قىز - ئاياللارنى مۇنداق ئاتايمىز
قىز - ئۇيغۇرلار ئادەتتە توي قىلمىغان قىزلارنى بۇنداق دەپ ئاتايدۇ . بۇنى ھەممىڭلار بىلىشىڭلار مومكىن .
جۇۋان - توي قىلىپ بولغان ھەمدە بالىلىق بولغان ئاياللار بولۇپ، رايۇنىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا ھازىرمۇ بالىلىق بولغان ئاياللار ئۈچۈن چوكان توي(بەزى جايلاردا چاچۋاق توي دەپ ئاتىلىدىكەن )قىلىىدىغان ئادەت ساقلانغان، بۇ توي شۇ ئايالنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ قىلىنىدىكەن. بۇتويدا شۇ ئايالنىڭ ئېرى ئايال ئۈچۈن كىيىم - كىچەك ، زىننەت بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىكەن، شۇ تويدىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ چاچ شەكلى ئۆزگۈرىدىكەن . يەنى ئەسلىدىكى قىز، چوكانلارنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى بولغان ماڭلاي چاچنى كەينىگە تارايدىكەن .
چوكان ___توي قىلغان، ئەمما تېخى بالىلىق بولمىغان ئاياللارنى ئاتاش ئۇسۇلى
قەدىمدە ئەجداتلىرىمىز، قىز _ئاياللانىڭ چاچ شەكلنى قىز، چوكان، جۇۋانلارنى پەرىقلەندۈرىدىغان بەلگە قىلغان . قىزلار، چوكانلار ماڭلاي (پىشانە )چېچىنى ئالدىغا ، جۇۋانلار كەينىگە تارايدىغان ئادەت بار ئىكەن .
___________
1.
قىز---- توي قىلمىغانلار
2.
چوكان - تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئاتىلدۇ.
1) بالا چوكان ---- يېشى كىچىك تۇرۇپ ياتلىق بولغانلار
2) چالا چوكان --- ئاجرىشىپ كەتكەنلەر
3) چوكان --- بالىلىق بولمىغانلار
3. جۇۋان -- توي قىلىپ بالا يۈزى كۆرگەنلەر
4. جۇۋانقالتاڭ(كاداڭ) - بىرنەچچە بالىغا ئانا بولغانلار
5.موماي، كەمپىر-- ياشىنىپ قالغانلار
ئىزاھات : جۇۋان ئەسلى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا بالىلىق بولغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدىكەن ،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ <<تۈركى تىللار دىۋانى>>دا بو توغرۇلۇق ئىزاھات بىرىلگەن ئىكەن
مەنبە:تارىخ بلوگى
http://tarix.blogbus.com/