قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى ئوبزور
ئەزىز نىياز پاسىل
مەن مىسرانىم تورىدىن«قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتىرېت›› ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم.خىزمەدداشلىرىمنى بۇ ماقالىنى ئوقۇشقا تەۋىسسىيە قىلدىم. خىزمەدداشلىرىمنىڭ بۇ ماقالە ھەققىدىكى قارىشى مېنىڭ قارىشىم بىلەن بىردەك ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ماقالە ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى تورداشلارغا سۇنۇپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
مېنىڭچە قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغىنى « ئىككى ئالىمنىڭ پورتىرېتى ۋە مىللى خارەكتىر›› ۋە «قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتىرېت›› ناملىق ئىككى ئوبزور. چۈنكى بۇ ئوبزورلاردا گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە، رەسساملىق تەپەككۇرىنىڭ ئۇسۇل ۋە شەكىللىرىگە، رەسسامنىڭ .ئىجادىيەت ئەركىنلىگىگە زىت قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئاۋام تەرىپىدىنلا ئەمەس،بەلكى كەسىپ ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ئالقىشلانغان نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئورۇنسىز ئەيىپلەنگەن.يىتۈك رەسسام غازى ئەھمەد ئىجادىيتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان،رەسساملىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن،خەلىق ئارىسىدا بىردىنلا مەھمۇت قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ قىزغىنلىقى قوزغۇلىشىغا سەۋەپ پولغان ،ئويغۇرلار نىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن مەھمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ پورتىرېتلىرىغا ھاقارەت قىلىنغان. ھەتتا رەسسام غازى ئەھمەد ”جاھىل“،”كاج“،”رىئاللىققا كۆز يۇمغان“،” يۇرۇتۋاز“...دەپئەيىپلەنگەن. ئوبزورچى :”رەسساملىق نوقتىئىنەزى-
رىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي“ تۇرۇپ رەسسامنى:”بىر تەرەپنى كۆرۈپ، بىر تەرەپكە كۆز يۇمغان“،ئىنساننىڭ تەبىئى يىتىلىش قانۇنىيىتىنى ھىساپقا ئال-
مىغان“،”ماھىيەتنى تاشلاپ ھادىسىگە ئېسىلىۋالغان“،”قىران ئادەمنىڭ ئىڭىكىگە يەتمىش ياشلىق بوۋاينىڭ ساقىلىنى چاپلاپ قويغان“،”رەسىمدە ھەقىقەتەنمۇ چىنلىق تۇيغۇسى ئەكىس ئەتمىگەن“،” ئۆز ۋاختىدىكى ئويغۇرلار نىڭ بەدىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەدىنىدەك مويسىز ئمەس ئىدى“،”قانۇ-
نىيەتكە ھۆرمەت قىلمىغاچقا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇت قەشقىرىدىن 20ياش ئەتراپىدا چوڭدەك تەسىرات بېرىدىغان ھالات شەكىللەنگەن“... دىگەندەك
ئاساسسىز ئىغۋا تارىتىپ، ئۆزىنى ئىككى ئالىمنى ئەڭ چۈشۈنىدىغان،ئىككى كىتاپنى چوڭقۇر چۈشۈنىدىغان بردىن بىر ئادەم قىلىپ كۆرسۈتۈپ، غازى ئەھمەتنى ئىككى كىتاپنى ئەستا ئىدىل ۋاراقلاپ باقمىغان،تارىختىن خەۋىرى يوق دەپ ئەيىپلەپ تۇرۇپ” سەمىمى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم“ دەۋالغان. ”ئۆمرۈمنى ئىككى ئالىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈشكە سەرىپ قىلدىم“ دەپ ئۆزىگە ئۆزى باھا بېرىپ، ئۆزىنى ئۆزى ماختاشلىرىدىن مەلۇمكى، ئوبزورچىنىڭ بۇ يازمىسى قىلچە ئىلمى ئاساسى يوق ئىغۋا بولۇپ ،ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا ئوبزورچى غازى ئەھمەت سىزغان ئىككى پورتىرېتنى نوپۇزلۇق رەسساملارغا رات قىلدۇرۇپ،كۆڭلىدىكى”ھەقىقى“ پورتىرېتنى سىزدۇرۇپ كەسىپ ئەھلىلىرىنى قايىل قىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوبزورچىنىڭ بۇ ئىككى ماقالىسىنى ئىغۋا دەپ تونۇيمەن. غازى ئەھمەت ئونۋېرسال بىلىم-ئىقتىدار جەھەتتىلا ئەمەس ياش-قۇرام جەھەتتىمۇ ئوبزورچىغا ئاتا يوللۇق ئادەم ئىدى.مىللەت ھالقىغان،دۆلەت ھالقىغان رەسسام ئىدى. مەن ئالدىنقى يىلى بىر مەتپۇئاتتىن ئىچكىرىدىكى بىر داڭلىق رەسسامنىڭ غازى ئەھمەت ھەققىدە توختۇلۇپ كېلىپ:”ئۇ ئويغۇرلارنىڭ تەسۋىرى سەنئىتىدىكى مەھمۇدى“دىگەن باھاسىنى ،يەنە بىر داڭلىق رەسسامنىڭ ”مۇقام“ناملىق رەسىمنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى باسالماي:”غازى يەنىلا غازى ئىكەن –دە،“دىگەن سۆزىنى كۆرگەن. بۇلاردىن كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ غازى ئەھمەتكە بولغان قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدا،مەملىكەت ئىچى سىرتىدا غازى ئەھمەت ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر ۋە ئىزدىنىۋاتقانلار خېلى بار.خەلقىمىز ئۇسىزغان رەسىملەرنىلا ئەمەس،بەلكى ئۇ يازغان ئەدەبى خاتىرە ،ئەسلىمە،ھۆسنىخەت،شىئېرلارنىمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئونىڭ ئادەمىلىككە تويۇنغان پەزىلەتلىرىنى ياختۇرىدۇ.قىسقىسى خەلىقنىڭ قەلبىدىكى غازى ئەھمەد ئوبرازىنى ھىچكىم چىقىرىۋىتەلمەيدۇ. ئوبزورچى بىر ئىلمى ئادەم تۇرۇپ،يازمىلىرىدا گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىز،ئادەت-يوسۇنلىرىمىز،كىملىكىمىز،
ئەخلاق،ۋىجدان-غۇرۇر،ئادىمىلىك ھەققىدە سۆزلەپ تۇرۇپ ،چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلسا، يازغىنى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوخشاش بولمىسا ئەمدى ئۇنىڭ يازمىلىرىغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن! شۇمىتى ئۇنىڭ مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاسھاجىپ شۇناسلىقى! ياكى ئۇ ئىككى ئالىمىمىز ئەنە شۇنداق ئۆزدىن چوڭنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنى بىلىدۇ، باشقىلارنى بىلمەيدۇ دەپ قارايدىغان مەنمەنچىلەردىن بولغايمىدى؟ ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس! چۈنكى ھاكاۋۇرلۇق،مەنمەنچىلىك بار يەردە ئىلىم بولمايدۇ. دىمەك ئوبزورچىنىڭ ھاياتى”ئىككى ئالىمنى تەتقىق قىلىش بىلەن“ ئەمەس،بەلكى ئىككى ئالىمنىڭ”قازىنى“دىن” ئاش“ ئۇسسۇپ يەپ قۇساق بېقىش بىلەن ئۆتكەن . غازى ئەھمەد ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە كەسپى رەسساملار ياكى گۈزەل-سەنئەت نەزىريىچىلىرى بىر نەرسە دىسە كىشىلەر قايىل بلىدۇ. ئەمما گۈزەل-سەنئەت ئەمەلىيىتى ياكى نەزىريىسىدىن خەۋەرسىز ئادەمنىڭ بۇ ھەقتە بىرنەرسە دىيىشى ئورۇنسىز. بىرسى ئوبزورچىنى: ”يۈسۈپ خاسھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى خېلىلا ئەتراپلىق ،سېستىمىلىق بولۇپ، ئېلىمىزدە ئويغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئۇتۇقلىرى ئىچىدە سان جەھەتتە كۆپ،قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ،ئاممىباپلىق ۋە تەسىرچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك،ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولۇش بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدۇ دىيىشكە بولۇدۇ“[1] دىگەن بولسا بوپتۇ
لېكىن، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئوبزورچىنىڭ نەشىر قىلدۇرغان كىتاپلىرىنىڭ سانى باشقىلاردىن كۆپلىگى راسىت ، ئەمما سان سۈپەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.بىزدە نى –نى تەتقىقاتچىلار بار،ئۇلار شۇنچىلىك ئالدىراشكى ”ئۆمرۈم ئىككى ئالىمنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتتى...“دىگەندەك گەپلەرنىدىيىشكىمۇ ۋاختى يوق! داۋىراڭ سالغانلارغا مەپتۇنبولۇپ كىتىپ ،ئۈن-تۈنسىز تۆھپە ياراتقۇچىلارنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش نادانلىقتۇر.
تورداشلار ئوبزورچى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىككى پارچە ئوبزور بىلەن غازى ئەھمەد ئەپەندىم تەرىپىدىنيېزىلغان بىرپارچە ماقالىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقسا ئوبزورچى بىلەن غازى ئەھمەد ئەپەندىمنى تولۇق چۈشۈنەلەيدۈ. مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشۈنىدۇ.
ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەرنى ئوبزورچىنىڭ شىنجاڭ ياشلىرى“ ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىنىڭ 55-بېتىگە بېرىلگەن فۇتۇ سۈرىتىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. ئوبزورچى 1958-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇيىل53ياشقا كىرىپتۇ. ناۋادا ئوبزورچى بىر مەزگىل ساقال قويۇپ ئاندىن رەسىمگە چۈشۈپ ،شۇ رەسىمىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ پورتىرېتىنىڭ يېنىدا قويۇپ ،پورتىرېت بىلەن رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلا ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ 70ياشلىق بوۋاي بولۇپ قالغان“ دەپ دەۋا قىلغىنىدىن خىجىللىق ھىسقىلىدۇ. ئوبزورچى رەسسامغا:” 81-يىلى ئۆزى سىزغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىش ئۈستىدىكى سۈرىتىنى پورتىرېت ئەمەس ئىدى دەپ دەۋا قىلىدۇ .كېيىن سىزغىنىم پورتىرېت .ئىدى دەيدۇ. ئۇنداقتا ئالدىنقىسى نىمە؟ دەپ سۇئال قويغان بولۇپ ، ئەينى ۋاختىدا ئۇ رەسىم ”پىكىر ئېلىش نۇسخىسى“ دىگەن ئىزاھات بىلەن ئېلان قىلىنغان تۇرسا” ئۆمرى ئىككى ئالىمنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن“ ئادەم نىڭ ئىزاھاتنى كۆرمىگىنى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ”ئۆمرۈم ئىككى ئالىمنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتتى“ دىگەن سۆزنىڭ بىر مەسنىڭ ”مەن مەس ئەمەس“ دىۋاغىنىغا ئوخشاش
سۆز ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئوبزورچى رەسسامنىڭ ”كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدىغان پورتىرېتلار ئالىملارنىڭ رىيال ئوبرازى ئەمەس،بەلكى ،رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى غايىۋى ،روھى ئوبرازدىن ئىبارەت“ دىگەن سۆزىگە مەھكەم ئىسىلىۋلىپ،”بۇ ئالدى بىلەن ئىككى ئالىمنىڭ تارىخى رىيال شەخىس ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ“ دەپ دەۋە قىلىدۇ ،مەنتىقسىزلىكتە ئەيىپلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جاۋابىمۇ ئاددى .رەسسام ئۈچۈن تۇتۇپ ،كۆرۈپ،قاراپ سىزسا رىئال بولىدۇ. ئىككى ئالىمنى رەسسام كۆرمىگەن شۇڭا تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ غايىسىدىكى ئوبرازنى سزىپ چىققان. بىزدە 50ياشقا بارماي تۇرۇپ چاچ ساقاللىرى ئاقرىپ بوۋاي بولاپ قالىدىغان،70كە بېرىپمۇ چاچ- ساقىلى قاپقارا،ياش يىگىتتەك روھلۇق تۇرىدىغان ئادەملەر ئازمۇ؟
بىزدە كىم ئالدىغا بەكرەك مېڭىپكەتسە پېشىدىن تارتىپ قويىدىغان،ياخشىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان،كىم نەتىجە قازانسا شۇنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىنى كولاپ باقىدىغان ...ناچار ئادەت قاچانمۇ تۈگەر؟
ئىشەنچىم كامىلكى،بۆگۈنكى دەۋىر ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى”ئۇنىڭ ماكانى“،”تۈگۈمەس ناخشا“”تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش“،”ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ“قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرگە يېزىلۈان يامەن غەرەزدىكى ئوبزورلار قانداق ئاقىۋەتكە قالغان بلسا،”قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتىرېت“ناملىق ئوبزورمۇ شۇنداق .ئاقىۋەتكە قالىدۇ.قوبۇلقىلىشقا بولمايدىغىنى ”ئىككى پورتىرېت “ ئەمەس،ئىككى ئوبزور .
ئىزاھات:
[1] ” شىنجاڭ ياشلىرى“ 2011-يىللىق 1-ساندىكى غەيرەتجان ئوسماننىڭ ماقالىسىگە قاراڭ