دوستلۇق توغرىسىدا :
يۈرەك قېتىمدا پەرۋىش ئەيلىگەن،
دوستلۇق مېھرىنى سۇندۇم قەدىردان.
گۈل ئېچلىسۇن دوستلۇق بېغىدا،
گۈللىسۇن بىزدىن مۇقەددەس ئارمان.
ئاتا –ئانا ھەققىدە:
ئاتا –ئانا مېھرى ئالەمچە چەكسىز،
پەرزەنت جاپاسىدا ئۆتتى كۆپ يىللار.
پەرزەنت ئوتىدا كۆيەر يۈرىكى ،
جىسمىداپەرزەنت ئۈچۈن مۇھاببەت يانار.
مۇھاببەت توغرىسىدا:
ئىشق قارمىقىغا ئىلماشتى يۈرەك،
پىلتىڭلار ئازابتا،بەزىدە شېرىن.
سۆيگۈ شۇنداق بولاركەن ئەسلى،
ئەسلەش شېرىن،ئۇنتۇش بەك قىيىن.
ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەردە شېئىر يېزىشىپ باقمىغىلى......قېنى شائىرانە ھېسياتىڭلارنى بىر ئۇرغۇتۇپ،مۇشائىرەگە جۆر بولۇپ بېقىڭلار....
مۇشائىرە قائىدىس: يۇقارقى شېئىرلاردىن قايسىسىنى تاللىساڭلار ئىختىيار، ئاخىرقى مىسراسىنى كېيىنكى كۇبلىتنىڭ باشلىنىش مىسراسى قىلىپ داۋاملاشتۇرساڭلار بولىدۇ....قېنى ئەمسە مۇشائىرەگە مەيلى بارلار مەرھەمەت.....
مەنبە : قېرى كاللام