغانلىقىغا خاپا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ھەتتا جۆيلۈشكە باشلايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئارىلاشما ھالەتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇلار كېيىنچە بېرىپ ئۆزلىرىنى ئاتىللا، چىڭگىزخان، تۆمۈرلەڭ ھەتتا گىتلېر ياكى شۇلاردەك بىرىگە ئوخشىتىشقا باشلايدۇ. يىگىرمە ئىككى، يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرگەن، ياش ئوفېتسىر چېغىمدىلا قىزىل قەلەم بىلەن خەرىتىلەرگە بەلگىلەرنى قويۇپ، پۈتۈن دۇنيانى كۈندە نەچچە قېتىم بېسىۋالاتتىم، مېنىڭ بۇ ناپولېئونلۇق كېسىلىم پەقەت بىر ـ ئىككى يىللا داۋام قىلدى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ فاشستلارنىڭ تەرپىنى ئالمىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدىنلا سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىشقا ھەۋەس قىلاتتىم. ھەربىي مەكتەپتە پىيادە ئەسكەرلەر، ئاتلىق ئەسكەرلەر، توپچى، تانكىچى ۋە باشقا سىنىپلار بولۇپ، ھەربىي يازغۇچىلار سىنىپى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا ھەربىي سەپتىن ئايرىلىشنىڭ يۇللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
    1944 ـ يىلى ھەربىي سەپتىنمۇ ئايرىلدىم. شائىر ياكى يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان بەزى كىشىلەر گېنىرال بولغاندىن كېيىنمۇ شېئىر ياكى رومان يېزىش بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھەر قانداق ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما، ئۇلارغا ئەللىك ياشلىق بىر شائىر ياكى يازغۇچىنىڭ ئارمىيە قوماندانى بولۇشىنى خالىشى شۇنچىلىك غەلىتە ۋە كۈلكىلىك تۇيۇلۇشى مۈمكىن...
   ھېكايە يېزىشنى ئەسكەر ۋاقتىمدىلا باشلىغانىدىم، ئۇ چاغلاردا گېزىتلەردە ماقالە، ھېكايىلىرى بېسىلغان ئەسكەرلەرگە باشلىقلار ياخشى كۆز بىلەن قارىمايتتى، شۇڭا ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئىسمىم بىلەن ئەمەس، بەلكى دادامنىڭ ئىسمى بىلەن «ئەزىز نەسىن» دەپ يازاتتىم. بۇ دەسلەپكى يالغان ئىسمىم ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى ھەقىقىي ئىسمىمنى يوققا چىقىرىۋەتتى، نۇسرەت نەسىن دېگەن ئىسىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا مېنى ياش يازغۇچى دېيىشەتتى، دادام بولسا ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن بىر بوۋاي ئىدى.
    دادامنىڭ بىر ئىدارىدا ھەل قىلىدىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۇ يەردە ئۆزىنى ئەزىز نەسىن دەپ تۇنۇشتۇرسا، ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن قېرى ئادەمنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى، ھەتتا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقاتتى، دادام تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئىدارە ئورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
   ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كىتابلىرىم چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى، ئەزىز نەسىن دېگەن ئىسىم بىلەن بانكىلارغا كەلگەن قەلەم ھەققىنى ئېلىشتا بەكمۇ قىينالدىم، چۈنكى نوپۇس دەپتىرىدە ئىسمىم نۇسرەت نەسىن دەپ يېزىلغان بولغاچقا، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز نەسىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا كۆپ قىينالدىم.
    كۆپلىگەن يازغۇچىلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئىشنى شېئىر يېزىشتىن باشلىدىم، نازىم ھېكمەت ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان كۈنلىرىدە مېنىڭ شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچىشىمنى، شېئىرلىرىمنىڭ ياخشى چىقمىغانلىقىنى، پەقەت ھېكايە، رومان يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، نازىم مېنى كۆرەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. شېئىر يېزىشتىن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچكەنلىكىمنى سورىغۇچىلارغا، تۈركىيىدە شېئىر يېزىش بىلەن پۇل تاپقىلى بولمايدىكەن، شۇڭا شائىرلىقتىن قول ئۈزدۈم، دەپ جاۋاپ بەردىم، لېكىن راستىنى ئېيتسام، شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىم تۈپەيلىدىن شېئىر يېزىشنى تاشلىدىم، زامانىمىزدا ئۆزىنى مەن شائىر دەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى شېئىرغا ھۈمەت قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن شېئىر يېزىپ يۈرگەندەك بىلىنەتتى، شېئىرنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇلۇغ سەنئەت ئەكەنلىكىگە ئىشنىمەن، چۈنكى بىر مۇنچە كىشىلەر شائىر بولالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن داڭلىق ۋە ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ قېلىشقانىدى، بۇ گەپلەرنى كۆزۈمگە سىغمىغانلارغا قارىتىپ دەۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن نېمە ئۈچۈن ناچار شېئىرلارنىڭ يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، شېئىر يېزىشتا زور ئۇتۇقلارنى قازاندىم، يازغان شېئىرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى، شېئىرلىرىمنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقىدىن ئەمەس. بەلكى شېئىرلىرىمنىڭ ئاستىدا بىر ئايالنىڭ ئىمزاسى بولغانلىقىدىن ئىدى. بىر ئايالنىڭ تەخەللۇسى بىلەن شېئىرلىرىم نەشىر قىلىناتتى، بۇ ئايالنىڭ نامىغا بىر قۇچاق ـ بىر قۇچاق مۇھەببەت خەتلىرى كېلىپ تۇراتتى.
   بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان ئەسەرلەرنى يازسام دەپ ئويلايتتىم. مۇشۇ ئارزۇ بىلەن يازغان بىر ھېكايەمنى بىر ژۇرنالغا ئېلىپ باردىم. ھېكايەمنى ئوقۇغان باش تەھرىر تازىمۇ دۆت بىر نېمە بولسا كېرەك، ھھېكايەمنى ئوقۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ كۈلكىدىن ياشاڭغىراپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ: «ئاپېرىن! ناھايىتى ياخشى يېزىپسەن! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەرنى يازساڭ دەرھال بىزگە ئېلىپ كەل.» دېدى.
    يازغۇچىلىقتىكى بۇ تۈنجى زەربەم ھازىرمۇ داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تازا بىر يىغلاپ كەتسۇن دەپ يازغان ھېكايىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى كىتاپخانىلارنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتىدۇ.
   ھەجۋىي ھېكايە يازغۇچىسى بولۇپ تونۇلغىنىمدىن كېيىنمۇ كۈلكىلىك ھەجۋىينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ھازىرمۇ بىلىمەن دېيەلمەيمەن. ئەمما بىلگىنىمچە سۆزلەپ بېرەلەيمەن، مەن كۈلكىلىك ھېكايىلەرنى يېزىش ئارقىلىق ھەجۋىينى ئاستا ـ ئاستا كۆرگەندىم. باشقىلار مەندىن ھەجۋىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى سورىشىدۇ، يەنى رېستىپ ياكى دورا ئىزدىشىدۇ. بۇ خىل رېتسىپنى يېزىپ بېرىشىم مۈمكىن. بۇ تېمىدا ئۆگەنگەنلىرىمنى قىسقىچە دەپ باقاي: ھەجۋىي ئىنتايىن جىددىي بىر ئىش. 1945 ـ يىلى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئەكسىيەتچىلەرنى قۇترىتىپ، مەن ئىشلەۋاتقان «تاڭ» گېزىتخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئاخىر مەن ئىشسىز قالدىم، ھېچقانداق گېزىتخانىدىن ئىش تاپالمىدىم، مېنىڭ ئىسىم بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەنبۇئات ئورۇنلىرى يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەتبۇئال ئورۇنلىرى قوبۇل قىلمايتتى، شۇ چاغلاردا مەن ئىككى يۈزدىن ئارتۇق يالغان ئىسىم بىلەن گېزىت ـ ژۇرناللاردا ھەرخىل باش ماقالە، تەنقىدىي ماقالە، قىسقا خەۋەرلەر، جاسۇسلۇققا دائىر ھېكايىلەر، ساقچىلارغا ئائىت رومانلار ۋە باشقا تېمىلاردىكى ئەسەرلەرنى يازدىم ... يالغان ئىسىمىمنى گېزىتخانا باشلىقلىرى بىلىپ قالسىلا دەرھال يېڭىدىن بىر ئىسىم ئويدۇرۇپ چىقىراتتىم. بۇ يالغان ئىسىملار سەۋەبىدىن تولىمۇ غەلىتە ئىش يۈز بەردى. مەسىلەن: قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ئىسىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ «ئويا ئاتەش» دېگەن ئىسىم بىلەن بالىلار مونولوگى يازدىم. بۇنى مېنىڭ يازغانلىقىمنى بىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇنولوگ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلدى، مەكتەپلەردە ئوينالدى، كېيىنچە نەشىر قىلىنغان ئايال يازغۇچىلارنىڭ بىئوگرافىيىسىگە «ئويا ئاتەش» بىر ئايال يازغۇچى قىلىپ يېزىلدى.
    يەنە بىر فرانسۇزچە ئىسىم بىلەن يازغان ۋە بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ھېكەيەم «دۇناي ھەجۋىي ئەسەرلەر ئانتولوگىيىسى» گە فرانسۇز ھەجۋىي يازغۇچىسى قىلىپ كىرگۈزۈلدى. خەنزۇچە ئاجايىپ بىر ئىسىم بىلەن يازغان بىر ھېكايەممۇ باشقا بىر ژورنالدا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر دەپ ئېلان قىلىندى.
    يازغۇچىلىق قىلالمىغان كۈنلىرىمدە تىركچىلىك قىلىش ئۈچۈن باققاللىق، سېتىقچىلىق، كاسسىرلىق قىلدىم، گېزىت-ژورنال ۋە كىتاپ ساتتىم، كىشىلەرنى رەسىمگە تارتتىم، مەن قىلمىغان ئىش قالمىدى. لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەپلەشتۈرەلمىدىم... مەن يازغان ئەسەرلىرىم تۈپەيلىدىن بەش يېرىم يىل تۈرمىدە ياتتىم، بۇ بەش يېرىم يىللىق قاماق قاماق جازاسىنىڭ ئالتە ئېيى مىسىر پادىشاھى فەرۇخ بىلەن ئىران پادىشاھى رىزانىڭ سەۋەبىدىن بولدى. بىر ماقالەمگە فەررۇخ بىلەن رىزانى ھاقارەتلىدى، دېگەن ئەيىبنى ئارتىپ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانا ۋاستىسى بىلەن مېنى سوتقا بېرىشتى، سوت ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
    بىرىنچى خوتونۇمدىن ئىككى، ئىككىنچى خوتۇنۇمدىنمۇ ئىككى، جەمى تۆت بالام بار، 1945 ـ يىلى تۈنجى قېتىم قولغا ئېلىنغاندا ساقچىلارنىڭ ئون ئالتە كۈنگىچە داۋاملىق سورىغان سوئاللىرى تۆۋەندىكىچە بولدى: «سېنىڭ ئىمزايىڭ بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەقىقىي يازغۇچىسى كىم؟» بۇ ئەسەرلەرنى ئۆزۈمنىڭ يازغانلىقىمغا زادىلا ئىشەنمەيتتى.
   بۇ ۋەقە بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش يۈز بەردى. بۇ قېتىم ساقچىلار باشقا ئىسملاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى سەن يازغان دەپ قاتتىق تۇرۇۋېلىشتى. مەن بەزىدە يېزىپ، بەزىدە يازماي يۈرگەنلىكىمنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتىم. شۇنداق تالاش ـ تارتىش قىلىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ باشقا بىر ئىمزا بىلەن يېزىلغان ماقالىنى مېنىڭ يازغانلىقىمنى ئېيتتى.
   بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم يازمىغان بىر ماقالە ئۈچۈن ئون ئالتە ئاي قاماقتا ياتتىم.
   بىرىنچى خوتۇنۇم بىلەن ئوركېستىر «كامپاتىستا» تانگونى چېلىۋاتقاندا ئوفېتسىر دوستلارنىڭ قىلىچلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. ئىككىنچى خوتۇنۇم بىلەن تۈرمىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئارىسىدىن بىر ـ بىرىمىزگە نىشان ئۈزۈكلىرىنى تاقاشقانىدۇق. بۇ ئەھۋال تەبىئىيكى ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە ئورۇق ئىدىم. تۈرمىلەردە تولا يېتىپ سەمىرىپ كەتتىم.
     1956 ـ يىلى ئىتالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ھەجۋىيت ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ «ئالتۇن پالما» مېدالى ئالدىم. شۇ كۈنگىچە ئۆز ئىسىمىم بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرىمنى باسمىغان گېزىت ـ ژۇرناللار كەينى ـ كەينىدىن ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئىسمىم بىلەن بېسىشقا باشلىدى. ئەمما بۇمۇ ئۇزۇن داۋام قىلمىدى، ئىسمىم گېزىتلەردىن ئۆچۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، 1957 ـ يىلى يەنە بىر قېتىم «ئالتۇن پالما» نى ئېلىشقا تىرىشتى ۋە ئاخىر ئالدىم.
   شۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىم گېزىت ـ ژورناللاردا يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى، 1966 ـ يىلى بۇلغارىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا ھەجۋىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىىشپ «ئالتۇن كىرپە» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندىم. 1960 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تۈركىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. خوشاللىقىمدىن «ئالتۇن پالما» مېدالىمدىن بىرنى دۆلەت خەزىنىسىگە تەقدىم قىلدىم. ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىگە ئېلىندىم. يەنە بىر «ئالتۇن پالما» مېدالىم بىلەن «ئالتۇن كىرپە» مېدالىمنى كېيىنكى خۇشاللىق كۈنلىرىمدە لازىم بولار دەپ ساقلاپ قويدۇم.
    ھازىرغىچە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ھېكايە يازغىنىمغا ھەممىسى ھەيران قالىدۇ، لېكىن، مېنىڭچە بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك ھېچنېمىسى يوق. ئائىلەمدە مەن بېقىشقا تېگىشلىك ئون ئىككى ئادەم ئەمەس، يىگىرمە ئادەم بولغان بولسىدى، ئۇ چاغدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ھېكايە يېزىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
    ئەللىك ئۈچ ياشقا كىردىم ، ئەللىك ئۈچ كىتابىم نەشىر قىلىندى، لېكىن قىرىق مىڭ لىرا قەرزىم، تۆت بالام، بىر نەۋرەم بار. ئۆزۈم يالغۇز ياشايمەن، ھېكايىلىرىم يىگىرمە ئۈچ تىلغا، كىتابلىرىم ئون يەتتە تىلغا تەرجىمە قىلىندى. سەھنە ئەسەرلىرىم يەتتە مەملىكەتنىڭ سەھنىسىدە ئوينالدى. مەن پەقەت ئىككىلا نەرسەمنى يوشۇرۇن تۇتىمەن، بىرى، ھارغىنلىقىم، يەنە بىرى، يېشىم... بۇ ئىككىسىدىن باشقا ھەممە نەرسەم ئوچۇق ـ ئاشكارە...
   كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۆز يېشىمدىن كىچىك كۆرۈنىدىغان ئوخشايمەن، بەلكىم ئىشلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ ياشاشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان بولۇشۇم مۈمكىن. بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تۇغۇلغان بولسام ئىدىم، يەنىلا شۇ ئىشلارنى قىلغان بولاتتىم، دەيدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئىككىنچى قېتىم دۇنياغا تۆرەلسەم، بىرىنچى قېتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپرەكىنى، ئىنتايىن ئېسىلىنى، ئەڭ ـ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشنى خالايتتىم. پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆلمەي قالغان يالغۇز بىر كىشى بولغان بولسىدى، ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ ئۆلمىگەن بولاتتىم. قانداق قىلاي، بۇنىڭغا ئۆرنەك بولغىدەك بىرەر ئادەم يوق، بۇنىڭغا مەندە ئەمەس، مەنمۇ ھەممىگە ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەن...
    ئىنسانلارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەنكى، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرۈشۈم تۈپەيلىدىن بەزىدە شۇ ئىنسانلىرىمغا خاپا بولىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بار. مانا بۇ مېنىڭ تېخى تاماملانمىغان ھېكايەم، قىسقىسى، كىتابخانلارنىڭ ئۇزۇن يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئاساس زېرىكىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھېكايەمنى بەك ئۇزۇنغا سوزماسلىقىم مۈمكىن. ھەممىدىن بەكرەك قىزىقىدىغان نەرسەم، داۋامنىڭ قانداق يېزىلىشىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بۇ ھېكايەمنىڭ خاتىمىسى.

مەنبە:ئوكيان قامۇسى

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 03:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا تۇرۇك تىلىغا قىززىقۇچىلارغا ھەقسىز ئۆگىتىپ قويغانتى ...ئۆيى بىزنىڭ مەھەللىدە بولغاچ مەنمۇ نەچچە قىتىم كىرگەنىدىم .......................ھەقىقەتەن ياخشى مۇئەللىم ،ياخشى ئانا ،ياخشى ..... ئىدى ...........

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 03:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى يىللىرى تەڭرىتاغ گۈلزارى پروگراممىسىدا مۇنىرە غوپۇرنىڭ مەرھۇمە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى كۆرۈپ تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدىنىڭ ھاياتىغا ۋە ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالغانتىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە <چالىقۇشى> رومانىنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەريانىنى ۋە روماندىكى بىر قىسىم ۋەقەلىكلەرنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالغان سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ....
مەرھۇمەنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي.........

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

ئاللاھقا تاپشۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33401
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5430
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 04:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمە تۇرسۇنئاي ساقىم ئاپپاي - مەن ھۆرمەتلەيدىغان ھەم ھاياتىمدا ئۈلگە قىلىپ كىلىۋاتقان ئاياللاردىن بىرى!
تۇرسۇنئاي ئاپپاينىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى،
تۇرسۇنئاي ئاپپاينىڭ نەقەدەر ئىچكى ھىسياتقا، كۈچلۈك غورورغا، نازۇك قەلپكە ئىگە بىر ئىنسان  ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ ، بۇ سۆيۈملۈك ئاپىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي! ھەم بىزلەرنى ئۇنىڭ ئىز -باسارلىرى بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!

دۇنيادا پەقەت ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ! يەڭگۈچى ۋە يىڭلىگۈچى! يەڭگۈچى ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈن توغرا يولدا تىرشىشتىن باشقا ئامال يوق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش