|
|
|
|
سۆزلىۋالاي بۈگۈن يەنە مۇنبەردىلا ۋىجدانىم بار ،
پاك ئادەممەن ئىنكاسىمدا مۇسۇلمان مەن، ئىمانىم بار .
تىللىۋالاي كۇفرى دەپ كۆرۈنگەننى بۇزۇقلارنى ،
قوغلاپ يۈرۈپ تىللاشقىمۇ يەنە ھەر خىل، ئىمكانىم بار .
كىيۇ كىيۇلاردا تەشكىللەيمەن نى-نى مۇرىت ماشايىخنى ،
تەربىيەلەيمەن شەيىخ -سوپى يەنە كاتتا، ئىشانىم بار .
توردا ئىسىل بىر كىشىمەن خەقلەر كۆرسۇن مېنى بىلسۇن،
مۇنبەرداشلار مېنى بىلمەي قالسا چاتاق، ئىسيانىم بار .
كىمۇ ئاشۇ سوپىلارغا قارشى ئىنكاس يازغان كۆرەي،
تىللىۋالاي قانغۇچە مېنىڭ شۇنداق، دەرمانىم بار .
چەكلەنسەممۇ ھېچقىسى يوق يەنە قالۇر نامىم
باشقا نامدا تىزىملىتىپ كىرەلەيمەن ئىمكانىم
[align=justify]
مەنبە: كەمىنە فەقىر
|
|
|
|
|
|