
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سالام ئەل - يۇرت، سالام تورداش
.gif)
ئانادىيار ئۇنىۋېرسال تورىنىڭ يېڭى قىياپەت بىلەن قايتا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش تورداشلارغا ھاردۇق سوراپ چاي تۇتۇش، ساغلام تور مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش يولىدا بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىش مەقسىتىدەئانادىيارئۇنىۋېرسال تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدۇق.
.gif)
پائالىيەت مەقسىتى: يۇقىرىدا بايان قىلىندى
پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: ئانادىيار ئۇنىۋېرسال تورى
پائالىيەت ۋاقتى: 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
خۇلاسىلەش ۋاقتى: 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ئاينىڭ 26 - كۈنى شۇ ئايلىق پائالىيەت خۇلاسە قىلىنىدۇ.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى: ھەر ئايلىق پائالىيەت خۇلاسە قىلىنىپ، شۇ ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە.
پائالىيەت ئورنى: ئانادىيارئۇنىۋېرسال تورى (
http://bbs.anadiyar.cn)يەنى ئانادىيارمۇكاپاتلىق تور ئەسەرلىرى سەھىپىسى
پائالىيەت ئوبيېكتلىرى: ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بارلىق ( تورداشلار ).
پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان تېمىلار: بېكىتىمىز تەسىس قىلغان ھەرقايسى سەھىپىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقانداق ژانىردىكى ئەسەر بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ ( تەرجىمە ئەسەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ).
.gif)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. ئەسەر چوقۇم ئىجادىي بولۇشى، بولمىغاندىمۇ ئۆزى تەرجىمە قىلغان بولۇشى ؛ باشقا تور بېكەتتە ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.
2. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تېمىسى بولۇشى كېرەك (تەرجىمىدىن باشقىلىرى).
3. ئىملاغا، كەسپىي ئاتالغۇلارغا، لوگىكىغا دىققەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك.
4. تەرجىمە ماقالىدە ئەسلى ماقالىنىڭ خەت سانى 1000 دىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە قىممىتى بار ماقالە بولۇشى كېرەك. (ئەسلى ماقالە تەمىنلىشى كېرەك)
5. پائالىيەتنىڭ رىتىملىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ماقالە تېمىسىنىڭ كەينىگە ( ئانادىيار ) سۆزىنى قوشۇپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.
6. قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەرئانادىيار تورىمىز تەشكىللىگەن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تورداشلارنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېكىتىلىدۇ.

مۇكاپات بۇيۇملىرى تۈۋەندىكىچە....
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى توت خىل مەھسۇلات سوۋغا قىلىنىدۇ .
1. بىردانە سىمسىز ماۇس ۋە بىردانە كۇنۇپكا تاختىسى ۋە بىردانە 2G لىق بارماق دىسكا ۋە بىردانە mp3ئارجى .
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خالىغان بىرى
1. كۇمپىيۇتۇركۇنۇپكا تاختىسى بىريۇرۇش.
2. 2G لىق بارماق دىسكىسى 1 دانە
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات (ئۈچ نەپەر ئەزا): تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
1. كۇمپىيۇتۇركۇنۇپكا تاختىسى .
كەڭ كونا - يېڭى ئانادىيارئەزالىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك ئېتىشىنى، بۇ پائالىيەتنى بىز بىلەن تەڭ باشقۇرۇشىنى ۋە نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئانادىيار ئۇنىۋېرسال تورى
2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 03 - كۈنى
