مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1927|ئىنكاس: 24

ئوتقاش ھىكايە -نەسىر  توپلاملىرى(1-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 3331
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 40554
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 12:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېھ ،جاپاكەش ئانام (ئوتقاش)

(بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا بېغىشلايمەن)

ئاپتۇر: ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئاتامنى كۈلدۈرەي دەيمەن،
ئانامنى كۈلدۈرەي دەيمەن.
مېنى باققان جاپاسىغا ،
بېشىمدا كۆتۈرەي دەيمەن .


                                       ____ خەلىق  ناخشىسى

ئېھ، جاپاكەش ئانا، ئارزۇلۇق ئوغلىڭىزنىڭ يىراق قىرلاردىن سىزگە يوللىغان ئاددي سالمىنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ بىلمەن شۇتاپتا توپا -چاڭلارغا مىلىنىپ يۈرۈپ ئېتىز-قىرلارئارسىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقانسىز،يۇمران مايسىلارنى خۇددي بىزنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەندەك پەپىلەپ ئۆستۈرۋاتقانسىز. قىشنىڭ قەھىرتان سوغوقلىرىغا ،يازنىڭ پىژىرغىم ئىسسىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ چۆل- جەزىرلەرنى يېشىللقىقا ،سايلارنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرۋاتقاندۇرسىز، بوزتوپلۇقلارنى  گۈل -چىمەنگە ئوراپ  قاقاسلىقلارغا ئوسما قۇيۋاتقانسىز.
     ئانا ،سىز ياش ئىدىڭىز ،گۈل غۇنچە ئىدىڭىز .ئەللىك يىللىق جەۋرى-جاپا  قەددي-قامىتڭىزنى ئېگىپ قاپقارا چاچلىرىڭىزنى ئاق ئارلىدى.قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزىڭىزدە يول-يول سىزىقچىلار ئورۇن ئالدى.بۈركۈت كۆزىدەك ئۆتكۈر، نۇرانە كۆزلىرىڭىز غۇۋالاشتى.جاپالىق يىللارنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى جىسمىڭىزدىن ئورۇن ئېلىپ قەلىب تۆرىڭىزدە تالاي ئەسلىملەرنى قالدۇردى.قىسقىسى سىز ھاياتلىق يۇلىدا ئەللىك يىل توختىماي تىركەشتىڭز،پەرزەنىتلىرىڭىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچە تالاي ئىسسىق -سوغوقلارنى ،جاپالىق كۈنلەرنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزدىڭىز. لېكىن سىز بۇيولداقىلچە ۋايسىمىدىڭىز. ياشلىق باھارىڭىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تۆت پەرزەنتىڭىزنى بېقىپ  قاتارغا قوشۇپ ئادەم قىلدىڭىز.پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىپ ياشلىق چاغلىرىڭىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىڭىز.
     ئانا ، بەزىدە سىزنى پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق قوياشقا ئوخشىتىپ قالىمەن.چۈنكى سىز قوياشقا ئوخشاش يېلىنجاپ تۇرغان مېھىر- مۇھەببىتىڭىز بىلەن بىزگە ئالەمچە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ ئۈشىگەن قەلبىمىزنى ئىللىتتىڭىز، قاراڭغۇ دىلمىزغا نۇرانىلىك ئاتا قىلدىڭىز.
   ئانا بەزىدە سىزنى مېۋىلىك باغقا ئوخشىتىپ قالمەن،چۈنكى سىز ھالال قان-تەرىڭىز بىلەن ئىشلەپ تاپقان ئېسىل نازۇ- نىممەتلەرنى ئۆزىڭىز يىمەي بىزگە يىگۈزۈپ بېشىمىزدا زوقلۇنۇپ  قاراپ تۇردىڭىز.تومۇز-ئىسسىقلاردا بىزگە سايە بولدىڭىز، بىزنى بوران -چاپقۇندىن قار- يامغۇردىن ساقلىدىڭىز.
   ئانا يەنە بەزىدە سىزنى دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىز-ئوكيانغا ئوخشىتىپمۇ قالمەن،چۈنكى سىزئەللىك يىل سۇ بولۇپ ئاقتىڭىز ،قىرغاقلارغا ئورۇلدىڭىز يەنە توختىماي ئاقتىڭىز. گۈدەكلىك قىلىپ سىزنى رەنجىتسەك ، دىلڭىزغا ئازار بەرسەك قىلچىلىكمۇ كايىمىدىڭىز،مەيلى نىمىلا قىلمايلى كۆكسى -قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ سەۋەنلىكىمىزنى كۈلۈپ تورۇپ ئۆتكۈزۋەتتىڭىز.

ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ كارۋات ئاستىغا مۆكۈنۋېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،سىز بىر كېچە ئۇخلىماي مېنى ئىزلەپ بارمىغان يىرىڭىزمۇ قالماپتۇ. تاكى تاڭ يۇرىغىچە يۇم-يۇم يىغلاپ ھەممە يەرنى ئىزدەپسىز. ئەتىسى كۆزلىرىڭىز قىزارغان ھالەتتە قايتىپ كەلگىنىڭىزدە مېنى كۆرۈپ باغرىڭىزغا مەھكەم بېسىپ ،پىشانىللىرىمگە سۆيۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭىز. يەنە بىر قېتىم قاتتىق قىززىپ قېلىپ ھوشسىز ياتقىنىمدا چېلەكلەپ قۇيغاندەك توختىماي يېغۋاتقان قارايامغۇرغا قارىماي يىقلىپ- قوپۇپ مۆدۈرۈپ يۈرۈپ مېنى يۈدۈپ  دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدىڭىز. ئانا قىقىسى سىز بارلىقىڭىزنى يۈرەك -پارىللىرىڭىزگە ئاتىۋەتكەن ئىدىڭىز،بالا ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرگۈدەك قەيسەر يۈرەك سىزدە بار ئىدى.چۆچەكلەردە ئېيتىلغاندەك پەرىشتە بار بولسا سىز ئونۇڭدىنمۇ ئولۇغ پەرىشتە ، سىز دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ ئىنسان ،ئەڭ گۈزەل پەرىشتە ئانا! سىز يالغۇز مېنىڭلا ئانام بولۇپ قالماستىن پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئانىسى ،پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئولۇغ ۋەتىنى ئانا !

ئانىلارسىز بەخىت-سائادەت  نەدە تۇرۇپتۇ، ئانىلارسىز تاجۇ-تەخىت نەدە تۇرۇپتۇ .سىز مېنىڭ ئىپتىخارىم، مىللىتمىزنىڭ ئىپتىخارى ئانا.سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىغى ،مېھىربانلىقى ، ئاق كۆڭۈللىكى بىلەن مەڭگۈ قەدىرلىكتۇرسىز... سىزنىڭ ئولۇغلىقىڭىزنى، ئالەمچە گۈزەللىكىڭىزنى تىللاردا داستان قىلىپ پۈتۈپ چىقساممۇ،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن ناخشامغا قېتىپ پۈتۈن كائىناتقا جاكارلىساممۇ، بىر تېمىم سۈتىڭىز ھەققىگە سىزنى يۈدۈپ بەيتۇللاغا ئاپارساممۇ ئازلىق قىلىدۇ ئانا! شۇتاپ تىلىم كۆيۋاتىدۇ، سىزنى مەدىيلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ.ئالدىڭزدا سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىگنلىكىمدىن دىلىم ئۆرتىنۋاتدۇ . چارچىغان چېغىڭىزدا پۇت -قولىڭىزنى تۇتۇپ قۇيالمىدىم ، ئۇسساپ چاڭقىغان ۋاختىڭىزدا ئالدىڭىزغا بىر پىيالە ئۇسسۇلۇق كەلتۈرەلمىدىم.پەقەت سىزدىن تولىمۇ يىراق شەھەردە،پاكىزە- ئازادە سىنىپتا خاتىرجەم  ئولتۇرۇپ  دەرىس ئوقۇۋاتقان چىغىمدا سىزنى چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەشتىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم ئانا!ئوغلىڭىز تۇرۇپ جاپايىڭىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمگەنلىكىمدىن،مادارسىز پۇتىڭىزغا پۇت، قولىڭىزغا قول بۇلالمىغانلىقىمدىن خېجىل بولۇپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار كېلۋاتىدۇ ئانا!جېنىم ئانا خاتىرجەم بولۇڭ! ئوغلىڭىز جەزمەن كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقىشقا ،ئۈمىدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرشىدۇ. سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بۇلۇپ چىقدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ئانا!جېنىم ئانا ،ئاخىرىدا ياتقۇچى ئىگەمنىڭ ئالتۇن تېنىڭىزنى سالامەت قىلشىنى تىلەيمەن!

                 ____ خەيىر ئانا ،ياخشى مىنۇتلاردا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەيمىز . سىزنى سېغىنىپ:

                                                                                                                               قەدىرلىك ئوغلىڭىزدىن.  



ئانا





ئېتىزلاردىن بېرى كەلمەيسەن،

كېچە كۈندۈز جاپاكەش ئانا.

ۋايسىتالماس كۆيدۈرگە ئاپتاپ،

سەن قۇياشتىن توغۇلغانمۇ يا؟




ئاتمىش يىلدا ئاتمىش باھارىڭ ،

ئۆتتى ئېتىز قىرلار بېشىدا .

مۇھەببەتلىك باغرىڭدا ياشاپ،

ئەللىيىڭدە تەۋرىنەر دۇنيا.



پەرىشتىسەن ئەي ئولۇغ ئانا،

بار قەلبىڭدە ئەڭ چوڭقۇر كۆيۈم.

ساڭا ئاتاپ ناخشلار يازسام ،

كۆيەر ئەممە بۇ ئاجىز تىلىم .



2010-يىل 8-مارت

سەن كەتتىڭ

ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش


سەن كەتتىڭ ،مىسكىن قەلبىمگە بىر ئۈلۈش ھەسرەت ناخشىللىرىنى ئاپرىدە قىلىپ بارسا كەلمەس چەكسىزلىك قوينىغا ئۇزاپ كەتتىڭ.سەن كېتش بىلەن بىللە يۈرىكىممۇ ساڭا ئەگىشىپ ئايقىڭ ئاستىغا يىقىلدى، لېكىن سەن پەرۋاسىز ھالدا خۇددي بىر پارچە كېرەكسىز چالمىنى دەسسىگەندەك قىپقىزىل يۈرۈكۈم ئۈستىگە رەھىمسىزلەرچە دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتىڭ...ناتىۋان قەلبىم خورلۇق دەستىدىن ھەسرەتلىك <<ئاھ>> دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن لاسسىدە بۇلۇپ قالدى.كەچكۈز شامىلى مېنى پەپىلمەكچى بۇلۇپ تاراقسىز چاچلىرىمغا ،نۇرسىز يۈزلىرىمگە يەڭگىل لەۋ ياقاتتى،سارغايغان ياپراقلار خەستىلەنگەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ يىنىك شىۋىرلىغىنىچە ئۈست-بېشىمدىن تۆكۈلەتتى.بولۇتلۇق ئاسمان ئېچىنىشلىق قىسمىتىمگە قايغۇرۇپ سىم-سىم ياش تۆكەتتى.يالغۇز چىنارغا باغلاقلىق ئاق بوز ئېتممۇ شۇنچىلىك ئىزگۈلۈك ئاھاڭدا نالە قىلاتتىكى يەر-زىمىن،تاغۇ-تاشلار لەرزىگە كېلەتتى،تىنىمسىز ئېقۋاتقان دەريامۇ شىددەتلىك دولقۇنلايتى.گىرىمسەن ئۇپۇق قوينىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان قۇياش خۇددي ماڭا بۇنىدىن كىيىنكى زۇلمەتلىك تەقدىرىم توغۇرلۇق شەپە بىرىۋاتقاندەك خىرە-شىرە نۇر تۆككنچە  بارا-بارا سۇسلاشماقتا ئىدى.شۇتاپ يەرشارى ئۆز ئوقىدا تۇرۇپ قالغاندەك ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمگەن بۇلۇپ نىمجان تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئاجىز دۈپۈرلەشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن بارچە ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ساراڭلارچە ناخشا توۋلىماقچى بولدۇم،لېكىن پىغانلىق كۈيلىرىم ناخشا بۇلالمىدى.ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قارا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتتىم،ھەر بىر ئۆكسۈشلىرىمدىن بىر خىل مۇڭ،غېرىپلىق تۆكۈلۈپ ئەس ھوشۇمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويدۇم.ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەشكە كۈچۈم يەتمەي تۇرغان ئىزىمغا <<گۈپلا>> قىلىپ يىقىلدىم. تۈن پەردىسى ئاستا-ئاستا پۈتكۈل جاھانغا يېيىلىپ  جىسمىمنى دەششەتلىك كېچە زۇلمىتى ئۆز قوينىغا ئالدى،ئەنە خىرە چاقناپ تۇرغان بىر يۇلتۇز ئالەم باغرىغا ساقىپ چۈشۈپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى.ئەنە ،چىرايىنى غەم تۇمانلىرى قاپلاپ تۇرغان تولۇنئاي نەملەشكەن كىرپىكلرىنى چىڭ يۇمۇپ قارا تۇمان ئارسىغا ئاستا-ئاستا شوڭغۇشقا باشلىدى.ئەنە تۇنۇش بىر سىيما قاتقان قاراقلىرىمدا مەسخىرلىك كۈلگىنىچە ئۆز جىلۋىدارلىقىنى بارا-بارا يوقاتتى...
******************************

ئېسىمدە ئىككىمىز خوشلاشقان شۇ چاغ،
دېگەنتىڭ بىر سېنى كۈتىمەن پەقەت.
ئۆتمەستىن ئارىدىن تېخى بىر يىلمۇ،
بىغۇبارقەلبىمگە تاشلىدىڭ كۈلپەت.


ئارىمىز بەك يىراق بولسىمۇ گەرچە،
يۈرگەنتىم سېنىلا قەلبىگە پۈكۈپ.
ئەپسۇسكى خارلىنىپ قاپتۇ ئەقىدەم،
ناتۇنۇش يىگىتكە مەيلىڭنى بىرىپ.


ئاداققىي ۋەدىمىز شۇمىدى ئەسلى،
بارلىقىم تەسەددۇق دېگىنىڭ قېنى؟
كۆزلىرىم كور ئىكەن بىلسەم ئەسلىدە،
قانداقمۇ سۆيگەندۇ ئۈجمە كۆڭۈلنى!

************************
قەلەندەرمەن ئىششىق يولىدا،
ئازاپلارنىڭ سازىنى چالغان.
پەرۋانىمەن كۆيۈك ئوتىدا،
سەن يار ئۈچۈن ئاشىق ئاتالغان.


دەرىت-پىغانىڭ ئەزسەيۈرەكنى ،
قان ئاقىدۇ قاراقلىرىمدىن.
قۇچىقۇڭدا ئۆلمەكنى كۆزلەپ،
قايىتقۇم كەلمەس ماڭغان يولۇمدىن.


مەھكۇم بولۇپ تۇتقۇن ھېسلارغا،
تۈگىمەس مۇڭ بىلەن پەلەككە باقتىم.
ئاداققىي ھەسرىتىم ئۆلۈم چىللىسا ،
تىك يارنىڭ لېۋىدىن ئۆزۈمنى ئاتتىم.


2010-يىلى 4-ئاي 23-كۈن(ئۈرۈمچى)

مەنبە:ئىجادي ئەسەر


قاسىم قۇشقاچ(ئوتقاش)

(ھېكايە)


ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش


قاسىم قۇشقاچ دېسەم ئىككى دولىسىدا بىر جۈپ قانىتى بار ئاسماندا ئۇچىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالماڭ.قۇشقاچ دېگەن بۇ چىرايلىق لەقەم ئاغزى بېسىقماي كاسىلداپ سۆزلەپ تۇردىغان قاسىمغا شۇنداق سىڭىشىپ كەتكەچكىمىكىن ئۇنىڭ ئىسمىغا رەھمەتلىك ئاتسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتىغاندىن كۆرە قۇشقاچ دېگەن لەقمى بىلەن ئاتىسا پۈتۈن مەھەللىدە ئۇنى تونىمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك .قاسىم قۇشقاچنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ بۆك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كۆجۈم يېرىدە بولۇپ گۇگۇت قېپىدەك بىرلا پومزەك تېمى ئۇنىڭ قۇشقاچ دېگەن لەقمىگە ماسلىشىپ خۇددي قۇشقاچ چاڭگىسىغىلا ئوخشاپ قالغان.قاسىم قۇشقاچنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي  سۆزلەپ تۇردىغان مىجەزىدىن سىرىت يەنە ھەركۈنى ئەتتىگىنى قونداقتىكى توخۇلار يەرگە چۈشمەستە پومزەك تېمىنىڭ  ئالدىدىكى ئۈجمە دەرخىنىڭ ئاچماق شېخىغا ئورنىتىۋالغان ياڭراتقۇسىنى كېسەك رادىيۇسىغا ئۇلاپ بار ئاۋازىنى ئېچۋىتىپ قۇيدىغان غەلىتە ئادىتىمۇ بار . ئۇ قۇيغان رادىيۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالاتتى دە تاتلىق ئويقۇدا ياتقانلار بېشىنى يوتقانغا مەھكەم پۈركەپ يېتىشقا،ئاخىرى بولماي قاسىم قۇشقاچنى غودۇراپ تىللاشقىنىچە بىر-بىرلەپ ئورۇنلىرىدىن تورۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇ مەھەللىدە ئوغرى يالغاننىڭ يوقلىقى بەلكىم قاسىم قۇشقاچنىڭ ئاشۇ رادىيۇسىنىڭ تۆھپىسىدىن بولسا كېرەك.
  قاسىم قۇشقاچنىڭ بېشىغا قىيپاش قىلىپ قوندۇرۋالغان شاپاق دوپپىسى قاچانلا قارىسىڭىز شۇ بىر خىل ئىسكەتتە تۇرغىنى تۇرغان.ئۇ ئۇچسىغا ئاق رەڭلىك كەمزۇل،پاختەك تۈكى رەڭ ئىشتان،پۇتىغا قارا لاتا خەي كىيگەن، ئېگىز بوي،ئۇستىخانلىق ،بۇغداي ئۆڭ كەلگەن 40ياشلاردىن ئاشقان كىشى ئىدى.قاسىم قۇشقاچ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ سەككىز يىلغىچە باللىق بولالمىدى.ئۇنى ئاز دەپ ئەزەلدىن ئاغرىقچان ئايالى ئۇنى تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.مەھەللە چوڭلىرى ئۇنىڭغا بىر نەچچە جۇۋاننى سايە قىلغان بولسىمۇ مىجەزى جاھىل قاسىم قۇشقاچ پەقەتلا يېقىن يولغىلى ئۇنمىدى.دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ئايالى خۇددي قاسىم قۇشقاچ ئۈچۈنلا يارتىلغاندەك رايىش،مىشچان ئايال ئىدى.قاسىمنىڭ تولا كوتۇلدىشى،گىجىڭلىقى ئايالىغا ئەسلا ھار بىلىنمەيتى.مەيلى نېمىلا دېمىسۇن ئايالى مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ قاسىمغا بىرەر قېتىم كايىپ باققان،باشقىلاردەك ھال ئېيتىپ دادلاپ باققان ئەمەس.بەلكىم قاسىم ئاشۇ ئايالىنى ئونتالمىغاندۇ ياكى باشقا ئاياللارنىڭ ئۆز ئايالىدەك پۈتۈن مېھرىنى ئۆزىگە ئاتىيالماسلىقىدىن، بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ ياقا-بوغماق ئېلشىدىن قورۇققاندۇ.قاسىم سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن جۈدەپلا كەتتى.ئىلگىرى قاسىم ئەتتىگىنى ئېشەك ھارۋىسىغا قوغۇن-تاۋۇزلارنى بېسىپ شەھەرگە كىرىپ سېتىپ پۇل قىلغاندىن كىيىن كەچتە دىمىغىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقىنىچە ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلگىنىدە ئايالى ئونى ئوچۇق چىراي قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقاتتى.قاسىم ئايالى ئوخشۇتۇپ ئەتكەن ھاردۇق ئېشىنى چېكە تەرلىرىنى ئېرىتىپ  ئولتۇرۇپ ئىچكەندىن كىيىن موخۇركىسىنى يانپاش چىشلەپ سودا قىلغان پۇللىرىنى ساناپ ئايالىغا توختىماي گىجىڭشىپ بۇ پۇللارنى نىمىگە ئىشىلتىش،قانچە ساغلىق سېتۋېلىش توغۇرلۇق پىلانلىرىنى ئېيتىپ ئايالىنى قەۋەتلا خوش قىلۋېتەتتى.ئەزەلدىن قاسىمنىڭ رايىغا بېقىپ كەلگەن ئايالى قاسىمنىڭ دېگەنلىرىنى راسىت دېگەندەك بېشىنى بوشقىنە لىڭىشتىپ قاسىمنىڭ ئايغى چىقماس ئوزۇن پارڭلىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي ئاڭلايتى.ئىككىيلەن سۈتتەك ئايدىڭدا ئاللانىملەرنىدۇر دىيشىپ،تاتلىق پىچىرلاشقىنىچە شېرىن ئويقۇغا غەرىق بولاتتى.
  بىر يىلى كۈزدە قاسىم قۇشقاچنىڭ ئايالى كونا كېسلى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.قاسىم قوغۇن سېتىپ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى موچەن قالدۇرماي ئايالىنى داۋالىتىشقا سەرىپ قىلغان بولسىمۇ بىچچارە مەزلۇمە ئاخىرى ئۆرە بۇلالماي بۇئالەمدىن خوشلاشتى. قاسىم  ھەر قېتىم ئاشۇ چاغلارنى ئەسلىگىنىدە ئېغىر ئوھسىنىپ قۇياتتى.<<ھەي،نىمە دېگەن بەخىتلىك چاغلار ئىدى ھە!>>.كۈنلەر ئايلارنى،ئايلارنى يىللارنى قوغلۇشۇپ ۋاقىتىنىڭ ئۇزرىشى بىلەن قاسىم يەنە ئەسلىدىكى بېسىقماي سۆزلەپ تۇردىغان كوت-كوت ،گىجىڭ ھالىتىگە قايىتتى.باشقىلار ئۇنى قاسىم قۇشقاچ دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن بىلەن مەھەللە چوڭلىرىدىن تارتىپ ياشلارغىچە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى.چۈنكى قاسىم قۇشقاچ ئۆزىنىڭ كوت-كوتلىقى،گەپدانلىقى بىلەن مەھەللىدىكى ھەرقانداق بىر مەشرەپ-يىغلىشلارغا چاقرىلماي قالمايتى.قاسىم قۇشقاچ شۇنداق چاغلاردا پېلمۇتتەك ئاغزىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ-كىچىك ھەممىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتاتتى.قىززىق-قىززىق گەپلىرى بىلەن مەشرەپ-يىغلىشتىكىلەرنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرەتتى.مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقانداق بىر توي -تۆكۈن،نەزىر-چىراغ ئىشلىرغىمۇ قاسىم قۇشقاچ چاقرىلماي ھەم بارماي قالغان ئەمەس.قاسىم قۇشقاچ توي-تۆكۈنلەردە قىز-يىگىت تەرەپنىڭ دوسقانلىرىنى بار ئاۋازىنى قويۋېىتىپ جوراپ تۇرۇپ:<<مانچە كېلو ئالتۇن،مۇنچە مىڭ يىۋەن پۇل،مانچا يۈز مىتىر رەخ!>>دېگەندەك كۆپتۈرمە قىلىپ ئېيتىلغان قىززىق گەپلىرى بىلەن تويغا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى كۆتۈرەتتى.ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدا ئۆلۈمگە كەلگەنلەرنى ئۆيگە باشلاش،ماڭغانلارنى ئوزۇتۇش قاتارلىق ئۇيان-بۇيان يۈگۈر يىتىم ئىشلارغا قارىشىپ بېرەتتى.ئۇ بۇ ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆزى خالىس قىلىپ ئەزەلدىن قىلغىنىغا ھەق تەلەپ قىلغان ئەمەس.بەزىلەر بىرەر پارچە رەخ ،بىرەر لېگەن تاماق بىلەن يولغا سالاتتى،يەنە بەزىلەر رەخمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ يولغا سالاتتى.
قاسىم قۇشقاچنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى بازارغا قوغۇن توشۇپ ساتىدىغان ئىشلىرىمۇ توختاپ قالدى.ئۇ ئىلگىرى بىكار چاغلىرىدا  كۈندە دېگۈدەك مەھەللەدوقمۇشىغا چىقۋېلىپ بىرنەچچەيلەن بىلەن كوچا پارىڭى قىلىشىپ،ئۆزىنىڭ رادىيودىن ئاڭلىغانلىرىنى  ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى.تاغدىن-باغدىن قىلغان پاراڭلىرى بىلەن ھەممىنى كۈلدۈرەتتى. لېكىن مۇشۇ يېقىن كۈنلەردىن بۇيان مەھەللە-كويدىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ،گەپلىرىمۇ بورۇنقىدىن ئازلاپ قالغان بولۇپ،ئىلگىركى بەسىتلىك قامىتمۇ ئالدىغا ئازراق مۆكچىيىپ ،تىز-تىز چامداپ ماڭدىغان قەدەملىرىمۇ ئېغىرلىشىپ ،بەردەم تېنىنى بىر خىل ماغدۇرسىزلىق چىرماپ ئارلاپ كالتە-كالتە يۆتىلدىغان،كۈنلەپ -كۈنلەپ ئۆيىدىن سىرىتقا چىقماي يېنى يەر تارتىپلا تۇردىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر تاپقان ئوزۇن يىللىق قوشنىسى ھاشىم بىر كۈنى قاسىم قۇشقاچنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كىردى.

   - ھەي قۇشقاچ،پوكىنىڭنى يەرگە يېقىپ يېتىپسەنغۇ؟بۆگۈن دانلىغلى،ۋىچىرلاپ سايرىغلى چىقمىغان ئوخشىمامسەن؟-دېدى چاقچاق قىلىپ،قاسىم قۇشقاچ ئىلگىرى بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالسا قارشى تەرەپنىڭ ئېغىز-بۇرۇننى تۇۋاقلاپ<<بولدى،مەن يېڭىلدىم>>- دەپ ئاق بايراق چىقارمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان،لېكىن بۆگۈن ئۇنىڭ چاقچاققا رايى يوق ئىدى.
  - نېمە بولدۇمكىن،يېنىم يەر تارتىپلا تۇرىدۇ،گېلىمدىن ھېچقانداق غىزا ئۆتمەيدۇ. قاسىمنىڭ جۈدەڭگۈ چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى،ئىلگىركى بۆركۈت كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان ئىدى؛-موشۇ كۈنلەردە رەھمەتلىك ئاتا-ئانام،ئايالىم ئايشەم چۈشۈمدىن پەقەتلا نېرى بولمايۋاتىدۇ،بەلكىم مېنى سېغىنغان ،ئۆز يېنىغا تېزرەك يىتىپ بېرشىمنى جىكلەۋاتقان بولسا كىرەك.
- نىمانداق گەپ قىلسەنوي قۇشقاچ،تېخى ئەمدى ياز كېلىپ چوكانتاللار ياشىرۋاتمامدۇ،شاختىن-شاخقا قونۇپ سايرايدىغان ۋاختىڭ تېخى ئالدىڭدا،بولدى،بولمىغۇر خىياللارنى قىلماي تۇرە ئورنۇڭدىن! سېنى ئۆزەم بىر دانلىتىپ كېلەي،مەھەللە دوقمۇشىدىكىلەر سېنىڭ پارىڭىڭنى ئاڭلىيالماي زېرىكىپ سېنى قاچان كېلەركىن دەپ يولۇڭغا قاراپ ئولتۇرىدۇ ھەقىچان،ئەكەل قولۇڭنى،قېنى ئورنۇڭدىن دەسىت تۇر!ھاشىم بىر قولىدا قاسىمنىڭ قولىدىن بىر قولىدا يەلكىسدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزغان بولسىمۇ قاسىم بىر نەچچە قەدەم ئالا-ئالمايلا پۇتلىرى تىترەپ ئىزىدە <<لاسسىدە>>ئولتۇرۇپ قالدى.
- ھاشىم بولدى مېنى ئۆز ئورنۇمدا ئارامخۇدا ياتقىلى قويغىن!قېرىپتىمەن،پۇتۇمدا جانمۇ قالماپتۇ،ئىلگىرى مەھەللىدىكى تۆت ئەركەكنىڭ ئالدى ئىدۇق.مەيلى چېلشىشتا بولسۇن،مەيلى لاپ ئېتشىشتا بولسۇن ئالدىمىزغا ئۆتىدىغان بىرەرسى يوق ئىدى،مانا ئەمدىلىكتە چۆمۈلە-قوڭغۇز جېنىدا ئارقىدا قالدۇرۇپ ئالدىمدا چاپىدىغان بولۇپ كەتتى.ھەي...ياشلىق چاغلار ئەمدى مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتىدە،قاسىمنىڭ ئاۋازى بوغۈق ھەم تىترەڭگۈ چىقۋاتاتتى.بايدىن بېرى قاسىمغا ئۇياندىن-بۇياندىن گەپ سۈڭگۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزلىسە-سۆزلىسە ئايغى چىقماس گېپىنى تىڭشىغۇسى كەلگەن ھاشىمنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىل بىئارام بۇلۇپ جىمىپلا قالدى.<<ھەي،بىزمۇ ياش ئىدۇق،يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئارىمىزدىكى تەڭتۇشلار ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بىر-بىرلەپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى،ھەي ياشلىق، كىممۇ ساڭا قېنىپ ياشاپ باققان ھە!>>- ھاشىم شۇ خىياللار بىلەن مۇڭلىنىپ قالدى،ئوزۇن يىللىق بۇرادىرى،يېقىن قوشنىسى قاسىمنىڭ ھالىغا قاراپ ئېچىندى.ئۆزىنىڭ كېيىنكى چۈشنىكسىز تەقدىرىنى ئويلاپ بىر نەچچىنى چوڭقۇر ئوھسىنىپ قويدى.
قاسىم شۇندىن كىيىن ئۆرە بۇلالمىدى،قوشنىسى ھاشىم ھەركۈنلىكى ئۆيىدىن تاماق توشۇپ يىقىن بۇرادىرىنى يوقلاپ تۇردى.قاسىم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە مەھەللىنى بىر ئېلىپ ھەممىنى ئويغۇتىدىغان ياڭراتقۇنىڭ ئۈنىمۇ ئۆچۈپ قالدى.مەھەللىدىكلەر نەچچە يىللاردىن بېرى قاسىمنىڭ بۇنداق ئادىتىگە غودۇرشىپ يۈرگىنى بىلەن <<كۆيگەندىن كۆنگەن يامان>> دەپ كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن پۈتۈن مەھەللىدە بىرمۇ ئادەم قالمىغاندەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ  قاسىمنىڭ داۋاملىق رادىيۇ قويشىنى ئۈمۈد قىلىپمۇ قېلىشتى. قاسىمنىڭ ئايىغى چىقماس ئوزۇن پاراڭلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلگەن مەھەللە دوقمۇشىدىكىلەرمۇ خۇددي بۇ جاي ئىلگىركىدىن بىر خىل چۆلدەرەپ قالغاندەك ھېس قىلىشىپ قىلغان پارىڭى ئوزۇنغا بارماي ئاستا-ئاستا تاراپ كېتشىدىغان بولۇپ قېلىشتى.مەشرەپ يىغلىشلىرىمۇ قاسىم بار ۋاقىتلاردىكىدەك قىزىمايدىغان ،توي تۆكۈنلەرمۇ ئىلگىركىدەك قاينام تاشقىنلىق بىلەن ئۇزىمايدىغان بولۇپ قالدى.قىسقىسى قاسىمنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشى مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتىنى خۇددي ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە تويۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەندەك باشقىچە بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.ھەممە قاسىمنىڭ تېزراق ساقىيشىنى ،پات ئارىدا ئىلگىركىدەك كۆز ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بۇلشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.جاھاننىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن ئادەملەرنىڭ رايىغا باققان ئەمەس،تەقدىرنىڭ قىسمىتىنى ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچكىممۇ ئۆزگەرتىشكە قادىر بولغانمۇ ئەمەس. بىر جۈمە كۈنلىكى ھەممەيلەن نامازدىن تارقاپ تۇرشىغا ئالا-پاتمان ئالدىراش كەلگەن بىرى قاسىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.نامازدىن يانغان ئەل-جامائەت ئودۇل قاسىمنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بېرىشتى.ئاسماننى قارا بولۇت تۇمانلار قاپلىغان بولۇپ پۈتۈن مەھەللىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن،قاسىمنىڭ ئۆلمىگە كەلگەن ھەممە كىشىلەر چوڭقۇر قايغۇغا چۈمگەن ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئوزۇن قىرائەت قىلشى بىلەن ئەتراپتىكى ئەلەم دەستىدىن  ۋۇجۇدى سىلكىنگەن كىشلەر رەھمەتلىك قاسىمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەپ سانسىزلىغان قوللىرىنى كۆتۈرۈشتى.


2010-يىلى 6-ماي (ئۈرۈمچى)


مەنبە: ئىجادي ئەسەر


تەئەججۈپلۈك سوئاللار



ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش


بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەر لاي سۇ ئىچىپ،چوغدا پىشۇرغان كۆمەچنى يەپ ،ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ جېنىنى جان ئەتكەندە سانسىزلىغان ئۆمۈر چولپانلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىكەن؛ھازىر كىشىلەر غەرىپچە پىسا قاتلىمىسى يەپ ،ساپلاشتۇرۇلغان ئېسىل مېنرال سۇنى ئىچىپ ،داڭلىق ماركىدىكى كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسىمۇ نېمىشقا بارغانسىرى ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدىغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەريەرنى سېلىنچا،ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ يېتىپ كېچىسى ئاي يۇرقىدىن،كۈندۈزى قۇياش نۇرىدىن پايدىلنىپ نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئېسىل قامۇسلارنى ئاددي سامان قەغەزلەرگە يېزىپ بىزگە قالدۇرۇپتىكەن؛ھازىر كىشىلەر ئېسىل بىنا ئۆيلەردە قەسىر داچا-سارايلاردا ئولتۇرۇپ ،رەڭگا-رەڭ چىراغلارنى يېقىپ ،ئېلىكتىرلەشكەن ئېسىل ئۈسكۈنلەردىن پايدىلنىپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا تېخىمۇ نادىر قامۇسلارنى يېزىپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى ئويلاشمايدىغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەرگۈل-گىياھ،ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلنىپ نۇرغۇنلىغان ئېغىر كېسەللەرگە داۋالىق تېپىپ تومۇر تۇتۇپ كېسەل داۋالاپتىكەن؛ھازىر كىشىلەر ئېشەك سۈيدۈكىدىن تارتىپ چاشقان گۆشىگىچە ھەممە نەرسىنى ئارلاشتۇرۇپ خىلمۇ-خىل دورىلارنى ياساپ ،بىر-بىرىدىن ئىلغار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى بىلەنمۇ نېمىشقا بەزى كېسەللەرگە توغرا دېئاگىنۇز قويۇپ ئۈزۈل-كېسىل ساقايتالمايدىغاندۇ؟

بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەر ھېچقانداق مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئىلىپنىڭ سونقىنى بىلمەيدىغان تورۇپمۇ بىر ئائىلىدە سەككىز-ئون بالىنى بېقىپ ،قىزلارنى شەرىم-ھايالىق،ئوغۇللارنى غورۇر-ۋىجدانلىق قىلىپ قاتارغا قوشۇپتىكەن؛ھازىر بىر ئائىلىدە بىرياكى ئىككى بالىنى دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغان ئالىم پىرافېسورلىرىمىز تورۇپ نېمىشقا شەرىم-ھايالىق،غورۇې ۋىجدانلىق قىلىپ قاتارغا قوشالمايدىغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەر بار شارائىتتىن پايدىلنىپ ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى،چېلىشىش ،بەيگىگە چۈشۈش قاتارلىق خىلمۇ-خىل پائاليەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ نورغۇنلىغان جەسۇر ئوغلانلارنى ،سادىردەك قورىقماس ئەركەكلەرنى جاھان ئەھلىگە تونۇتۇپتىكەن؛ھازىر شارائىت ئەۋزەل تۇرۇپ ياشلىرىمىز بەيگە مەيدانىغا،چېلىشىش سورۇنلىرىغا،چېنىقىش كولۇبلىرىغا بارماي،ھاراق سورۇنلىرىغا،قىمارخانلارغا،ئىشرەتخانلارغا قاتىراپ نېمىشقا ئۆزىنى زەئىپلەشتۈردىغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەر بارىنى ئايىماي ،يوققا كايىماي قوشىنىدارچىلىقنى تۇققاندەك چارە كۆرۈپ ،بىر چىنە ئاش تاپسا يېرمىدىن بۆلۈشۈپ يەپ-ئىچىپ شۇنداق ئىجىل -ئىناق ئۆتۈپتىكەن؛ھازىر كىشىللىرىمىز يېتىپ يىسە ئاشقۇدەك،قەيەرگە قولىنى سوزىسا يەتكۈدەك توقچىلىق،باي-باياشاتلىق ئىچىدە ياشاپ تورۇپمۇ نېمىشقا كىچىككىنە نەپ ئۈچۈن خۇددي يىرىتقۇچلاردەك ئۆز-ئارا خىرىس قىلىپ يۈرشىدىغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەرباشقىلارنڭ ئامانىتىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىماي،چىن ئادىمىيلىكنى،پاك ئېتقادنى ئۆزىگە ھەمراھ قىپ كەپتىكەن؛ھازىر كىشىلەر نېمىشقا ھەدېسىلا بىر-بىرىنىڭ پۇتىغا پالتا چېپىپ،يولىغا ئورەك قېزىپ ،باشقىلارنىڭ ئېشىغا توپا سېلىپ،رىسقىغا كۆز قىزارتىپ يۈرشىدىغاندۇ؟
بۇرۇن-بۇرۇنلاردا،ئاتا بوۋىللىرىمىزنىڭ زامانىسىدا كىشلەر باي بولغانلىرى كەمبەغەللىرىگە خەيىر-ساخاۋەت قىلىپ ،ئېشىنچا پۇللىرىنى مەدرىس سېلىشقا ،كۆرۈك ياساشقا،يىتىم-يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىيلاشقا،ھەجىگە بېرىشقا ئىشىلتىپتىكەن؛ھازىر كىشىلەر نېمىشقا تاپقان پۇللىرىنى دېسكو-قاۋاقخانا ئېچىشقا،ئەيشى-ئىشرەتخانلاردا كەيىپ -ساپا بىلەن بۇزۇپ چېچىشقا ،شەھەر ئاتلاپ قاتار چاي ئويناشقا سەرىپ قىلدىغاندۇ؟


2010-يىل 9-ماي(ئۈرۈمچى)


مەنبە:ئىجادي ئەسەر


تەپەككۇردىن توغۇلغان ئويلار(ئوتقاش)


ئاپتۇر:ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش



ئاسماندىكى ئاي يۈزىدە دېغى بولسىمۇ يارقىن نۇر چېچىپ تۈن قوينىدا جۇلالاپ تۇرغىنىدەك،ئىپپەتلىك قىز يۈزىگە بىر قەۋەت چۈمبەردە تارتىۋالسىمۇ شۇنچە بەرنا ،سۈلكەتلىك كۆرۈنىدۇ.
قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى ھايا كىشىنى چېقىپ تاشلانسا،ئوغۇل تەرەپ ئاچكۆز مېۋە ئوغرىسىغا ،قىز تەرەپ كۆچەت تىكىپ باغ ئەھيا قىلىشنى بىلمىگەن نادان باغۋەنگە ئوخشاپ قالىدۇ.
گۆركار ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن گۆر كولىسا،دۈشمەن سېنى كۆزدىن يوق قىلىش ئۈچۈن گۆر كولايدۇ.


مىراس تالشىپ تۇققاندارچىلىقتىن ۋاز كەچسەڭ،ئاخىرەتتە بالا-چاقاڭ كۆزۈڭ يومۇلماي تۇرۇپ ئۇرۇش_جىدەل قىلغاندا پەرياد چېكىسەن.

ئورۇنسىز خاپىلقتىن ئاسانلا جىدەل-ماجرا كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆزۈڭنىڭ قەدىر_قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشتىن ھايا قىلمىساڭ،باشقىلارنىڭ لەنەت ئوقۇشىغا نارازى بولۇشتىن مۇتبەر ئېغىز ئاچما.

تەييار يەمچۈككە ئامراق بېلىق ئاسانلا قارماققا ئىلىنغىنىدەك،ھارام مەنپەتكە ئامراق بولساڭ شۇنچە ئاسانلا ۋەيران بۇلىسەن.


ئۆزۈڭنى شىر چاغلاپ تېرەڭگە سىغماي قالساڭ،رەھىمسىز كۈشەندىللىرىڭ ساڭا تەرەپ-تەرەپتىن خىرىس قىلىشى ھەتتا دەقىقە ئارلىقىدا سېنى يالماپ يۇتۋىتشى مۇمكىن.

قىممەتلىك ۋاقتىڭنى ئاقىل كىشلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاشقا سەرىپ قىلماي،ئۇلارنىڭ تەجرىبە-ساۋقىنى يەكۈنلەشكە سەرىپ قىل.

خام_خىيال بىلەن غايىۋى دۇنيانىڭ شاھ-سۇلتانى بولغۇچە ،ئەمەلي تىرىشچانلىق بىلەن رېئال دۇنيانىڭ ئىجادكارى بول.
بۇۋاق نوتىغا،ئۆسمۈر كۆچەتكە،ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ؛ئاتا_ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچى _ئۇستاز بولغۇچى ئاشۇ نوتىنىڭ مېۋە بىرىش جەريانىغىچە جاپالىق قان_تەر تۆككەن مېھنەتكەش باغۋەنلىرىدۇر.


ھېسياتسىز تۇرمۇش _ ھۆل كېسەك بىلەن تام قوپۇرغانغا ئوخشايدۇ؛بۇنداق تۇرمۇش ئوزۇنغا داۋاملاشسا بىر بولسا ئۆزىڭىزنى مۇز_ئوكيان ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلشىڭىز ،يەنە بىر بولسا سالغان تېمىڭىز ئوزۇنغا بارماي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ خارابىلىك ئاستىد ا قېلشىڭىز مۇمكىن.
ئالدىڭدا ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ خۇشامەت قىلغان كىشى ،ئارقىڭدىن ساڭا ئەڭ رەززىل ۋاستىلەر بىلەن قەسىت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان كىشى بۇلشى مۇمكىن.

ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۆز قارشى يوق ئادەم بىر بولسا قالاق،يەنە بىر بولسا قورقۇنچاق.
ئوقۇپ بولۇنمىغان داستان ناھايىتى ئاز،تېخى يېزىپ بولۇنمىغان داستان ناھايىتى كۆپ.

پۇرسەتنى تۇتقىلى،پۇرغىلى،يىگلى _ ئىچكىلى بولمىسىمۇپايدىلانغىلى بولىدۇ.


يىقىلماسلىقنى ئويلىساڭ پۇتلىكاشاڭغا يېقىن يولىما،روناق تېپىشنى ئويلىساڭ ھەسەتخۇر بىلەن شېرىك بولما.

باشقىلارغا قەھرىنى سانجىپ ئاچچىقى يانغاندا ئەپۇ سوراش چېقىلىپ كەتكەن ئەينەكنى پىلاستىر بىلەن چاپلاپ قويغانغا ئوخشايدۇ.
كۈلۈشنى بىلسەڭ خۇشاللىق يېنىڭدىلا بولمىسا ئۇنى مەڭگۈ تاپالمايسەن.
پاشىدەك قانخور،رەززىل بولما،ھەسەل ھەرىسىدەك ئىشچان،مىننەتسىز بول.
ياياق ئات مىنىپ بەيگىگە چۈشكىلى بولمىغاندەك ،قارا كۈچكە تاينىپ ئەقىلنى ئىشقا سالمىسا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ
ئۈمۈد نۇرىدىن يىراقلاشقان ئادەم زاۋاللىقنىڭ قارا كۆلەڭگىسىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ.

مەنبە:تەپەككۇرلىرىم

2010-يىل (ئۈرۈمچى)

ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى  
(ھېكايە)




                                        ئابلىكىم غۇپۇر (ئوتقاش)

  تونۇشقىنىغا تېخى بىر نەچچە ھەپتە بولغان بىر جۈپ ياش خەلىق باغچىسنىڭ بۆك-باراقسان دەرەخلەر بىلەن  قاپلانغان خىلۋەت بىر جايىدا يانمۇ-يان بېقىشپ ئولتۇرۇپ تاتلىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى.

-سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن جېنىم لالە! _يىگىت قىزنىڭ يۇمشاق قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قىزغا سۆزلەۋاتاتتى ؛- سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن،سەنسىز ھايات كەچۈرەلمەيمەن...

- دېگەنلىرىڭ راستمۇ ئەكبەر؟مېنى راسىتلا شۇنچىلىك ياخشى كۆرەمسەن؟

-ئىشەنمىسەڭ يۈرگۈمنى تىڭشاپ باققىن،لالەم،يىگىت قىزنى ئاستا باغرىغا باستى. قىز يىگىتنىڭ يۈرىگىنى تىڭشىماقتا ئىدى...لېكىن جانسىز سوقۇۋاتقان  يۈرەكتىن يىگىتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقنى ئىلغا قىلالمايتى. شۇنداقتىمۇ  يىگىتنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئېيىتقان شېرىن -شېكەر گەپلىرىدىن ئۆزىنى يۇقاتقان قىز بارلىقنى يىگىتكە ئاتۋىتىشكە تەييار ئىدى. - ماڭا ئشەنگىن لالە،بىز بىر ئۆمۈر بىللە ياشايمىز.خۇشال-خۇرام،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرمىز ،ھېچكىم ئاتا قىلالمىغان بەخىتنى مەن ساڭا ئاتا قىلىمەن.ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بەر دېسەڭمۇ ،كۆك بىلەن بوي تالاشقان تاغلارنى يۆتكەپ،ساسلىقلارنى گۈل-چىمەنگە ئايلاندۇر دېسەڭمۇ مەن تەييار. سەن ئۈچۈن رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ  دېۋىلەر ماكانىغا بېرىپ قانلىق جەڭ قىلىشقا ،جىن-ئالۋاستىلارنى يەر چىشىلتىپ يالماۋۇزنىڭ يۈرگىنى سوغۇرۇپ ئەپ كېلىشكە مەن تەييار .سەن ئۈچۈن ھەر قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە مەن رازى،ھەتتا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت-دېڭىزغا كىرىشتىنمۇ يانمايمەن...  
يىگىتنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ ئېيىتقان دەبدەبلىك سۆزلىرى قىزنىڭ يۈرىگىنى شۇررىدە ئېرىتىپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپلا قويدى. يىگىت قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە سۆيۈشكە باشلىدى. ئاندىن قۇلىنى ئاستا پەسكە سىيرىلىپ چەكلەنگەن مېۋىگە ئېغىز تەگمەكچى بولغاندىلا  ھوشىنى تاپقان قىز ئورنىدىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى.

-ئۇنداق قىلمىغىن ،ئەكبەر،ئۆزۈڭنى بېسۋال!سەن پەقەت مېنى ئۆز ئەمرىڭگە نىكاھلاپ ئېلىپ ھالال جۈپتىڭ دەپ بىلگەندىلا مەنمۇ سەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى...ساڭا بىر ئۆمۈر  سادىق بۇلۇپ  ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە ساڭا خىزمەت قىلىشقا مەن تەييار .
  
بىر نەچچە مىنۇتلۇق مەسىتخۇشلىقتىن كېيىن  سەگەكلىشىپ قالغان قىز ئىلدام قەدەملەر بىلەن باغچا دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. نىمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان يىگىت قىزنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەپ چىقىپ  يېقىن ئەتراپتىكى گۈل دۇكىندىن ئاق رەڭلىك ئەتىرگۈلدىن بىر تال سېتۋالدى دە،قىزغا سوۋغا قىلدى. ئاق ئەتىرگۈل پاكلىقنىڭ ،چىن مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى ئىدى.مۇشۇ بىر تال گۈل يىگىتنىڭ قىزغا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىنى،غۇبارسىز سۆيگۈسىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. قىز ئاق ئەتىر گۈلنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ سۆزلىرىگە تامامەن ئىشەندى.
يىگىتنىڭ بايقى چېكىدىن ئاشقان ھەركەتلىرىنى بىر دەملىك ھاياجانلىنىشتىن بولغان دەپ ئويلاپ كۆڭۈلدىن كۆتۈرۋەتتى.قىسقىسى ئۆزىنى شۇنچە سۆيگەن يىگىتكە ئىشەنمەسلىككە ھېچقانداق باھانە-سەۋەپ تاپالمىدى... ئۇلار بىر ئازدىن كىيىن ئاۋات كوچىدا قول تۇتۇشقىنىچە بىللە يۈرۈپ كەتتى.يىگىتنىڭ سۆزمەن ئاغزىدىن قىززىق -قىززىق پاراڭلار ئۈزۈلمەيتى ،قىز كۈلۈپ بۇلالماي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. ھازىر ئۇلار خۇشال ئىدى،ئەنە شۇنداق خۇشال-خۇرام مىنۇتلاردا مۇھەببەتنىڭ شېرىن پەيزىنى سۈرۈشمەكتە ئېدى.قىز شۇتاپ ئۆزىنى بۇدۇنيادىكى بىردىنبىر بەخىتلىك كىشى ھېساپلايتى. تەڭىرنىڭ ئۈزىگە ئەنە شۇنداق ئېسىل يىگىتنى ئۇچراشتۇرغىنغا تۇلىمۇ خۇرسەن ئىدى.  ئۇلار كوچىلارنى ئايلىنىپ كۈننىڭ قانداقلارچە كەچ بۇلۇپ كەتكىننىمۇ سەزمەي قېلىشتى. يىگىتنىڭ شۇنچە سۆزمەنلىكگە،شوخلۇقلىرىغا ھېرىسمەن بۇلۇپ قالغان قىز نىڭ شۇتاپ يىگىتىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ قىز ئۆيىگە قايىتمىسا بولمايتى...

ئۇلار شۇتەرىققىدە بىر ئاز ئايلانغاندىن كىيىن يىگىت قىزنى ئۆيىگە ئاپرىپ قويماقچى بۇلۇپ  تۆت يولنىڭ دوقمۇشىغا كېلىشتى.  ئاۋات شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تىز سۇرئەتلىك   يولىدا ماشىنلار خۇددي قۇتىرغان بۆرىلەردەڭ ئۇياندىن-بۇيانغا غۇيۇلدىشىپ ئۆتۈپ تۇراتتى. قىز-بىلەن يىگىت  خۇددي ئۇزۇن يىللىق ئايرىلماس بىر جۈپلەردەك قوللىرنى مەھكەم تۇتۇشقىنىچە يولنىڭ قارشى تەرپىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تەرەددۈتلەنىدى. قىز يىگىت بەرگەن ئەتىرگۈلنى  پات-پات دىمقىغا يېقىن ئەپكېلىپ قېنىپ-قېنىپ پۇراپ قۇياتتى. ئۇلار يولنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا كەلگەندە  تۇساتتىن يان تەرەپتىن  ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆزلىرىگە قاراپ  ئوپمۇ-ئۇدۇل كېلۋاتقان ماشىنىنى كۆرگەن قىز يىگىتنى بار كۈچى بىلەن يول ياقسىغا قارىتىپ ئىتتەردى. ئاندىن ماشىننىڭ تورمۇز قويغان چىرىلداق ئاۋازىدىن كېيىن قىز يىراققا قاڭقىپ چۈشتى. يول ياقسىغا يىقىلغان يىگىت ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ قىز تەرەپكە تاشلاندى.  قىزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن بۇلۇپ  ھوشسىز ئىدى. ئاق ئەتىر گۈل تۇتقان قوللىرى مەھكەم يۇمۇلغان،ئۇنىڭ ئالقانلىرى ئارسىدا بەرگىللىرى توزۇپ كەتكەن گۈلنىڭ شېخى تۇراتتى...

                            *                                                *

كىيىن قىز ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلۇپ قالدى . لىكىن يىگىتنى ھەر مىنۇت-سېكنۇت ئەسلەپ تۇردى.ئۇنى سېغىندى ،كۆرگۈسى كەلدى. تولىمۇ ئەپسۇس ،يىگىت دوختۇردىن قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ قىزنى ئىزدىمدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقا بىرى بىلەن تونۇشۇپ شېرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرۈۋەردى.
قىز يىگىتنى كۈتمەكتە ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ قانغۇدەك دىدارلىشۋېلىشنى ئويلايتى.مىڭ ئەپسۇس ، قىزغا دېمىگەن شىېرىن - شېكەر گەپلىرى،  بەرمىگەن ۋەدە قەسەملىرى قالمىغان  ۋاپاسىز يىگىت قىزنى قايتا ئىزدىمدى. ئىزدىمىدىلا ئەمەس  ئۆزنىڭ بىر ئۆمۇرلۈك ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يىگىتنى  قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن  ئاشۇ ئۇلۇغ پەرىشتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەتتى.  غۇنچە توزىدى ،قىزنىڭ چىن مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن  بىغۇبار قەلبىدە بىر ئۆمۈرلۈك ھەسرەت ناخشىللىرى ئورۇن ئالدى. يالغۇزلۇق ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسگە ئېلىپ،قىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس يارا ئىزلىرى قالدى. ئىلگىركى شېرىن ئەسلىملەر پەقەت بىر ئۆتمۈشلا بۇلۇپ قالدى خالاس!




  2009   -يىل  5-ئاينىڭ12- كۈنى( ئۈرۈمچى)

مەنبە:ئىجادي ئەسەر

ئاپتۇردىن: مەزكۇر ئەسەرلەر  مېنىڭ تۇنجى قېتىم يازغان   ھېكايەم -نەسىرلىرىم  بولغاچقا  مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى ھەجىم جەھەتتىن بولسۇن نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي ئەمەسمەن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشنىشىنى كەمتۈك جايلىرى بولسا ،قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئاپتۇرنىڭ ئىلاۋىسى: ئەسەر ھوقۇقىغا دىققەت قىلىڭ! ئۆزنامىدا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا ،گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ .



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kapsizkiz + 200 **********مۇبارەك نادىر تىمىڭىزگە
YuqunAdam + 500
arkakzat + 100 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 800   باھا خاتىرىسى

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35999
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4816
تۆھپە نۇمۇرى: 143
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئوتقاش ئەپەندى ،ئالدى بىلەن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئەسەرلىرىڭىز ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرغىنىم "تەئەججۈپلۈك سۇئاللار" سەرلەۋھەلىك ئەسىرىڭىز بولدى،شۇ تەئەججۈپلۈك سۇئاللار قاينىمىدا ياشاپ ،جاۋاپ تاپالماي كېلىۋاتقان ئەقلى ئويغاق تەپەككۇر ئىگىلىرىدىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟
نادىرلانغىدەك تېما بوپتۇ.

ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بىلەن ئانىنى بەك ئۇلۇعلايمىز،دائىم ئۅلۉپ كەتكەندىلا ئۇلۇعلايمىز،
ياحشى يزىپسىز قولىڭىزعا دەرت كەلمىسۇن

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىز بىلەن يۇز كۈرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن..........   

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 03:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]
ئاسالامۇ ئەلەيكۇم بەك ياخشې يېزېپ سېز   [s:166] ۇلوخ ئالا قولېڭېزخادەت بەرمۇېسۇن  [s:173]


[align=justify]ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،بەك ياخشى يېزىپسىز،ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن


[align=justify]....................

[align=justify]ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ھە!!!


سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەملىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن، ئەسەرلىرىڭىزنى راسلا ياقتۇردۇم، قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماي، داۋاملىق ئېسىل ئەسەرلەرنى بىزگە ھەدىيە قىلىشىڭغا تىلەكداشمەن.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
بۇلبۇلن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

*ئاللاھ گۇناھلىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36464
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز........................

ھەي................ئۇ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى!

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25879
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 05:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلانسا بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ... بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ھىكايە ، پوۋسىتلارنى ، يېزىپ ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ ، تورداشلارغا زوق ئاتا قىلىپ  تۇرسىكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 07:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش