مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5774|ئىنكاس: 59

جىنايەتكە باشلىغان سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتىم كېپىل سە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31141
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8353
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 2343 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-26 09:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالاي نەپرەتلىك كۆزلەرنى تالاي قېتىملاپ چۈشەپ ،مەجنۇنلارچە روھىمنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئاچچىق ئەسلىمىلەرنىڭ جۆيلۈتۈشلىرىدە خاتىرەمنىڭ نىگاتىپىدىن ئۆزۈمنى تاپالماي يۈرگىلى تۈرمىدە مانا توپتوغرا 529كۈن بوپتۇ .《ئاھ،شۇ نەپرەتلىك كۆزلەر نىمىدىگەن سوغۇقتۇ-ھە ؟...مەن نىمىشقا ئاشۇ نەپرەتلىك كۆزلەرنىڭ كۈشەندىسى ۋە مەسخىرە ئوبيىكتىۋى بۇلۇپ  قالدىم ؟!نىمىشقا ؟!...ئەنە ،شۇ نەپرەتلىك كۆزلەرنىڭ تىگىگە ئاچچىقى يامان ،قاتتىق تەلەپچان دادامنىڭ بالا باققانغا تويغان ئاچچىق پۇشايمىنى ،يۈرىكى ئېزىلگەن ئاپامنىڭ ئۈن- تىۋىشسىز ،دەرتلىك ئىسسىق ياشلىرى سىڭىپ كەتكەن .مەن مېنى تۇغۇپ ،جاپايىمنى تارتقان ئاشۇ پاسىبانلىرىمغا ئېرىشەلمەي ،ئەكسىچە نىمىشقا ئۇلاردىن ئايرىلىپ بۇ لەنەتلىك كامىرغا بەنت قىلىنىمەن ؟!...ئاھ،جاۋاب بەرگىنە قېنى تۈرمە تاملىرىنىڭ ئەكىس سادالىرى !؟...》
-قالايمىغان جار سالما!
سىرتتا تاراسلاپ دەسسەۋاتقان ئاياغنىڭ ئىگىسى يېقىنلاشماقتا ئىدى .مەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۈنۈمنى ئۆچۈرۈپ ،ئورنۇمغا يىقىلدىم .ئاچقۇچنىڭ شاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ئەمدى جۈيلۈگەننىڭ پايدىسى يوق .قىلغانلىرىڭغا تۆۋە قىلىپ ،ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتسەڭ ،كەڭچىلىك بىلەن  جازا مۇددىتىڭ قىسقارتىلىدۇ .
ئالدىمدا زىلۋا كەلگەن ،كالتە قىرقىم چاچلىرىنى گىربىلىك شەپكىسىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ ،سۇس گىرىم تىگىدىكى  چېھرىدىن سۈر بېرىپ تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بىر قىز .مەن ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە سەپسالدىم .ئۇ كۆزۈمگە بىردە زەڭگەررەڭ ئاسماندىكى ئەركىن پەرۋاز قېقىپ ،ئىسقىرتىۋاتقان ئاق كەپتەرلەردەك غۇبارسىز ۋە ئازابسىز .بىردە باغچىلاردىكى تاش ھەيكەلدەك ھېسسىياتسىز ،سوغۇق تۇيۇلاتتى .تەنلىرىم ئىختىيارسىز بىر شامال تەگكەندەك سۇس ۋىلىلداپ ئۆتتى .
ئەزەلدىن بىراۋغا بىر قاراپلا تەسەۋۋۇرغا چاققان غەلىتە مىجەزىم بىلەن قىزنى ئۆزۈمگە سىلىشتۇردۇم .ماھىيەتتە ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئايال جىنس .ئەمما ئۇ ماڭا قارىغاندا شۇنچە تەبىئىي ۋە داغسىز .چاچ ،تىرناقلىرىدىن تارتىپ شۇنچە پاكىزە ۋە پارقىراق . ئۇچىسىدىكى رەتلىك، قېنىق  كۆك رەڭلىك فورمىسى ئۇنى مۇنتىزىم ئالى تەربىيە كۆرگەن ،مەلۇماتلىق   قىز كۆرسىتىپ تۇراتتى .
  《ياق!》دەپ كېسىۋەتتىم دەررۇلا سۆزۈمنى .مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا يۇرتۇمدا  《ئەلىيۇل ئەلا 》بۇلۇپ ئالى بىلىم يۇرتىغا كەلگەن ئەقىللىق ،ئىستىقباللىق بىر  قىز ئەمەسمىدىم ؟!...ئەجىبا بۇ جەھەتتە ئىككىمىزنىڭ نىمە پەرقى بولسۇن ؟ئەپسۇس ،مەن ھازىر تۈرمىدە ھاياتىمنىڭ ياشلىق ،ئەڭ نەۋقىران مەزگىللىرىدە بىر قەدەمنى خاتا باسقان ئازغۇن يولۇچىمەن .شۇ تۈپەيلى چۈشكۈنمەن .روھسىزمەن .ئۈمىتىسىزمەن. كىشىلەر قولى يەتمەيدىغان گۈزەللىك ئەلچىسى ئاينى تەرىپلىشىدۇ .ئۇنى نۇقسانسىز گۈزەل دىيىشىدۇ .ئەمما  ئاينىڭ يۈزىدە داغ بارنى ھەممە بىلىدۇ .ئەنە كۆردۈم ،ئۇنىڭ يۈزىدە راستىنلا داغ بار ئىكەن .دىمەك ،تەبىئەتمۇ مۇتلەق گۈزەللىكنىڭ مەھسۇلى ئەمەس . يەر يۈزىدىكى بارلىق ئاياللارنىڭ تەشۋىشى ئۇلار قوغلاشقان تۈرلۈك تۈمەن گۈزەللىكلەر ئىچىگە يۇشۇرۇنغان كەمچىلىك –تاتۇقتا .ئادەملەر شۇ كەمچىلىكلەر ئىچىدە پۇتلىكاشاڭلارغا چىداپ ياشايدۇ .بۇ بىزگە ئادەم ئاتىدىن قالغان ئۇدۇم ئىكەن .ئۇنداق بولمىغاندا ئادەم ئۆزىگە نىمىدىن ساۋاق ئېلىپ ياشايدۇ ؟<<بۇ دىگەن ئىبرەتلىك دۇنيا >>سانىيە توغرا ئېيتقان .مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇ بۇ گەپنى قىلغان .سوغۇق –قاتىل پۇراپ تۇرغان قوللىرىمنى ئىسسىق نىمجان  ئالقىنىدا سىلاپ تۇرۇپ ،يۇمشاققىنە كۈلۈمسىرىگىنىچە <<ئۆزىڭىزنى ئازابلاۋەرمەڭ ،مەن سىزدىن تېخى رەنجىگىنىم يوققۇ ؟ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇقۇشماسلىقلار كۆپلىگەن خاتالىقلارغا  جاۋابكار بۇلۇپ قالىدىكەن .سىز تولىمۇ قەيسەر ،جىگەرلىك قىز .قەددىڭىزنى تىك تۇتالايسىز .مۇنداق ياش تۆكۈۋەرمەڭ ،ھاياتقا كۈلۈپ قاراڭ .ئۇنىڭدا سىز ئېرىشمەكچى بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. >>دىگەنىدى .مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى <<مەن سىزگە قايىل >>دىگىنى مېنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىمغا تاراپ نومۇس ۋە ئەلەمدىن ۋۇجۇدۇمنى يانار تاغدەك لەرزىگە سالغانىدى ...<<ياق!!!...مەن –سىزنى ياخشى كۆرگەن ،سىزدەك ئاقكۆڭۈل ، پەرىشتىدەك قىزغا كۆڭۈل بەرگەن ئەقىللىق بىر يىگىتنى دەپ  ، سىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەن . ھەممىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان ، نەپرىتىنى قوزغىغان ، قاغىشتەككۈر ! قاغىشتەككۈر ! >>مەن ئاشۇنداق ساراڭلارچە توۋلاپ ،سانىيەنىڭ يېنىدىن قانداق ئايرىلىپ ،بۇ يەرگە قاچان كىلىپ قالغىنىمنى ئەسلىگىنىمدە ئالدىمدا تۇرغان قاسقان شەپكىلىك قىز مېنى بۇ <<ساراي>>غا باشلىغانىدى .
-خانىم،(مەن ئۇنى شۇنداق ئاتاشقا كۆنۈپ قاپتىمەن ).توختاپ تۇرۇڭە ،-مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان گەۋدىسىگە تەلمۈردۇم ،-قايسى كۈنى سىز ماڭا بېرىپ تۇرغان كىتابنى ئوقۇپ بولدۇم .ماڭا خېلى كۆپ تەسەللى ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى .رەھمەت سىزگە .
-يەنە ئوقۇغىڭىز بار ئوخشىمامدۇ ؟،-بۇلۇتلۇق ئاسماندىن كۈن <<پاللىدە >>يورۇپ چىققاندەك بولدى .ئۇ تېخى ئادەم <<سىز >>لەشنى بىلىدىكىنە .قەلبىم ئىختىيارسىز ئىللىپ كەتتى .
-ھەئە،-دىدىم ئالدىراپ مەنمۇ ،-ئاشۇنداق كىتابلارنى بولسا يەنە ئوقۇغۇم بار ،سىزنىڭ يازغىنىڭىز بولسا تېخىمۇ ياخشى ،ئۆز ئارا پىكىرلەشسەك ...
-خېلى چاقچاقچى ئوخشىمامسىز ،-دىدى ئۇ ماڭا سىنچى كۆزىدە قاراپ قۇيۇپ مىيىقىدا كۈلگەچ .مەن خىجىللىقتىن ئىختىيارسىز گەپنى بۇرىدىم .بۇ بەلكىم شەكلى ئۆزگەرگەن تەسەللىيگە قايتۇرغان تەكەللۇپ جاۋابىمدۇ.
-رومان ياخشى يېزىلىپتۇ .بىراق ،ئاپتورنىڭ بۇ تىمىنى قانداقتۇر بىر كىنو فىلىمىدە كۆرگەندەك قىلىمەن .ھە تاپتىم دىدىم ئېسىمگە ئېلىپ .دۆلىتىمىز ئىشلىگەن <<شەرقلىق ئانا >>دىگەن تىلىۋىزىيە فىلىمىدىن ئەندىزە ئالغانمۇ قانداق ، بۇ مېنىڭ شەخسى گۇمانىم خالاس . مەن قارىسام كۆپ يەرلىرى ئوخشاپ كېتىدىكەن .ئاندىن كىيىن مۇشۇ مۇئەللىپنىڭ باش قەھرىمان –پېرسوناژلارغا ياراتقان تۇرمۇش سەۋىيىسى قىممەت كۆز قارىشى دىگەندەكلەر مىللى مەدەنىيىتىمىز ،ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيىمىز ،ۋە شارائىتىمىزدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەن .
-ۋۇي ،سىزنى ناتىق دىسەكمۇ بولغىدەك جۇمۇ ،-دىدى ساقچى خانىم كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ،سىزنى يېزىقچىلىق توغرىسىدا بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،يېزىقچىلىققا راستىنلا ئېپىڭىز بار ئوخشىمامدۇ .ئاڭلىسام ،سىز ئالى مەكتەپتە  شەخسى بىلوگىڭىزدا  بىر مۇنچە تور ئەسەرلىرىڭىز بىلەن داڭ چىقىرىپتىكەنسىز  .شۇنداقمۇ ؟
-ھەئە .-مەن بىشىمنى سىلىغاچ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدىم .
-ئالى مەلۇمات كۆرگەن تۇرۇقلۇق ،قىلغان ساراڭلىقىنى بۇ قىزنىڭ .بىر قارا بىسىپتۇ-دە سىزنى ،نىمىشا ئالا –تاغىل توۋلاپ يۈرگىچە بىر نىمىلەرنى يېزىپ قەلىمىڭىزنى ئىشلەتمەيسىز ؟
-بۇ...بۇ...،-مەن ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدىم .-قاراڭ ،مۇنداق بلسۇن ،-دىدى ئۇ ئەستايىدىل تەلەپپۇزى بىلەن سۆزلىگىلى تۇردى ،-ئەگەر سىز قەلەم تەۋرىتىمەن دىسىڭىز بۇ يەردىمۇ يىتەرلىك شارائىت بار .سىز ھاياتىڭىزدىكى سەرگۈزەشلىتىرىڭىزنى يىغىنچاق قىلىپ يېزىڭ .كىم بىلىدۇ ،بۇنىڭلىق بىلەن كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قېلىپ بۇ يەردىن چىقىپلا داڭلىق يازغۇچى بۇلۇپ كىتەمسىز تېخى .
-چاقچاق قىلماڭ ،مەن تېخى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئۇنتۇيالمايۋاتسام ،ئۇنى يېزىپ ،يۈرەك –يارامنى تاتىلايدىغان تاتىلىغۇچ قىلماقچىدىممۇ ؟قويىڭە ،بەرىبىر مۇمكىن بولماس.
-مۇمكىن بولمايدىغان نەرى بار ؟خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار ؟ئۇنى يېزىپ چىقسىڭىز ،كىشىلەرنىڭ  ئالدىدىمۇ ئابرويىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالىسىز ،خىزمەت تىپىشىڭىزمۇ ...،-مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرى يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ ئۆتتى .-بولدى ،سۆزلىمەڭ !گىپىڭىز تۈگىدىمۇ ؟رەنجىمىسىڭىز ئەسكەرتىپ قوياي،مېنىڭ نېرۋا كىسىلىم بار ،قوزغىلىپ قالسا چاتاق تاپىدۇ .
-ئەخمەق قىز ،-دىدى ئۇ چۈشىكسىز بىر تەرۈزدە مىيىقىدا كۈلۈپ ،-بۇ يەرگە كىرگەن قىزلار زادى نىمە ئويلايدىغاندۇ ،-،ئۇ شۇ غۇدۇڭشىغانچە چىقىپ كەتتى .
مەن تېگى يوق خىيالارغا ئەل بۇلۇپ ،مايلىشاڭغۇ چاچلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئاجىز ،خۇنسىز بارماقلىرىمنى شۇڭغۇتتۇم .خۇددى نۇرسىز كۆزلىرىمنىڭ تىگىگە مىسكىن ئازابلىق قەلبىمنى يۇشۇرغاندەك .قىز ئۆتكەنكى بارلىق ئۆتمۈشنى خاتىرەمگە سېلىپ قۇيۇپ ،ئۆزى ئاللىقاچان كېتىپ بولغانىدى .توغرا ،ئۇ راست ئېيتىدۇ ،مۇھىمى ،ئادەمگە كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس ئۆمۈرلۈك خاتىرە كېرەكقۇ ؟....مەن ئىختىيارسىز قولۇمنى ئىڭىكىمگە يۆلىدىم .
ھايات ئاجايىپ سىرلارغا تولغان .ئۇنىڭ قانچىكى سىرلىقلىقىنى ھېس قىلغانچە سېنىڭ بىلى تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزۈش تەلۋىلىكىڭ شنچىكى ئوڭ تاناسىپ ھالدا ئېشىپ بارىدىكەن .بەلكىم مەن مۇشۇ ياۋايى پەلسەپەمنىڭ كەينىگە كىرىپ جىنايەتچى بولۇپ قالغاندىمەن .
شۇنداق .كىشىلىك ھايات ماڭا قانچىكى سىرلىق تۇيۇلغانسېرى مېنىڭ تۇرمۇشۇم شۇنچە تەرتىپسىز ،قالايمىقانلىشىپ كىتىپ بارىدۇ .ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم تۆۋەنلەپ ،دەرسلەردىنمۇ چېكىنىپ كېتىۋاتىمەن .غەپلەت يەلكەمدىن بىسىپ ،روھىم ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .بارغانسىېرى چىچىلاڭغۇ ،تېرىككەك بۇلۇپ ،ئۆيۈمدىكىلەر بىلەنمۇ تىلفۇندا سۆزلەشسەم تاكاللىشىپ قالىدىغان ،ئۇلار ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلۇم بۇ ئايدىن ئۇ ئايغا يەتمەيدىغان بولدى .ئىلگىرى بىر ئوبدانلا ئىدىم ،تىنچ ،خاتىرجەم ،غەمسىز ،قاچاندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىردى ،شۇندىن ئېتىۋارەن ،رىۋايەتلەردىكى ئاشىقلاردەك مەن ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولدۇم . ئۇ مېنڭ چۈشلىرىمگە كىرىپ ئارامىمنى بۇزاتتى .ئاق ئاتلىق شاھزادە بۇلۇپ ئۇيقۇلىرىمنى ئەپقاچاتتى ،قاراقچى بۇلۇپ يۈرىكىمنى تۇتقۇن قىلاتتى ،ھەييارلاردەك خىيالىمدا تۇرۇپ ئايان بولسا ،تۇرۇپلا يوقاپ كىتىپ مېنى تەشۋىشلەندۈرەتتى.
بوپتۇ ،يۈرىكىم پۇچۇلانسىمۇ ساڭا ئۆتمۈشلىرىمدىن سۆزلەپ بېرەي دوستۇم .مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۇنۇشقان چاغلار ھەر بىرىڭلاردەك قىلىشمىغۇدەكلا شۇنچە شېرىن ،مەن ئۈچۈن تاتلىق ئەسلىمە ئىدى .چۈنكى ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەر مېنىڭ ئالى مەكتەپتىكى غەمسىز ، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرىمغا مۇجەسسەملەنگەن .
ھەر قېتىم ئەلبومىمنى ئېچىپ ئۇلارنى ئەسلەيمەن .ئۇلارنىڭ سۈرەتتىكى ئاشۇ  خۇشخۇي چېھرى ،ئىللىق جىلمىيىشلىرى ئىختىيارسىز ھالدا مېنى ئالى مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز سەككىز كىشىلىك ياتاققا باشلايدۇ .مەكتەپكە يىڭى بارغان ئۇ چاغلار قانداق چاغلار ئىدى ئۇ –ھە ؟...روھىمىز شۇنچە كۈتۈرەڭگۈ ،ھەممىلا نەرسە قىزىقىش ئىلكىدە شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىدى .مەۋسۈم بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مەشىق ھەر قانچە جاپالىق تۇيۇلسىمۇ ،بىر يەرگە جەم بولغان جۇشقۇن كەيپىياتىمىز بىلەن قىزىپ كىتەتتى .مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى ئاپىمىز ئۆز قولىدا ئەتكەن تاماقتەك تېتىملىق بولمىسىمۇ ،كۈلكە چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇپ يىگەن تاماق يەنىلا ئىسسىق باساتتى .كەچلىكى خېلى بىر چاغلار غىچە چىراغنى ئۆچۈرمەي يىتىپ ،كۈندۈزى كۆرگەن بىلگەنلىرىمىزنى ئۆز –ئارا ھىكايە قىلىشىپ ،ئويقىمىزنى خاپا قىلىپ قوياتتۇق .ئاندا –ساندا ئارىلاپ ئۇنىڭ –بۇنىڭ ياتىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئاددىيغىنا <<تۇغۇلغان كۈن كېچىلىكى >>تولىمۇ مەنىلىك ،خاتىرىگەباي ئىدى .
ئالدىراش مەكتەپ ھاياتىدا ۋاقىت گۈزەل مىنۇتلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا بەزەن كىشىنىڭ يىمىسە يىگۈسى كىلىدىغان ،يىسە ئادەمنىڭ ئۈچەي باغرىنى تەتۈر ئۆرۈۋەتكۈدەك ئاچچىق لاۋزىلىق توخۇ قورۇمىسىغا ئوخشاش ،دىمىسە دىگۈسى كېلىدىغان ،دىسە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىبرەتلىك قىسسىلەر پۈتۈلدى ،قەلىب خاتىرەمدە قېتىپ قالغان ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ھەر قاچان مېنى تۇرمۇش كوچىسىدا ئېھتىيات بىلەن قەدەم ئېلىشقا .ھېكمەت چىرىغىنى يېقىپ ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈشكە يىتەكلەيدۇ. مەن ئۇنى ئانامنىڭ ماڭا قىلغان قىممەتلىك ئۈگۈت- نەسىھەتلىرى قاتارىدا ئۆزەمدىن كىيىن ئالىي مەكتەپكە چىقىۋاتقان سانسىز شەبنەمدەك بىغۇبار ،غۇنچىدەك نازۇك ،نوتىدەك ئەۋرىشىم سىڭىللىرىمغا يادىكار قىلماقچىمەن .ئاتا –ئاناڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ياراتقان پاراغەتلىك تۇرمۇشى سىلەرنى تەييارتاپ ،لايغەزەل قىلمىسۇن .ئۇلارنىڭ خۇددى سەدەب ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك ئەتىۋارلىق گۆھىرىسىلەر .شۇ مەرۋايىتتەك پاكلىقىڭلار ،يۈزۈڭلاردىكى خالدەك ياراشقان شەرمىي –ھايا ،گۈزەل خۇلقىڭلار بىلەن سەۋەبلەر ئالىمىدە ئۇچۇپ يۈرگەن بەختىڭلارنى تاپقايسىلەر .
پەندى- نەسىھەتلىرىمگە تەمسىل قىلىنغان بۇ ھىكايىلىرىم ھەدەڭلارنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ،باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشلىرى ،تۇرمۇش كارتىنىسى .بۇلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئىبرەت ساۋاق ئېلىڭلاركى ،سۆزلىرىم سىلەرنى بىپەرۋا ،ناخۇش قىلمىسۇن .
ھېچ چۈشىنەلمىدىم مۇئەللىم، فاكولىتنىڭ قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنى<< كېلىپ تەلەي سىناپ باقسۇن>>دەپ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى ئادىلسىزلىق قىلسا قانداق بولىدۇ ؟-مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشقا شۇنچىلىك تىرىشساممۇ ،ئىچىمگە پاتماي قىلىۋاتقان ئاچچىق –ئەلەم دەستىدىن ئۆزۈمنى قويارغا يەر تاپالماي قىلىۋاتاتتىم .
-بۇ گىپىڭىزچە فاكولىت رەھبەرلىرى ئارقا ئىشىكتىن پارا يەپتۇ-دە ؟-دىدى قاسىم مۇئەللىم ماڭا سىنچى كۆزلىرىدە قاراپ.
-مەن ،مەن تېخى ئۇنداق دىگىنىم يوققۇ مۇئەللىم ،-دىدىم مەنمۇ <<ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي>> تۇرۇپ ،- مەن شۇ ماقالەم بىلەن مەكتەپ ئىچىدە  نە-نەلەرگىچە چاپمىدىم –ھە؟-مەن ئەمدى ھال ئېيتىشقا چۈشتۈم،-بارمىغان مائارىپ ئىدارىسى ،كىرمىگەن نەشرىياتلىرىم قالمىدى.ئۇلارنىڭ تولىسى شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ ،نۇقتىنەزەرى يىڭى ،دەلىل –ئىسپاتلىرى جانلىق دەپ <<مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قۇيۇڭ >>دىسە ئۇنىماي ئەكەلگەندە ،يۈزۈمنى تۆككەندەك قىلىپ ھەتتا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرىم ئالدىدا ،دوست- دۈشمەنلىرىمنىڭ يۈزىچە <<رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى >>دىگەن نىمە ئورنىدا دەپتەر –قەلەم تۇتقۇزۇپ قويسا قانداق بولغىنى ؟
-قاقشىماڭ ئالمىرە ،قاقشىماڭ ،-دىدى قاسىم مۇئەللىم ئۈنۈمنى ئۆچۈرمەكچى بولغاندەك بىر قولىنى پۇلاڭلىتىپ ،-بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان پەقەت سىزلا ئەمەس ،قالغان 20نەچچە فاكولىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگىنىنى ھەممە بىلىدۇ ،سىزنىڭ بۇنچىلىك ئاددى ساۋاتقىمۇ ئەقلىڭىز يەتمەمدۇ ؟بۇ دىگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى .مارافۇنچە يۈگرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس ئەلۋەتتە .نۇتۇق سۆزلشتە ماقالىنىڭ سۈپىتىدىن باشقا يەنە ماھىرلارنىڭ سەھنىدىكى روھى ھالىتى ،ماقالىدىكى سۆز –جۈملىلەرنى ئېغىز تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى ،ئېنتۇناتسىيىسى ،ھەتتا تەقى –تۇرقى دىگەنلەرگىمۇ نۇمۇر بېرىدىغان گەپ ،-قاسىم مۇئەللىمنىڭ شۇ چاغ  مەندەك جاھىل بىر قىزغا زېرىكمەي –تېرىكمەي ئېزىپ ئىچۈرگىنىگە ھەيرانمەن .
-ئۇلار ئاۋاز ئارتىسى قۇبۇل قىلامدىكەن ياكى مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىغا دېكتور خادىم قۇبۇل قىلامدىكەن ؟،-مەن ئىچىمدىكى پۇسۇققىدە چىقىرۋىتىپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم .
-ھا...ھا...ھا...،-مۇئەللىم كۈلكىسىنى يۇشۇرماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى ،-ئەسلىدە مېنىڭ ئويۇم باشقا دەڭە ،سىزنىڭ ئۆگىنىشتە ،قەلەم تەۋرىتىشتە ياخشى ئىكەنلىكىڭىزدىن ئوبدان خەۋىرىم بار .شۇڭا باشقىلاردىن قېپقىلىشنى خالىمايسىز ،ئەگەر مەكتەپ گېزىتى چىقىرىشتا خىزمەت كۆرسەتكۈڭىز كەلسە ئىلتىماس يېزىپ  ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا كىرىپ ،ئالاقىلىشىپ جان –دىل بىلەن ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۆھپە قوشسىڭىز بولىدۇغۇ ؟
-نىمە ؟ مېنى يەنە شۇ توڭ قاپاق ،ئاقسالارغا يېلىنىپ چىق دىمەكچىمۇسىز مۇئەللىم ،مەن بەك ھېرىپ كەتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمىرە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك چۈشۈپ كەتتى .ئەمدى يۇقىرىغا يامىشىمەن دەپ كۈچىمەي تىنچ مەكتەپ ئاشخانىسىدا مومىسىنى يەپ ،بۇكوبىلەن سارىسنىڭ ئالدىنى ئالسۇن .-مەن شۇلارنى دىگەچ دېرىزىدىكى گۈللەرنىڭ يۇپۇرمىقىنى ئوينىغان بۇلۇپ سىرتقا قارىدىم .پەستە ھېلىقى كۆزۈمنىڭ سەتى بىر نەچچە يۇرتلۇق ئاداشلىرى بىلەن بىناغا كىرىپ كىلىۋاتاتتى .<<ئۇ يەنە كىمگە غىلجىڭشىپ ، نام –ئەمەلنىڭ كويىدا بۇ يەردە يۈرىدىغاندۇ >>
-ئۇمۇ سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز ،-قاسىم مۇئەللىمنىڭ سۆزى دىققتىمنى تارتتى ،-بۇنداق دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ،ئەمىسە ،بىز تەھرىرات بۆلۈمىدىكى سىتودىنت خادىملارنى قايتىدىن ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك .
-نىمە دىدىڭىز مۇئەللىم ؟ گىپىڭىزنى چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ ؟
-سىز تېخى گىپىمنى چۈشەنمىگۈدەك ئېنگلىز تىلى يىڭى ئۇقۇمنىڭ تۆتىنچى قىسمىدىن دەرس سۆزلىمەيۋاتىمەن ئالمىرە ،سىز كاللىڭىز ئوچۇق ،ئۆزگىچە تەپەككۇرلۇق ،مول تەسەۋۋۇرغا باي قىزسىز .سىزنى شۇنداق ئەقىللىق دەپ يۈرسەم سىز نىمىلەرنى دەۋاتىسىز ھە ؟بىلىمەن سىزگە ماددى مۇكاپاتنىڭ لازىمى يوق .بىراق بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئەلالارنى قۇيۇپ تۇرۇپ يېتىشىۋاتقانلارنى يىتەكلەپ ،ھەۋەسكارلارنى قېزىقتۇرۇش مەقسىتىدە مۇكاپات تارقىتىشنى ئاتايىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇق .سىزدەك قەلەم ئىگىسىگە ئەسلى سىزگە ھېچنىمە بەرمەيلى دىگەن
-نىمە ؟!
-چۈچۈمەڭ ،-دىدى مۇئەللىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،-بىراق سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز ،ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ،مەكتەپ رەھبەرلىكىنى تەسرلەندۈردى ،بىز سىزنى مەكتەپ گېزىتىگە ئويلىشىپ بولغۇچە سىزمۇ ماھىرلارنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ نەتىجە ياراتماقچى بولدىڭىز .بىلسىڭىز ،بىز سىزنى مەكتەپ گېزىتى بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى قىلماقچى بولۇۋاتىمىز .
-بۇ راستما ؟-ھاياجاندىن بۇ سۆزگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي قالدىم .
-راست بولمايچۇ ،شۇڭا سىز بايىقىدەك دەرەختىن چۈشمەي جىم ياتىمەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلماي ،ئەڭ ياخشىسى دەرەختىن چۈشۈپ كوللىكتىپ ئۈچۈن مىۋە تېرىڭ .سىزنىڭ مۆچىلىڭىز مايمۇن ئەمەستۇ ئالمىرە ؟
-ياق مۇئەللىم ،مېنىڭ مۆچىلىم چو...چوشقا .
-بولىدۇ ئەمىسە چىقىپ ئىشىڭىزغا بېرىڭ ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
-خوپ مۇئەللىم ،ئەمىسە مەن چىقىپ كەتتىم .
ئىچ ئىچىمگە پاتماي قىلىۋاتاتتتىم .<<نىمىدىگەن ياخشى ،تەھرىر بوپتىمەن ،ئەمدى قەلەمكەش سىتودىتنلار يېزىپ يوللىغان بارلىق ئەسەرلەر مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتىدۇ ،مەن بولىدۇ دىسەم ئوقۇيدۇ ،بولمايدۇ دىسەم قويىدۇ .ھى...ھى...ھە راست ،ھېلىقى ساجىدە دىگەن مەتۇنىڭ ئەسەرلىرى كەلسۇنچۇ قېنى قانداق قىلىمەنكىن ؟<<بولماپتۇ ،دىئالوگ ئاز بۇلۇپ قاپتۇ ،تەسۋېرلەشكۆپ بۇلۇپ قاپتۇ ،پېرسوناژ سىڭايان بۇلۇپ قاپتۇ دەپ تازا چىشىغا تەگمىسەم ...ھا...ھا...بىر ئاچچىق بىر تاتلىق دىگەن مۇشۇدە .
ياتاققا كىرىپ سومكامنى ئىككى مېتىر يىراقتىن كارۋىتىمغا پىرقىرىتىپ ئاتتىم –دە ئولتۇرغان ،كىر يۇيۇۋتقان ،مۇزىكا ئاڭلاۋاتقانلارغا ئېلان قىلدىم :
-سىلەرگە بىر خوش خەۋەر ئېيتاي ،ئاڭلاڭلار .
-ھە دىگىنە قېنى ،بىزنى فاكولىتتتىن ئويناتقىلى نەنسەنگە ئەپچىقامدىكەن ؟
-ئەمدى ئىمتىھان تۈزۈمىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغاندۇ ؟
-پوقنى يە ،-دىدىممەن ئۇلارغا  مىيقىمدا كۈلۈپ ،-مەن كىلەركى ئايدىن باشلاپ مەكتەپ گېزىت چىقىرىش بۆلۈمىدە تەھىرلىق خىزمىتى ئىشلەيمەن .
- ۋاھ...ئەمەلدار بوپسەنغۇ؟ئەمدى بىز بىلەن ئوينىمامسەن ؟
-.شۇنداقمۇ ،ساڭا مائاش بېرەمدىكەن ؟
-بىلمەيمەن ،قاسىم پىروفىسسور شۇنداق دەيدۇ .ئىشخانىسىغا كىرسەم ئۇ ئۆزى ئاغزى بىلەن شۇنداق دىدى .
-ئەمدى بىزنى تۇنۇتۇپ ،ئەسەرلىرىمىزنى ئېلان قىلدۇرۇپ بېرىسەن دىگىنە ئاداش .
-مېنىڭ مابىتىمنىڭ شىئېرلارنى خېلى ئوبدان يازىدىغىنىنى بىلىسەنغۇ ھە ئالمىرە .ھى...ھى...
-شۇغىنىسى سەن يالغۇزلا ئىشلىمەسسەن ئۇ خىزمەتنى ،ئېنىقكى ئەتراپىڭدا شۇجى ،مۇئاۋىن ،جۇرىن ...دىگەندەكلەرمۇ چىقىدۇ ھەقىچان .
-ئۇنى بىلمىدىم .چۈشتىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا كىرىپ باقسام بىلىمەن .
-ئاداش مەن ئاڭلىشىمچە ھېلىقى سانىيە دىگەن رىقابەتچىڭنى دېكتور قىلدىكەن دىگەن مىش –مىش گەپلەرمۇ بار .
<<شۇنداقمۇ >> ئىچىمدە يەنە نىمىلەرگىدۇر قايىل بولماي ،تۇرۇپلا قىيدايتتىم .ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان نامەلۇم بىر ھايۋاننىڭ تىرناقلىرى ئىچىمنى ھېلى تاتىلاپ ،ھېلى مۇجۇپ ،ھېچلا ئارام بەرمەيتتى .<<ھەممىنى قىلغان شۇ غىلجىڭ سانى >>دەيتتىم ئىچىمدە <<ھەممىسى شۇنىڭ كاساپىتى ،ئۇ باھالىغۇچىلارغا چىرايلىق كۆرۈنىمەن دەپ  ھېچقاچان تاغاق كۆرمىگەن ساڭگۈل –سۇڭگۈل چاچىلىرىنى ئۆزىچە قىرىق بىر تال قىلىپ ئۆرۈپ سەھرادىن ئەكەلگەن مايماق دوپپىسىنى كىيىپ چىقىپ ئۆزگىچە مىللىي پۇراق تارقىتىمەن دەپ ،ھەممىنى ئىلەشتۈرۈپ يۈردى .ۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھېلىقى سۆزلەشلىرىچۇ ؟ ئويلىسام چىڭسەي قۇۋۇرغىلىرىم ئېگىلىپ، قۇسقۇم كېلىدۇ . قاسىم مۇئەللىم بىكار ئېيتماپتىكەن –دە ،<<تەقى –تۇرقى >>دىگەن گەپنى .مەن بىردىنلا چوڭ بىر دىلونىڭ يىپ ئۇچىنى تاپقاندەك جانلىنىپ كەتتىم .توغرا ،ئۇ ھېلىگەر ھېلىقى ئىلياس دىگەن پاينەكباش بىلەن يىقىن ئەمەسمۇ ؟ئۇ پاينەكباش تۈنۈگۈن باھالىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرمامتى ؟ يولى بار –دە بۇ تومپاي بولسىمۇ ،خەپ توختاپتۇر سانى ،بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى .......سەنلا بولساڭ ھەريەردە ماڭا ئاراملىق يوق ،سەن تېخى مېنىڭ رىزىق پەشتاقلىرىمغا ئار ئالماي يامىشىپ يۈرىسىنا ؟!...
     كېتىۋاتىمەن ،سىرتقا ماڭدىممۇ ياكى ياتاققىمۇ ۋە ياكى كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتىۋاتىمەنمۇ بىلمەيمەن .ئىشقىلىپ ،مەن ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كىيىن تەھرىرلىك  قىلىدىغان كۈندىلىك خىزمەت ئۈستىلىمنى پاكىزە سۈرتۈپ قويغاندىن كىيىن ئۈستىلىمگە بىر تال ئەتىرگۈلنى كىچىك غاز بويۇن ئەينەك لوڭقىغا چىلاپ قۇيۇپ يېنىپ چىققىنىمنى بىلىمەن . خىيالىمدا يولدا باشقا كىتىۋاتقان كىشىلەر ئۆز يولىدا كىتىپ بارغاندەك ،ئاشۇ سانىيەلا مېنى ئەگىشىۋالغاندەك سىنىپقا كىرسەممۇ ،ياتاققا كىرسەممۇ ،نەگىلا بارسام ئۇ ماڭاقادىلىپ يۈرەتتى .ئۆز-ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەي كەينىمگە قارىدىم ئۇ يوق .ئەمىسە نىمىشقا مەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولغانسېرى ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن مېنىڭ تەقدىرىم بىر يەرگە ئورۇنلىشىپ قالىدىغاندۇ ؟ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ چىرايىمنى ئاچسامكەن كاشكى.
*******************************************************
ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ-ھە ؟ئاپام مەن ئالى مەكتەپكە چىقىپ مەنسىز دادام بىلەن ياشاشقا ئاران كۆنگىنىدەك ،مەنمۇ بىلىپ بىلمەي سانىيە بىلەن بىر ئىشخانىسا ئولتۇرۇپ كۈنۈپمۇ قالدىم ،ئۇنىڭ مىكروفۇن ئالدىدا ياساپ –قىسىپ سۆزلەشلىرى نېرۋىلىرىمنىڭ تومۇرىنى غىدىقلاپ ئاللىقاچان سەزمەس قىلىپ قويغانىدى .بۈگۈن ئاخشام كەچلىك ئۇلاپ ئاڭلىتىشقا ماتىريالنى ئۇنىڭغا تەقلەپ بېرىپ ،چىقىپ كەتتىم .يانفۇنۇم سايرىدى ، ئەدىبە ئىكەن:
-ئاداش،سەن نەدە ،ياتىقىڭغا كىرسەم يوقكەنسەن  ،ھېلىقى مەتولار سېنى خىزمەتكە چىقىپ كەتتى دەيدۇ ،دېپلومىڭ پۈتمەيلا خىزمىتىڭ پۈتۈپ كەتتىما ؟
-ياقەي ، دەرستىن سىرت مەكتەپ گېزىتخانىسىدا ئىشلەۋاتىمەن شۇ ،ئۆزەڭچۇ ياخشى كىتىپ بارامسەن ،ئاڭلىسام بۇ قېتىم ئالى ماتىماتىكىدا بۇكو قاپسەن ،بىر تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپ كەلمەمدۇق ؟ خېلى كۈنلەر  بوپتۇ سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ .
-ھا....ھا...ھا....،-ئەدىبەنىڭ زىل كۈلكىسىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئادەم بارلىقىدىن گۇمانلاندىم ،- سەن قانداق بىلدىڭ ئاداش ،دىمىگەن بىلەن سەن توشقاندەك قۇلىقىڭ ئۇزۇن مېنىڭ سېسىق تاشپاقام –دە سەن ،- مەنمۇ شۇ ئولتۇرۇپ كىلەيلىمىكىن دەپ ساڭا تىلفۇن قىلىۋاتىمەن .ۋاقتىڭ بارمۇ ،بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ  كىلەيلى .
-نىمىشقا مېنى بالدۇرراق چاقىرتىپ  زاكاس قىلىۋالمىغانتىڭ؟ مەن تورخانىغا كىرىپ تورغا يوللايدىغان ئازراق ماتىرىياللار بار ئىدى .
-ۋاي بولدى قىلە ،ھەقىچان شۇ ھېلىقى ئۆزۈڭ يازغان نوملاردۇ ؟ ئۇنى بارغۇ قارا ،ھېلىقى سەھرالىققا باش –كۆزۈمنىڭ سەدىقىسى دەپ بېرىۋەت ، ئۇنداق تىكىك –ياماق ئىشلار سەن –بىزگە ياراشمايدۇ ،بىز كىمۇ ئاداش ،بىز دىگەن ئۈرۈمچىلىك .شۇ تاپتا تورتخانىغا بېرىپ تاتلىق ئولتۇرۇپ كىلەرمىزمىكىن دىسەم ،تورخانا دەپ يۈرگىنىنى ماۋۇنىڭ ،ئۆيۈڭدىكى كومپىيوتىرىڭ قېنى ؟
-ئاپام بەرمىدى .
-ئەمىسە شەنبە- يەكشەنبە ئۆيۈڭگە بېرىپ قىل ئۇ ئىشىڭنى ،مەن سېنى مەكتەپ ئالدىدا ساقلايمەن .-ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى .
ياق دىيەلمىدىم .ئۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن مېنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالى مەكتەپكە چىققۇچە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى .ئۇنىڭ كاللىسى دەرسكە ئۆتمىگەن بىلەن ،ئويۇن تاماشىغا قالتىس ماھىر ئىدى .ئوغۇلبالىدەك مەرت بۇ ساۋاقدىشىم دادىسىنىڭ تاپقان پۇلىنى بىر قوللۇق خەجلەيتتى. ئۇنىڭ بەدخەچ، ۋە بەزەن بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ئويلىسام ،ئۇنىڭغا يىقىن يولىغۇممۇ كەلمەيتتى ،بىراق ،ئۇنىڭدا خېلى مەن مەن دىگەن قىزلاردا كەم تىپىلىدىغان بىر سۈپەت بار ،ئۇ بولسىمۇ ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتىن تارتىپ شەنبە كۈنى كەچكىچە  ئۆي خىزمەتچىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئاپىسى بولغان مومىسىغا ئۆزى يالغۇز قارايدۇ .مومىسىنىڭ مىڭە ئۆسمىسى كىسىلى بولۇپ تەرىتىمۇ ئۆز ئورنىدا ،ئۇ مومىسىغا قارىغان كۈنى ھەر قانداق ئويۇن تاماشا ،ئولتۇرۇش كىلىشىمنى قۇبۇل قىلمايدۇ .ھەتتا ئىمتىھان توغرىلىنىپ قالسىمۇ ئىمتىھانغا ئاران دىگۈەك  ئۈلگۈرۈپ كىلىدۇ .بۇنى مەن بەزىدە بەتخەچ ئويۇنقېپى ئەدىبەنىڭ  دادىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەشتىكى ئەمگەك توختامىمىكىن دەپ ئويلايتتىم .بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۆزگىچە ساددا ،ئاقكۆڭۈللۈكى مېنى تەسىرلەندۈرمەي تۇرالمايدۇ .ئۇنىڭ شۇ يەرلىرىنى دىمىسەم ئۇنىڭغا ماقۇل دىمەي تۇرالمايمەن .مەكتەپ ئالدىغا چىقسام ،ئۇ دادىسىنىڭ <<باۋما>>سىنى ھەيدەپ كەپتۇ :
-دادامغا ،مەن ماشىناڭدا بېرىپ ئالمىرە بىلەن كۆرۈشۈپ كىلەي دىسەم ،ماشىنىنى بېرىپ تۇردى دىگىنە ،سېنىڭ دادامنىڭ ئالدىدا داشىمىندەك يۈزۈڭ بار دەيمەن ،ئاداش ،قېنى دىگىنە ، نەگە بارىمىز ،ئىچىپ كىلىمىزمۇ ياكى ،بىزنىڭ ئۆيگىلا بارامسەن ،شۇ تاپتا دادام مومامغا سۇيقاش ئېشى ئېتىپ بېرىمەن دەپ ئاشخانىدىلا قالدى .كەچ سائەت توققۇزغىچە ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى دادامنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرمىسام بولمايدۇ .
-داداڭ ،چوڭ ئەمەلدار بولسىمۇ ،كىبىرى يوق ،ئېسىل ئادەمكەن جۇمۇ ئاداش ،ئاپاڭ رەھمەتلىك بولغان بولسا ،تېخىمۇ بەخىتلىك ،كىشىنىڭ كۆزى تەگكۈدەك ئائىلە بولۇپ كىتەتتىكەن .
-شۇنى دىگىنە ئاداش ،-دىدى ئەدىبە ماشىنىنى شەھەردىكى بىر داڭلىق قاۋاقخانىنىڭ ئالدىدا توختىتىۋىتىپ ،-يۈرە بىر يەرگە كىرىپ پاراڭلىشايلى .
-مېنىڭ قورسۇقۇم ئاچتى ،ئاچ قوساققا مېنى ئۇنداق يەرگە باشلاپ كىرىپ نىمە قىلىسەن ،مەن يا سەن بىلەن ئىچمىسەم ،يۈرە باشقا ياققا بېرىپ تاماق يەيلى .
بىز خانتەڭرى تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ ئىككى قاچا خولوپ ئاش ، قۇيغان ئۆپكە –زاسۈي بىلەن ،بىر تەخسە مىۋە سالات بۇيرۇتتۇق .
ئاپام ماڭا قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كىتىپتىكەن ،مومامنىڭ كىسىلى شۇنىڭدىن باشلاندى ،كىچىكىمدىن تا ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە مومام ماڭا قارىدى . كىيىن مومامدىكى ئالامەتلەرگە قاراپ ئۇنى دوختورغا تەكشۈرتتۇق ،مىڭە ئۆسمىسى ،مومام ئېغىرچىلىقىنى سالمايمەن دەپ كىسىلى بىزدىن يۇشۇرۇپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ .بىلىسەن ،مېنىڭ مۇشۇ بىرلا مومام بار .دادام دۇنياغا تىكەندەك يالغۇزمىش .ئۇمۇ كىچىكىدە مەندەك ئانا مېھرىگە قانمىغاچقا مومام ئىككىمىزنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ .شۇڭلاشقا دادام مەن تۇغۇلۇپ 20يىلدىن بېرى توي قىلمىدى .بىراق دادامنىڭ ئىككى ئاشنىسى بار .بىرسى كازىۋەندە ،بىرسى نەزىگودا ،دادام ئۇلارنى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كىتىۋىتىپلا تىپىۋالغانمىكىن دەيمەن .مەن بۇنى كىيىن بىلدىم ،دادامغا كىيىن تەستە ئېغىز ئېچىپ <<دادا ،نىمىشقا مابەتلىرىڭىزنى توي قىلىپلا ئۆيگە ئەكىلىۋالمايسىز ،مەن قارشى تۇرمايتتىم .>>دىسەم دادام مەندىن نومۇس قىلدىمۇ بىلمەيمەن ،ئاغزىمغا بىر كاچات سىلىپ ،ئاغزىمدىن قان كەلتۈرۋەتكەنىدى .ئۇنىڭ دىيىشىچە ،توي قىلسا ،ئاپام بىلەن مومامغا يۈز كىلەلمىگەندەك ھېس قىلارمىش ، مومامنىڭ كۆزى يۇمۇلماي تۇرۇپ ،ئۇنىڭ كۆزىچە بىرسىنى خوتۇن قىلىپ ئۆيگە ئەكىرمەسمىش ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ئىش ھەققى بېرىمەن دىسىمۇ مومامغا مەندەك ياخشى كۆيۈنۈپ قارايدىغان ئىككىنچى ئادەم يوقمىش . دادام مېنىڭ مومامغا قارىغان ئىشىمدىن بەك رازى .مەنمۇ مومامغا قارىغاننى خالىس دەپ بىلىمەن .كىچىكىمدە مومامغا بەك ئامراق ئىدىم ،مومام بىلسەڭ ھازىر بەك بىچارە بۇلۇپ قالدى .ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ .گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ شارائىتىمغا ھەۋەس قىلسىمۇ ،بىراق ئۇلاردا بار ئانا مەندە يوق ،قانچە پۇل خەجلىسەممۇ ،مېنى تۇغىمەن دەپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاپام ئۈچۈن ھاياتىمدا 1سوم پۇل خەجلەپ بېرەلمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن .
-كۈڭلۈڭنى بۇزما ئەدىبە ،مەن سېنىڭ يىقىن دوستۇڭ .بىلىمەن سەن بەك ياخشى قىز ،شۇڭا سەن تۇرمۇشتىكى بەزىبىر قانۇنىيەتلىك ئىشلارنى ئۆزۈڭگە بىسىم قىلىۋالمىغىن . كىيىن توي قىلساڭ قىيناناڭنى چوڭ كۆرۈپ ئۇنى ئۆز ئاپا قىلىۋالساڭمۇ ئوخشاش .-دىدىمەن ئۇنىڭ ياش ئەگىپ قالغان يوغان بىر جۈپ چىرايلىق كۆزلىرىنى سۈرتىۋىتىپ .
-سەن بەك كۈڭۈل ئىستەيسەن جۇمۇ ،-دىدى ئەدىبە ،-سەنلا پەقەت مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنىسەن ،شۇڭا سېنىلا ئىزدىگۈم كىلىدۇ ئەمەسمۇ ،-قورقۇسۇڭ تويدىمۇ ،باشقا بىرەر نەرسە يەمسەن ؟
-ياق يىمەيمەن ،يۈرە چىقايلى .
                                                                           داۋامى بار .
ئىجادىيىتىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ،باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەڭ .

بىر كۈنلەر كىلۇر،گۈللەر ئاچىلۇر،ئويغۇر ئەيىۋى ،شۇندا ياپىلۇر.

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-26 11:24:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 1129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19429
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 12:03:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام مىنى تۇغۇپلا ئاق يۆگەككە يۆگىگەن،
ئۆمرى بولسۇن دەپ قويۇپ بەختى بولسۇن دىمىگەن.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34651
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2011-3-21
ئاخىرقى: 2011-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 02:28:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان  چىقار  ئەمدى  ؟   ئېشىمىز  يوق  ساقلايمىز   ،  تېرشىڭ  ياخشى  يېزىلىپتۇ  ،  مەن  ھەممىنى   ئوقۇپ  بولۇپ  ئاندىن  باھا  بىرەي   [s:145]  [s:145]  [s:145]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22205
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6304
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 03:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنامىز.......تېزراق يوللارسىز  [s:182]

sinig awazig tuman mig nawa kuylarnig arsidimu uzgiqa ham uzulmas sada supitida kadirlik tur.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7345
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7229
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 04:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللارسىز كۈزۈم تىشىلىپ كەتمىسۇن يەنە [s:166]

بۇكۈنلەمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ

بالام،مەن يىنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4921
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9719
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 5982 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 05:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي.

ئاۋال بىلىپ ئاندىن سۆزلە،ئالتۇن تېپىپ ئاندىن خەجلە.

ئەتىۋار

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34326
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4056
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2011-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-27 10:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان يىزىلىپتۇ. قولىڭىزغا دەتبەرمىسۇن. [s:166]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34115
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2011-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-28 12:23:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىغا تەشنامىز تىزراق يوللاسىز .                        

ئانا دەك ئۇلۇغ ئىنسان نەدە بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4542
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2382 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2011-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-29 12:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا ئەسەرنى كۆپرەك يېزىپ بىراقلا يولىمايدىغانسىلەر > مەن شۇنداق بولۇشىنى بەك ئۈمۈت قىلىمەن . ھەممە توردىكى ئەسەرلەر يېرىم يادى قايسىنى ئوقۇپ قايسىنىڭ قايسى يېرىگە كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن بىزنى شۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان كەڭ ئەسەر يازغۇچىلارنىڭ بۇ نۇقتىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . بۇ پەقەت بىت كىچىككىنە تەكلىپ پىكىر باشقىچە ئويوم يوق ، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىپتىكەن ئاخىرىنى ئوقۇيالماي ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .

سىرداش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش