|
|
|
|
تۈۋەندە مەن مۇنبەردىكى بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنى ياختۇرىدىغان بالىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن MMA ۋە UFC ساھەسىدىكى مۆجىزىلىك بوكىسچى { fedor emelianenko } نىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى يوللىماقچىمەن . ياختۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار .
ئىسمى : fedor emelianenko
دۆلەت تەۋەلىگى : روسيە
تۇغۇلغان ۋاقتى _ 1976 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 83 سانتېر
ئېغىرلىقى : 106 كىيلو
fedor emelianenko بولسا دۇنيا ئەركىن ئېلىشىش ساھەسىدىكى ئاجايىپ تالانلىق بىر شەخىس. قارىماققا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمايدىغان كەم سۈز . يۇۋاش بۇ يىگىت مۇسابىقە مەيدانىغا كىىرىپ مۇسابىقە باشلىنىش قوڭغۇرۇقى چېلىنغانغا قەدەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خۇددى رەقىبىدىن قورقۇپ مەيداندىن قېچىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك تەسىر بىرىىپ قۇيىدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەقىقى مۇسابىقە باشلانغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقى ماھارىتىنى كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ . ئۇ 1998 - يىلى چېلىش ساھەسىگە كىرىپ چېلىش تۈرىدە دۆلەت ئىچىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن كىيىن MMA گە تەرەققى قىلىپ ئۈزىنىڭ تالانتىنى ھەقىقى تۇلۇق نامايەن قىلغان . ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 3 قېتىم MMA نىڭ دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپىيۇنى بولغان ۋە شاھلىق تاجىنى كەيگەن . پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان . ۋە ئاجايىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . دۇنيا ئەركىن بوكىس بىرلەشمىسى 2007 - يىلى fedor emelianenko نى ئەركىن ئېلىشىش ساھەسىدىكى كەم ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى ۋە بىر مۆجىزىلىك شەخس دەپ قاراپ ئەركىن ئېلىىش ساھەسىدىكى مەڭگۈلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا بەرگەن . ئۇ ئۆز دۆلىتىدە ھەقىقى بىر دۆلەت قەھرىمانى دەپ تەرپلىنىدىغان بۇلۇپ پۈتۈن دۆلەت پۇخرالىرى شۇنداقلا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ...
تۈۋەندە ئۇنىڭ بىر قانچە مۇسابىقىللىرىنى كۈرۈپ باقايلى .
مەنبە : يۇكۇ تورى
|
|
|
|
|
|