مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17169|ئىنكاس: 189

مۇسۇلمان ئايالدەك ياشاڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

gayratkilmusulman kizi

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33861
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4769
تۆھپە نۇمۇرى: 245
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 06:25:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئىرىم (ئادەتتە جېنىم دادىسى دەپ ئاتايمەن ) بىلەن ئارلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىر قىز بىلەن ئارلاشقانلىقىنى بىلىپ،  دەسلەپتە قۇبۇل قىلالماي، ئايرىلىپ كىتىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدىم، ئەمما مەن «ئۇ ماڭا سەمىمىي كۆڭلى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا مۈجمەل مەسىللەرنىڭ سادىر بولماسلىقى، ھەمدە ئۇ چاغدىكى پەقەت گۆدەكلەرچە قىزىقىش ئىكەنلىكىنى  ئىپادىلىمەكچى بۇلۇپ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى دىدى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئەمەس بەلكى ماڭا ئۇنىڭ كەلگۈسى كېرەك » دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن چوڭلار بىلگەن ئاساستا ئارلاشتىم  ۋە توي قىلماقچىمۇ بولدۇق.
            ئەمما ئىككىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋىتىپ ئۇ توساتتىن سەۋەپسىزلا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتتى.(ئاڭلىسام يولدىشىم باشقىلار بىلەن ئارلاشسىلا ھېلىقى دوستى توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ سوغۇقچىلىق سالارمىش). بۇ ئىشلار مەندەك تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلغان قىزغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى، ئۆيۈمدىكىلەرنىڭمۇ ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق ، مەندەك ئوغۇللار بىلەن يۈرۈشنى ناھايىتى تەستە قۇبۇل قىلىپ، ياخشى كۆرۈپ ئايرىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئازابلىنىۋاتقان قېرىندىشىغا قاراپ ئىچى سىرىلدى.
          ئۇ چاغدا مەن تەكشىلىكتە لاھىيەلەش شىركىتىدە ئىشلەيتتىم، شىركەتتىكى  ياخشى ئۆتىدىغان خەنزۇ دوستۇم ۋە بوغالتىرىمىز ماڭا تەسەللىي بېرەتتى، مەن نەگىلا بارسام كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ۋاقىتلارنى ئەسلەپ يىراقلارغا قېچىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ،  كۈنلىرىمنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزدۈم.
         لاھىيىلىگۈچى دىگەندە ياخشى كەيپىيات بولمىسا قانداقمۇ ياخشى ئىشلىيەلىسۇن، ماڭا ھىچنىمە خوش ياقمايدىغان بۇلۇپ قالدى، مەن كىچىكلا ئانامدىن ئايرىلىپ دادام، ئاكا – ئاچىللىرىم ئانام ئورنىدا بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە كۈزۈمدىن ياش ئاقسىمۇ چىرايىمدا كۈلكە جىلۋىلەندۈرۈشكە كۈنۈپ كەتكەن بولساممۇ  ئەمما بۇ قېتىم ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ناھايىتى تەستە بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم، ۋە ھىچقانداق بىر ئوغۇل بالىنى قۇبۇل قىلالمىدىم، شۇنداقلا قارىغۇممۇ كەلمىدى، پۈتۈن زېھنىمنى خىزمەتكە ئاتىدىم.
          شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولدىشىم يەنە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەستە تۇتىۋالساممۇ ئۇ مىنى ئۈنتىيالمىغانلىقىنى ۋە مەن بىلەن نەچچە يىلدىن بويان توي قىلغۇسى بارلىقىنى دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. «قىز بالا دىگەن ئۆچكە يىغى» دەپ مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم،ئۇنىڭ ئانىسىنى قېيىن ئانا سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى كىچىكىمدىن ئانا مىھرىگە تەشنا بىر قىزنىڭ ئۆز ئانىسى، ئىرىمنى مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەڭ ئىشەنچىلىك يېقىن ئادىمىم دەپ ئىرىم ۋە تۇققانلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتتۇق.
         توي قىلىپ ئاز كۈن ئۆتمەي كومپيۇتىر مۇلازىمەت مەركىزى ئاچتۇق. 2010- يىلى 7- ئايدا  مەن گەرچە ئوپراتسىيە ۋە كىيىنكى ئاغرىقلارنى تارتىپ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولساممۇ  يولدۇشۇمغا ئوماققىنە بىر ئوغول، ئۆيىدىكىلەرگە تۇنجى ئوغول نەۋرە تۇغۇپ بەرگەنلىكىمگە ھەممەيلەن خوشاللىققا چۆمدۇق. مەن ئىككى ئاي دادامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ يەنە شۇ ئىرىمنى ۋە دۇكاننى دەپ بالدۇرلا ئۆيۈمگە يېنىپ كىلىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئۆيگە كىلىپ يولدۇشۇمنىڭ ماڭا بولغان پوزىتىسيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. دۇكاندا كىيۇكىيۇدا «جانۇ» ئىسملىك بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەممۇ لىكىن ئۇنى ھۆرمەتلىگىنىمدىن ئىچىپ كۆرۈپ باقمايتتىم. ئەمما ئۇ ئالدىمدا ئۇچۇقتىن ئۇچۇق تېلفۇندا بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان، بىكار تۇرماي ئۇچۇر يوللىشىدىغان بولدى.
          «كوزا كۈندە سۇنمايدۇ كۈنىدە سۇنىدۇ» دەپ بىر كۈنى ئالدىمدىلا بىر قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ تېلفۇننى قۇيىۋەتسە ئۇ يەنە تىلفۇن قىلدى، ئىرىم ئاخىرى بولماي تېلفۇننى ئىتىۋەتتى. مەن بىردىنلا بىلىپ بېقىشقا قىزىقتىم ۋە تىلفۇننى ئېچىشىم بىلەن ئىرىمنىڭ ئەخلاقىغا ئەسلا ماس كەلمەيدىغان  ئىرىمگە يېزىلغان كۆڭۈل سۆز ئۇچۇر كەلدى، قاراپ ھەيرانلا قالدىم. ئۇ قىز يەنە تېلفۇن ئۇردى «ۋەي..» دىسەم جىم تۇرىۋالدى، شۇ ئارلىقتا يولدىشىم تېلفۇننى يەنە ئىتىۋەتتى. مەن يولدىشىمدىن بۇ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىسام ئۇ جىم تۇرىۋالدى.
          ئەتىسى ئەتىگەندە تېلفۇننى ئېچىشىم بىلەن ئۇ قىز يەنە تىلفۇن قىلدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئۈچۈن يېرىم كېچە بولغاندا تېلفۇن قىلغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشسام ئۇ ئىرىم بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە ئۆتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ۋاقتى كىچە سائەت 12 كېچە ئەمەس، ئاخشام دەپ قارايدىلىدىغانلىقى ۋە مىنىڭ چاتىغىم بولماسلىقىنى دەپ مىنى ناھايىتى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدى. مەن قانۇنلۇق نىكاھلىق ئىرىم بىلەن نىمە ئۈچۈن چاتىقىم بولمىغۇدەك! بۇ چاغدا پۈتۈن ئىشلار ماڭا چۈشۈمدەكلا بىلىنىپ قۇبۇل قىلالماي يولدىشىمدىن سورىدىم، يولدىشىم ئۇ قىزنىڭ ھېلىقى ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئۆتكەن دوستى ئىكەنلىكى ۋە ئائىلىسىدە كۆڭۈلسىزلىك بولغانلىقى پەقەت ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەنلىكىنى دىدى.
            مەن يەنە كۆڭۈلچەكلەرچە قۇبۇل قىلدىم. ئەمما بۇ ئىشلار تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇ قىز كېچىنى كېچە دىمەي ئۇچۇر يوللاپ، تېلفۇن قىلىپ تېخىمۇ چاپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامالسىز كىيۇكىيۇ سۆز خاتىرىسىنى ئېچىپ كۆردۈم، ئۆز ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. چۈنكى مەن ئاشۇ تۇغۇت ئوپراتىسىيى ۋە كىيىنكى ئاغرىقلىرىنى، بالىنىڭ جاپاسىنى تارتىۋاتقان شۇنداق ئۇلۇغ ۋە جاپالىق كۈنلەردە يولدىشىم ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ھەتتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇچىرشىپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ، مەن نالە قىلدىم. يىغلىدىم، بەش ۋاق نامىزىمدا خۇدايىمغىلا دەردىمنى ئېيىتىپ يىغلىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ ۋە ئۈزەمنىڭ تۇققانلىرىغا بۇ ئىشلارنى دىسەم ئۇلار نىمە دە، يولدىشىمغا بولغان ھۆرمىتى قانداق بۇلۇپ كېتەر، بالامچۇ؟ كىيىن چوڭ بولغاندا بۇ ئىشلارنى بىلسا قانداق ئازاپلىنىپ، دادىسىغا بولغان ھۆرمىتى قانداق بۇلۇپ كېتەر؟ ئىش چوڭىيىپ ھېلىقى قىزنىڭ ئىرى ۋە يېشىغا توشمىغان بالىسى قانداق قىلار؟... دەپ ئۆز گۈشۈمنى ئۆزەم يىگۈدەك بۇلۇپ، ئازاپقا چىدىماي قۇلۇمنى چىشلەيتتىم.
         ئۆز ئانام بولغان بولسا ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئېتىپ دەردىمنى تۈكىۋالسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. يولدىشىم ناھايىتى خىجىل بولغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىمەن دەپ ئازغانلىقى، مىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن نەچچە يىل توسالغۇلارنى بۆسۈپ مەن بىلەن تەستە توي قىلغانلىقىنى، مەڭگۈ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويسىمۇ ھېلىقى يۈزى قېلىن « نەشىرياتتىكى مۇسۇلمان ئانا» ئۆزىنى بىلمەي چاپلىشىپلاۋالدى، دۇكانغا چىقساق دۇكانغا، ئۆيگە كىرسەك ئۆيدە خاتىرجەم قىلمىدى.
          شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلاردىن يولدىشىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر خەۋەر تېپىپ ئۇ قىزغا ھەممەيلەننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى، ئائىلىمىزنى بۇزماسلىقنى دىسىمۇ، تىللىسىمۇ خىجىل بولمىدى، ھەتتا ئۆزى ماڭا قالايمىقان تېلفۇن قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ، ئىرىم ۋە ئۆيىدىكىلەر بىلەن سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغاندا ئىرىم، قېيىن ئانام مېنى قوللىدى. مەن بۇ ئازاپلارغا چىدىماي ھەتتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ كېلىشنى ئويلىدىم، ئەمما 1- ئايدىكى قاتتىق سوغۇقتا ئىمىۋاتقان بالامنى ئېلىپ بارسام بالامغا ياخشى ئەمەس، ئېلىپ بارمىسام بالام ئىمەلمەي قىينىلىدۇ. چىدىمىدىم، چىدىمىدىم... پەقەت قېيىن ئانامنىڭ ئالدىدا ئۆز ئانامدەك ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلايتتىم.         
            ئىرىم ۋە ئاناملا ماڭا رىغبەت بېرەتتى. مىنۇتلار مەن ئۈچۈن ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى، ھەتتا بالامغىمۇ بۇ ئازاپلىق چىرايىم ، كۆز ياشلىرىم بىلەن قارىغۇم، ئۇنىڭغا بۇ پۈتۈن بەدىنىمگە تارىغا ئاچچىق ئاچچىق سۈتلەرنى ئەمدۈرگۈم كەلمەي، ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە يىقىنمۇ كەلمەيتتىم. مەن قانداق قىلاي؟؟؟  يولدىشىم ياندۇر ياندۇر بۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن دەپ مەندىن كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئەمما قاتتىق ئاغرىق ھەم جاپا تارتىۋاتقان ۋاقىتلاردا ماڭا مەدەت بىرىشتە يوق ئۇنىڭ مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆڭلۈم كۆتۈرمىسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگۈنۈم ۋە بالام، ھەممەيلەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يەنە كىلىپ يولدىشىمنىڭ مىنى ئۈستۈن كۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا مىنى تاللىغىنىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يۈرۈكۈمدە  ئاچچىق قان داغ بولسىمۇ يولدىشىم بىلەن ھىچقانداق ئىش بولمىغاندەك نورمال ئۆتتۇق.
         بىز بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتىۋاتىمىز، يولدىشىممۇ بالىمىزغا باشقىدىن كۈيۈشكە باشلىدى، ھەمدە قانداقلا ئىش بولسۇن ماڭا تېخىمۇ يۆلەك بۇلۇپ، مىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ياخشى كۆرۈپ  ھۆرمەتلىدى. ئەمما ھېلىقى « ئىرى بالىسى بار مۇسۇلمان ئانا» يەنە توختىمىدى، مەن گەپ قىلسام ئەگەر مىنىڭ ئۇنىڭ يولدىشى ۋە ئىدارىسىدىكىلەرگە دىسەم يولدىشىمنىڭ ھازىرلا ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر بولىدىغانلىقىنى دەپ ماڭا قوقاق سالدى. مەن شۇنداق دىسە قورقامەنمۇ، بۇ گەپلەرگە مەنلا ئەمەس بىلگۈچى ئاللا ئىگەممۇ كۈلگىسى كېلەر.
           مەن قورقمايمەن بەلكى ئۆزەم جاپا تارتساممۇ ھەممەيلەننىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى ئۆزىمىز بېقىپ ياراملىق چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنداق پەس ئادەم بىلەن تەڭ بولماي چىداۋاتىمەن. ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلسە مۇشۇ سەۋەپلىك ئىرىمدىن ئايرىلساممۇ مۇسۇلمان ئايال، ئانىلارغا خاس كۆڭلۈم بىلەن پاك ياشايمەن، ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە كۆڭۈل خوشلۇقۇمنى دەپ باشقىلارنى دەرت ئەلەمدە قويمايمەن، چۈنكى  مەن بىر مۇسۇلمان ئايال، مەن بىر ئانا، دىل ئازارى خۇدا زارى ... ئەمەسمۇ!.. لىكىن ئۇ بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنمىدى، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىچ – ئىچىمدىن شۇنداق دىگۈم كەلدى:
         « سىزنىڭ ئىرىڭىز، بالىڭىز بارغۇ، نىمە ئۈچۈن يولدىشىمغا چاپلىشىۋالىسىز، سىزمۇ بىر ئانىغۇ، سىزمۇ تۇغۇتنىڭ جاپاسىنى، بالا بېقىشنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ باققانغۇ، سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز شەرىيەتكە، ئادىمىي پەزىلەتكە، ئاياللىق، ئانلىق ئورنىڭىزغا... ماس كېلەمدۇ؟ ئىرىڭىز ۋە باشقىلارنى ئالدىيالىغىنىڭىز بىلەن ئاللا ئىگەمنى ئالدىيالامسىز؟ ئاللا ئىگەم بۇ ئىشلىرىڭىزنى راۋا كۆرەرمۇ؟ سىز باشقىلار، ئىرىڭىز، بالىلار شۇنداقلا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەمسىز؟ ھايۋاندىمۇ بار بولغان كىچىككىنە كۆڭۈل خوشلىقىنى سىز مۇھەببەت، تەسەللىينى ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ ناۋادا ئىرىم سىز بىلەن بىرگە بولالىغان تەقدىردىمۇ ئىرىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم ماڭا ۋاپا قىلارمۇ دەپ سىزگە ئىشىنەرمۇ؟ مەنمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ئاشۇنداق ھايانى بىلمەيدىغان ئايال بىلەن ئۆتىدىغانلىقىغا ئىچىنماسمەنمۇ؟ سىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن قان ياش ئاقتۇرۇپ قانداقمۇ خاتىرجەم ياشايسىز؟ ئالدىڭىزدا مىنى تاللىغانلىقىنى، ۋە سىزگە شۇنىڭدىن ئېتبارەن گەپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ سىز نۇمۇس قىلماي ئىرىڭىز تۇرۇپ ئايالى بار يات ئەركىشىگە كېچىنى كېچە دىمەي بولمىغۇر ئۇچۇر يېزىپ، بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن مۇشۇ ۋاقتىڭىزنى ئاشۇ نارسىدە قىزىڭىزنى ياخشى تەربىيلەشكە سەرىپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەگەر سىز ياكى قىزىڭىز كەلگۈسىدە مەندەك كۈنگە ئۇچرىسا سىز قانداق قارايسىز؟ ئىرىڭىز ياكى كۈيئوغلىڭىز شۇنداق خوشاللىق ھەم جاپالىق كۈنلەردە باشقىلار بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى ئارلاشسا يۈركىڭىز ئىچىشمامدۇ؟......
            مەن كىچىكلا ئانامدىن ئايرىلىپمۇ، ئۆگەي ئانىلارنى كۆرۈپمۇ، سىز كەلتۈرگەن ئاچچىق ئازاپ كۈنلەردىمۇ پەقەت ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۈگۈنگە غەيرەت قىلغانمەن، ھېلىھەم غەيرەت قىلىمەن. سىزمۇ بولسا شەرىيەتنى، ئادىمىي ئەخلاقنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئانا بۇلۇپ قالغاندا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي «ئىرىڭىزنىڭ پىشىدە سەجدە قىلىپ»، بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ، بالا تەربىيسىدە ئانىنىڭ ئەخلاقى تەربىيىسى ناھايىتى مۇھىم. كۈنلەر ئۇزۇن سىزگە پۇرسەت كۆپ، سىز تەۋبە قىلىپ ئۆزگەرسىڭىزلا ئاللاھ ئىگەم چۇقۇم كەچۈرۋىتىدۇ، چۈنكى « ئازماس پەقەتلا ئاللاھ»، شۇنداقلا سىزمۇ بىر مۇسۇلمان بەندە! شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭىزغا تەۋبە قىلىپ بۇ قىسقىغىنە ھاياتىڭىزدە بىر كۈن بولسىمۇ ياخشىلىق بىلەن كۈنىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان ئاياللار ۋە مۇسۇلمان ئانىلارنىڭ شەرىپىگە داغ تەكگۈزمەي ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن تىرىشىڭ ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قۇيۇڭ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
13579081520 + 1 سىزگە بەخىت يار بولسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

قىزلار دىن-دىيان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 858
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10648
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3293 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاچىلار نىمانداق قورقىتىسىلەر ئادەمنى؟؟؟؟؟؟؟
توي قىلماي تۇرۇپلا ئەجەپ جىق ئاڭلاپ كەتتىم،ھەم كۆرۇپ كەتتىم بۇ ئىشلارنى.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىمان،ئىنساب بەرسۇن،توي قىلمىغانلارغا ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغاننى نىسىپ قىلسۇن،ئامىن!!

ھەممە ئۇيغۇرنى جەننىتى بولسىكەن دەيمەن،

بارلىقىم اللاھ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31208
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4241
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2011-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا...........نىمە دىگەن قېلىن ئايال ئۇ..........

ئى اللاھ بارلىق مۆئىمىنلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34958
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2011-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتۇن-قىزلار سىلەرگە دىسەم شۇنداق چاغلادا كارىڭلا بولمىسۇن... ئارلاشماڭلا... بىرەكۈن يايرىۋاللى [s:123]
چاخچاخ جۇما، تىلغا كۆمۈلۈپ قالماي ..
ئۆيىدە خوتۇنى ئېتىپ بەرگەن لەڭمەننى يەپ، سىرتقا چىقىپ باشا خاتۇنلارغا قاش ئاتقان ئەر كىشىنى ئەركىشى ئەمەس دىڭمۇ بولىدۇ

ھەققانىيەتنىڭ قامچىسى دورغامنىڭ قولىىدا........... ا

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

نىيىتىڭ دۇرۇس بولسۇن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4923
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16155
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 2829 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2013-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ۋە ئۇماق پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللادىن ئۇ ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن !
كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ بۇ جاھان تىخى ئۇزۇن جاھان كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭكىگىمۇ كىلىدۇ ،ئىشىنىمەنكى ئۇمۇ بىر كۈنى سىز تارتقان جاپا مۇشەقەتلەرنىڭ دەردىنى ھىس قىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ !ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىر مۇسۇلمان بەندىسىنى ئۆز پاناھىدا ساقلسۇن!

چەكسىز ئۈمۈد ئىچىدىمەن چۈنكى رەببىم ماڭا مەدەتكار!

سەن باشقىلارنى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31466
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5797
تۆھپە نۇمۇرى: 209
توردا: 2117 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2011-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تولىمۇ سەۋىرچان ئىكەنسىز. ئۇلۇغ ئاللادىن سىزگە يەنە سەۋىر تىلەيمەن . سەۋىر قىىلىڭ .
يەنە سىز يولدىشىڭىزنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالماڭ . سىز كىرىۋالغنىچە سىز ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىسز .
شۇڭا ئىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئىزدەك . بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەڭ . شۇنداق قىلسىڭىزلا ئىرىڭىز ھەر دائىم سىز تەرەپتە تۇرىدۇ  .

سىزگە چىراي گۈزەللىكى مۇھىممۇ ، قەلىب گۈزەللىكى مۇھىممۇ ؟!!!

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22919
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:44:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن كىشىنىڭ چىچى ئۇزۈن ، ئەقلى قىسقا دىگەن راسمۇ نىمە !

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ھەق-ناھەق ئالدىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10784
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9064
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 5442 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 07:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرىڭىزنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇپ ئا چچ سىنى يوق قىلىۋەتسىڭىز بولمىدىمۇ ؟ ئىرىڭىز ئىزدىمىسە،ئۇ ئايال قانداق قىلالايدۇ ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ يۈزىنى قىلىن قىلىپ ئىزدەپ كەلمەس سىلەرنىڭ شەھەرگە.رەزىل ئادەملەرگە چىرايلىق گەپ پەقەتلا ئاقمايدۇ ،ئازراق ۋاستە قوللىنىڭ ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن .

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 08:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىلدىم جاھاندا مۇنداقمۇ  بىزەڭ ،قىلىن خوتۇن بولدىكىنا ؟

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش