مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 742|ئىنكاس: 5

"يىپەك " توغرىسىدا مەلۇماتلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 04:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"يىپەك " توغرىسىدا مەلۇماتلار
ئۇيغۇر خەلقى ئۆتمۈشتىن تارتىپ كەڭرىدىيارغا  بىر قانچە زونىغا تارقىلىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن، قەدەم - جايلىرىدانۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرغان. بۇلار مىلادىيە تارىخى باشلىنىشتىن خېلى ئىلگىرىكىزامانلارغا تەئەللۇق ئىزلاردۇر.

 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ناھايىتىئۇزاقتارىخىيجەرياندائۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەتنى ياراتقان. ماكانلاشقان دىيارىغاماسلىشىپ ھەم ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ- ئۆزگەرتىپ، ماددىي - مەنىۋى جەھەتلەردىن ئەينىماكان، ئەينى زاماندا ئالەمشۇمۇل يېڭىلىقلارنى ياراتقان. ئەنە شۇنداق يېڭىلىقلاردىن <<بەشيېڭىلىق>> نى ئالاھىدە بايان قىلىقشقا ئەرزىيدۇ.

       جۇڭگودۇنيادا پىلىچىلكىنى ئەڭ ئاۋۋال كەشىپ قىلغان مەملىكەت. شۇڭا، غەربلىكلەر جۇڭگونىقەدىمكى زاماندا <<يىپەك مەملىكىتى>> دەپ ئاتىغان. مىلادىيەدىنئىلگىرىكى 4 - ئەسىردە ئۆتكەن گرېك تارىخچىلىرىدىن ئونېسكرىدۇس، نېئارگوس، كىتىفوس، شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ گاندىراگوپتىتا پادىشاھى زامانىدا ياشىغان چاردئەسەرلىرىدە جۇڭگودىن يىپەك چىقىدىغانلىقى ۋە يىپەك ماللار كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدەئېنىق مەلۇمات بەرگەن.

       پىلە - يىپەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە سىچۈەن، غەربىي يۇرت (ھازىرقى شىنجاڭ) رايۇنلىرىدابالدۇرراق راۋاجلانغان. يىپەك ۋە يىپەك ماللار ئاۋۋال شىنجاڭ ئارقىلىق غەربىي ۋەئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان. پەقەت شىنجاڭ رايونىدىن ئارخرئولوگىيىلىكقېدىرىشلاردا توقسۇن ئالغۇيدىن ھىققان توس گۈللۈك كەشتىلەنگەن تاۋار (توقۇلغانۋاقتى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8 - 5 - ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ)، ئۈرۈمچى نەنشەن كانرايونىدىكى تىك ياغاچ لەھەتلىك قەبرىلەردىن چىققان تۈرلۈك ساپال، مىس قاچىلار بىلەنبىللە، يىپەك مال (ۋاقتى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 5 - 3 - ئەسىرلەر، يەنى ئۇرۇشقاقپادىشاھلىقلار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ)، كروران، ئۇدۇن، قوچۇ، ئاگنى، كۇچار، باي، بارچۇقلاردىن تېپىلغان يىپەك ماللار، بولۇپمۇ نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغانتاۋارلار تارىم - تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىلىچىلىك ۋەيىپەك توقۇمۇچىلىق تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز پىلە قۇرتى بېقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈجمىنى ئاللىقاچانئۆزلەشتۈرگەن، ھەتتا سۈنئىي ئۈجمە چاتقاللىرىنى ئۆستۈرگەنلىكى ھەمدە ئۈجمىنىڭخىلمۇ - خىل سورتلىرىنى يېتۈشتۈرگەنلىكى مەلۇم.          

بۇ دىياردىكى قەۋملەرنىڭ يۇڭتوقۇمۇچىلىقتىكى ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىللە، يۇقۇرىسەۋىيىگە يۈزلەنگەن. يىپەك توقۇمۇچىلىققا يۇڭ توقۇمۇچىلىقتىكى ھۈنەرنى تەدبىققىلىپ، يىپەك رەختلەرنى رەڭدار، ئۆزگىچە گۈللۈك ۋە ناھايىتى سىپتا توقۇش بىلەنئىچكى - تاشقى بازارلاردا خېرىدارلىق بولغان. ئۇلاردىن باشقا پاختا بىلەن يىپەكنىكەشىپ ئارىلاشتۇرۇپ توقۇش تېخنىكىسى بىلەن زىلچە - گىلەم ئارقىلىق، سىچۈەنسودىگەرلىرى تارىم بويىدىكى ئەللەر ئارقىلىق، سىچۈئەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەنبارا- بارا سودا ئالاقىسى قىلغان. غەربلىكلەر ئاۋۋال سۇغراق ( قەشقەر ) نى <<سېرىس>> ( شايى ئېلى) دەپ ئاتىغان.

       <<سېرى ~ سېرىيا>> قەشقەرنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نامىغا يېقىن كېلىدۇ. كېيىن جۇڭگونىڭئىچكى رايونلىرىنى <<سېرىس>> دەپ ئاتايدىغان بولغان. ئىران - خوراسانلارنىڭ خوتەننى <<چىنى ماچىن>> دەپ ئاتىشىمۇ، ئۇلار ئىچكىئۆلكىلەر بىلەن خوتەن ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. خوتەننىڭ يىپەك ماللىرى غەربىي ئەللەرگە سېتىلغاندىن تاشقىرى، ئىچكىئۆلكىلەرگىمۇ توشۇلغان. مەسىلەن، بەنچىياۋ ئاكىسى بەن گۇغا ئاق شايى سوۋغا قېلىپ ئەۋەتكەندە، بەن گۇ مۇنداق جاۋاب خەت يازغان: <<ئەۋەتكەن 300 توپ ئاق شايى، بازارلىق كۇشان ئېتى، خۇشبۇي دەرمەك، چەم قوياقنى تاپشۇرۇپ ئالدىم>>.    

دېمەك، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە تارىخىيۋەسىقىلەرگە ئاساسەن، تارىم - تۇرپان ئويمانلىقىدىكى پىلە - يىپەكلەرنىڭ تارىخى 2500 يىلدىن كەم ئەمەس دېسە مۇبالىغە بولماس.



 يىپەك توغرىلىكسۆز بولغاندا ئاۋۋال كۆز ئالدىمىزغا خوتەن يەنى قەدىمكى ئۇدۇن كېلىشى تەبىئىي. چۈنكى خوتەننىڭ يىپەك يۇرتى، يىپەك چىقىدىغان ماكان دەپ نامى بار. يىپەكنىڭتارقىلىشىدا خوتەن ( ئۇدۇن ) دا ئەڭ ئاۋۋال پىلىچىلىك كىرگەن دېيىلىدىكەن. بۇھەقتە تاڭ راھىبى شۈەنزاڭنىڭ "ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرسى" ناملىق تارىخىي قوليازمىسىدا پىلىچىلىكنىڭ ئۇدۇنغا كىرىشى توغرىلىق خەلق ئىچىدەتارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر رىۋايىتى بايان قىلىنغان ئىكەن:

" ئىلگىرى بۇ ئەلدىكىلەر ئۈجمەپىلىسىنى بىلمەيدىكەن. شەرقىي ئەلدە بار دەپ ئاڭلاپ، سوراپ ئەكىلىشكە ئەلچىئەۋەتىپتۇ. شۇ چاغدا شەرقىي ئەلنىڭ پادىشاسى ئۇنى مەخپىي تۇتۇپ ھېچياققابەرمەيدىكەن. چېگرا قورولىمۇ پەرمان بولمىسا پىلە ئۇرۇقىنى چىقارغۇزمايدىكەن. خانقۇستانە كەمتەرلىك بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، شەرقتىكى ئەلنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشتەكلىپىنى قويۇپتۇ. پادىشاھنىڭ يىراقنى ئۆزىگە ئەل قىلىش ئىرادىسى بولۇپ، تەلەپكەماقۇل بوپتۇ. قۇستانە خان كېلىننى ئەكېلىشكە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە مۇنداق تاپىلاپتۇ: "سىزشەرقتىكى دۆلەت پادىشاھىنىڭ قىزىغا دۆلىتىمىزدە مەشۈت چىقىدىغان ئۈجمە پىلىسىنىڭئۇرۇقى يوق، ئالغاچ كېلىڭ، ئۆزىڭىزگە كىيىم - كېچەك قىلىسىز " دەڭ دەپتۇ. مەلىكە بۇ سۆزنى ئاڭلاپ مەخپىي ھالدا ئۈجمە پىلىسىنىڭ ئۇرۇغىنى باش كىيىمىنىڭقېتىغا سېلىۋاپتۇ. چېگرىدىكى ئۆتەڭگە كەلگەندە، باشقۇرغۇچى ھەممىنى ئاختۇرۇپتۇ. مەلىكىنىڭ باش كىيىمىنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇستانەدۆلىتىگە يېتىپ كەپتۇ. مازا ( Mad_za) دېگەن جايدىكى ساڭرامغا يېتىپ كەلگەندە، توختاپ قاراۋۇلنى راسلاپ ئوردىدا قارشىئېلىنىپتۇ.ئۈجمە پىلىسى ئۇرۇقىنى شۇ يەردە قالدۇرۇپتۇ. باھار كېلىشى بىلەن ئۈجمىنىتېرىپتۇ.پىلە باقىدىغان ئاي يېتىپ كەلگەندە، ئۈجمە يوپۇرمىقىنى يىغىپ ئەكىلىپ، پىلە قۇرۇتى بېقىپتۇ. دەسلەپتە ئېلىپ كەلگەندە، ھەر خىل يوپۇرماقلار بىلەن بېقىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈجمە دەرەخلىرى باراخسان بولۇپتۇ. كىچىك خانىش شۇنىڭ بىلەن بىرتاشقا تۈزۈم ئويغۇزۇپتۇ. پىلە قۇرۇتلىرىنى ئۆلتۈرگىلى ۋە زەخمىلەندۈرگىلىقويماپتۇ. پىلە كېپىنەكلىرى ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، غوزىلارنى يىغۇشتۇرۇپكېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىنسا، ئىلاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىمايدىغانلىقىنىچۈشەندۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى پىلە ئۈچۈن بۇ ساڭرامنى سالدۇرۇپتۇ. بىرقانچەتۈپ قۇرۇپ قالغان ئۈجمە دەرىخى، دەسلەپتە تېرىغان ئۈجمىلەرمىش. شۇڭا بۇ دۆلەتتەقەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە پىلە قۇرۇتىنى ئۆلتۈرمەيدىكەن. پىلىنى ئوغرىلاپ يىپەكتارتسا، كېلەركى يىلى ھامان پىلىگە پايدىسىز بولىدىكەن ".

 يىپەكنىڭتارقىلىپ كىرىشى توغرىلىق رىۋايەتلەر يالغۇز بۇلا ئەمەس، يەنە باشقىلىرىمۇ بار. بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىمىز يىپەكنىڭ قىممىتىنىڭ يۇقۇرلىقى تا ھازىرغا قەدەرئەتىۋارلىنىپ كېلىشى. يىپەكنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى قاتارلىقلار مەقسەتقىلىنىدۇ.


مەنبە-گۇللۇك تورى
http://www.gullug.com/viewthread.php?tid=384

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 05:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە- گۇللۇك تورى، گۇللۇك دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نېمىدۇ؟

ئىناق،ئىتتىپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 05:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش چۈشەنچە بەرسىڭىز بولاتتى.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 09:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىپەك كىيىم كىچەكلەرنى بەكلا ياخشى كۆرۇمەن، بىراق ھەقىقىسىنى تاپماق تەس.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6772
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8439
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3744 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 11:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى كۆرۈپ ھوشۇر قارىي ئوقوغان «يېپەك» دىگەن ناخشا ئېسىمگە كىلىپ قالدى... [s:166]

/祈福/ ھايات  ھەرب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33655
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4184
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2011-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 12:58:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:122]

رەيھان گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلدى تەبىئەت. K?) JMl%   باھار دىدى بۇ قەلبىم ئايلاندىم قۇشقا، vh ^C|   مەيلى رازى باھارنى كۈيلىسەم ئەبەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش