مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1998|ئىنكاس: 43

مىسرانىمدىكىلەر قېتىلىغان يۇمۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

^_^سۈبىھى ^-^

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4100 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 10:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]توخۇدىن سوراش

[align=justify]
چاپلىن كىچىكىدە تولىمۇ شوخ ئىكەن .بىر كۈنى قوشنىلىرىنىڭ  توخۇ كاتىكىگە ئەمدىلا كىرىشىگە، ئۆي ئىگىسى ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ-دە: ـــ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ـ دەپ سوراپتۇ. ـــ مەن توخۇدىن، تۇخۇمنىڭ بىرى نەچچە پۇل؟ دەپ سوراپ باقاي دېۋىدىم،ــ دەپتۇ چاپلىن . *****************************************************************************
ئىسسىق ئىچەي
[align=justify]كارۋان  شىرەگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ، چۈشىدە قاۋاقخانا خوجايىنى ئۇنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ: «ھاراقنى ئىسسىق ئىچەمسىز- سوغۇقمۇ؟» دەپ سوراۋاتقۇدەك. ئۇ: «ئىسسىق ئىچەي» دەۋاتقۇدەك. ئىسسىق ھاراق تېخى ئالدىغا كەلتۈرۈلمەستىنلا، خوتۇنى ئۇنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ ئىشقا ھەيدەپتۇ. ـــ بۇرۇنراق مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام، سوغۇقلا ئىچىۋالار ئىكەنمەن! – دەپتۇ ئۇ ئەسۇسلانغان ھالدا. ************************************************************
 3. ئەر- ئايال دەپ ئارىماسلىق
[align=justify]ئىدىرىس  ئەپەندى بىر يانچۇقچىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ ئاياللارنىڭ پۇل قاپچۇقىنى ئوغرىلىغىنىڭ نېمىسى؟- دەپ سوراپتۇ. ــ ماڭا ئۇۋال قىلماڭ ، مەن يالغۇز ئاياللارنىڭكىنىلا ئەمەس، ئەرلەرنىڭكىنىمۇ ئوغرىلايمەن،- دەپتۇ يانچۇقچى ئۇۋال بولغان قىياپەتتە.
 ****************************************************

 توخۇ پۇتى
[align=justify]زۇمرەت تاش ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مۇلازىمغا كايىپ كېتىپتۇ: ــ قارىمامسىز نېمە قىلىق بۇ، ماڭا ئەكىلىپ بەرگەن توخۇنىڭ بىر پۇتى كىچىك، بىر پۇتى چوڭ تۇرمامدۇ؟ــ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ سىز ئۇ توخۇنى يەمسىز ياكى ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينامسىز؟ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇلازىم پەرۋاسىزلا.

**************************************************************************** 
 ماشىنىنى يانداش
[align=justify]تۆگىگە مىنىپ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شىرخان  ئاق كۆڭۈل بىر شوپۇرغا ئۇچراپ قاپتۇ، شوپۇر شىرخاننى ماشىنىسىغا ئېلىۋالماقچى بولۇپتۇ، شىرخانمۇ بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپتۇ، ئۇلار ماشىنىغا ئورۇنلىشىپتۇ، بىراق تۆگىنى قانداق جايلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي نائىلاج ماشىنىنىڭ كەينىگە چېتىپ يولغا چىقىپتۇ." ماشىنىنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 40 كېلومېتىرغا يەتكەندە شوپۇرشىرخاندىن گەردىن سوراپتۇ: ــ تۆگىڭىز يېتىشىپ مېڭىۋاتقاندۇ- ھە؟ ــ چاتاق يوق! دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سودىگەر، ئۇلار يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ماشىنىنىڭ سۈرئىتى 60 كېلومېتىرغا يەتكەندە، شوپۇر بىر ئاز ئەنسىرىگەن ھالدا شىر خاندىن  سوراپتۇ:- ــ تۆگىڭىزگە بىرەر ئىش بولۇپ قالماس-ھە؟ ــ چاتاق يوق! دەپتۇ سودىگەر . ئۇلار يولنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى 100كېلومېتىرغا يېتىپتۇ، بۇ چاغدا شوپۇر بەكلا ئەنسىرەپ شىر خاندىن  سوراپتۇ: ــ تۆگىڭىزگە راستتىنلا زىيان- زەخمەت يەتمەمدۇ؟ قارىسام تۆگىڭىز تىلىنى ساڭگىلىتىۋاپتۇ.2 ــ تۆگەم تىلىنى ئوڭ تەرەپكە ساڭگىلىتىۋاپتۇمۇ ياكى سول تەرەپكىمۇ؟ ــ سول تەرەپكە- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شوپۇر. ــ ئۇنداق بولسا ماشىنىڭىزنى دەرھال ئوڭ تەرەپكىرەك ھەيدەڭ، تۆگە ماشىنىنى سول تەرەپتىن ياندىغۇدەك! ***************************************************************************************
 7.ئىشەنچىلىك بەلگە
ــ مەن قارا مېكىيان تۇغقان تۇخۇمدىن بەشنى ئالىمەن!- دەپتۇ كۆڭۈل ھەدەم  تۇخۇم ساتقۇچى ئايالغا قاراپ. ئايال ھەيران بولغان ھالدا: ــ ئەگەر پەرق ئېتەلىسىڭىز تاللىۋېلىڭ،- دەپتۇ.كۆڭۈل ھەدەم ئەڭ يوغان تۇخۇمدىن بەشنى تاللاپتۇ- دە، پۇلنى تۆلەپ كېتىپ قاپتۇ. ***********************************************************************
*
 باش ئاغرىش
[align=justify]سوفىيە  بىر ئايال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ: ــ بېشىم دائىم ئاغرىيدۇ،- دېگەنىكەن، دوختۇر ئۇنىڭغا: ئەرگە تېگىڭ!- دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن دوختۇر تۇيۇقسىز سوفىيەگە  ئۇچراپ قاپتۇ. ــ ھە،قانداق، ئەرگە تەگدىڭىزمۇ؟ ــ رەھمەت تەگدىم. ــ بېشىڭىز ھازىرمۇ ئاغرىمدۇ؟ ـ ياق، ئاغرىمايدۇ، لېكىن ئېرىمنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى.
 ****************************************************************************
 .كېچىكىپ كېلىش
ئۇدۇن ئوغلى : pakdil520  نىمىشقا ھەر كۈنى ئەتىگەندە دەرسكە كېچىكىپ كېلىسەن؟  pakdil520 :چۈنكى ھەر كۈنى مەكتەپ ئالدىدىكى ئەگىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە:« ئالدىڭىزدا مەكتەپ بار، ئاستا مېڭىڭ!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان بىر تاختىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالىدۇ.
*************************************************************************************

مىر ئادىل  بالكونىنى تازىلاۋېتىپ بىر كونا جىن چىراق تېپىۋاپتۇ،چىراقنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ“ئېي ئادەم،مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،قېنى ئېيتقىن ”دەپتۇ مىر ئادىل تۇرۇپ كېتىپ ”چىراق ئىچىدىن چىققان باشقا جىنلار ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق، سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ “ دىيىشىگە دىۋە قوپۇپ “ مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە ،بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە ”دەپتۇ، مىر ئادىل ئويلىنىۋېلىپ “ مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جىنى بولىدىكەن،مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا ”دەپتۇ ، ”تەلىۋىڭ ئىجاۋەت “ دەپلا دىۋە يوقاپ كېتىپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ مىر ئادىل  زېرىكىپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ،ئويان – ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇدە رېلىستا يېتىۋاپتۇ ،ۋاي ئەپسۇس مىر ئادىل شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ ،“ نىمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟ ياق، ياق ،ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن “
_______________________________________________

كاپىتالىس بېلىق تۇتماقچى بولۇپ باشتا سازاڭنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،نەچچە سائەتكىچە قارماققا ھىچنىمە ئېلىنماپتۇ،بولكىنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،ھىچنىمە يوق ،گۆشنىمۇ يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ ،يەنە ھىچنىمە يوق ،ئاچچىغىدا 100 سوملۇق پۇلدىن بىرنى قارماققا ئىلىپلا سۇغا تاشلاپتىكەن سۇ ئاستىدىن بېلىقلار “ ھېي ئوغرى ،سەي بازىرى كۆرۈپ قالدىڭمۇ بۇ يەرنى “ دىگۈدەك

————————————
كەپسىز پەرىشتە   ئىشتىن چۈشكۈچە كەچ بولۇپ كىتىپتۇ ، قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا ،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن كەپسىز پەرىشتە نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھىلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ .  كەپسىز پەرىشتە  بىر قەبرىنىڭ ئالدىغان كىلىپ توختاپتۇ -دە – دادا قەبرە ئىشىكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دىيىشىگە ھىلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ . قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا ،قەبرىدىن :
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن -دە ، كىرە ئۆيگە ”دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قىز ئالدى كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ .
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،ياندىكى قەبرىدىن:
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزىراق ئىشىڭنى قىلە ،گۇي . ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دىدى ،سىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كىتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى كىيىملىردىكى توپا -چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ “ مەندىن ئىش تالاشقانغا توي ”دەپ ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ، يىراقتىن دوڭ ،دوڭ ،دوڭ… … قىلغان ئاۋاز كەپتۇ ، قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ :
_ بوۋا ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدىلا ؟ دەپ سوراپتۇ .
بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي :
_ ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي -ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كىلىپ تۈزىتىپ قويمىدى ،بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۈزىتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم .
ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ .

بىرازىلىيە قەھۋەسى

ماركو  قەھۋاخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇپتۇ، بىر ئازدىن كىيىن  كۈتكۈچى قىز قەھۋەنىماركونىڭ ئالدىغا قويۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ:-
-بۇ قەھۋەنى بىرازىلىيەدىن كەلتۈرۈلگەن، ساپ ،تەبىئى،تەمىمۇ ئۆزگىچە، قىنى تىتىپ بىقىڭ!
ماركو  قەھۋەدىن بىر  ئوتلاپ ماختاپتۇ:
-پاھ! ھەقىقەتەن تەملىككەن، شۇنچە يىراق جايدىن كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ تېخى قىززىق تۇرۇپتۇ!

ئەپچىل چارە

گۈلبوستان بىلەن شېرىن  پاراڭلىشىپتۇ:
گۈلبوستان :پىياز توغرىغاندا كۆزدىن ياش ئاقمايدىغان ئەپچىل بىر چارىنى تاپتىم.
شېرىن :قانداق  چارە؟
گۈلبوستان : پىيازنى ئەرگە توغرىتىش.

لاپ ئۇرۇش

شاتئاي  دىھقاننىڭ بېغىنى ساياھەت قىلىۋىتىپ  دەپتۇ:
-مۇشۇمۇ مىۋە بولدىمۇ؟بىزنىڭ يۇرتتا ئۆرۈكلەر پۇتپۇلدەك ، ئالمىلار ۋاسكىتبولدەك....ئوخشايدۇ!-ئۇ  شۇنداق لاپ  ئۇرۇپ مېڭىپ دۆۋە- دۆۋە تېزىۋىتىلگەن قوغۇنلارغا پۇتلىشىپ كىتىپتۇ، بۇنى  كۆرگەن  دېھقان:-
-ئاۋايلاڭ ، ئۈزۈملىرىمگە  دەسسىۋەتتىڭىز .-دەپتۇ دەرھاللا.

ئىشنىڭ ماھىيىتى

ئۇيغۇر ااا چوڭلارنىڭ ' ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلاردىن يوشۇرىدىغان بىرەر مەخپىيەتلىكى بولىدۇ . ئەگەردە سەن يالغاندىن ساڭا شۇنى دەپ قوياي ، مەن سېنىڭ ھەممە مەخپىيەتلىكىڭنى بىلىمەن دەپ قويساڭلا ئۇنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ زۇۋان سۈرەلمەيدۇ ؛ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ .

بىر كۇنى ئۇيغۇر ااا قايتىپ كېلىپ ئاپىسىغا ' ئاپا مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي ، مەن سېنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىڭنىڭ تېگى - تەكتىنى تولۇق بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . ئاپىسى دەرھال بالىسغا 20 يۈەن بېرىپ  ' بالام بۇ گەپنى داداڭغا ھەرگىز دېمىگىن ؛ دەپ جېكىلەپتۇ .

ئۇيغۇر ااا ئانىسىنىڭ مۇنداق تىز ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خوشال بوپتۇ ۋە دادىسى ئىشتىن قايتىپ كېلىشىگىلا ' دادا ، مەن سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . دادىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوغلىنىڭ قولىغا دەرھال 40 يۇەننى تۇتقۇزۇپ ' بۇ گەپنى ئاناڭغا ھەرگىز دىمە ؛ دەپتۇ .
ئارىلىقتا بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ . بىر كۈنى ئۇيغۇرااا مەكتەپكە كېتىۋاتقاندا پوچتالىيون بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . بالا دەرھاللا ' پوچتالىيون تاغا ، مەن سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن جۇمۇ ؛ دەپتۇ . بۇ چاغدا پوچتالىيون سەل ئىشەنمىگەندەك قىپتۇ .ئاندىن قۇچىقىنى ئېچىپ ؛ ئەسلىدە سەن ھەممىنى بىلىپ بوپتىكەنسەندە ، كەلگىن ئوغلۇم  ،داداڭ سېنى قۇچاقلاپ قويسۇن ؛ دەپتۇ .

ئالتۇن بىلەن مىس

مۇنچاق  بىر بالىنىڭ بىر تال تىللانى ئويناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭۈا بىر نەچچە يارماقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ؛ - سەن قولۇڭدىكىنى ماڭا بەر ، مەن ماۋۇلارنىڭ ھەممىنى ساڭا بېرەي ، ماقۇلمۇ ، - دەپتۇ .

- ماقۇل - دەپتۇ بالا - بىراق سىز ماڭا ئىشەكنىڭ ھاڭرىشىنى دوراپ بېرىڭ .  مۇنچاق ئەتراپقا قارىسا بىرمۇ ئادەم يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشەكنى دوراپ ھاڭراپ بېرىپتۇ .

- ئىشەك چېغىدا تىللا بىلەن يارماقنى ئايرىيالايدىكەن ، ئەجىبا مەن ئايرىيالمامدىكەنمەن - دەپتۇ بالا .

*************************************************************************************** 

                                ساقچى: قەغەز سومكىدىكى نىمە ئۇ؟ شۇنداق تېز
                                يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىڭغا قارىغاندا، ئۇنى بىرەر
                                يەردىن ئوغۇرلىغان ئوخشىمامسەن؟
                               قارانچۇق: سومكىدىكىسى بايىلا ئايالىمغا سېتىۋالغان
                                مودا كىيىم، ساقچى ئەپەندىم، ئۆيگە مېڭىپ بارغۇچە
                                كىيىمنى مودىدىن قالمىسۇن، دەپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىمەن.
                          
                
********************************************************************************   
يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلانىڭ قايتىدىغان ۋاختى يىقىنلاپ قالغاچقا مەكتىپىمىزدە يىقىندىن بىرى قىم-قىم بازىرى خېلى قىزىپ كەتتى،كۆپچىلىكنىڭ ئۆتە يولىغىلا كىتاپ،كىيىم -كىچەك دېگەندەك ھەرخىل نەرسىلەرنى تىزىپ تەنزە ئېچىپ ئولتۇرىدۇ.قايسى كۈنى شۇ قىم-قىم بازىرىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىر كىچىك كىتاپچىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،تەييارلىقتىكى چىغىمدا دائىم دېگۈدەك كونا كىتاپ بازىرىدىن 1كويدىن ئىلىپ ئوقۇيتتۇم بۇنداق كىتاپنى.بۇ يەردە 5موچەن دەيدۇ،ئاران بىرسىلا باركەن،5موچەنگە ئىپ قويدۇم،بەرىبىر 5موچەنگە بىرتال بىڭگورمۇ كەلمەيدۇ،كىتاپ ئىپ قويغاننىڭ زىينى يوق دەپ ئويلاپ.
ئىچىنى ۋاراقلاپ باقسام نەچچە تال يۇمۇر باركەن ئىچىدە،شۇڭا تەرجىمە قىپلا چىقىرىپ قوياي،سىلەرمۇ كۆرۈپ بىقىڭلار بۇ 5 موچەنلىك يۇمۇرلارنى.

قائىدىگە ئەمەل قىلىش
مەلۇم بىر دۆلەتتە شۇندا بىر قائىدە باركەن-چۈش ۋاقتىدا ھەممە ئىشنى توختىتىپ ئارام ئالىدىغان،چوڭ-كىچىك ماگزىنلارنىڭ ھەممىسى تىجارەتنى توختىدىكەن.
بىر كۈنىسىرلىق شۇندا ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ چۈش ۋاقتىدا بەك ئۇسساپ كىتىپ بىرە ماگزىنغا كىرىپ ئىچىملىك ئالاي دەپ بىرمۇنچە ماگزىنلارنى ئارىلاپتۇ،لىكىن ھەممىسى ئارام ۋاختىدا تىجارەت توختىتىلغان، بۇ دېگەن قائىدە دەپ ئۇنىڭغا بىرنەرسە سىتىپ بەرمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سىرلىق  ئاچچىقىدا يىنىدىكى ھەممە پۇلىنى تام تۈۋىدە ئولتۇرغان تىلەمچىگە تاشلاپ بىرىپ كىتەي دەپ تۇرسا،تىلەمچى ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن دەپتۇ:
-بۇ دېگەن ئارام ۋاختى،ئارام ۋاختىدا پۇل يىغمايمىز.

خىرىدارنىڭ گىپى گەپ
زەنجىۋىل :خىرىدار دېگەن خۇدا،خىرىدارلارنىڭ گىپى ھەرقاچان توغرا بولىدۇ،خىزمەت ۋاختىدا مۇشۇ پىرىنسىپنى يادىڭلاردىن چىقارماڭلار
كۆزۈم :خىرىدارلارنىڭ دېگىنىنىڭ ھەممىسى توغرىما؟
زەنجىۋىل :ئەلۋەتتە
كۆزۈم :تۈنۈگۈن بىر خىرىدار  ،بۇ ئورۇۇننى ئاچقان ئادەم ساراڭكەن دەۋاتاتتى.......

پايدىسى يوق نەرسە
مۇختەر :مەن بەك يىراقنى كۆرەر ئەقىللىق،شۇڭا ھازىرغىچە پۇل خەجلەپ پايدىسى يوق نەرسىدىن بىرەر تال سىتىپ ئەپ باقمىدىم
مۇسلىنە "تولا پو ئاتماڭە،سىز ئۆز ۋاقتىدا سىتىۋالغان ئوت ئۆچۈرگۈچنى بىز بىرەر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىدۇق تېخى.


_________________________________________________

توختامۇش  ئالىي مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن كارتا،ATMدېگەندەك نەرسىلەرنى بىلمەيدىكەن ،شۇڭا يولغا چىقىشتىن ھەپتە بۇرۇن باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بىرىپ كارتا بىجىرىپتۇ ،ئاندىن ATMئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالاي دەپ ئۇ ماشىنىنىمۇ سىناپ بېقىپتۇ ،ئۇلارنىڭ  ناھىيدىكى ATMدا پۇل ئالساق پەقەت خەت چىقاتتى،كىيىن بۇ يەرگە كىلىپ بىر قېتىم پۇل ئالاي دەپ ATMنىڭ قىشىغا بارسا :مۇلازىمەت تۈرىنى تاللاڭ:دەپتۇ ،ۋوي ،ئادەم باركەن  ،سەگەكرەك بولاي  دەپ ئويلاپتۇ  ،كۇنۇپكىنى باسسا بىر چاغدا :مەخپى نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ  دەپتۇ ،شاققىدە  ئوڭ-سولغا قاراپ ئادەم يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن  توختامۇش تۇمشۇقۇنى  ATMكۇنۇپكا تاختىسىغا يىقىن ئەكىلىپ پەس ئاۋازدا دەپتۇ :-مەخپى نۇمۇرۇم ئالتە نۆل

كەينىچە مېڭىش
  jassur2دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ: 

   --- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم.
     --- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟
     --- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم.

سېتىپ بېرىش

     مۇرات ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ، چىرايلىق ھەم ئوماق بىر ئوغۇل بالىدىن سوراپتۇ: 

     --- دادڭ سېنى ماڭا سېتىپ بېرەلەمدۇ؟ 

     --- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ماڭا تېخى باھا قويۇلمىغان.

پەقەت بىرلا 

   ئۈمىد قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا: 

     ---مېھمان، بىر تاللار چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،- دەپتۇ.
[align=justify][align=justify]مايمۇن 


     بىر كۈنى zarapshan بىرسىدىن سوراپتۇ: ! 
     --- قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟ 
     --- ئەينەككە قارىسىڭىزلا.

ئۇخلاپ قالدى

     ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. غېرىپ  ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:

     --- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
     --- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.

لوگىكىلىق خۇلاسە

باغۋەننىڭ  قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن 

     ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟

سانجار: ئوخشىمايدىكەنمەن.

     ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟

  سانجار: ئوقۇتقۇچىغا.

نېمىنى ئويلىدىڭ 


     قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، تارىم پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ. 

     سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟

   تارىم : ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.

يەڭگە بىلەن سىڭىل

ئەقىدە: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟

feroza  : ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ

مەنبە : تور دۇنياسىدىن يىغىپ ئەكەلگەنلەرىم ...بەزىلىرى ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرەرسىلەر ..


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100
ئىدىرىسجان + 200 بەك جىخكەنغۇ؟

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200  مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20534
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6760
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2498 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى خەتلەرنى كۆرگىلى بولمىدىغۇ؟
تىپىشماقمۇ يا بۇ؟

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3449
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىنىۋاتىدۇ ..........مىنى يۇمۇرغا قاتتىڭىزما؟   ئەمىسە سىزنى كەلتۇرۋىتىمەن جۇما؟ [s:152]

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخويلاردىن: تۇخۇمنى نەچچە كەي دىسەم [s:146]
توخويلار : بىرسى ئېھكى  كەي دېدۇ  [s:123]
مەن : نىمانداق قىيمەت توخوي تۇخۇمى بۇ ، ھېنىلا دەڭگىمدە ئالچۇقنىڭ تۈۋىدىكى پەختەكلەنى چىنىۋالاي دىدىمغۇ    [s:179]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇ ...  نەدىن تىپىۋالدىڭىز بۇ يۇمۇر لارنى؟؟؟   [s:148]  [s:148]
  تۇنۇگۇن.سەنشىخاڭزىدا تۇپقا ساتقان يۇمۇرلارمۇ نېمە بۇ  ؟؟؟  
    ھا  ھا  ھا  ھا  ....................
   دىمىگەن بىلەن شۇندا ياخشى چىقىپتۇ جۇمۇ.....ئاۋۇ  مۇختەر دىگەن مەنمۇيا؟ [s:148]

      [s:123]  [s:123]

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت qaplin كە 2011-04-07 11:22 PMئەۋەتىلدى :
توخويلاردىن: تۇخۇمنى نەچچە كەي دىسەم [s:146]
توخويلار : بىرسى ئېھكى  كەي دېدۇ  
مەن : نىمانداق قىيمەت توخوي تۇخۇمى بۇ ، ھېنىلا دەڭگىمدە ئالچۇقنىڭ تۈۋىدىكى پەختەكلەنى چىنىۋالاي دىدىمغۇ    [s:179]

  چاپلىن ئاداش  مەن تۆھ كۇيدىن ئالايچۇ....[s:123]

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (MUHTAR3818) نىڭ يازمىسىغا

تۆھ كەيگە يىگىرم توخوي كىلىدۇ دېدۇ ، يىگىرمىنى ئالاينى دىسەم لۈكچۈنگە بىيىپ ئوناپ كەل دېدۇ ، ئوناپ كىلەي دىسەم تىزام يوق دېدۇ ، تىزاڭ بولسا سىركىپتە بىر شېيخ بارغا ئوخشايدۇ ، قىشنى گاختىدا مۇزلاڭ چىندۇرۇپ يازنى گاختىدا دەنگىم ئوناپ ھىنە تىخى غۇلاجىن قولاپ ئۆمۇ ئۆ يۈرگىدەكمىش  [s:179]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3449
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-7 11:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراڭلار باللا مۇشۇ سۇبھىجان كىچىك چېغىدا سىڭلىسىنى بەك بوزەك قىلدىكەن ..بىر كۈنى ئاپىسى نەسىھەت قىلىپ دەپتۇ،-
-بالام سەن سىڭلىڭ بىلەن ئۇرۇشمىغىن ،ئۇ چوڭ بولغاندا ساڭا تاماق ئىتىپ بىرىدۇ ،كىيىملىرىڭنى يۇيۇپ دەزماللاپ بىرىدۇ..
-ۋاي ماڭا ئاپا،- دەپتۇ كەپسىز سۇبھىجان  بىخارامان ھالدا -ئۇ چاغدا بىزنىڭ خۇتۇن نىمىش قىلىدۇ....... [s:152]  [s:152]  [s:152]

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش