مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2373|ئىنكاس: 17

ئاياللىق نازاكەت ۋە مەسئۇلىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26165
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2973
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 06:24:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال -«ئايالغۇچىدۇر». ئۇ ساپالىق، غۇرۇرلۇق، مىللەتتىكى قەدىرلەش سىمفونىيىسى، مەدەنىيەتلىك مىللەتتىكى يۈكسەكلىكنىڭ پارلىشىدۇر. ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ« …سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر»دىگەندىن ئىبارەت ئىسىل سۆزنى ئۇچراتمىدىم. ئايال ئەمەلىيەتتە مىللەت شۆھرىتىنڭ، ئەركەك غورورىنىڭ گۈلزارى بۇلۇپ، ئىپپەتلىك، شەرمىي-ھايالىق، پازىل ئايال، ئەرنى بەخت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. غالىب مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇ مىللەتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىدە، بىلىم ساپاسىدا، ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ئايال مىھنىتىدىن ياراملىق، سەرخىل پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ.
ئەپسۇس،مانا مۇشۇنداق كاتتا ساھىبلار ئارسىدىكى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.
يۈرۈش-تۇرۇشلاردىكى چىكىدىن ئاشقان ياتلىشىش، يېرىم يالىڭاچلىق، چاكىنىلىق بىزنىڭ ئىززەت-غورورىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە يېرىم يالىڭاچىلىق، ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىنىشلەر، قىرقىما باشلار«گۈزەل»لەردىن سانىلىپ سۇمبۇل چاچلىق، ھايا بەلگىسى بولمىش باشياغلىق بىلەن ئورالغانلار قالاقلىقنىڭ، مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ تىپى سانىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
ھەقىقى ئەرنىڭ خالايدىغىنى، چىچىنى بۇلىشىغا ياساپ، قېلىن بىر قات پەردازغا يۇشۇرنىۋالغان قونچاق ئايال ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبئىيلىكىگە ئارتۇقچە ھەشەم قىلمىغان بىغۇبار ئايالدۇر. ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ نەچچە مىڭ سوملۇق قىممەت كىيىملەرنى كىيىشىدىن، قايسى داڭلىق پەردازخانىدا پەردازلىنىشىدىن،« قاتار چاي »لىرىدا باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىشتىن بوشاپ كەلگەندە ئۇچۇق چىراي قارشى ئالىدىغان، بىر پىيالە قىزىق چاي قۇيىدىغان، پەرزەنتىگە ياخشى ئانا بۇلالايدىغان ۋاقىتلىرىدىن بەكرەك خۇرسەن بۇلىدۇ، پەخىرلىنىدۇ. خىيالىمدىكى ئالۋاستىنىڭ سىمايىسىمۇ كىندىكىنى ئوچۇق قۇيۇپ يۈرىدىغان، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك پاخپايتىپ يۈرگەن خۇتۇنلاردەك سەت، كۆرۈمسىز ئەمەس.
ئايرىم جايلاردىكى ھەشەمەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق بەسلىشىشلەر بارغانسىرى ئەۋج ئىلىپ، ئىقتىساد بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىندى. ئائىلىنىڭ يۈكى ئېغىرلىدى. ئائىلىدىكى بىھۇدە خىراجەت جىدىلى ئەرلەرنىڭ ئائىلىسىدىن رايىنى قايتۇرۋەتتى. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. سەت ئىش، يامان قىلىق ھىسانلىنىدىغان ھاراق-شاراپ ئىچىش، تاماكا چىكىش، بەزى ئەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن راھەتلەرنى، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن بەخت لەززىتىنى دۇرۇس ئايال ئەرگە ئىلتىپات قىلىدۇ. تۈجۈپلىك ئايال ئۆز پاراسەت، پەمى بىلەن پۈتۈن ئائىلىنى خۇشاللىققا مۇۋاپپىق قىلىدۇ. ئەرنى ھالالدىن رىزىق تىپىشقا رىغبەرتلەندۈرىدۇ. بىھۇدە خىراجەت جىدىلى قىلمايدۇ. ئەرنىڭ ھەسرەتلىك چاغدىكى مۇڭدىشى، كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى بۇلىدۇ.
تارىخىمىزدا ئىسىل ئۆرنەكلەر بار: نۇزۇگۇم ئاچ قالسا قۇمۇش يىلتىزى يىگەن، ئاسماننى يىپىنچا قىلغانۇ، ياتلارغا زورى بىلەن خۇتۇن بۇلۇشنى راۋا كۆرمىگەن. مىللەتكە ئانا بولغۇچى قىزلىرىمىزنىڭ مىللى ئېتقاد، مىللى مەدەنىيەت قىلمىشلىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەربىر كىشى، مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۇلىمۇ ئازاپلايدۇ.
ئايالنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىپپىتى، ھاياسى ۋە ئەخلاقى بىلەن بولىدۇ. ھايالىق، تەقۋادار ئايال ئەرنىڭ مۇھەببىتى، كۆيۈنىشىگە ئېرىشىدۇ.
ھۆرمىتى، ساداقىتى ئارقىلىق ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ. ئەرنى ھۆرمەتلەش، چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئەرنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش قانداقتۇر ئايالنى پەس كۆرگەنلىك، كەمسىتكەنلىك ياكى سالاھىتىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئايال كىشى شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مىھرىنى، مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدۇ. چىريلىق ئايال ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەرنىڭ كۆڭلىنى بىر مەزگىللا ئالالىغان بىلەن، ئىپپەتلىك ئايال ھايا-نۇمۇس ئارقىلىق ئەرنىڭ قەلب كۆزىدە بىر ئۆمۈر تۇرالايدۇ. ئۇ ئۆمۈرلۈك ئىززەت، ھۆرمەت ساھىبىدۇر. بىھايا ئايالدىن ئەرنىڭ مىھرى ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ. خىجىىللىقتىن ئايالنىڭ مەڭزىگە يۈگۈرگەن قىزىللىق ئەرنىڭ قەلبىگە، مۇھەببىتىگە ئەڭ تېز ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ.
بەزى ئاياللار« بىزمۇ خىزمەت ئىشى قىلىپ ھېرىپ كەتتۇق ۋاقتىمىز قىس…»دەپ ئاخشاملىرى بالىلىرىغا مەسەل، چۆچەك ئېيتىپ بەرمەس بۇلۇشتى. ھەيرانمەن يەنە شۇنداق ئاياللار تۈن كىچىلەردە« قاتار چاي»لىرىدىن كىلەلمەي يۈردى‪.‬ «تارىنىشقا جىق ۋاقىت كىتىدىكەن، بىئەپكەن….»دەپ ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىۋەتتى! ھەيرانمەن يەنە ئاشۇ پەردازخانىلاردا ئۆچرەت ساقلاپ چاچلىرىنى ياسىتىپ يۈرۈشتى. بالىلىرىغا بىرەر چۆچەك كىتاب ئىلىپ بېرىشقا كۆزى قىيمايدۇ يۇ، كوچىلاردا تاراسلىتىپ سېغىز چايناپ يۈرۈشتى.. تەربىيە كۆرگەن ئايال بىر ئائىلىنى بەختلىك قىلىدۇ. دۇرۇس ئايال ئۆزىنى بۇزۇق، چەكتىن ئاشقان قىلمىشلاردىن خالى تۇتىدۇ. بۇيرىغاننى قىلىدۇ، توسقاندىن چەكلىنىدۇ.
بالا ئائىلىگە قۇيۇلغان بىر ئامەتكى، ئۇ ئەڭ ئاۋال ئايال( ئانا) دىن ئىبارەت مىھرىبان ئۇستازنىڭ پەپىلىشىگە، تەربىيلىنىشىگە مۇھتاج.
ئائىلىدە تەربىيسىز قالغان بالىلار تىزگىنسىز يۈرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلاردا ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمەت سۇسلاپ كىتىدۇ. ئانىغا بولغان ھۆرمەت ئانىدىن ھىيىقىش تۇيغۇسى ئاجىز كىلىدۇ. ھايالىق، ئىتقادلىق ئايالدىن ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ئىسىل پەزىلەتلىك، پەرزەنت يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئاياللار دۇنيادا راھەت-رەھمەتلەرگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ. ئايالنى پەقەتلا «كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسى، ئائىلە خىزمەتكارى »دەپ بىلىدىغان ئەرلەر، شۇنداقلا ئاياللىق مەسئولىيەتنى« تۇغۇش، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئىتىش »دەپ بىلىدىغان نادان،تەنتەك ئاياللار-ئازغۇنلار. خاس، بىر پەزىلەتلىك ئايالغا ئېرىشىش ئەر ئۈچۈن كاتتا نىممەت، زور بەختتۇر.
قىسقىسى، بىز ( مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ) ئەجداد ئەنئەنىسى، ئۆزىمىزنىڭ بۇرج ۋە مەسئولىيىتىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە مىللى ئەنئەنە ۋە مىللى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئىلىپ بېرىشقا سەل قارىماسلىقىمىز، ئەۋلادلارنى ئەجدادلارنىڭ ئىسىل خارەكتىرى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، پىكىر-ھىسلىرىنى نامايەن قىلىپ تەربىيلىشىمىز لازىم!

مەنبە : ئوكيان تورى

ھەي قېرىندىشىم!  ئېيتقىن،   نىمە قىلدۇق ئۆزىمىز ئۈچۈن؟

ئىناق،ئصتتصپاق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12092
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 11:32:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار                 ئايال -«ئايالغۇچىدۇر». مۇشۇلارلا كۇپايە.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36181
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە،،،،ياخش يىزلپتۇ،،،،

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1235
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن يوللىغان  بۇ قىممەتلىك تېمىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن.
مۇنبەرداشلارغا مەلۇم،مۇنبەردە مۇشۇ قىز-ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك  بولغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللايدىغانلار ھەم كۆرىدىغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.ھەممىمىزنىڭ مەخسىتى قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم:بىز يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەخسىتىنى توغرا ئىپادىلىسەك.قانداقتۇر ئاياللار ئۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى،بۇنداق مودا قوغلاشتى،باشقىلار بىلەن بەسلەشتى،بالىسىنى تاشلىۋەتتى....دىگەندەك چۆكۈرمە سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ياخشى تەربىيەۋى سۆزلەرنى ئىشلەتسەكمۇ بولارمىكىن دەيمەن.توغرا جەمىيىتىمىزدە يۇقارقى تېمىدا دىيىلگەن ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت،لىكىن  يەنىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ياخشى ئاياللار،ئۇلۇغ ئانىلارمۇ كۆپ.شۇڭا بىر ئىشنىڭ يامانلىق تەرىپىنى كۆرىۋالماي ياخشى تەرىپىنىمۇ ئويلاشساق.

بۇ تېمىڭىزغا ياخشى ئىنكاسلار چۈشكەي ئىلاھىم...........

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

تۈرك مىللىتى گۈل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36052
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرك قىزلىرىنىڭ ئىسىل قىزلاردىن بولىشىغا تىلەكداش مەن . [s:166]

تۈرك مىللىتى گۈللەپ ياشنا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28683
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 01:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن لەززەت   قىزچاقنىڭ پىكرگە      قۇشىلىمەن  توغرا   ئاۋال  ھەرقانداق   ئىشنىڭ     ئالدى  بىلەن ياخشى   تەرپىنى  ئويلاش  لازىم [s:166]  [s:173]  [s:122]  [s:141]

مسېرانېم مۇنبېرنې ياختۇرمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28683
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2011-2-1
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 02:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچرۇڭ   لەززەت   مەن سېزنىڭ  قېز  ياكى   ئەر  ئكنلىكىڭىزنى  بۇلمەي  ئتتكللا  لەززەت  قىز   دەپ  ئنكاس  يوللاپتېمەن  كەچرۇڭ     كەچۇرشىڭىزنى   ئۇمۇت قىلىمەن  كەچۇر   گەن بولسىڭىز   ئىكاس   يولىۋىتىڭ [s:173]

مسېرانېم مۇنبېرنې ياختۇرمەن

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1235
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 02:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت nilufarguli كە 2011-04-04 02:01 PMئەۋەتىلدى :
كەچرۇڭ   لەززەت   مەن سېزنىڭ  قېز  ياكى   ئەر  ئكنلىكىڭىزنى  بۇلمەي  ئتتكللا  لەززەت  قىز   دەپ  ئنكاس  يوللاپتېمەن  كەچرۇڭ     كەچۇرشىڭىزنى   ئۇمۇت قىلىمەن  كەچۇر   گەن بولسىڭىز   ئىكاس   يولىۋىتىڭ [s:173]

ھىچقىسى يوق گۈلۈم،يازغان ئىنكاسىڭىزدىن بەك خىجالەتتە قالغىنىڭىزنى بىلدىم .شۇڭا قوللىرىڭىز كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە قولاشمايلا قاپتۇ ،يازغان ئىنكاسىڭىزدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەن ئەلبەتتە قىز،بۇ ئىسىم پەقەت قىز-ئاياللارغىلا خاس بولغان ئىسىم.كەچۈرۈم سوراش ھاجەتسىز،سالامەت بۇلۇڭ.
سىزگە سەمىمى تەكلىپ؛ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.رەخمەت.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6818
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7738 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 05:32:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ ئەتراپىمدىكى بەزى ئاياللارنىڭ بازاردا نىمە مودا بولسا شۇنى كىيىدىغان ، چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەرگە بۇياپ ، قېنىق گىرىم قىلىپ ، ھەرخىل غەيرى پۇراقلارنى تارقىتىدىغان قىلىقلىرىغا بەك ئۆچ .
  ئايال بولدۇق ، بالىلىق بولدۇق . مەسئولىيەتچانلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى ، دىگەن گەپ . پۈتۈن زىھنىمىزنى خىزمىتىمىزگە ، پەرزەنتىمىزنى تەربىيىلەشكە ، ئۆيدىكىلەرگە ھەم چوڭلارغا ياخشى تەسىر بېرىشكە قارىتىشىمىز كېرەك .

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9755 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 06:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نازاكەتلىك ئاياللىرىمىزنىڭ ئەخلاقتىمۇ كامالەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن . [s:173]

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7299
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3199 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 09:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەڭگۇشتىرى مۇشۇ ئەڭگۇشتىرىمىزنى ھەر ۋاقىت قوغدىشىمىز كىرەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18877
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-9 03:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ يوللىغان تىمىڭىزغا رەخمەت.
لىكىن......
بىر دوستۇم ئايالىنى:  <سەن ئەخلاقلىق ئايال،شەرەپلىك ئانا بولۇپ ماڭغا 2 بالا تۇغۇپ بەرگەندىن باشقا نىمە قىپ بەردىڭ ؟>دەپ سۆزىنى بەردى......
بۇنى نىمە دەيسىز؟

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36885
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2011-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 05:58:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىرىڭزنى  قولايمەن.ياخشى يېزىلىپتۇ. [s:160]  [s:160]  [s:160]

adam har kaqan ozini soyux kir

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7447
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1029 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 11:54:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

يۇرتۋازغا،ئادال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10658
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6258
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 11:58:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھەممىدە يىتىشكەن ئايال بۇلۇشى كېرەك.

سەمىمى بۇلايلى....................................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش