كۈتىمەن سىنى 
ئولتۇرمەن كۈندە يالغۇز سوغۇق خانەمدە ، 
مەنچە مىسكىن،دىلى سۇنۇق بارمۇ ئالەمدە . 
قايناق بازار ، شۇنچە ئادەم ، مەنلا يىگانە ، 
ئەتراپىمدا  يۈرەر  ئەگىپ  پىراق   پەرۋانە. 
  
شۇنچە كۈتتۇم كەلمىدى  ،كەلمىدى نىگار، 
بولغاندىمۇ مەندىن شۇنچە ،شۇنچىلىك بىزار . 
ئىشقى– پىراق چىرماپ ئالدى مىسكىن دىلىمنى، 
يۇرەك-باغىرىم لەختە بولدى ،قىلما ئىنتىزار. 
  
بەخىت ماڭا  دۇنيادا  سىنى...سىنى كۈتۈشمۇ، 
قايغۇ – ئەلەم ،دەرت –پىراق ئاچچىق يۈتۈشمۇ. 
كۈتتۈم شۇنچە يەنە كۈتىمەن ، سۆيگۈم تائەبەت، 
پۈتۈن ئۆمرۈم سەن ئۈچۈن ،سەن ئۈچۈن پەقەت.
[align=justify]
مەنبە ؛ ئۆزۇم