ئاياللارنىڭ ھەشەموتخورلۇقى ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ،ئەرلەرنىڭ ھەشەمەتخورلۇقى مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ.
ئەگەر سەن ئۆز ھاياتىڭنى نۇرلاندۇرالىساڭ،شۇندىلا ھايات ساڭا تەۋە بولىدۇ.
ئالىجاناپ كىشىلەرنىڭ قىلىقىدىن ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك تۈكۈلۈپ تۇرىدۇ.
<ئايالنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەيدۇ،بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ>ئەرنىڭ چىمچىلاق بارمىقىدىمۇ ئايال تەۋرەيدۇ.
ھايات بىر كىتاپ. ئۇنى قانداق يىزىپ چىقىش ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
بىخودلۇق ئىچىدە ياشايدىغان ئادەم ھالاكەت غارىغا مېڭىشقا تەييار تۇرغان قارىغۇدۇر
.
تۇرمۇشتا ئەڭ ئاددى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئادەم بەختنى ھېس قىلالمايدۇ.
ھەر بىر قەدەم ئىزىغا ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ ماڭغۇچى،يولۇچىغا ھەقسىز مېۋە سوۋغا قىلغان سېخىي باغۋەندۇر.
پەرزەنتىگە كۈڭۈل بۆلمىگەن ئادەم،ئۆزى پۇتىغا تىكەن سانجىغان ئادەمدۇر.
ئېيتىقادىدا چىڭ تۇرالىغان ئادەم،قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك سۈيۈملۈك ئادەمدۇر.
باشقىلارنى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلالمايدىغان ئادەم،ئىناقسىزلىقنىڭ يىلتىزىغا سۇ قويىدىغان كىشىدۇر.
ھايات ھېكمەتلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان كۈچەت،ئادەم ئۇنى ھىممەت قولى بىلەن چىچەكلىتىپ مېۋە يىغىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ رادىئو تىلىۋىزىيە گىزىتى2011-يىلى 9-سان