ئىنتايىن مۇڭلۇق ناخشا

Shayne Ward
بۇ يىگىت كېلىشكەنمىكەن،ھازىر ياۋرۇپادا مۇدا بۇلىۋاتقان ناخشىچىلارنىڭ بىرسى.بۇ ناخشا چولپىنى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى ئەمسە.

قىسقىچە ئارخىپى
شەيئىن.ۋارد (Shayne Ward)،ئەنگىليە ناخشىچىلارنى تاللاش پروگراممىسى"The X Factor" نىڭ،2005-يىللىق چېمپىيۇنى،ئەنگىليەدىكى ئاستا-ئاستا چاقناۋاتقان يۇلتۇز.شەيئىن.ۋارد ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قەددى قامىتى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن دۇنيادىكى ناخشا مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۇ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن،ئىككى يەككە ناخشىسى 《That’s My Goal》ۋە《No promises》نى ئىلان قىلغان.بۇ ئىككى ناخشىسىنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئالقىشقا ئىرىشىشىگە ئەگىشىپ مۇزىكا ساھەسىدە بارغانسىرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۇ پۈتۈن ئەنگىليەنى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن.

ئىسمى: Shayne Thomas Ward
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 173cm
تۇرۇشلۇق ئورنى: ئەنگىليە مانچىستىر
يۇلتۇزلار تۈركىمى: تارازا يۇلتۇز تۈركىمى
تۆۋەندە ئۇنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشىلىرىدىن
Breathless
ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ناخشىلىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ناخشا تور بىكەتلىرىگە كىرىپ (ئۇيغۇرچە توربەتلەردە بارمۇ يوق بىلمەيمەن) ناخشىچى ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ ئاڭلىساڭلار بۇلىدۇ.مەن سىلەرگە ئۇنىڭ Waiting In the Wings دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.