  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					نورۇز تەنتەنىسى  
   
 
 
   
كەلدى نورۇز ، كۈلدى ئالەم ، سازەندىلەر چالدى ساز ،  
دەل - دەرەخلەر كۆكەردى ھەم كۆلچەكلەردە ئۈزەر غاز .  
گۈزەل قىزلار ياش نوتىدا چاچ ياسىشىپ قىرىق تال ،  
شوخ يىگىتلەر ئات چاپتۇرۇپ يايلاقلاردا چەۋەنداز .  
   
توڭ ئېرىدى ، ئەگىز ئاقتى ، سۈزۈك سۇلار شىرىلداپ ،  
قۇرىت - قوڭغۇز تىرىلدى ھەم چىكەتكىلەر چىرىلداپ .  
ناخشىچى قۇش سايرىدى شوخ ، چاڭ كەلتۈرۈپ باغلارنى ،  
گۈللەر ئارا ھەرىلەرمۇ ئۇچۇپ يۈرەر غۇيۇلداپ .   
  
يەتتە ياشتىن يەتمىشكىچە جەم بولدى كەڭ سەيناغا ،  
ناغرا - سۇناي ، نەي ئاۋازى چىقتى بۈگۈن ساماغا .  
قىززىپ كەتتى ناخشا - ئۇسۇل ، مەشرەپ ، مۇقام ناۋاسى ،  
چەۋەندازلار ئات چاپتۇرار چاڭ كۆتۈرۈپ ھاۋاغا . 
  
    
بېدە كۆكى پۇرايدۇ ھەممە ئەتراپ خۇشپۇراق ،  
قۇتلۇق نورۇزدا ئەتراپ ئەلەم - قايغۇدىن يىراق .  
باش باھارداھەممە ئۆيدە كۆك چۆچۈرىسى ئىچىپ ،  
خۇشاللىقتا بارچىنى قاپلىدى كۇلكە - چاقچاق . 
  
    
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |