مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 5

تۇنجى مۇھەببىتىم، قەلىب يارام(پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16514
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 04:29:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    تۇنجى مۇھەببىتىم، قەلىب يارام

                                                (پوۋىسىت)    
        دۇنيادا كىشلەر بىلەن كىشلەرئارىسىدىكى  مۇناسىۋەتلەرگە بىر ئېغىز گەپ بىلەن تەبىر  بىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن. دۇنيا دا نىمە ئەڭ گۈزەل ،بەلكىم بەزىلەر بەخىت ئەڭ گۈزەل دىسە،بەزىلەرمۇھەببەت ئەڭ گۈزەل دىيىشى  مۈمكىن.بۇمۇ بىر خىل گۈزەللىك قارىشى بۇلىشى مۈمكىن.بىراق شۇ مۇھەببەت يۇلىدا قانچىلغان ئاشىقلارنىڭ ھىكايىللىرى يېزىلدى بۇ بىزلەرگە نامەلۇم،مەنمۇ شۇنداق مۇھەببەت يولىدا بىر قىيىن كۈنگە قالدىم. بۇگۈن بۇ ھىكاينى سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدۇم ھەم شۇنداقلا مېنى تاشلاپ ھىجران ئازابىغا قويغان شۇ نادان قىزغا قىلغان بايانلىرىم بولسۇن......
                ***                                                ***                                           ***
  مەن تولۇققا يېڭىدىن كىرگەندە،مەكتەپنىڭ چوڭلىقى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيسىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن ئەمەس،بەلكى مەن مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغىچە بىر قىزنىڭ ماڭا  قىلغان ئىلتىپاتلىرىدىن ھەيران قالغانىدىم.ئۇ قىزنىڭ شۇنداق شىرىن سۆزلىرىدىن مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشقانىدى.مەن تىزىملىتىپ بولۇپ،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىن كىيىن،تونۇش بالىلاردىن بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سوراپ بىلگەندىن كىيىن ئالدىراشلا بۇ قىزنىڭ قايسى سىنىپقا بۆلۈنگەنلىكىنى بىلىش مەخسىتىدە ئىلمىي بۆلۈمگە كىرگەندە،ئىلمىي مۇدىر ماڭا شۇنداق سەت بىر قارىدىكى مەندىن ئۇنى سوراپ قانداق قىلىسەن دەپ سۇرىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.ئىلمىي مۇدىر ماڭا قاراپ:
__ئەلى،سەن ماڭا سالام قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسەن ھە؟!!،ھىچ بولمىسا تاغاڭ بولغاندىكىن ئىشىك چىكىپ كىرىپ ،سالام قىلىشىڭ كىرەك ئىدى.
__ھازىرلا ئىمتىھاندىن چىققاچقا،ئۇنتۇپ قاپتىمەن،كەچۇرۈڭ،كەچۈرۈڭ تاغا،سالام مۇئەللىم،كىرسەم بۇلامدۇ؟__مەن چاقچاق قىلىپ ئىشىكنى چىكىپ قويدۇم ۋە تاغامغا قاراپ :__مەن سىزنى بىر ئىشقا ئىزدەپ كىرگەنىدىم.ياردەم قىلارسىزمۇ؟
__تۈزۈت قىلغىنىڭما بۇ ؟ئەتىگەندىن بېرى مەن ئىشخانامدا ئالدىراش ئىشلىسەم،سەن كىرىپ سالام قىلايمۇ دىمىدىڭ؟ئەمدى تۇساتتىن سالاممۇ قىلماي كىرىپ،ياردەم قىل دەيسەن؟نىمە ئىشىڭ بار شۇنى دە؟
__مەن قايسى سىنىپقا بۆلۈندۈمكىن،شۇنى ئۇقاي دەپ كىرىشىم ئىدى.بۇ سىزنىڭ قۇلىڭىزدىن كىلىدىغۇ دەيمەن.قاندا تەقسىملەش پىلانىنى كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ؟
   كىچىگىمدىن باشلاپلا بۇۋام،تاغىللىرىم مېنى بەكلا ئەركە ئۈگتىپ قويغان بولغاچقا،مەن بەك ئەركە ئىدىم.بىراق دادام ماڭا بەك قاتتىق تەلەپ قۇياتتى.بىراق تاغامنىڭ ئىككى قىزى بولسىمۇ لىكىن تاغامنىڭ بىرەرمۇ ئوغلى بولمىغاچقا مەن نىمە دىسەم تاغام ماڭا شۇنى قىلىپ بىرەتتى.شۇڭا تاغاممۇ ماڭا باشقا سۆز قىلماي،ئۆزىنىڭ ئۈستىلىنىڭ يېنىدىكى بىر ئۈستەلنى كۆرسىتىپ:
__ئالە،ئاۋۇ ئۈستەلنىڭ ئاستىنقى 2-قەۋەت تارتمىسىدا.ئەڭ ئۈستىدىكى مىخلانغان ۋاراقلار شۇ، كۆرۈپ بۇلۇپ يەنە ئىزىغا سېلىپ قوي،باشقىلار كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ،بۇنى كۆرگىنىڭنى باشقىلارغا ھەرگىز مۇ ئىيىتما؟
   مەن<ھە> دەپ قويۇپ ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئېچىشىمغا،سىرىتتىن ئىككى ئوقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى.ئۇلار كىرىپلا ماڭا قاراپ تۇرۇپ قېلىپ،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى بولغاي،يەنىلا چاندۇرماي تاغامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋەردى.مەنمۇ نەتىجە جەدۋىلىنى كۆرىۋەردىم.مەن ئۈزۈمنىڭ نەتىجىسىنى ناھايتى تىزلا تېپىۋالدىم.بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىزلە-ئىزلە ئاخىرى تاپتىم.كۆرۈپلا ھەيران قالدىم،راستىننى ئىيىتقاندا بەكلا خۇشال بولغانىدىم.بۇ قىز دەل مەن بۆلۈنگەن سىنىپقا تەقسىملەنگەنىدى.دەل شۇ چاغداتاغام مېنى چاقىرىپ قالدى.
__ئەلى،بۇياققا كەل،كىلە،كىلە ،ھە سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي،بۇ مېنىڭ جىيەنىم،ئاكامنىڭ ئوغلى ئىسمى ئەلى_تاغام شۇنداق دەپ مېنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،ماڭا قاراپ:_بۇ تەلىم-تەربىيە بۆلىمىنىڭ مۇدىرى سابىت مۇئەللىم،بۇ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم مۇئەللىم بۇلىدۇ ،ئەلى بۇيىل بۇمەكتەپكە قۇبۇل قىلىندى،ئۇ بەك كىچىك ،ئائىلىمىزنىڭ ئەركە شاھزادىسى،شۇنداقتىمۇ بۇ مەكتەپ،  ئۇنىڭغا ئائىلىدىكى مۇئامىلە مەكتەپتە يوق،شۇڭا سىلەرنىڭ ئۇنى ئۆز بالاڭلىدەك كۆرۈپ،تەربىيە قىلىشىڭلىنى ئۈمىد قىلىمەن_دېدى.
__ئەلى،_ئابلىكىم مۇئەللىم چاقىرىپ مېنى خىيال دېڭىزىدىن ئويغاتتى_ھازىر كۆرگەن جەدىۋەلنى ئەكىلە،نەتىجەڭنى كۈرۈپ باقاي.  مەن جەدۋەلنى ئابلىكىم مۇئەللىمگە بەرسەم،ئۇ مېنىڭ نەتىجەمنى كۆرۈپ كۈلۈپلا قويدى.تۇيۇقسىز سابىت مۇئەللىمنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى.ئۇ تىلفۇننى ئېلىپ،بىرنىمىلەرنى دەپ قۇيىۋەتتى.
      سابىت مۇئەللىم تاغامغا سىنىپ تەقسىملەش يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ ھەيرانلا قالدىم.تەخمىنەن ئىككى مىڭچە بالا بىزگە قاراپ تۇرغانىدى.تاغام ماڭا پەستىكى بىر ئۇرۇندا ئولتۇرۇشۇمنى ئېيىتتى .دىمىسىمۇ راس ئەمەسمۇ،مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن كىرىپ رەئىىس سەھنىىدە ئولتۇرغىلى بولمايدۇ دە.
  مەن يىغىن مەيدانىدا يىغىن ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ،بىراق كۆزلىرىم تىنماي ھېلىقى قىزنى ئىزلەيتى.بىراق شۇنچە كۆپ كىشلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەش ماڭا ھەقىقەتەن بەك تەسكە توختىدى.ھەرقانچە ئىزلىسەممۇ ئۇنى تاپالمىدىم.مېنىڭ ئولتۇرغان جايىم ئىگىزدىرەك بولسىكەن كاشكى،شۇندا ئۇنى بۇنچە قىينالماي،ئاسانلا تېپىۋالغان بۇلاتتىم.
   مەكتەپ رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى.كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى بۇيىنچە سىنىپقا بۆلۈنگەنلىكىنى،ئىسمى چىققان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىشىنى،سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەيداندىن چىقىپ كىتىشنى ئۇقتۇردى.مەن كۈتە-كۈتە ئاخىرى ئۇنىڭ ئىسىمى ئاتالغاندا،ئۇنىڭ ئەمەس خۇددى مېنىڭ ئىسمىم چىققاندەك ناھايتى خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.كەينىدىلا مېنىڭمۇ ئىسمىم چاقىرىلدى.بەن بەك پەخىرلەندىم،بىراق مەن سەھنىگە چىققاندا شۇنى سەزدىمكى مېنىڭ ئىسمىم ئەڭ ئاخىرقى سىنىپقا،يەنى ئەڭ ئاخىردا چىققانىكەن.
        
            ***                                                   ***                                                          ***
    بىزنى سىنىپلارغا بۆلۈپ بولغاندىن كىيىن،سىنىپلارغا كىردۇق.بىز تولۇق 2007-يىللىق  ئىجتىمائىي پەن 1-سىنىپىغا تەقسىم قىلىندۇق.بىزگە مەكتەپ بويىچە ئىجتىمائىي پەن ماھىرى بولغان ئەلى ئىسىملىك ياش ئۇقۇتقۇچى سىنىپ مەسئۇلى قىلىنغانىدى.تۇنجى سائەتتە سىنىپ يىغىنى ئېچىلدى.مېنىڭ  مەكتەپ ئالغان سىناق ئىمتىھان نەتىجەم بىلەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم.شۇ چاغدا ئويلىدىمكى مېنىڭ سىنىپ باشلىقى بولىشىم دىمەك--سىنىپتىكى بارلىق ئىشلارغا مېنىڭ قارارىم بىلەن بولىدىغانلىقىنى.ئىتپاق شۈجىسى قىلىپ يېزىدىن كەلگەن باتۇر ئىسىملىك بىر ئاۋاقنى سايلىدۇق.
     مۇئەللىم بارلىق سىنىپ ھەيئەتلىرىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ياخشى بىر سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ بولۇپ،ساۋاقداشلارنى ئۆزىنى تۇنۇشۇشقا تەكلىپ قىلدىم.بالىلار ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى.مەن كۈتكەن مىنۇتلارمۇ كەلدى.ھېلىقى قىزمۇ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى.ئۇنىڭ يۇرتى ھېلىقى<ماز پاينەك>ئىتتپاق شۈجىرىمىز بىلەن بىر يۇرتتىن ئىدى.دىمەك ئۇلار تۇنىشىدۇ . بۇ بەك خەتەرلىك بىر ئىش دەپ ئويلىدىم.
   چۈشلۈك ئارام ئېلىشتا مەن تولۇقسىزدا بىللە ئۇقىغان بالىلارنى يىغىپ تاماققا تەكلىپ قىلدىم.بۇ ئەمىليەتتە سىنىپ ئىچىدىكى كۈچۈمنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىدى.چۈشتە مەن تاھىر،ئالىم،گۈلنۇر،ئايشەم قاتارلىقلار بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ باشقىلارنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق.ئارىدا ئاغزى ئىتتىك گۈلنۇر گەپ باشلىدى.
__ھە ئەلى ،ھېلىتىن بىرەرسىگە كۈزۈڭ چۈشتىمۇ نىمە؟بايا قارىسام كۆزلىرىڭ ھېلىقى سېرىقتىن ئۈزۈلمەيلا كەتتى__ئۇنىڭ گىپى تۇگمەستىنلا ئالىم ئۇنىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تەپتى.
__نىمە كارىڭ ئوغۇل بالا بۇ،سەن ياخشى كۆرگىنىۇڭ بىلەن ئەلىدەك بايۋەتچىلەر سېنى ياراتمايدۇ؟
   ئۇڭغىچە قالغان بالىلارمۇ كىرىپ كەلدى.ھەممەيلەن كۈرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن،كونا قايىدىمىز بۇيىچە سادىر مېنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.مەنمۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئالدىراپ قوپتۇم.
__يوق گەپنى قىلمىساڭلار بولمامدۇ ؟بۈگۈن كەيپىياتىم ناھايتى ياخشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇلۇققا چىقتۇق ، بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان دوستلۇق داستىخانىم،بۇگۈندىن كىيىن ھەممەيلەن مۇشۇ ئاشخانىغا يىغلىمىز،كىمكى كەلمىسە بۇ سەپتىن چىكىندۇرلىدۇ،تاماق پۇلىنى كونا قايىدە بۇيىچە تۈلەيمىز.پىكىرى بارلار سۆزلىسە بولىدۇ،بىراق سەپتىن چىكىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ.بۇنىڭغا مەن،سادىر ۋە تاھىر مەسئۇل بولىمىز،ئەگەر گەپ بولمىسا ئەمسە تاماق يەپ دەرىسكە كىرەيلى.
   ھەممەيلەن مېنىڭ بۇ <ئېسىل نۇتۇقلىرىمغا>قىزغىن چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ مەكتەپتىكى ھۇقۇقۇم كاپالەتكە ۋە يۈلەنچۇك كۈچكە ئىگە قىلىندى.بۇ بىر ۋاق تاماق بىلەن بالىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلۋالدىم،بۇ مەن ئۇچۇن ئەڭ چوڭ پايدا دىگەن گەپ،بىراق بۇ بىر ۋاق تاماقنىڭ پۇلىنى مەن تۇلىدىم.توۋا خۇدايىم بۇگۈن بالىلار ئاچكۆز بوپ كەتتىمۇ يا،بىر ۋاق تاماققا 126سوم تۈلىدىميا ؟نىمانچە قىممەت تاماقلار بۇ،ھەي ئامال يوق،كىم مېنى بۇيەرگە كىرسۇن دەپتىكەن.
      
    ***                                                         ***                                                   ***              
   شۇنداق قىلىپ مەن ئەمدى ھېلىقى قىزغا مۇھەببەت ھۇجۇمىنى باشلىۋەتتىم.بىر كۈنى مەن نۇرىمانغا (سىلەرگە دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ئۇقىزنىڭ ئىسمى نۇرىمان ئىدى) مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ سالام خەت يېزىپ گۈلنۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.خەتنى بىرىپ بۇلۇپ بىر كۈن زىرىكىش ئىچىدە ئۆتتۇم.ئىككى كۈندىن كىيىن ماڭا يازغان جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم.كەچتە مەكتەپتىن كىلىپلا ئۇدۇل ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم.ئانام مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلدى بولغاي،مەن ئاشخانىدا دىگەندەك گېلىنى قېقىپ قويدى.مەن ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا ئاتتىم.ئانام مېنىڭ ياتىقىمغا كىرىىپ مەندىن سۇرىدى:
__بۇگۈن نىمە بولدۇڭ؟بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمايا؟_ئانام مېنىڭ گەپ قىلمىغىنىمنى كۈرۈپ چىقىپ كەتتى.مەن ئادەتتەھەر كۈنى مەكتەپتىن كىلىپلا ئاشخانىغا يۇگۇرۇپ كىرىپ تاماق يىگەندىن كىيىن ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەيتىم.ئانام چىقىپ كىتىپ،  ئۇزاق ئۆتمەي ئانامنىڭ تىلفۇندا بىرسى بىلەن پاراڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى.دىمەك ئانام مەندىن سۇراپ بىلەلمەي تاغامغا تېلفۇن قىلغان گەپ.تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بۇلۇپ،كەچتە كارۋاتتايېتىپ خەتنى كۈرۈپ مەن ناھايتى ئۇمىدسىزلەندىم.ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتى مۇنداق ئىدى.
   <<ئەسسالامۇ ئەلايكۇم،ساۋاقداش ئەلى.ياخشمۇسىز؟.
مەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ سىز ۋە باشقا ساۋاقداشلار بىلەن تۇنۇشقانلىقىمغا ئىنتايىن خۇشال.سىزنىڭ سىنىپ باشلىقى بۇلۇپ سايلانغانلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.ئۇلۇشكۈن گۈلنۇردىن سىزنىڭ ماڭا يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۋېلىپ،ناھايتى خىجىل بولدۇم.بۇئىككى كۈندىن بېرى قانداق قىلىش توغرىلۇق كۆپ ئويلاندىم.ئاخىرى بۈگۈن سىزگە بۇ خەتنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۈردۈم.سىزنىڭ ماڭا بولغان تۇنىشىڭىزغا رەخمەت.بىراق سىز مېنى تېخى چۈشەنمەيسىز،شۇنداقلا مېنىڭ مۇھەببىتىم بار،شۇڭا سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىزمەن،كەچۇرۇڭ.بولسا سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى رەت قىلمىسام بۇلاتتى،بىراق مەن ھازىر ئامالسىز،مىنى چۇشىنىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.
   سىز ئەخلاقلىق،يۇۋاش. مەكتەپتىكى ئىپادىڭىزمۇ ناھايتى ياخشى، دەرىسلەردىكى نەتىجىڭىزمۇ ناھايتى ياخشى،ھەممە ئۇقۇتقۇچى سىزنى ماختايدۇ.سىزنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقداشلىرىڭىزسىزنى ناھايتى باي دەپ ماختاپ بەردى.سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز چۇقۇم پارلاق بۇلىدۇ ،مەنمۇ شۇنىڭ ئۇچۇن تىرىشپ ئۇقىشىم كىرەك.ئەلۋەتتە مەندەك بىر نامرات دېھقان قىزىنىڭ بۇنچىۋالا ئەتىۋارلاشقا ئىرىشىشىم مېنىڭ بەختىم.بىراق سىزگە شۇنى ئېيتىمىسام بولمايدۇ:مەن بىر نامرات ئائىلدىن كەلگەن بولساممۇ بىراق مېنىڭ ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم__ئۇقۇش،ئۇقۇپ ئائىلەمنىڭ ئۇمىدىنى ئاقلاش.كەلگۈسىدە ياخشى بىر خىزمەت ئورنىغا ئىرىشىپ ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئومىدىنى ئاقلاش.بولدىلا،ئۇشۇق گەپ ئىشەككە يۈك دەپتىكەن،نەق گەپنىلا دەۋەري.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى سىزدەك ياخشى بالىغا مەندىنمۇ ياخشى قىزلارچىقىدۇ.بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن.ئەگەر خالىسىىڭىز مەن سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز ۋە دوستىڭىز بۇلاي.مېنى تەڭلىكتە قالدۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنداق قىلىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.ئاخىرىدا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنى بەخىتلىك بولىشىنى ،تىنىڭىزنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن.
                              ساۋاقدىشىڭىز:نۇرىمانگۇلدىن>>
خەتنى كۈرۈپ شۇنداق بەك ئاچچىقىم كەلدى.بىراق يەنىلا ئۇنىڭ دىگەن سۆزلىرىنىڭ ئاساسىي بارلىقىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى.ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنى سەزدىم.دىمەك بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئورتاق بىر نىشانىمىز باركەن مەن شۇيەردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشاي دىگەن خىيالغا كەلدىم.خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ سائەتكە قارىسام كەچ سائەت11دىن ئېشىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ.....ئاپلا،ئەتە مەكتەپكە كىچىكىدىغان بولدۇمدە......
***                                                     ***                                                          ***
شۇنداق قىلىپ مەن نۇرىمان بىلەن مۇھەببەتلىشىكە باشلىدىم.ھەر كۈنى سەھەر كىلىپ ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلايتىم. دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇنى مەيدانغا سۆرەپ چىقىپ تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ پاراڭلىشاتتىم.ئۇ بەزىدە ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى،بەزىدەئاچىسىنىڭ ئوغلى توغرىسىدا قىن-قىنىغا پاتماي سۆزلەپ كىتەتتى.بىر كۈنى بىز مەيداندا چىمنىڭ ئۈستىدە يېتىپ كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق.
_ئەلى،كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىسىز؟
_سىزنى نىكاھىمغا ئېلىپ،بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرىمەن.
_مەن ئۇ تۇغرىسىدا دىمىدىم.
_ئەمسە نىمە توغرىسىدا دىگەن؟ماڭا ياتلىق بولغۇڭىز يوقما؟
_ئۇنداق ئەمەس،بىز تېخى تۇلۇقتا ئۇقۇيمىز،كەلگۈسىدە نىمە ئىشلار بۇلىدۇ بۇنى بىز ئۇقمايمىز،شۇنداقتىمۇ سىزگە شۇنى سەمىمىي ئېيتالايمەنكى:مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم چەكسىز،
_ماڭا پەقەت شۇ سۆزلىرىڭىز بولسىلا بولدى.
_راسىتما؟
_راسىت.
  بىز شۇنداق چاقچاقلار بىلەن قانداق كەچ بولغىننى بىلمەي قالاتتۇق.ئاستا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سىنىپقا قاراپ ماڭاتتۇق.بىزگە بەزىدە تاغاممۇ،بەزىدە ئەلى مەلىممۇ،يەنە بەزىدە شوجاڭمۇ ئۇچىراپ قالاتتى.بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كىتەتتى.كەچتە مەكتەپتىن كىتىشنى خالىمايدىغان بولدۇم.چۈنكى مەن ئۆيگە كەتسەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالمايتىم.كىيىنچە مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە،ئۇنىڭغا  ئايالچە پاسۇندىكى<SAMSUNG>ماركىلىق  يانفۇن سوۋغا قىلدىم .ئۇ بۇنى كۈرۈپ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى.ھەر ئاخشىمى ئۇنىڭ بىلەن كەچ سائەت11گىچە پاراڭلىشىدىغان بولدۇم.
  بىر كۈنى مەن تۇلۇقسىزدا بىللە ئۇقىغان بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تۇيىغا قاتنىشىپ،قاتتىق مەس ھالەتتە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپتىمەن.نىمىلەرنى دىگەنلىكىممۇ ئېنچە ئىسىمدە يوق ئىدى.ئەتىسى ئۇ مېنى چاقىرىپ سۇرىدى:
_ئاخشام نىمە ئىش بولغان،غەلىتە گەپ قىلىپ مېنى ئەنسىرىتىپ قويدىڭىز،كىچىدىن بېرى سىزدىن ئەنسىرەپلا چىقتىم.
_ئاخشام نىمە بولغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.بالىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئازراق ئىچىپ ساپتىمەن.قانداق بۇلاپ سىزگە تىلفۇن قىلغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،
_ماڭا ۋەدە بىرىڭ ،بۇندىن كىيىن ھاراق،تاماكا دېگەندەكلەرگە يېقىن يۇلىمايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ.
_ماقۇل،مەن ۋەدە بىرەي،بۇندىن كىيىن ھاراق تاماكا دىگەنلەرگە يېقىن بارمايمەن.ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىسام ئىت بۇلۇپ كىتەي.
_ئۇندا يامان سۈپەت سۆزلەرنى قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ھىي،ھىي،ھىي......
شۇنىڭدىن كىيىن ھاراق ئىچىدىغان سۇرۇنلاردىن قېچىپلا يۈردۈم.ھاراقنى كۈتۈرەلمەي ئەمەس ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيمەن دەپ قېچىپ يۈردۈم.
  بىر كۈنى ئۇ ماڭا بىر پارچە شېئىر تەقدىم قىلدى.شىئىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.
                        <  ئۇنتۇلغان ھەممىلەر،ئۇنتۇلغان كەچمىش
                            ئۇنتۇلغان ئادەملەر،ئۇنتۇلغان دۇنيا
                            ئۇنتۇلدى مىھرۇ-ۋاپا،ئۇنتۇلدى ئەجىر
                           ئۇنتۇلماس پاك ۋىجدان خارلاندى شۇڭا>
خەت ئاخىرىدا ئۇنىڭ ماڭا يازغان ئىككى جۈملە سۈزى بىلەن قايسى بىر شائىرنىڭ بىر كۇپلىت شېئىرى چىرايلىق قىلىپ كۈچۈرۈلگەنىدى.
<بۇ شىئىرنى مەن ئەخەت تۇردىنىڭ <ئۇنتۇلغان كىشىلەر>ناملىق كىتابىنى ئۇقىغاندىن كىيىن،تەسىراتىمغا ئاساسەن يازدىم.تۈۋەندىكىسى بولسا مەن ياقتۇرغان بىر پارچە شېئىر،سىزنىمۇ بىللە ھۇزۇرلانسۇن دەپ يېزىپ قويدۇم.ياقتۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
                       باغقا كىرىپ،قىزىل گۈلدىن ھىد ئېلىپ،
                      گۈل باھارغا سۈيۈندۈم،مەن يۈرەكتىن.
                      بىراق كۈرۈپ گۈل بەرگىدە شەبنەمنى،
                      يىغا تۇتتى شۇ جايدا مېنى يەنە بۆلەكتىن. >

       ***                                                           ***                                        ***
  تۇلۇقنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتتا  دوستىمىز تاھىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى.بىز دوستلار يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇ تۇغۇلغان كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەت قىلىشتۇق.تۇرغۇن پور (ئۇ سىمىز بولغاچقا لەقىمى پور ئىدى) تۇغۇلغان كۈننى ناھىيە بازىرىدىكى خېلى نامى بار بىر رېستۇراندا ئۇتكۈزۈشنى ئىيتىۋىدى ھەممىسى قۇشۇلدى، بىراق بۇ چايغا كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تۇغرىسىدا بىرلىككە كىلەلمىدۇق.تاھىر بىلەن مەن ناھىيە ئىچىدىن چىقىدىغان بالىلار بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن بالىلارنى چاقىرىمىز دىيىشتۇق،ئەركىن بىلەن سادىر سىىنىپتىكى ھەممە بالىلارنى چاقىرايلى دىيىشتى.بىز بىرلىككە كىلەلمىگەندىن كىيىن،شۇ رېستۇرانغا بېرىپ ئۇقۇشۇپ ئاندىن قارار قىلىدىغان بۇلۇپ ئۇ يەرگە باردۇق.خۇجايىن بىلەن كۈرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيىتتۇق.خۇجايىن سەل ئۇيلانغاندىن كىيىن 1500دىن 2000سومخىچە بولسۇن دىۋىدى،تايىرنىڭ ئۆڭى ئۆچۈپلا كەتتى.دىمىسىمۇ بىرۋاخلىق تاماقنى ئىككى مىڭ سومغا يىسەك بىزگە سەل ئېغىر كىلەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا بىر خۇيزۇنىڭ رېستۇرانىغا كىرىپ 850سۇمغا كەچلىك ئولتۇرۇشنىمۇ قۇشۇپلا دىيىشتۇق.مەن مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن تاغامدىن 500سوم ئېلىپ كەچلىك زىياپەتكە تەييارلىق قىلىپ قويغانىدىم.چۇشتىن كىيىن دەرىستىن چۇشۇپ ھەممەيلەن شۇ رىستۇرانغا قاراپ ماڭدۇق .بۇ زىياپەت ھەرھالدا يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈلدى.شۇنداق قىلىپ تاھىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بارلىق بالىلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزدۇق.مۇئەللىممۇ بىز بىلەن قاتناشتى.كەچتە ئۇغۇللاردىن تۇققۇز~ئونچە بالىلار  ئۇ رىستۇراندا قالدۇق.بۇ چاغدا بىزدىن باشقا ئىككى ئۈستەلدە تاماق يەپ ئولتۇرغان كىشىلەربار ئىدى.بىز يالغان گەپ بىلەن مۇئەللىم ۋە باشقا ساۋاقداشلارنى يولغا سېلۋىتىپ،قايتىدىن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇردۇق.بىز بىر ئاز تاماق ۋە پىۋا ئىچكەندىن كىيىن زىرىكىشكە باشلىدۇق.ئارىمىزدىن تۇرسۇن دىگەن ئاغىنىمىز ھەممىدىن بەك زىرىككەن بولسا كىرەك.قىز چاقىرىمىز دەپ تۇرۋالدى،بىزمۇ دەرھاللا  قۇشۇلدۇق.ئۇ بىر يەرگە تىلفۇن قىلىۋىدى،ھايال قالمايلا ئىككى تاكسى ماشىنىدا قىز دىگەن يېغىپلا كەتتى،شۇنىڭ بىلەن قىزلا بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ كەتتۇق.
    توۋا،  مەن ھازىرغىچە قىزبالىنىڭ مۇنداق ھاراق كۈتۈرگىننى كۈرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن.قاچانلاردا مەس بۇلۇپ قالغىنىمنىمۇ تازا ئېنىق بىلمەيمەن.بىر چاغدا بىرى مېنى يەڭگىل چاقىرىپ ئويغىتۋەتتى.بېشىمنى كۈتۈرەلمەيلا ئۇنى تىللاپلا كەتكىنىم ئىسىمدە.بىر ھازادىن كىيىنمۇ يەنەشۇ تۇنۇش ئاۋاز ۋەشۇ سىلكىش ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم.ھە،بۇ دادامنىڭ ئاۋازىغۇ ،ئاپلا،تۇگەشتىم.

   ***                                                           ***                                                        ***
    ئەتىسى تاغامنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرىلدىم.ئۇدۇلۇمدا تاغام،بىر يېنىمدا دادام،يەنە بىر يېنىمدا سىنىپ مۇدىرىم ئەلى مەلىم ئولتۇراتتى.دادام قايناپ سۆزلىمەكتە.تاغام بىلەن ئەلى مەلىم(بىزنىڭ يۇرتتا مۇئەللىمنى مەلىم دەيمىز)گەپ سۆز قىلماستىن ماڭا ھومىيىپلا قاراپ تۇراتتى.ماڭا ھازىر چىقىشقا ئاسمان يىراق،كىرىشكەيەر قاتتىق تۇيۇلماقتا ئىدى.دادامنىڭ ئاغزىدىن چىقۋاتقان بۇ سېسىق گەپلەرنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.بىر ھازادىن كىيىن تاغاممۇ،ئەلى مەلىممۇ سۆزلەپ مېنى ھاراق ئىچكەنگە تويغۇزۇپلا قويدى.
   بۈگۈن بۇ كۈننىڭ قاندا كەچ بولغىننى بىلمەيمەن.بۇ بىر كۈن ماڭا ئون يىلدەك تۇيۇلۇپ كەتتى.كەچتە ئۆيگە ناھايتى كەچ كىردىم.مەن كىرگەندە تاغام كىرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئاناممۇ دادامنىڭ قېشىدا ئىدى.دادامنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قىلغان سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن ئاستا ياتاق ئۇيۇمگە كىرىپ كەتتىم.تۇيۇقسىز تىلفۇن جىرىڭلاپ كەتتى.ئانام تىلفۇننى ئېلىپ،مېنى چاقىردى:
_ئەلى ساڭا تىلفۇن،تىز بول_مېنىڭ  ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگەن ھالدا چىقىپ تىلفۇننى ئالدىم،تىلفۇننى ئۇ قىلغان ئىكەن.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ :
_ئەلى،بۈگۈن نىمە قىلدىڭىز،ماڭا قىلغان ۋەدىللىرىڭىز قېنى؟ماڭا قايتا ھاراق ئىچمەيمە،ياخشى ئۇقۇيمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتىڭىزغۇ؟_مەن ئۇنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىنىغنى ئاڭلاپ،كۆڭلۈم بىر قىسىم بۇلۇپ قالدى.
_نۇرىمان،ماڭا قارا،تۈنۈگۈن نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.راسىت،سۈزۈمگە ئىشەن،ساڭىمۇ يالغان ئېيت_ئۇنىڭ سۆزى سۇزلىرىمنى بۈلىۋەتتى.
_بولدى قىل ئەلى،ساڭا شۇنداق ئىشەنگەن ئىدىم.ئۈمۇدىمنى يەردە قويدۇڭ،سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن سىنىپىمىزدە توققۇز بالا مەكتەپتىن قوغلاندى.  بۇنى كەچتە مەكتەپ بۇيىچە چوڭ يىغىندا ئېلان قىلدى.سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشىڭ بەك ئېشىپ كەتتى.
_نىمە؟نىمە دېدىڭ؟_ئاۋازىم يۇقىرى چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك،ئانام ياندىكى ئۆيدىن بېشىنى چىقىرىپ قاراپ قويدى:_ھەممەيلەننى جازالامدىكەن،بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشى.
_بولدى قىل، ئەلى،بۇ مەكتەپنىڭ قارارى،ئامال يوق،تاغاڭمۇ بايا مەن بىلەن پاراڭلاشتى.ئۇ ماڭا سەندىن ئايرىلىپ كىتىشنى،ئۆزىنىڭغۇ سېنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۇندا قىلغۇسىنىڭ يوقلىقىنى،بىراق مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ۋە سېنىڭ،مېنىڭ كەلگۈسىمىزنى دەپ بولسىمۇ شۇنداق قىلىشىمنى سۇرىدى.مەن ماقۇل بولدۇم.ئەمدى،سەن بىلەن كۈرۈشەلمەيمەن،كەچۇرگىن،خەيىر-خوش.
_سەن نىمىشقا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇڭ؟سەن،سەن....._تىلفۇن ئاللىقاچان ئۈزۋىتىلگەن ئىدى.ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايتى ئاچچىقىم كەلدى.تىلفۇننى قۇيۇپلا سىرىتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم.ئانامنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.ھازىر مېنىڭ قۇلىقىمغا ھىچنەرسەكىرمەيتى .
  مەن ئالدى بىلەن مەكتەپكە باردىم.ئۇيەردىن ئۇنى تاپالماي ناھايتى ئاچچىقىم كەلدى.سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ بۇ ئۇنىڭ ئىككى ھەپتىلىك رۇخسەت سۇرىغىننى ئاڭلاپ جۇدۇنۇم تـېخىمۇ بەك تۇتتى.شۇيەردىلا ماشىنا تۇسۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە قاراپ چاپتىم.بارسام ئۇلارنىڭ ئۈيىدە ئادەم يوق چىقتى.قوشنىلاردىن سۇراپ ئۇلارنىڭ قەشقەرگە دادىسىنىڭ كىسىلىنى داۋالاتقلى كەتكەنلىكىنى بىلدىم.دىمەك ئۇ قەشقەردە تۇرۇپ تىلفۇن قىلغانىكەندە.ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي ئامالسىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە،دادام تېخى ئۇخلىمىغانىدى. ئۇ مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمنى بىلگەن بولسا كىرەك،مېنى چاقىرىپ،بىز سۆزلىشەيلى دىدى،مەن ساپاغا كىلىپ ئولتۇردۇم.
_بىلىمەن بۈگۈن ئەتىگەن قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ئەركىن ياشىشىڭغا تەسىر كۆرسەتتى.بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سەن ئۈچۈنلا،بەلكى سەنمۇ بىلىپ بولدۇڭ،سەن ۋە سېنىڭ< ھاراقكەش>دوستلىرىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىپسىلەر،بۇ مەكتەپنىڭ قارارىكەن،بايا تاغاڭ ماڭا چۈشەندۇرگىلى كىرىپتىكەن،بۇنىڭغا ئۇنىڭمۇ ئامالى يوقكەن.بايىدىن بېرى شوجاڭ بىلەنمۇ كۈرۈشۈپ باقتىم،_ئۇ مېنىڭ گەپ قىلماي ئاڭلاۋاتقىنىمنى كۈرۈپ،گېپىنى داۋاملاشتۇردى:_ئامالى بولمىدى.شۇڭا سېنى ھەربىيلىككە ئەۋەتىشنى لايىق كۆردۇق،لەنجۇ ھەربىي رايۇنىدا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بارتى،شۇ ئارقىلىق ساڭا بىر سان ھەل قىلدۇق.بۇ يىللىق ئەتىيازلىق ئەۋەتىلدىغان ھەربىيلەر بىلەن بىللە ماڭىسەن،ئۇقۇشۇپ كۆردۈم،ئۇلار پەيشەنبە كۈنى ماڭىدىكەن.
_نىمە؟ھەربىيلىككە،مەن بارمايمە،بارمايمەن دىگەندىكىن بارمايمەن،سېنىڭ ئۇنداق مۇناسىۋەتكە تايىنىپ قىلغان ئىشىڭغا مېنى سۆرەپ كىرمە،مەن قايتا ئۇقۇپ بولسىمۇ،شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىغا ئوتىمەن......
_يوق گەپنى قىلما؟!!_دادام سۈزۈمنى بۈلۈپلا ماڭا ۋاقىرىدى:_ھازىرغىچە سېنىڭ دىگىنىڭنى قىلىپ كەلدۇق،بىر تاللا ئۇغۇل نەۋرە دەپ داداممۇ،بىزمۇ بەك ئەتىۋارلىدۇق،بەس،  بۇلا،بۇ قېتىم چۇقۇم مېنىڭ دىگىنىمدەك قىلىسەن.ئەتە تەييارلىق قىل،ئۆگۈنلۈككە چوڭ داداڭنىڭكىگە بارىمىز.كىرىپ ئۇخلا!!!!!
  دادامنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئاستا ياتاق ئويۈمگە كىرىپ ،خىياللار ئىلكىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەپتىمەن.

      ***                                                              ***                                                   ***
  دىگەندەك ئىككى كۈندىن كىيىن مەن يېڭى قۇبۇل قىلىنغان ھەربىيلەر بىلەن يولغا چىقتىم.پويىز ئىستانسىسىدامەن ئۇنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلساممۇ،بىراق ئۇنى پەقەتلا ئۇچىراتمىدىم.ئاتا-ئانام ،تاغام ۋە باشقا سەپداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىزگە ئاق يول تىلەپ يېغلاۋاتاتتى.بىزگە مەسئۇل كۇماندىرىمىز ماڭىدىغان ۋاقىتنىڭ توشقانلىقىنى بىزنىڭ پويىزغا چىقىشىمىزنى بۇيرىدى.مەن يانچۇقۇمدىن بىر كونۋىرىتنى ئېلىپ،ئانامغا بۇنى،نۇرىمانغا بىرىپ قويغىن دەپ پويىزغا چىقىپ كەتتىم. مانا پويىزمۇ ئاستا-ئاستاقوزغالدى.كىشلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزاتماقتا ئىدى.كۆزلىرىم يەنىلا شۇ تۇنۇش كۆزلەرنى ئىزلەيتى.بىراق ھىچ يەردە يوق.ھەتتا يۇرتۇممۇ ماڭا يات كۆزدە قاراپ مېنى بۇ يەردىن قوغلىماقتا.بارچە خەلىق بىزگە،ياق،پەقەت ماڭىلا خوش دىمەكتە.ئۇلار ماڭا بۇ يەردىن سۆيگۈڭنىڭ ئىزناسىنى تاپالمايسەن،سەن كەت دىگەندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.مەن ئۇنىڭغا يېزىپ قالدۇرغان خەتتە،ئۇنىڭغا باشتا يازغان شىئىرىم بار ئىدى.
          ئۇنتۇلغان ھەممىلەر،ئۇنتۇلغان كەچمىش
          ئۇنتۇلغان ئادەملەر،ئۇنتۇلغان دۇنيا
          ئۇنتۇلدى مىھرۇ-ۋاپا،ئۇنتۇلدى ئەجىر
         ئۇنتۇلماس پاك ۋىجدان خارلاندى شۇڭا
بۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەبىتىم سالغان مەڭگۈ ساقايماس بىر يارا.مەن قاچانغىچە بۇ دەرتنى يۈدۈپ يۈرشىمىنى بىلمىگەچكە،بۇ دەرتنى مۇشۇ ماڭا ئازاپ سالغان،ئۇنىڭ بىلەن ئۇينىغان زىمىنغا تاشلاپ كىتەي،چۈنكى مەن ھازىر يېڭىچە بىر خىل تۇرمۇشقا قاراپ يولغا چىقتىم. خەيىر -خوش،ئازاپلىق مۇھەببەت.

   دېققەت:بۇ ئەسەر پەقەت مىسرانىم تورىغىلا تەۋە،باشقىلارنىڭ مېنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقا توربەتكە ياكى مۇشۇ تورغا قايتايوللىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يوللىغۇچى:ھەقىقەت                مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم


:.

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3896
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8318
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 1597 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 11:29:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بالدۇر مۈھەبىەتلشش ئادەمگە ئازاپ ئەپ كىلىدۇ.......بەك ياخشى يىزپسىز...

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 12:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزگە " پوۋېست " دەپ يوغان بۆك كەيدۇرۇپ قويۇپسىز.
     يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدىن قارىغاندا قەلىمىڭىز بەك راۋانكەن، بەدىئى دىتىڭىز خېلى باركەن.
      مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيىتساق  ، بۇ مەزمۇنلارنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-2- يىللىق بالىلىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرسىڭىز ئەمەليەتكە ماس كىلەمدۇ - قانداق ، ياكى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھازىر 15 يېشىدىن باشلاپلا مۇھاببەت ئۇستىدە باش قاتۇرىدىغان، چوڭلاردەك رېستۇرانغا يۈگرايدىغان، قىز دوستى " ھاراق ئىچمە، تاماكا چەكمە ، بولمىسا ئايرىلىپ كىتىمەن " دەپ شەرىت قويىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ ؟
يا مەن زاماننىڭ ئارقىسىدا قالدىممۇ، بىزلەر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مۇھاببەتلىشىپتۇ دىسە ، قىزمۇ ئوغۇلمۇ بەكلا خىجىل بولىشاتتى.
    زامان بەك تەرەققى قىلىپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ.
    ئاپتورغا : بۇندىن كېيىن ئەسەر يازسىڭىز " ئو،ئۆ، ئۇ،ئۈ " لەرگە دىققەت قىلىڭ، بۇنى تۈزەشكە 2 سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلدىم، بەلكىم تولۇق ئوڭشاپمۇ بولالمىغاندىمەن.كۆزۈممۇ تورلىشىپ كەتتى دىسە.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 10:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (moghal) نىڭ يازمىسىغا

مۇشۇ پىكىرنى قوللايمەن، تولۇقلايدىغىنىم:
پوۋېست بولغانىكەن،ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر،.ئانچە-مۇنچە ئىستىلىستىكىلق ۋاستە،ئىپادىلەش ئۇسۇلى،بايان تەرتىپى دېگەنلەرگە كۈچىمەك زۆرۈر.بايان ماقالىسى بولۇپ قالمىسۇن.
ئەسىرىڭىز راۋان چىقىپتۇ.

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9640
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2865 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-8 04:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (hakkikat) نىڭ يازمىسىغا

بۇ قىز دەسلەپتە قوشۇلمىغاندەك قىلىۋاتقان ئىدى،بىردەمدە مۇھەببەتلىشىپ كېتىپتۇغۇ؟

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2520 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 06:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(moghal) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

bu amaliyat dostum hakiyke riallaik

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش