مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 3

مەۋلۇد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋلۇد ( مەۋلۇد نەبى )

مەنبە : www.bildur.net
 

بۇ مەزمۇن شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ مىلادىيە 1950 – يىلىدىن 2050 -يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى .( ئاللاھ كىتاب ئىگىسىدن رازى بولغاي !)



     بۇ سۆز ئەرەبچە  << مەۋلۇد نەبى >> دەپ ئاتىلىپ ، << پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى >> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ . ئەرەب تارىخى يادىكارلىقلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە ،  مۇھەممەە ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 570 – يىلى ، ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە تەقۋىمىدە پىل يىلى 3 – ئاينىڭ 12 –كۈنى ئەرەبىيە ئارىلىنىڭ مەككە شەھرىدە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىمىلار جەمەتىدىن ئابدۇللا مۇتەللىپنىڭ ئامىنە ئىسىملىك ئايالىدىن تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ كۈن << مەۋلۇد نەبى  >> ( پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ) دەپ ئاتىلىدۇ . تارىخى خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجىرىيىنىڭ 11 – يىلى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ( يەنى مىلادىيە 632 – يىلى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ) مەدىنە مۇنەۋۋەردە ۋاپات بولغان . بۇ كۈن << ۋاپات نەبى >>  ( پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ) دەپ ئاتىلىدۇ . جەنۇبى ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋاپات نەبىنى << بەرە ۋاپات >> دەپ ئاتايدۇ .، بۇ ئوردۇچە سۆز بولۇپ ، << بەرە >>  - << 12 >> دېگەننى << ۋاپات >> - << ئالەمدىن ئۆتتى >> دېگەننى بىلدۈرىدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىت ( يەنى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ) بولغاچقا ، مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى خاتىرە كۈنىنى  << مەۋلۇد نەبى >> دە بىللە ئۆتكۈزىدۇ . ئەرەب تارىخىي كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە ، مۇھەممەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ 300 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، شىئەلەرنىڭ فاتىمىيە سۇلالىسى ( مىلادىيە 909 – يىلدىن 1171 –يىلغىچە ) ئەڭ ئاۋال مىسىردا مەۋلۇد نەبى خاتىرىسىنى ئۆتكۈزگەن . 12 – ئەسىرگە كەلگەندە ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن ئىراق پاتىشاھى ئەبۇ سەئىدنىڭ ئەمرى بىلەن ئىراق مۇسۇلمانلىرىمۇ ھەر يىلى ھىجىرىيە 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى مەۋلۇد نەبىنى خاتىرىلەيدىغان بولغان . شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە ۋاپات بولغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە رايونلىرىغا ، مۇسۇلمانلار ياشايدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كېڭەيگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق خاتىرە كۈنى بولۇپ قالغان . خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى ھەرقايسى جايلاردا شۇ جاي ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەلۇم دەرىجىدە پەرىقلىق بولىدۇ ، ئەمما ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى مەسچىتلەرگە يىغىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ ، مەۋلۇد شېرىپ ۋە سەلاۋات قەسىدىلىرىنى ئوقۇيدۇ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەدىھىيلەر ئوقۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەلىم – كۆرسەتمىللىرى ، ھاياتى ئىش – ئىزلىرى ، گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتى قاتارلىقلار تەبلىغ قىلىنىدۇ . مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى بەزى رايونلىرىدا مۇسۇلمانلار يەنە مەسچىتلەردە پوشكال ، داشقايناق ( كۈجە ) ،  مېۋە – چېۋە قاتارلىقلارنى ھازىرلاپ نەزىر بېرىپ خاتىرىلەيدۇ . مەۋلۇد نەبى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ئايەملىرىدىن بىرى بولۇپ ، بىر مۇنچە جايلاردا روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت بىلەن قوشۇلۇپ ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچ چوڭ ھېيىت ئايىمى دەپ ئاتىلىدۇ .

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2776
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9604
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 09:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىزتەڭرى ئالدىدا، ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋرى ئالدىدا . كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كەلگەندە ئامەت ، ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبىرى قىيامەت .

تەپەككۇر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36306
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2011-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 11:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋلۇدكۇنى(دۇنياۋى مەشھۇر شەخىسلەرگە)،تەۋەللۇدكۇنى(داڭلىق شەخىسلەرگە)،تۇغۇلغان كۇن(پۇخرالاررغا،ئاددى شەخىسلەرگە ) ئىشلىتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 02:58:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى  بىزنىڭ ئائىلىدە ھەر يىلى مەۋلۇت ئوقۇتۇلاتتى. ئاتام رەھمىتى كەتكەندىن بېرى ئانام داۋاملىق خەتمە ئوقۇتۇدۇ .  اللە مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ياتقان جايلىرىنى نۇرغا تولدۇرۋەتسۇن ھەم بىزگە قىيامەتتە شاپائەت قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن!

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش