 |
 |
 |
 |
ھىجىرىيە يېڭى يىل كۈنى مەنبە : بىلدۈر تورى www.bildur.net
شەمشىدىن ھاجى نىڭ ‹‹ ئىسلامىي ھېيىت – ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ( 100 يىللىق سېلىشتۇرما ) ›› ناملىق كىتابىدىن كۆچۈرۈلدى . كىتاب ئىگىسىدىن ئاللاھ رازى بولغاي !
ھىجىرىيە تەقۋىمى ( يىلنامىسى ) بويىچە مۇھەررەم ( 1- ئاي ) نىڭ 1 – كۈنى ھىجىرىيە يېڭى يىل كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ . << ھىجىرىيە >> ئەرەبچە << ھىجىرەت >> * سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ << كۆچۈش يىلى >> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ . بۇ تەقۋىم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 622 –يىلى مەككە مۇكەررەمدىن ھىجىرەت قىلىپ ، مەدىنە مۇنەۋۋەرگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخى ۋەقەنى خاتىرلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن تەقۋىمدۇر .
ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمدە ھىجىرىيە يىلى بويىچە 13 يىل ، مىلادىيە ھېسابىدا 12 يىل ئىسلام دىنى تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئەمما نۇرغۇن توسقۇنلۇق ، ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراپ ، ئېغىر رىيازەتلەرنى چېكىپ ، ئىسلام دىنىنى مەككىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالماي قالغان ئىدى . مىلادىيە 620 – يىلىدىن باشلاپ ، مەككىگە بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەخپى ئەھدە تۈزۈشۈپ مۇسۇلمان بولغان مەدىنىلىكلەر يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ ، مۇھەممەا ئەلەيھىسسالامنى قەتئىي قوللاپ يار – يۆلەك بولىدىغان ئىشەنچلىك بىر كۈچ مەدىنىدە شەكىللەنگەن ئىدى . شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى دەۋىتى بازىسىنى مەدىنىگە يۆتكەشنى قارار قىلىپ ، مىلادىيە 622 – يىلى ئاۋۋال 200 دەك مەككە مۇسۇلمانلىرىنى مەدىنىگە مەخپى ھىجىرەت قىلغۇزىۋىتىپ ، ئاندىن ئۆزى ئۆزىنىڭ يېقىن ھەمراھلىرى بىلەن مەخپى ھالدا نۇرغۇن جاپا – رىيازەتلەرنى چېكىپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ كەلگەن ئىدى . ئىسلام دىنىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىسلام دىنى بازىسىنى ئىستىراتېگىيلىك يۆتكەش مەقسىتىدە قىلىنغان بۇ ھىجىرەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىش پائالىيىتىدە جاپا – مۇشاققەت ۋە ئەگرى – توقايلىقتىن روناق تېپىپ غەلبە قىلىش يولىغا مېڭىشىدىكى مۇھىم تارىىى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ .
ئەمما ھىجىرىيە تەقۋىمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان تەقۋىم ئەمەس ، شۇنداقلا ھىجىرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەن ھامان قوللىنىلغان تەقۋىم ئەمەس ، ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە ( يەنى مىلادىيە 610 – يىلدىن مىلادىيە 639 – يىلغىچە ) يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تەقۋىمى قولىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى . ئۇ چاغدا ئەرەبىستاندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل ئەنئەنىۋىي تەقۋىمى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرى ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان شەمسىيە تەقۋىمى ( يەنى ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەركىتى بويىچە ھېسابلايدىغان تەقۋىم ) ، يەنە بىرى ، دىنى پائالىيەتلەت ۋە تارىخى ۋەقەلىكلەر ۋاقتىنى ھېسابلاشتا قوللىنىلىدىغان قەمەرىيە تەقۋىمى ( يەنى ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەركىتى بويىچە ھېسابلايدىغان تەقۋىم ) ئىدى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن 10 نەچچە يىل ئىچىدە ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن روناق تاپتى ، ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى ۋە مۇستەھكەملەندى . تەدىرىجى ھالدا مەدىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئەرەبىستان ئىسلاملاشتى . ھەتتا بىر مۇنچە ئەللەرگىچە كېڭىيىپ دۇنياۋى دىن بولۇپ قالدى . ئۈچۈنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرى ( مىلادىيە 634 – يىلدىن 644 – يىلغىچە ) گە كەلگەندە دۇنيادا شۇنچە زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ، شۇنچە زور زىمىنغا تارقالغان ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئىسلام دىنى ۋەقەلىكلىرىنى ھېسابلايدىغان ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس تەقۋىمى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بۇ مەسىلە مۇھاكىمىگە قويۇلغاندا ، شۇنداق بىر تەقۋىمنىڭ بولۇشىنى ھەممەيلەن ماقۇللىغان .، ئەمما قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھىلەر چۈشكەن . بەزىلەر : << مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى ( مىلادىيە 570- يىلى يەنى پىل يىلى ) ئىسلام تەقۋىمىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك ، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇ يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ تاللاپ ، خانىمۇلئەنبىيا ( پەيغەمبەرنىڭ تۈگەنچىسى يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر ) مۇھاممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان . >> دەپ قارىغان ؛ بەزىلەر : << ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي كەلگەن يىلىنى ( يەنى مىلادىيە 610 – يىلنى ) ئىسلام تەقۋىمىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك ، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇ يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ تاللاپ ، ئىسلام دىنىنى روناق تاپقۇزغان >> دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ؛ ينە بىر مۇنچىلار : << مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە مۇكەررەمدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجىرەت قىلىپ ( كۆچۈپ ) كېلىشى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ، شۇنىڭدىن كېينلا ئىسلام دىنى ، مۇسۇلمانلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رىيازەت چېكىش دەۋرىدىن روناق تېپىش دەۋرىگە قەدەم قويدى ، شۇڭا مۇشۇ ھىجىرەت بولغان يىلنى ( يەنى مىلادىيە 622 – يىلنى ) ئىسلام تەقۋىمىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك >> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقان . يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچىلىسىلا مۇھەممەە ئەلەيھىسسالام بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى . ئاخىرى ئۈچۈنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىلادىيە 639 – يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردە يۇقۇرىدىكى ئۇچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچۈنچىسىنى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككە مۇكەررەمدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجىرەت قىلغان مىلادىيە 622 – يىلىنى ئىسلام دىنى تەقۋىمىنىڭ باش يىلى قىلىشنى ماقۇللىغان ۋە بۇ تەقۋىمنىڭ نامىنى << ھىجىرىيە >> دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن . ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمدىن ھىجىرەت قىلىپ ، مىلادىيە 622 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرگە يېتىپ كەلگەن ئىدى . ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھىجىرىيە تەقۋىمى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە تەقۋىمىنىڭ يىل بېشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئەرەبلەرنىڭ تەقۋىم ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ،ۋە ھېسابلاشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ، بۇ ۋاقىتنى ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ئالدىغا سۈرۈپ ، ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرىيە يىلىنىڭ يېڭى يىل بېشىنى يەنى مىلادىيە بويىچە 622 – يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنىنى ھىجىرىيە باش يىلىنىڭ يىل بېشى ( يەنى يېڭى يىل بايرىمى كۈنى ) قىلىپ بېكىتكەن . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بۇ تەقۋىم مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا بۇ يىل ( يەنى 2008 – يىلى ) مىلادىيە بويىچە 1386 يىل ، ھىجىرىيە بويىچە 1429 يىل بولدى ( بۇ يىل يەنى مىلادىيە 2008 – يىل 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ھىجىرىيە يېڭى يىل كۈنى يەنى 1429 – يىل يىل بېشى باشلانغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ ) . لېكىن بىر مۇنچە كىشىلەر ئىسلام دىنى دەۋىتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى كۆپىنچە ھىجىرىيە يىلىنىڭ باشلىنىشى بويىچە يەنى مىلادىيە 622 – يىلدىن باشلاپ ھېسابلاپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ بىر خاتا چۈشەنچە . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، مىلادىيە 2008 – يىل ھىجىرىيىنىڭ 1429 – يىلى دېگەنلىك ھەرگىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنى دەەۋىتىنىڭ باشلانغانلىقىغا 1429 يىل بولدى دېگەنلىك ئەمەس ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنى دەۋىتى ئۇنىڭدىن مىلادىيە بويىچە 12 يىل ئىلگىرى ، ھىجىرىيە بويىچە 13 يىل ئىلگىرى ( ئادەتتە شۇنداق دېيىلىدۇ ) يەنى مىلادىيە 610 – يىلى 9 – ئايدا ھىرا غارىدا ئاللاھ تائالىدىن ۋەھىي چۈشكەندىن كېيىنلا باشلانغان . شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنى دەۋىتىنى باشلىغىنىغا بۇ يىل ( يەنى مىلادىيە 2008 – يىلى ) مىلادىيە بويىچە 1398 يىل ، ھىجىرىيە بويىچە 1442 يىل بولدى ، دەيمىز .
ئىزىھات :
l ئەرەبچە << ھىجىرەت >> سۆزى << يۆتكىلىش >> ياكى << كۆچۈش >> دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، ئادەتتە ئۈچ تۈرلۈك مەنىدە كېلىدۇ : بىرىنچى ، غەيرىي مۇسۇلمان يۇرىتىدىن ئىسلام يۇرىتىغا كۆچۈش ؛ ئىككىنچى ، بىر ئىشتىن تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىشقا ، گۇناھ ئىشتىن ياخشى ئىشقا يۆتكىلىش ؛ ئۈچۈنچى ، گۇناھىغا پەرۋا قىلمايدىغان يامان كىشىلەردىن قېچىش ، بۇ يەردە بىرىنچى مەنىدە كەلگەن .
|
 |
 |
 |
 |
|