مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4486|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىدىكى بىر قانچە خىل ت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 12:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىدىكى بىر قانچە خىل تەربىيە 

[align=justify]

[align=justify]    1. ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۈش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    2. چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
    3. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم .
    4. چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا "ئالجىغان" ، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان" ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەر چوڭلارنى "دادا" ، "بوۋا" ، "موما" ، "ئانا" ، "ئاكا ، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، "ئەدەبسىز" ، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ .
    5. كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار ، تەڭتۈشلەر قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا "كۆيۈمسىز" ، "مېھرى يوق" ، "باغرى قاتتىق" ، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
    6. سىرداش دوست - ئاغىينىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى "سىز" ، "سىلى " ..... دەپ ئاتىشى لازىم ، "سەن" دىيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق" ، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    7. ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كىيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دىيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
    8. مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كىلىشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
    9. تاماقتىن بۇرۇن ۋە كىيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كىيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
    10. قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۈڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
    11. مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلى" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
    12. مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ .
    13. ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
    14. مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
    15. مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    16. مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ .
    17. مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
    18.مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .
    19. مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ .
    20. مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئىچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان.
    21. مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم .
    22. مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .
    23. يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .
    24. غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    25. مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ .
    26. بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    27. تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    28. مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    29. يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ .
    30. ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    31. ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
    32. يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .
    33. ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ .
    34. ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
    35.كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭگە " دىگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان .
    36. زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
    37. تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ .
    38. نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار «تۇزكور» دەپ قارىلىدۇ .
    39. ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كىيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
    40. سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى "تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ" ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش "يامان بولىدۇ" ، "پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
    41. چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دىيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تىپىش يامان ئېلىنىدۇ .
    42. يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كىيىن يوقلايدۇ .
    43. كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ .
    44. ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
    45. چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ .
    46. ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
    47. چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيادە ئۆستۈرىۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
مەنبە:8كوچا مۇنبىرى
  
http://bbs.8koqa.com/read.php?tid=1007


قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36762
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3641
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 02:41:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تېمىلار نىكۆپراق يوللاپ تۇرغايسىلە ~!
ئۇيغۇر لارنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ئەن ئەنىسنى تۇنۇتشىمىز كېرەك~!

شۇكرى ئاللا.....بەرگەن كۇنلىرگە.......

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 03:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمائىكەن بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار بىلەن بىزنى يۇز كۆرۇشتۇرۇشۇڭىزنى ئۇمىد قىلىمان رەھمەت سىزگە.

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19265
تۆھپە نۇمۇرى: 2473
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 03:20:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردە ئاساسەن مۇشۇنداق

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 05:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە خېلى كۈچ چىقىرىپسىز .ئەگەر مادارىڭىز يەتسە بۇ تېممىنى خەنزۇچىغا ئاغدۇرۇپ خەنزۇچە تور بەتلىرىگە يوللاپ قويسىڭىز شۇ يولداشلارمۇ بىزنىڭ ئۆرپە-ئادەت تەربىيەلىرىمىزنى بىلىپ قالسا دېگەن ئۈمۈتتە.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11483
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 06:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمائىكەن بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار بىلەن بىزنى يۇز كۆرۇشتۇرۇشۇڭىزنى ئۇمۇت قلمەن [s:166]

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23304
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7925
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 07:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (otyurak0998) نىڭ يازمىسىغا

ياخىشى تېما ئىكەن ، مۇشۇ ماۋزۇ ۋە مۇشۇ تېما  بويىچە داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزنى  داۋاملىق قوللايمەن .
5- نوختىدا :چوڭلار -تەڭتۇ شلار  قۇچاقلىشىپ، مەڭزىنى- مەڭزىگە يېقىپ  كۆرىشىدۇ، دېگەندە ئاياللار كۆزدە تۇتۇلدىمۇ ياكى ئەرلەرمۇ شۇنداق كۆرىشەمدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا يەرلىك ئالاھىدىلىك بولامدۇ، مەسىلەن ، بەزى يەرلەردە شۇنداق كۆرىشىدىغان ئىش بولۇپ  ، بەزى يەرلەردە ئەرلەر مە ڭزىنى- مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئەرلەر مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشىدىغان ئىش  بۇ  كۆپىنچە ئەرەپلەرگە خاس ئادەتمىكىن دەيمەن.

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 09:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئۆرپ _ئادەتلىرى  مىللىتىمىزنىڭ مول مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى!  مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلار مەدەنىيىتىمىزنى چۈشىنىشىمىز ۋە ۋارسلىق قىلىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ  .

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 11:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ئۇقۇتقۇچى بۇ ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى ياشلارغا بۇلۇپمۇ  ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۈگۈتۈش،دەرىسلىككە قۇشۇم ئۈگۈتۈش ۋە تەشۋىق قىلىش مىنىڭ بۇرچۇم دەپ قارايمەن . شۇڭا سۇرايدىغىنىم بۇ تىمىنى كۇچۇرۇشكە بۇلامدۇ ؟كۇچۇرۇشكە رۇخسەت قىلىنسا كۇچۇرگىلى بۇلۇدىغان قىلىپ قويسىڭىز؟  بۇلامدۇ.؟

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13936
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9450
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 4696 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 03:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۆپ بەك خوش بولدوم،بۇنداق تىمىلار تىخىمۇ كۆپلەپ يوللانغان بولسا مەندەك  كەلگۈسى ئانىلار تىخىمۇ بىلىملىك بولغان بولاتتى. بۇنىڭ مىللەتكىمۇ پايدىسى زور. رەھمەت سىزگە!

بارلىقىڭلارنىڭ ھاياتى پىستىدەك تاتلىق بولسۇن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش