ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت كارول كە 2011-03-27 06:14 PMئەۋەتىلدى :
پاھ ... ماۋۇ تىما يوللىنىپ بولغۇچە قوش بىسلىق ئىنكاسلار بۇ تىمىنى قان چىقارمايلا قەتلى قىلىۋەتكىلى ئاز قاپتىغۇ ...
مۇتەپپەككۇر ئەپەندىم . مۇبارەك ئىسىم زاتىڭىز نىمىكىن ... ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئىلگىركى ۋە ھازىرقى مۇتەپپەككۇر ئالىملارنى تۇنۇيمىز . ئۇلار ئىزچىل تىللاردا داستان بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ . بىراق سىزنى تازا تۇنۇيالمىدىم ...
....... 
مەن قانداقتۇ سىز ئويلىغاندەك نامى چىققان زات ئەمەس، نام چىقىرىشنىمۇ ئانچە ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن. مۇتەپەككۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ھالىڭىزغا ماڭا بىر نەرسە دىمەكچى بولغانمۇ؟
مۇتەپەككۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى تەپەككۇر قىلغۇچى دىگەنلىكتۇر. مەندە ئەقىل بار، شۇڭا تەپەككۇر قىلالايمەن(قارىغاندا سىزدە تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقىل يوق ئوخشايدۇ). تەپەككۇر قىلىپ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، كىتابىغا، قازا قەدەرگە، پەرىشتىلەرگە ۋە قىيامەت كۈنىگە چىن ئىمان كەلتۈردۈم. پەيغەمبىرىمىز يۇقىرىدىكىدەك ناخشىلارنى ئاڭلىشىمىزنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھ بۇيرىقىغا بويسۇنمىساق جازالايدىكەن، قىيامەتتىكى دوزاخنىڭ ئازابنى بەك قاتتىقكەن. شۇڭا ئۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلايدىغانغا، كۆرىدىغانغا بىكار ۋاقتىم يوق.
ئىنكاسىڭىزدا
:<<كومپىيوتىر دىگەن شۇ . تور دىگەن شۇ . بۇ بىر نىمىنى ئاچساقلا ئاڭلىنىدىغىنى ناخشا بولمىسىلا مۇزىكا . ئەمدى پەقەت ناخشا ئاڭلىمايمەن دەپ كىم مەيدىسىگە ئۇرالايدۇ ؟ سىز ئۇرالامسىز .. . ؟؟ >> دەپسىز. شۇنداق، مەن مەيدەمگە ئۇرالايمەن. ئىشەنمىسىڭىز كېلىپ كومپىيوتىرىمنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئاشۇنداق ناخشىدىن بىرسى چىقىپ قالسا، كومپىيوتىرنى سىزگە بېرىۋېتەي.