غەزەل
مېنى تاشلاپ كېتەر بولساڭ،خۇداغا ئەرزۇ-ھالىم بار،
مېنىڭ چۈنكى ساڭا ھەمراھ بۇلۇپ ئۆتمەك خىيالىم بار.
مېنى تەنھا قۇيۇشقا يار پېقىردا نە گۇناھ باردۇر،
گۇناھ بۇلسا شۇ سىنى سۆيگەن گۇناھ باردۇر.
سىنى سۆيمەك ئۈچۈن بۇ دۇنياغا يارالغانمەن،
سىنڭدىن باشقا نەلەردە يۆلەنچىم،باش-پاناھىم بار.
شۇڭا سىنى كۈتتۈم،ئازاپلارغا پىسەنت قىلماي،
قېنى ئشىق سىنى كۈتمەي ياشاشقا نە ئىلاجىم بار.
سېنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمەستىن ماڭا ئارتۇق خوشاللىق يوق،
سەۋەپ سەنسىزئازاپ،ھېجران يەنە كۈلپەت زۇۋالىم بار.
ماڭا سەنسز بېھىش،جەننەت مىسالى چۆل باياۋاندۇر،
شۇڭا كۆرسەڭ مېنى بىر رەت ئەجەپ سۇلغۇن چىرايىم بار.
مېنىڭ ئارزۇ-ئۈمىد،غايەم ساڭا روشەن-ئايان تۇرسا،
يەنە تەنھا قويامسەن دەپ ساڭا لەكمىڭ سۇئالىم بار.
سىنىڭ ئشقىڭدا ياش تۆكسەم سەھەر-ئاخشامدا ئۈنسىز،
دېمە مېنى ھەرگىز مەجرۇھ ،يار مېنڭمۇ زۇۋانىم بار.
ئۆزۆڭگە دىلدار بىرئىزدەپ جاھان-ئالەمنى كەزسەڭمۇ،
ساڭا نەدە مېنڭدەك بىر سۆزى شېرىن مۇلايىم بار.
يەنە دىلبەر ساڭا قىلغان ئەقىدەمدىن گۇمان قىلساڭ،
جاھان ئالەم گۇۋاھ بۇلسۇن،ئەجەپ قاتتىق ئۇۋالىم بار.
(قابۇسنامە)دىن