ئاياللار ئاي ئەمەس، كشلەر كۆرۈپ ھوزۇرلانغان بىلەن نە ئىسىقى نەيۇرىقى تەگمەيدىغان، ۋە ياكى باشقىلارغا بېقىنىپ نۇرلۇق كۆرىنىدىغان، ئايال بىر قۇياشدۇركى ۋولقان كەبى قايناپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن زىمىننى ئېللىتقۇچى، كائىناتقا ھاياتلىق بېغىشلىغۇچى. ئۇنىڭسىز ئالەم ئايلانماس، ئىنسان يارالماس.
ئايال لوڭقىدىكى ئەتىرگۈل ئەمەس، بېزەك ئۈچۈن تەكچىلەرگە تىزىپ قويۇلىدىغان، ياكى گۈزەللىكىگە تايىنىپ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل خوشى بولىدىغان، شۇنىڭ بەدىلى بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان. ئايال چىدامچانلىقى، ۋە كىبرسىزلىكى بىلەن قاقاسلىققا جان بەرگەن جىگدە دەرىخى، ئۇ ھېچقاچان كىبىر -سۆلەتكە يېقىن بولماس، تۇپراق تاللىماس، مۇھىت ئايرىماس، باشقىلارنىڭ پەرۋىش -سەدىقىلىرىگە مۇھتاج بولماس، ياخشىلارغا خۇش ھىدى بىلەن باھار ھوزۇرى بەرسە، ئۆزىنى خورىتىش بەدىلىگە شورلۇققا مۇنبەت، ئاچلارغا نىمەت ئاتا قىلار، ياۋلارغا ئۆتكۈر نەشتىرى بىلەن دوزاخ ئازابىنى تېتىتار، قۇرۇپ قاخشال بولغاندىمۇ چىتلاق بولۇپ ئۆزگىچۈن ھېماتچى بولار.
ئايال توخۇ ئەمەس، تۇغۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ جان باقىدىغان ياكى تۇققىنىغا ئىگە بولالمايدىغان! قانىتى تۇرۇپ ئۇچالمايدىغان ياكى ئۇچۇشنى ئويلىماي كاتەكتىن باشقىنى بىلمەيدىغان.ئايال تىرىشچانلىق بابىدا بىر قارلىغاچتۇركى، تىنىمسىز جاھان ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولار، قار-بوران، جۇدۇن-چاپقۇندىن كىشلەرنى ھوشيار بولۇشقا ئۈندەر. ھارماي -تالماي ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن تەر ئاققۇزار، پەرزەنىت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلار، ئۇلارغا كەڭ سامادا پەرۋاز قىلىشنى ئۆگۈتەر.
ئايال بۇلبۇل ئەمەس، مۇقىم ئۇۋىسى يوق ئۇيان -بۇيان ئۇچۇپ يۈرىدىغان، ياكى زۇۋانىغا تايىنىپ باشقىلارغا ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىدىغان، ئايال مېھرىبانلىق ، ساداقەت بابىدا بىر كەپتەردۇركى ھەرۋاقىت ھەمراھىغا مۇڭداش، پەرزەنتىگە سىرداش بولۇر، كەمتەرلىك، ئېغىر بېىسقلىقتىن يىراق بولماس. ئۇۋىسى ئۈچۈن ھەمراھىغىلا تايىنىپ ئۆتمەس، ياكى غەۋغا بىلەن ئۇۋىسىنى بۇزماس.
ئايال.............
لاتۋىيەنىڭ تۇنجى ئايال پېرىزدېنتى -ۋىدىيە
ئېرلاندىيەنىڭ تۇنجى ئايال پېرىزدىنتى -مارى مەيكىلىس
فىنلاندىيەنىڭ تۇنجى ئايال پېرىزدىنتى ناتالىيە كارىنا
پانامانىڭ تۇنجى ئايال پىرىزدىنتى-مېرىيە
ئارگىنتىنانىڭ تۇنجى ئايال پېرىزدىنتى ئېلزابىت بېيرون
ھازىرقى پىرىزدېنتى كىرىستىنا فېرناندىس
21-ئەسىردىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئايال، فىلىپىن پېرىزدىنتى كىرودىيە ئارويۆ
چىلىنىڭ ئايال پېرىزدىنتى -باچرىت
گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر-مېركىل
بېنگال تاىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر- كارىدا چىيا
موزامبىك تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى- لوئىسا دىئوگى
ھېندىستان تۇنجى ئايال پىرىزدېنتى -پۇرادبا پادىر
مەنبە: ئۆزەم
سۈرەت ۋە چۈشەندۈرۈشلەر خەنزۇچە <<بەيدۇ توى>> دىن ئېلىندى.