مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7756|ئىنكاس: 141

ئـېـرىمنىـىڭ كـۈنـدىـلىك خـاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 03:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئـېـرىمنىـىڭ كـۈنـدىـلىك خـاتىرىسى



( ھېكايە )

كەپسىز پەرىشتە

كىچىكىمدە  چوڭلارنىڭ (( نىكاھ غايىپ ، نىكاھنىڭ مەرى ئىسسىق ...)) دىگەن گىپىنى تولا ئاڭلايتىم ، ئەمما ئۇ گەپنىڭ  مەنىسىنى پەقەت چۈشەنمەيتىم . مانا ئەمدى بۇ گەپنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتتىم . بۇرۇن كىشلەردىن، پالانى ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان بىرى بىلەن توي قىپتۇيەي ، پۇكۇنى ئۆيدىكىلىرى تۇنۇشتۇرغان ئادەم بىلەن توي قىپتۇ ....دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم بىر قىسىملا بوپ قالاتتى ، مەن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن توي قىلمىسا ، ئۇنداق كۆرۈشۈپ باقمىغان ، ناتۇنۇش ئادەم بىلەن قانداقمۇ بىر ئۆيدە ياشىغىلى بولسۇن دەپ ئويلايتىم .لىكىن ھايات ئاجايىپ بولىدىكەن ، ھەممە ئىش سىز ئويلىغاندەك بولىۋەرمەيدىكەن .ھايات سىز بىلەن بىزگە باقمايدىكەن .بىزلەرگە پىشانىمىزگە پۈتۈلگىننى كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوقكەن .
مانا ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ئاران تەستە ماقۇل بۇلۇپ، ئەلى بىلەن توي قىلغىنىمغىمۇ ھەش - پەش دىگۈچە ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ .
ئەلى خېلى كۆپ ئوقىغان بولغاچقىمىكىن بىر ئىشلارغا ئاڭلىق ، توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ .  ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپلا توي قىلغان بولساقمۇ ، خۇددى نەچچە يىل ئارلىشىپ توي قىلغانلاردەكلا چىقىشىپ كەتتۇق . شۇڭا بۇ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىننىمۇ تۇيماپتىمەن ، ئىشقىلىپ ئۇ بەك ياخشى ئەر ھەم بىر ياخشى دادا .
قىزىم ساباھەتكە قورساق كۆتۈرگەن چېغىمدا ، ئۇ شۇنداق خوشال بوپ كەتكەنىدى ، ھەم ماڭا ئىلگىركىدىنمۇ بەك كۆيۈنۈنىدىغان بۇلۇپ كەتتى ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن شۇنداق تەسىرلەنگەن ئىدىم .شۇندىلا نىكاھنىڭ مەرى ئىسسىق دىگەن گەپنى ھەقىقي چۈشەنگەندەك بولدۇم .
ئەينى چاغدا سىزىكىم شۇنداق قاتتى تۇتاتتى ، ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى يىگۈم كىلەتتى ، ئەمما شۇ نەرسىلەر ئالدىمغا كەلگەندە بولسا قۇرۇق ھۆ بۇلۇپ ، خېلى ئۇزۇنغىچە كۆڭلۈم ئېلىشاتتى ، تاماقتىمۇ بەك قىينالغان ئىدىم ، شۇنداق بولسىمۇ ئەلى ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ ، ئامال بار كۆڭلۈم تارتقاننى ھازىرلاشقا تىرىشاتتى ، شۇ كۈنلەردە توي قىلسا بۇنداق ياخشى بولىدىغانلىقىنى ، ئېرى بولسا  كۈيۈنۈش ، قەدىرلىنىشكە ئېرىشىدىغانلىقىنى
ئەرنىڭ ، ئايالغا نىسبەتەن چوڭ بىر يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم .
ئاي كۈنۈم يېقىنلاپ ، قىزىم ساباھەت ئاخىرى تۇغۇلدى . ئەلى قىزىمىزنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭغا  قوساق كۆتۈرگەن چاغدىكىدىنمۇ بەك خۇش بوپ كەتتى ھەم قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى :
- رەھمەت زۇلپىيە ، كۆپ جاپا چەكتىڭىز ، مەن ئۈچۈن ئوماق بىر قىزنى تۇغۇپ بەردىڭىز ، مەن بۇنىڭدىن بەك خوش ....
- مەن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم ، رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، دېدىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .
گەرچە ئەلى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلمىغان بولساقمۇ ، ئۇ ئەرلىك ، دادىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا تىرىشاتتى ، ھەم ماڭا ۋە قىزىمىز ساباھەتكە بەك كۈيۈنەتتى ، ئۇنىڭدىن سىرت ، مىنىڭ ئۆيۈمدىكىلەرگە ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىمغا خۇددى ئۆز ئاتا - ئانىسا ، ئۆز ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .شۇڭا مەن ئەلىدىن بەك رازى ئىدىم .
بەزىدە ئويلاپ قالاتتىم ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىرىگە ياتلىق بولغان بولساممۇ ئەلىچىلىك يا قىلالايتى يا قىلالمىغان بولاتتى ...
شۇنداق قىلىپ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز داۋاملاشماقتا ئىدى ، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەلى تۇيۇقسىز مىنى چاقىرىپ ، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلماقچى ئىكەنلىكىنى ، دوستلىرى بىلەن ماشىنا سودىسى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ئېيتقان بۇ گىپىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدىم :
- نىمىشقا بىر ئوبدان خىزمەتنى تاشلاپ تىجارەت قىلماقچى بوپ قالدىڭىز ؟ سىز تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئانچە بىلمىسىڭىز ؟.....
- قاراڭ زۇلپىيە ، ھازىر بىز ئۈچ جان كىيىنچە خۇدايىم بەرسە بۇدرۇققىنە ئوغۇلدىن بىرنى تۇغسىڭىز تۆت بولىمىز بۇ ئازغىنە مۇئاش بىلەن سىلەرنى قىيناپ قويغۇم يوق ، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ كۆپ رەك پۇل تېپىپ بىز ۋە كەلگۈسى بالىمىز ئۈچۈن ئانچە مۇنچە بىر ئىشلارنى قىلۋالمىسام ، ئەتە - ئۆگۈن قېرىغاندا پۇل تېپىش تەسكە چۈشىدۇ ، ئۇ چاغدا بالىلىرىم مەندەك بۇلۇمسىز ، دادىسى بولغانلىقىدىن ئۈكۈنسە بولمايدۇ ، شۇڭا سىلەرنى تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەن تىجارەت قىلاي دەيمەن ، سىز ئەنسىرىمەڭ ، ھازىرچە شۇ ساھەدىكى دوستلىرىم بىلەن بىر مەزگىل بىللە يۈرۈپ ، بۇ تىجارەتنىڭ يولىنى بىلىۋېلىپ ، ئاندىن ئۆزۈم ئۆز ئالدىمغا قىلىمەن .....دەپ بىر مۇنچە چۈشەندۈردى ، شۇڭا مەنمۇ ئويلىنىپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى چۈشىنىپ ئۇنى قوللىدىم ۋە ئۇنىڭغا مەدەت تىلىدىم .
*                                        *                                    *                            *                           *
قىزىم ئاستا - ئاستا چوڭ بۇلىۋاتاتتى ، بىر كۈنى ئۇنىڭغا تاماق بىرىپ ئولتاسام ، ئۇ دا...دا....دادا...دىدى ، شۇنداق خۇش بۇلۇپ ، قىزىمنى يېنىش - يېنىشلاپ سۈيۈپ ، باغرىمغا بېسىپ كەتتىم ، بۇ خوشخەۋەرنى ئەلىگە يەتكۈزەي دەپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم (ئۇ ماشىنا سودىسى قىلىمەن دەپ ئۆيدە بەك تۇرۇپ بولالمايتى ، سىرتلاردىلا يۈرەتتى).
- ئەلى ، قىزىمىز دادا دىدى ، ئۇنىڭغا تىل چىقىپتۇ ، ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟....
- راسما ؟ ئۇ راست ، دادا دىدىما ؟ ئۇمۇ خۇشال بولغان ھالدا سۆزلەپ كەتتى .
- راست ، ئەلى ئۇنىڭغا دادا دەپ تىل چىقىپتۇ ، بەك خۇش بولىۋاتىمەن ، سىرتتىكى ئىشڭىز تۈگىسە ئۆيگە تېزرەك قايتىپ كىلەمسىز ؟
- ئەلۋەتتە ، قىزىمغا ئاران تىل چىققان تۇرسا ، يەنە تېخى دادا دەپ] تىل چىقىپتۇ ، شۇڭا ئۆيگە قايتمىسام قانداق بولىدۇ ، زۇلپىيە مەن ھازىرلا بارىمەن ...
ئەلى ئىشكتىن كىرىپلا ، قىزىم ساباھەت مانا مەن دادىڭىز كەلدىم ، ئەمدى يەنە دادا دەپ چاقىرىڭە دەپ ساباھەتنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنى ئەركىلەتتى ،
- دا...دا ....دادا ......
- ئاپپاق قىزىم راسلا دادا دەپ چاقىردىڭىزغۇ ، يەنە بىر چاقىرىڭە ........
دادا - بالا ئىككىسى شۇنداق قىزغىن ئويناۋاتاتتى ، ئۇلارغا قاراپ مەسلىكىم كەلگەن ھالدا ئويلىدىم ، نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ ئەرلىرى ئۇلارنىڭ قىز تۇغقانلىقىدىن نارازى بۇلۇپ ، خېلىغىچە بالىلىرىنى قۇچىقىغا ئېلىپمۇ كۆتىرىپ باقماپتىكەن ، ئەمما ئەلى دوختۇرخانىدىلا ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ مەڭزىگ سۆيگەن ئىدى ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ دادا دەپ چاقىرغىنىدىن بەكلا خۇش بوپ كىتىۋاتىدۇ ، شۇلارنى ئويلىسام ئەلىگە ياتلىق بولغانلىقىمدىن بەك خۇش بولىمەن .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، ئەلىمۇ تىجارىتى بارغانسىرى كېڭىيىپ ، ئىشلىرى روناق تېپىپ ، ماشىنا سودىسىغا كىرىشىپلا قالغان ئىدى ، شۇڭا يېقىندىن بۇيان ئۆيدە بەك تۇرۇپ بولالمايدىغان ، ئۇيان - بۇيان قاتراپ يۈرۈيدىغان بوپ قالدى . بەزىدە تېخى ئۇ شەھەر ، بۇشەھەر قاتراپ ئۆيگىمۇ قايتمايدىغان كۈنلىرى ئاز ئەمەس ئىدى . لىكىن مەن ئەلىگە ئىشەنگەچكە ئۇنىڭدىن قەتئىي گۇمانلانمايتىم ، ئۇ سىرتتا قۇنۇپ قالماقچى بولسا ئۆيگە تېلىفۇن بېرىپ مىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاچ قىزىمىزنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلىۋالاتتى ، ئۇنى توختىماي دادا دىگۈزەتتى .
مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئۆيدە قونغان كۈنىدىن سىرتتا قونىدىغان كۈنلىرى كۆپلەپ قېلىۋاتاتتى ، ئۇ ئۆيگە كەلسىمۇ ئالدىراش ، ئالدىراش ، يەنە چىقىپ كېتەتتى ، شۇڭا بالام ئىككىمىز يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدۇق .ئەمما قىزىم ھازىر ئاپا دەپمۇ چاقىرالايتى ، شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭدىن خوشال بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا توختىماي گەپ ئۈگىتىپ ، ئەلىنىڭ ئۆيگە قايتمايۋاتقانلىقىنىمۇ ئانچە كۆڭلۈمگە ئېلىپ كەتمەيتىم .
ئەلى يېقىندىن بۇيان سەل غەلىتە بۇلۇپ قالغانىدى ، ئۆيگە كىلىپلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزى كىتاپ ئوقۇيدىغان ئۈستىلىدە بىر نىمىلەرنى يازاتتى ، مەن كىرسەم دەرھال توختىتىۋالاتتى ، مەنمۇ ئاستا چىقىپ كىتەتتىم ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم .
يېقىندىن بۇيان ئۇ سىرتقا تولا قاترىمايدىغان بۇلۇپ قالدى يۇ ، لىكىن ياتاق ئۆيگە كىرىۋېلىپ توختىماي بىر نىمىلەرنى يازاتتى ، ئادەتتە ئۇ ئۈستىلىگە مۇھىم ماتىرىيال قاتارلىقلارنى سالىدىغان بولغاچ ئۇنىڭغا قۇلپا سالاتتى ، لىكىن ئاچقۇچىنى مەن بىلىدىغان يەرگە قۇياتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگەچ ، ھەم ئۇنى ھۆرمەتلىگەچ ئۇنىڭ تارتمىسىنى ئاختۇرۇپ باقمايتىم ، ئۇمۇ ماڭا ئىشىنەمدىكىن يا تارتمىسىغا چېقىلمىغىنىمنى بىلگىنىدىنمىكىن ئىشقىلىپ تارتمىنىڭ ئاچقۇچىنى تىقىۋالمايتى  ، كۈنلەر ئۇنىڭ بىر نىمىلەرنى يىزىشى بىلەن داۋاملاشماقتا ئىدى ، بۇ كۈنلەر ئۇزارغانسىرى ئۇ يىزىۋاتقان نەرسە مىنى قىزىقتۇرماقتا ھەم گۇمانلاندۇرماقتا ئىدى ....
ئەلى يەنە شۇنداق سىرتلارغا قاتراپ يۈردى ، يېقىندىن بۇيان ھېلىقى سىرلىق خاتىرىگە بىر نىمىلەرنى يازغىننى كۆرمۈدۈم ،ھەم ئۇ يازغان نەرسىلەرنى بەلكىم قىلىۋاتقان سودىسى توغرىسىدىكى ئىشلار بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . شۇڭا ئۇنىڭغا ۋە ھېلىقى خاتىرىگە بولغان گۇمانىمنى ئاللىقاياقلارغا چۆرۈۋەتكەن ئىدىم . قىزىم ئىككىمىزنىڭ يالغۇزلۇق كۈنلىرى يەنە داۋام ئەتمەكتە ئىدى ....
بىر كۈنى ئەلى سودا ئىشى بىلەن شاڭخەيگە بارىدىغانلىقى شۇڭا ئانچە - مۇنچە سەپەر ھازىرلىقى تەييارلاپ بېرىشىمنى ئېيتىپ قىزىمىزنى ئەركىلىتىپ قالدى ، مەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭغا لازىملىق نەرسىلەرنى تەييار قىلدىم ۋە بىردەمدىلا ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم ، ئۇ قىزىمىزنى تويماي سۆيۈپ ،
- تاتلىق قىزىم مەن سەپەرگە ماڭدىم ، ئاپىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئوبدان ھەمرا بۇلۇڭ ، مەن تېزلا قايتىپ كىلىمەن ، كىلەشىمدە ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا ئوبدان سوۋغا ئالغاچ كىلىمەن .....دىگىنىچە قىزىمىزنى يەنە بىر نەچچىنى سۆيۈپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى . مەن ئۇنى ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغىچە چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا قىيماي قاراپ :
-ئەلى ، ساباھەتنى ئېلىپ بېكەتكە چىقايلىمۇ ، سىزنى ئايرودرۇمغىچە ئۇزىتىپ قوياي ...
-بولدى زۇلپىيە ، ئاۋارە بولماڭلا ، مەن بىر نەچچە كۈندىلا قايتىپ كىلىمەن ،ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ ئېپ قويغان ، بارساملا يۈرۈپ كىتىمەن . بۇ يا مىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەپىرىم بولمىسا ،شۇڭا ئەنسىرىمەڭ سىلەرنى ئاللاغا تاپشۇردۇم دىگىنىچە ئىشىكتىن ئۇزىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاق يوللار تىلەپ ، ئۇنى ئالاھقا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ، ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ قارىسى يىتكەندىلا ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .
قىزىمغا ناشتىلىق بېرىپ ئەمدىلا ئۇنى ئوينىتىپ تۇرسام تۇيۇقسىز تېلىفۇن جىرىڭلىدى . ئەلى ، دىگىنىمچە دەرھاللا تېلىفۇننى ئالدىم .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۇلپىيە ، بۇ مەن ئەلى ..
-ھە ، مەنمۇ سىزمىكىن دىگەن ، قانداق بېرىپ بولدىڭىزمۇ ؟
- شۇنداق سەھەردە چۈشكەن ، ياتاققا ئورۇنلىشىپلا تېلىفۇن قىلىشىم ، قىزىم ئىككىڭلار ياخشى تۇرغانسىلەر ؟سىلەرنى بەك سېغىندىم ...
- ۋىيىي دەپ كەتكەن گىپىنى ، تېخى تۈنۈگۈنلا خوشلىشىپ بۈگۈن شۇنداق سېغىنىپ كەتتىڭىزما ؟ ئالدامچى ...ئۇنىڭغا نازلىق ئەركىلىدىم.
- راست ، ئىشەنمەمسىز ، سىلەرنى راستىنلا سېغىندىم ....
- ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن ، سىز بىلەن چېقىشىپ قويدۇم ، بىز ئىنتايىن ياخشى ، بىزدىن ئەنسىرىمەڭ دادىسى ...
-تېلىفۇننى قىزىمىزغا بېرىڭە ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالاي ...
- دادا.....ساباھەت ھازىر دادا دىگەن گەپنى تۇلۇق دىيەلەيدىغان بولغان ئىدى .
- ئوۋ ، تاتلىق قىزىم ، سىزنى بەك سېغىندىم...
- دادا .......
تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئۇنىڭدىن سورىدىم :
- ئەلى ئۇ يەردىكى ئىشىڭىز قاچان تۈگەيدۇ ؟ قاچانراق يولغا چىقىسىز ؟
- ھازىر بىلمەيمەن زۇلپىيە ، ئامال بار ئىشىمنى تېزراق تۈگىتىپ قايتىمەن ، مەندىن ئەنسىرىمەڭ ، مەن يەنە تېلىفۇن قىلىمەن ، ئىش بولسا تېلىفۇن قىلىڭ !
تېلىفۇن قۇيۇلدى ، مەن تېخىچە تېلىفۇننى قۇلىقىمغا تۇتۇپ تۇراتتىم ، دۇت .دۇت ...تېلىفۇننىڭ ئۈزۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا ئۆزۈمگە كەلدىم .
چۈشتىن كىيىن ساباھەتنى ئەمدىلا ئۇخلىتىپ تۇرسام تېلىفۇن يەنە جىرىڭلىدى ، قىزىمنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ دەرھال بېرىپ تېلىفۇننى ئالدىم .تېلىفۇننى ئەلى ئۇرغان ئىدى . ئۇ ماڭا ئۆزى ئېلىپ ماڭغان كارتىدىكى نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلنىڭ يەتمىگەنلىكىنى ، ياتاق ئۆيدىكى ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدا تىجارەت قىلىپ ئالغان پايدىسىنى يىغىپ قويغان يەنە بىر ئايرىم كارتىسى بارلىقىنى ئۇ كارتىدىن ئىككى يۈزمىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ ئۇنىڭغا سېلىپ بېرىشىمنى ئېيتتى .
مەن ئەڭ يېقىن دوستۇم گۈلزىباغا تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىلىشىنى ئېيتتىم . گۈلزىبا مەن كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ ، ھەتتا بىر يوتقاندا يېتىپ دىگىدەك چوڭ بولغان يېقىن دوستۇم ئىدى .ئۇنىڭغا قانداق ئىچ سىرىم بولسا ئېيتاتتىم ، ئۇمۇ ماڭا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ بېرەتتى ، بىز سىر يۇشۇرمايدىغان دوستلاردىن ئىدۇق ،شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتىم .
ئۇ توي قىلغاندىن كىيىن خىزمىتى تېخىچە رەسىملەشمىگەچكە خىزمەتنى تاشلىۋەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئېرى دىلمۇرات بولسا بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەن بۇلۇپ ، ئۇ ئۆيىدە قېينئانىسى بىلەن يالغۇز ئىدى ، شۇڭا ئۇ خالىغان ۋقتىدا سىرتلارغا چىقىپ كىرەلەيتى . ئۇنىڭ قېيىنئانىسىمۇ بەك ئوڭلۇق ئايال بولغاچقا ئۇنى ئېرى يوق ، ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ پات -پات سىرتقا چىقىپ كىرىشكە دەۋەت قىلاتتى .مىنىڭ بولسا يالغۇزلۇقۇمدا ماڭا ھەمرا بولغىدەك ، مىنى سىرتقا چىقىپ كىرىشكە دەۋەت قىلغىدەك نە قېيىنئانام ، نە قېينئاتام يوق ئىدى ، شۇلارنى ئويلىسام گۈلزىبانى گەرچە تېخىچە بالىلىق بولمىغان بولسىمۇ ئۆزۈمدىن بەخىتلىكتەك ھېس قىلاتتىم . ئۇ تېخى ماڭا سەن بەك بەخىتلىك ، قېينئاتا - قېيىنئاناڭنىڭ جاپاسىنى تارتمىدىڭ دەيتى......
گۈلزىبا بىردەمدىلا كىلىپ بولدى ، ئۇنىڭغا ئەلىگە پۇل سېلىپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى ، ساباھەت بىلەن بېرىپ پۇل ئېلىپ سېلىشنىڭ قولايسىزلىقىنى شۇڭا ئۇنى چاقىرتقىنىمنى ئېيتتىم . گۈلزىبا ماڭا ،
- ماقۇل ئاداش ، لىكىن پۇلنى ئۆزۈڭ سال ، مەن ساباھەتكە قاراپ تۇراي ، بۇ جىق پۇلنىڭ ئىشىكەن ، مەن قىلالمايمەن، دىدى .
- ساراڭدەك گەپ قىلمىغىنە ، ساڭا ئىشەنمىسەم سىنى چاقىرامتىم ، بىز دىگەن يۆگەكتىكى دوستلاردىن تۇرساق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنى بىر قوساق تۇغقىنىمدىنمۇ چارە كۆرىمەن ، باشقىلارمۇ بىزنى بىر قوساق ئاچا - سىڭىللارمىكىن دەپ قالىدىغان تۇرسا ، ساڭا ئىشەنمەسلىكىم مۇمكىنمۇ ، ھەم سىنىڭمۇ ماڭا خىيانەت قىلىشىڭ مۇمكىنمۇ ؟...
- ئۇغۇ شۇ ئاداش ، لىكىن بۇ جىق پۇلنىڭ ئىشى بولغاچ سەل ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن ...-
ھە، بولدى بولدى ، جىق گەپ قىلماي تېز ماڭ ، پۇلنى سېلىۋېتىپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەل ، ساڭا ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ تۇرىمەن .
گۈلزىبا بانكىغا ماڭدى ، مەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ بايام كارتىنى ئېلىپلا ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى تاقىمىغانلىقىم ئېسىمگە كىلىپ ، ئۈستەل يېنىغا كەلدىم .

ئۈستەل تارتمىسىدا بىر دانە قېلىن قاتتىق تاشلىق خاتىرە ۋە بىر تال قەلەم ، يەنە بىر نەچچە تال تالونغا ئوخشاش نەرسىلەر بار ئىدى .خاتىرىگە قارىدىم ،
ئۇنى ئېلىپ كۆرۈپ باقايمۇ دەپ ئويلىدىم ، لىكىن يەنىلا ئەلىگە يۈز كىلەلمىگەندەك بوپ قالماي ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك بۇلۇپ قالماي دەپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم . تارتمىنى يېپىۋەتمەكچى بۇلۇپ ، تۇيۇقسىزلا شۇنى ئويلىدىم ، مەن ئەلىنىڭ قانۇنلۇق خۇتۇنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇش ھۇقۇقۇم بار تۇرسا يەنە نىمىگە ئىككىلىنىمەن دىگخنىمچە خاتىرىنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاچتىم .
خاتىرىنى ئېچىپلا خاتىرىنىڭ بىرىنجى ئاق بېتىگە يىلغان مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى :
‹‹ مەن ئايالىم زۇلپىيە ۋە قىزىم ساباھەتكە يۈز كىلەلمەيمەن ، مەن ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىم . لىكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى سۆيىمەن !››
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ئىسسىق ياش سىرغىدە ۋە ئۇنىڭ قىزىم ئىككىمىزگە قانداق ساداقەتسىزلىك قىلغىنىغا قىزىقتىم ، مىنۇت ئىچىدە كاللامدىن نۇرغۇن خىياللار يالت قىلىپ ئۆتتى . ئۆز - ئۆزۈمگە ، ياق زۇلپىيە ، سەن ئەلىگە ئىشەن ئۇ سەن ئويلىغاندەك ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ ، ئۇ ئۇنداق ئەرلەردىن ئەمەس . ئۇ ساڭا ۋە بۇ ئۆيگە سادىق... دەپ پىچىرلىدىم .
خاتىرىنى ۋاراقلىدىم .
* * * * *
& ئاينىڭ & كۈنى
بۈگۈن مەن ئايالىم ۋە قىزىم بىلەن خوشلىشىپ دوستۇم ئادىل بىلەن ئۈرۈمچىگە سودا قىلغىلى ماڭدۇق .
بىز ئۇ يەردە سودىمىزنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆيدىكىلىرىمىزگە ئانچە مۇنچە سوۋغا سالاملارنى ئالغاندىن كىيىن قايتىشنى ئويلىدۇق . ئادىل ماڭا :
- ئاداش ، بۇ ماشىنىدا ئىككىمىز يالغۇز ماڭساقمۇ زېرىكىپ قالىدىكەنمىز ، كىلىشتە زېرىكىپ ئاران كەلمىدۇقمۇ ، شۇڭا بېكەتكە بېرىپ باقايلى ، يۇرتلۇقلىرىمىز بولسا بىر ئىككىنى ئالغاچ كەتمەيمىزمۇ ساۋاپ بوپ قالا ، دىدى .
ئويلاپ باقسام توغرا ، ماشىنا مەندىن باشقا تۆت كىشلىك ، ئەمما ھازىر ئادىل ئىككىمىزلا بار ، يەنە ئۈچ ئادەم سېلىۋالساق ھەم زېرىكمەيمىز ، ھەم ئۇلار يۈز نەچچە يۈەندىن كىرا پۇلىنى تېجەپ قالىدۇ ئەمەسمۇ .ساۋاپلىق ئۈچۈن بولسىمۇ بېكەتكە بېرىپ بىزنىڭ يۇرتقا ماڭغانلار بولسا ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ بېكەت تەرەپكە ماڭدۇق .
بېكەتكە بارساق ئادەم بەك كۆپ ، قىستا - قىستاڭ بوپ كىتىپتۇ . ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى ئەمدىلا تەتىل قويۋەتكەن مەزگىل بولغاچ شۇڭا شۇنداق ئادەم كۆپ ئىدى.
ئادىل ئىككىمىز بىردەم نىمە قىلارىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قالدۇق . تۇيۇقسىز بىرىنىڭ سىز ئادىلجان ئاكام شۇمۇ ؟ دىگەن ئاۋازى بىزنى چۆچۈتتى ، ئادىل ئىككىمىز تەڭلا ئارقىمىزغا بۇرۇلدۇق . كەينىمىزدە 20 ياشلار چامىسىدىكى ئاددى سادا كىيىنگەن ئەمما مەرى ئىسسىق ، بىر قاراشتىنلا كىشىگە ياخشى تەسىر بېرىدىغان بىر قىز بىزگە قاراپ تۇراتتى .ئادىل تازا ئىسىگە كىلەلمىگەندەك ئۇ قىزغا قاراپ ئەجەپلىنىپ سورىدى :
- سىز...؟
- مەن سىڭلىڭىز زۇلخۇمارنىڭ يېقىن دوستى بولىمەن ، ئىسمىم خاسىيەت .
ئادىل بىر نىمىلەرنى ئازراق ئىسىگە ئالالىغاندەك قىلاتتى .
- ھە ، خاسىيەت بۇ سىزمۇ ؟ ئەجەپ چوپچڭلا بوپ كىتىپسىز ، قىز بالا دىگن بەكلا تېز ئۆزگىرەيدىكەن ، مانا نەچچە يىلدىدىلا تۇنۇغۇسىز ئۆزگىرىپ كىتىپسىز ، كىچىكىڭىزدە بىزنىڭ ئۆيگە پات - پات كىلەتتىڭىز شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق ئادىلجان ئاكا ، مەن كىچىكىمدىنلا زۇلخۇمار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم ، ھەم مەكتەپتىمۇ بىرگە ئوقۇدۇق ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئۆيگە تولا باراتتىم .ئاخىرى ئىسىڭىزگە ئالالىدىڭىز ھە ؟بۇ يەردە بىرەر تۇنۇشۇمنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، ئادەم بۇ ناتۇنۇش شەھەردە بىرەر يۇرتدىشىنى كۆرسە خۇددى يېقىن ئۇرۇق تۇغقىننى كۆرگەندەك خۇش بوپ كىتىدىكەن دېسە ....
- شۇنداق سىڭلىم ، مانا بىزمۇ بۇ ناتۇنۇش شەھەردىن يۇرتداشلىرىمىز ئۇچراپ قالسا يۇرتقا بىللە ئالغاچ كىتەيلى دەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدۇق . سىزچۇ سىڭلىم بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟
- مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتىمەن ،بىزنى تەتىل قويۋەتكەن شۇڭا يۇرتقا قايتاي دەپ بېكەتكە كىلىشىم ، ئەپسۇس ، بېلەت تۈگەپ كىتىپتۇ ، ئەتە كىلەي دەپ يېنىپ ماڭغان ...
چەتتە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلاشتىم .
- تەلىيىڭىز باركەن سىڭلىم .
تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپتىن ئۇ قىز ۋە ئادىل ئىككىسى تەڭلا ھەيران بۇلۇپ ماڭا قارىدى .
ئادىل شۇئان مىنى ئۇ قىزغا تۇنۇشتۇرۇپ سىڭلىم بۇ يېقىن دوستۇم ئەلى بولىدۇ ، بىز ئۈرۈمچىگە سودا ئىشى بىلەن كەلگەن ، ھازىر سودىمىزنى تۈگىتىپ قايتىپ مېڭىشىمىز ، سىز بىز بىلەن بىللە قايتىڭ ، ماشىنىدا ئەلى ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ، بىزمۇ شۇ يۇرتتىكىلەر بولسا ئالغاچ كىتەيلى دەپ كەلگەن ئىدۇق بېكەتكە ، دەپ قىزغا چۈشەندۈردى .
- راستما ؟ ئادىلجان ئاكا ، راستىنلا مىنى بىللە ئالغاچ كىتەمسىز ؟بايام بېلەت تۈگەپ كەتكىننى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولغانىدى ، يۇرتقا بىر بولسىمۇ بۇرۇن قايتاي دىگەنىدىم ، ئەمدى ياخشى بولدى ....
- ئەلۋەتتە ، باشقىلارنى ئەكەتسەكمۇ ئەكىتىمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۆز سىڭلىم بىلەن ئوخشاش تۇرسىڭىز ، دىدى ئادىل .
- رەھمەت ئادىلجان ئاكا ، قىز خوشاللىقتىن ئىككى مەڭزى قىزارغانىدى .
- سىزنى تىنىچ ئامان يۇرتقا ئاپارغاندىن كىيىن رەھمەت دىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز سىڭلىم .
قىزنىڭ تېلىفۇنى تۇيۇقسىز سايرىدى ، قىز ئىككىمىزگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، بىزدىن سەل نېرىدا تۇرۇپ تېلىفۇننى ئالدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..
-......
- شۇنداق ئاداش ، مەن بېكەتتە ، يۇرتقا قايتىدىغان بېلەت تۈگەپ كىتىپتىكەن ، يۇرتتىكى بىز دوستۇمنىڭ ئاكىسى ماشىنىسىدا بىللە ئەكىتىدىغان بولدى ...
قارشى تەرەپ بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن قىز تېلىفۇننى قولىدا تۇتقىنىچە يېنىمىزغا كەلدى ۋە ئادىل ئىككىمىزگە قاراپ ، يۇرتلۇق ئىككى دوستۇم بار ئىدى ،ئۇلارمۇ بېلەت ئالالماپتۇ ، شۇڭا بىز بىلەن بىللە كەتسە بولامدۇ ، ئۇلارنىمۇ بىللە ئەكىتىڭە ئادىلجان ئاكا ، قىز ئۈمىد نەزىرى بىلەن ئادىلغا باقتى . ئادىل كۈلۈپ تۇرۇپ ،
- ئەلۋەتتە سىڭلىم ، بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ ، بىز بايام سىزگە ئېيتقانىدۇققۇ يۇرتلۇقلار بولسا ئالغاچ كىتەيلى دەپ بېكەتكە كەلدۇق دەپ ...
قىز خوشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى ، ۋە نېرىغا بېرىپ تېلىفۇننى قۇلىقىغا تۇتۇپ بىر نىمىلەرنى دەپ تېلىفۇننى قويدى ۋە يېنىمىزغا كىلىپ ، بىر دەم ساقلاپ تۇرايلى ئۇلار بېكەت دەرۋازىسىدا ئىكەن ، ھازىرلا كىرىدىغان بولدى . بېلەت يوقكەن دەپ ياتاققا قايتىقىلى مېڭىپتىكەن ، مىنى قانداق قىلدىكىن دەپ تېلىفۇن قىلىپ پايدا ئالدى مانا ....ھى ھى ھى ..قىز ئوماق كۈلۈمسىرىدى .
ئادىل ئىككىمىزمۇ مىيىقىمىزدا كۈلۈمسىرەپ قويدۇق .

شۇنداق قىلىپ ئادىل ئىككىمىز ئۇ ئۈچ قىزنى ئېلىپ يۇرتقا قاراپ ماڭدۇق ، كىيىن قۇشۇلغان ئىككى قىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى پەرىدە ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى شەمسىيە بۇلۇپ ، پەرىدە دىگەن قىز قالغان ئىككىسىگە نىسبەتەن مودىراق ، ئۈرۈمچى قىزلىرىدەك ياسىنىۋالغان ، تەقى تۇرقىمۇ خېلى جايىدا ، شوخ قىز ئىدى . شەمسىيە بولسا خاسىيەتكە ئوخشاش ئاددى ساددا ، قاراشتىنلا ساددىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ، ئۇچۇق چىراي ، مەرى ئىسسىق قىز ئىدى .
ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققاندا ماشىنىننى مەن ھەيدىدىم ، ئادىل بولسا ئارقىغا قاراپ توختىماي قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ، تاغىن - باغدىن چاقچاقلىشىپ ماڭدى ، ئۇلارنىڭ بەزى گەپلىرىگە مەنمۇ قۇشۇلۇپ كۈلۈپ قوياتتىم.
نەچچە سائەت يول يۈرگەندىن كىيىن قىزلارنى مۈگىدەك باستى بولغاي ، ئۇلار جىمىپ قېلىشىتى ، ئادىلمۇ چارچىغان بولسا كېرەك ، ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئازراق كۆزۈمنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرۋالاي ، ئاندىن سەن ئۇخلىۋال ، ماشىننى مەن ھەيدەي دىگىنىچە ئۇيقىغا كەتتى .
- ئۇيقىڭىز كەلدىمۇ ؟
مەن ھەممەيلەننى ئۇخلاپ قالدى دەپ ئويلىغاچقا تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.
- چارچىغان بولسىڭىز بىر ئاز توختاپ ئاندىن ماڭايلى ، يول ئۇزۇن ...
ئارقىغا قارىدىم ، بۇ شەمسىيە قىز ئىكەن .
- ۋۇي سىز ئوخلىمىغانمىدىڭىز ؟
- ياق ، ئۇيقۇم كەلمىدى ...
- ھە ، ....مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى ، شۇڭا توختىمىساقمۇ بولىدۇ ، يەنە بىردەم ھەيدىسەم ئادىل ئويغىنىدۇ ، شۇ چاغدا بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالساملا بولدى .
- سىز نىمىش قىلىسىز ؟
- مەن ماشىنا سودىسى قىلىمەن .
- ھە ، مۇنداق دەڭ ، ئۈرۈمچىگە سودا ئىشى بىلەن كەلگەنمىدىڭىز ؟
- شۇنداق ، بۇ سودىدا ھېلى ئۇ يەر ، ھېلى بۇ يەر قاتراپلا يۈرۈيدىغان گەپكەن .
بىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئادىل ئويغاندى ، ئۇ
- ئەلى ئەمدى سەن بىر ئاز ئۇخلىۋال، ماشىننى مەن ھەيدەي ، دىدى .
ماشىننى توختاتتىم ، ئادىل ئىككىمىز ئالماشتۇق ، مەن ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىمچە ئۇيقىغا كەتتىم ...بىر چاغدا ماشىنا توختىدى ، كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ سۈزۈلۈپ قاپتۇ . قىزلار تېخىچە ئۇخلاۋاتاتتى ، ئادىل ئىككىمىز ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر تالدىن تاماكا تۇتاشتۇردۇق ، بىز ئاز پەستە تۇرۇپ ماشىنىغا چىقتۇق ، قىزلار ئەمدى ئويغانغانىدى .
- ئادىلجان ئاكا ، كىلەي دىدۇقمۇ ؟ ...خاسىيەت قىز ئادىلدىن سورىدى .
- ھەئە كەلدۇق ، قاراڭلا ئەنە ناھىيە بازىرىغا بىرەر سائەتتە يىتىپ بارىمىز .
بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئادىل ماشىننى توختىتىپ :
- قىزلار ناشتا قىلىپ ماڭايلى ، سىلەرمۇ يۈز - كۆزۈڭلارنى يۇيۇپ ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۋېلىڭلار ، دىدى .
بۇ گەپ قىزلارغا مايدەك خوشياقتى ، ئادىل ئىككىمىز ئاۋال ماشىنىدىن چۈشۈپ ، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتقاچ ئولتۇردۇق .
بىر ئازدىن كىيىن قىزلارمۇ كىرىپ كەلدى ، قىزلارنىڭ بۇنچە چاققانلىقىغا ئىچىمدە ھەيران بولدۇم ، ئۇلار يۈز كۆزلىرىنى يۇيغاندىن سىرت ، گىرىملىرىنىمۇ چېستەي قىلىپ كىرگەنىدى .
تاماق يەپ بۇلۇپ يولنى داۋام قىلدۇق ، ئۇ چاغقىچە ئاللىبۇرۇن تاڭ سۈزۈلۈپ كۈن چىقىشقا باشلىغانىدى .
- تېلىفۇنىڭىزنى ئىشلىتىۋالسام بولامدۇ ؟ سورىدى بىر قىز .
ئادىل ئىككىمىز تەڭلا ئارقىمىزغا قارىدۇق ، قارىسام شەمسىيە دىگەن قىز ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- ئەلۋەتتە بولىدۇ ، مەڭ ، قىزغا تېلىفۇننى سۇندۇم .
قىز تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ بىر نۇمۇرغا تېلىفۇن قىلدى بولغاي ، تېلىفۇننى قۇلىقىغا بىردەم تۇتقاندىن كىيىن ، گەپ قىلمايلا تېلىفۇننى ماڭا سۇندى .
- رەھمەت ، دىدى قىز ماڭا قاراپ .
- ئەرزىمەيدۇ .
...........
-ھە قىزلار سىلەرنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويمىز ؟ سورىدى ئادىل .
- ئادىلجان ئاكا مىنىڭ ئۆيۈمنى بىلىسىزغۇ ، دىدى خاسىيەت.
- ھە بىلىمەن سىڭلىم ، بىز بىللە قايتساق بولغىدەك ، بۇ ئىككى دوستىڭىزچۇ ؟
-مەن ئالدىمىزدىكى يول ئېغىزىدا چۈشۈۋالسام بولىدۇ ، ئۆيۈم ئاشۇ يول ياقىسىدىكى ئولتۇراق رايۇندا ، دىدى ھېلىقى ھەممىدىن مودىراق قىز پەرىدە.
يول ئېغىزىدا پەرىدەنى چۈشۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن توختىدۇق . قىز ئىككى دوستى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كىيىن ئادىل ئىككىمىزگە رەھمەت ئېيتىپ بىز بىلەن خوشلاشتى .
-مانا بىزنىڭ مەھەللىگىمۇ كىپ قالدۇق سىڭلىم ، دىدى ئادىل خاسىيەتكە قاراپ .
ھە راست كەپتىمىز ، ئەجەپ سېغىندىم بۇ مەھەللىنى ......خاسىيەت شۇنداق دىگىنىچە دېرىزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي يولغا قاراپ ئولتۇراتتى .
- ئاداش ، سەنچۇ ؟ نەدە چۈشۈپ قالىسەن ؟ خاسىيەت دوستى شەمسىيەدىن سورىدى .
- مەن ئۆرۈكزارلىق ئولتۇراق رايۇنىغا باراتتىم ، سەن بۇ يەردە چۈشۈپ قالساڭ مەنمۇ چۈشۈپ قالايمىكى ، قىز شۇنداق دەپ دوستىغا قارىدى .
- خاسىيەت سىڭلىم ئىككىمىز مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالىمىز ، ماشىننى ئەلى ئەكىتىدۇ ، ئۇ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويسۇن ، ئەنسىرىمەڭ ، دوستۇم بەك ئىشەنچىلىك .....ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
- بىر كېچە بىللە يول يۈرۈپ كەلگەن ئادەمدىن نىمىشقا ئەنسىرگىدەكمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كۈپكۈندۈز تۇرسا دىدى قىزمۇ بوش كەلمەي .
- ھە ئەمىسە نىمە مەنمۇ مىشەدە چۈشۈپ قالاي دەپ يۈرۈيسەن ئاداش ؟ دىدى خاسىيەت ئەجەپلەنگەن ھالدا .
- شۇ سىلەرنى بەك ئاۋارە قىپ كەتتۇق ، شۇڭا خىجىل بۇلۇپ ....
- ھېچقىسى يوق سىڭلىم ، يۈرۈڭە مەن ئالغاچ كىتەي ، دىدىم قىزغا كۈلۈمسىرەپ .
شەمسىيە دوستى خاسىيەت بىلەن ، مەن ئادىل بىلەن خوشلاشتۇق ، ئۇلار ئۆيگە تەكلىپ قىلسىمۇ ئۆزۈر خاھلىق ئېيتىپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق .
بىر كۈنى بىر سودامنى پۈتتۈرۈپ ئۆيگە كىتىۋاتاتتىم ، تېلىفۇنۇم سايراپ قالدى قارىسام ناتۇنۇشلا بىر نۇمۇر ، ماشىننى ئاستىلىتىپ تېلىفۇننى ئالدىم .(بۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگىنىمگە بىر ھەپتە بۇلۇپ قالغان چاغ ئىدى )
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەلىمۇ سىز ؟
- شۇنداق ، مەن ئەلى ، ئۆزىڭىز ...؟
- بۇ مەن ، شەمسىيە ، ئۇنتۇپ قالدىڭىز ما ؟
تۇنۇشلا بىر ئىسىم ، نەدە ئاڭلىغاندىمەن ....توغرا ، ئۈرۈمچىدىن كىلىشتە ئادىل ئىككىمىز ئالغاچ كەلگەن ھېلىقى قىزلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى شەمسىيە ئىدى ، شۇ قىز
بولسا كېرەك ، ئەمما ئۇ قىز مىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ ؟ ...
- ئەلى بارمۇ سىز ؟ مىنى ئىسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ ؟
- ھە ، مەن بار ، ئەلۋەتتە ئىسىمگە ئالدىم ، سىز ھېلىقى ئۈرۈمچىدىن بىللە كەلگەن قىز شۇغۇ؟
- مىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم ، سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەن شۇڭا تېلىفۇن قىلىشىمتى ، ۋاقتىڭىز چىقامۇ ؟
- بىرەر ئىش بارمىتى ؟
- ياقەي ، بىرەر ئىشمىغۇ يوق ، شۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشاي دىگەن ، ھەقىچان بۇ قىز تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز ، كۆرۈشكەندە
نۇمۇرىڭىزنى قانداق بىلىۋالغىنىمنى دەپ بېرىمەن .
- بولىدۇ ، نەدە كۆرىشىمىز ؟....قىزنىڭ نۇمۇرۇمنى قانداق بىلىۋالغىنىغا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدۇم .
- ‹‹ ئاشىق - مەشۇقلار چايخانىسى ›› غا كىلىڭ ، مەن شۇ يەردە سىزنى ساقلايمەن .
- ماقۇل ، ئەمىسە بارغاندا كۆرىشىلى .
ماشىننى كەينىگە بۇراپ ، قىز ئېيتقان مەنزىلگە قاراپ ماڭدىم ، كىتىۋېتىپ كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار ئەگىمەكتە ئىدى ، ئۇ قىز نۇمۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ
نىمىشقا مەن بىلەن كۆرۈشكىسى كىلىپ قالغاندۇ ؟ .....
‹‹ ئاشىق - مەشۇقلار چايخانىسى ›› غا كىردىم ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى خېلى ياخشى بۇلۇپ ، ئايرىم - ئايرىم ئۈستەللەر ، ئۈستەللەرنى پەقەت چوڭ - چوڭ گۈللەرلا ئايرىپ تۇراتتى ، ئەتراپ ئۇچۇقچىلىق ، دىمەك بۇ يەردە ھەممە بىر - بىرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ، شۇڭا مۇھىتى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ .
قىز ئىشىككە قاراپلا ئولتۇراتتى ، كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، سالام - سائەتتىن كىيىن كىيىن قىز گەپ باشلىدى .
-شۇباشقا ئىشمۇ يوق ، سىز بىلەن كۆرۈشكۈم كىلىپ سىزنى چاقىرتتتىم . دىدى قىز ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ .
- ھە مۇنداق دەڭ ، مەن تېخى مىنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىدىمىكىن دەپتىمەن .
- راست گەپنى قىلسام سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغۇم بار ، ئۈرۈمچىدىن كەلگەچ سىزگە سەپسالدىم ، مىجەزىڭىز ئېغىر بېسىق ، ئىسىلكەن ، سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم ....
قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئوڭايسىزلاندىم ، قىزنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ :
- بىز تۇنۇشۇپ بولدۇققۇ ، سىزمۇ ياخشى قىزكەنسىز ، مەنمۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، دىدىم .
- راستما ؟
قىز ئىچ - ئىچىدىن خوشال بولغاندەك قىلاتتى ، مەن ئۇنىڭغا ئۇ گىپىمنىڭ بۇنداق تەسىر قىلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن ، ئۇ گىپىمنى قىز خاتا چۈشىنىۋالدى بولغاي .....
- ئەمدى دەپ بېرەي ، ھېلىقى چاغدا تېلىفۇنىڭىزنى سورىغاندا ئۆزۈمنىڭ تېلىفۇنىغا ئۇرۇپ نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۋالغانتىم ..
- ھە ، ئەسلى مۇنداقكەندە ، مەن تېخى نۇمۇرۇمنى قانداق بىلگەندۇ دەپ ھەيران قاپتىمەن .
- سىزدىن سوراپ باقاي ، بىز دوست بولساق بولامدۇ ؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم ، ھەي ، دەسلەپتىلا قىزغا كىلەلمەيمەن دېسەم بوپتىكەن ، نىمىشقىمۇ كەلگەندىمەن دەپ ، بۇ يەرگە كەلگىنىمگە پۇشايمانمۇ قىپ قالدىم ...
-گەپ قىلمايسىزغۇ ، مەن بىلەن دوست بۇلۇشنى خالىمامسىز ؟
- ياقەي ، خالايمەن ، ئەلۋەتتە خالايمەن ، كەچۈرۈڭ ھە مەن باشقا ئىشنى خىيال قىپ قاپتىمەن . قىزغا شۇنداق چۈشەنچە بەردىم .
قىز توختىماي گەپ قىلۋاتاتتى ، ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى ، پۈتۈن خىيالىم ئۆيدىكى مىھرىبان ئايالىم زۇلپىيە بىلەن ئەمدىلا دادا دەپ تىل چىققان قىزىم ساباھەتتە ئىدى . ..
قىز مىنىڭ پەرۋاسىز ئولتۇرغىنىمدىن خىجىل بوپ قالدىمۇ قانداق ، گىپىنى تۈگىتىپ قايتىشنى ئېيتتى ، مەنمۇ سەت تۇرمىسۇن دەپ ئۇنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قۇيۇپلا ئۆيگە ماڭدىم ، بىز يولدا ماڭغاچ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق ، پەقەت قىز ماشىنىدىن چۈشىدىغاندا ماڭا قىيمىغاندەك قاراپ ،
- بۈگۈن مەن بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزغا رەھمەت ، مەن يەنە تېلىفۇن قىلىمەن ، مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ...دىگىنىچە ماشىننىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە قالدى .
ئۆيگە كىتىۋېتىپ قىزنىڭ ماڭا قىلغان ھەربىر مەنىلىك گەپلىرىنى ئويلىدىم ، شەمسىيە مىنىڭ ئائىلەم بارلىقىنى بىلمەيدىغانمىدۇ ، ياكى بىلسىمۇ مىنى گەپكە سېلىپ ئوينىتىپ باققىسى بارمىدۇ ؟ ....شۇلارنى ئويلىدىم ، ئۇ قىزنىڭ تۇرقىدىنغۇ ئەرلەرنى ئازدۇردىغاندەك قىلمايدۇ .
* * * *
& ئاينىڭ & كۈنى (ئالدىنقى قېتىم ئۇچرىشىپ 2 كۈندىن كىيىن)
سىرتتا سودا ئىشى توغۇرلۇق بىر نەچچەيلەن بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق يەۋاتسام ، تۇيۇقسىز يان تېلىفۇنۇمدىن ،
‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزگە ئۇچۇر كەلدى ›› دىگەن ئاۋا ئاڭلاندى . ئەتراپىمغا ئىتتىك قارىۋەتكەندىن كىيىن تېلىفۇنغىمۇ قارىماستىن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئۇلار بىلەن سودىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا يان تېلىفۇنۇمغا قارىدىم .تۇنۇشلا بىر نۇمۇر ، توغرا شەمسىيەنىڭ نۇمۇرىكەن .
ئۇچۇرنى ئاچتىم :‹‹ ياخشىمۇسىز ئەلى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئىككى كۈن بوپتۇ . ئويلاپ باقسام سىزنى سېغىنىپ قاپتىمەن ......›› ئۇچۇرنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم ، ھەم جاۋاپ ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىدىم .
قىسقا ئۇچۇرلار توخىتىماي كىلىۋەردى ،مەن ئاۋالقىدەكلا ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىرىگىمۇ ئۇچۇر قايتۇرمۇدۇم ، ئەمما شەمسىيە ئىلگىركىدەك ، سىزنى سېغىندىم ...دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشنى توختاتمىدى .
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇ قىزنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرىۋېرىپ ، ئازراق بىزارلىق ھېس قىلغان بولساممۇ ، لىكىن ئۇ قىزغا ، ئۇ قىزنىڭ ماڭا راستىنلا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدىم ، لىكىن كاللامدىن ھېچ ئۆتمەيدىغان يىرى شۇكى ، بىر كۆرۈپلا ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغىنى ، يا ئۇ قىز مىنىڭ پۇلۇمغا كۆز قىزارتىۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم بەزىدە ....
كۈنلەر شۇنداق داۋاملىشىۋەردى ، مەن ئاخىرى بىركۈنى بۇ قىزنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا نىكاھلىق بىر ئەر ئىكەنلىكىمنى ، تېخى ئوماق بىر قىزىمنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىشنى ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم ، قىز خۇددى مىنىڭ تېلىفۇن قىلىشىمنى ساقلاپ ئولتۇرغاندەكلا تېلىفۇننى تېزلا ئالدى ۋە مەن چاقىرتقان ئورۇنغا ھازىرلا كىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
مەن ئەسلى ئۇ قىزنى ئادەم كۆپ ، ئاۋاتراق بىر يەرگە چاقىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ، باشقىلار كۆرۈپ قېلىپ ئۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى ھەم بۇ ئىشلارنىڭ ئايالىم زۇلپىيەنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قېلىشىنى خالىمىدىم . شۇڭا ئالدىنقى قېتىم قىز مىنى تەكلىپ قىلغان ھېلىقى ‹‹ ئاشىق - مەشۇقلار چايخانىسى ›› دا ئۇچراشماقچى بولدۇق . كىم بىلسۇن ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ مەن ئويلىغاندەك بولماي ، ئەكسىچە قىز كۈتكەندەك بۇلۇپ قېلىشىنى .......
شەمسىيە كىرىپ كەلدى ، قاراشتىنلا ئۇنىڭ ئىنتايىن خوشاللىقى چىقىپ تۇراتتى ، ئەسلى بىلسەم ئۇ قىز ، مىنىڭ ئۇنى بۇ يەرگە چاقىرىشىمنى خاتا چۈشىنىپ ، مىنىمۇ ئۆزىگە شۇنداق قاراشتا دەپ ئويلاپ قاپتىكەن .
قىز ئاۋالقىدەكلا ماڭا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى ،ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ نىكاھلىق ئەر ئىكەنلىكىمنى قانداقمۇ ئېيتارمەن دەپ بېشىم قېتىپ ئولتۇراتتىم .
ئۇ گەپ باشلاپ :
- ئەلى ، سىزنىڭچە مەن قانداق قىز ؟ ماڭا قانداق قارايسىز ؟ ، دەپ سوراپ قالدى .
- سىز ياخشى قىز ، مەن سىزنى سىڭلىمدەك كۆرىمەن ، دەپ جاۋاپ بەردىم .
- ياق ، بۇ يىتەرلىك ئەمەس ، ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن تۇلۇق ، مەن رازى بولغىدەك جاۋاپ بېرىڭ !
بىر ئەر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قىزنى نارازى قىپ قويدۇم كەلمىدى ئەلۋەتتە . شۇڭا مەن بىلىدىغان ، قىزلارغا ماس كىلىدىغان بارلىق سۈپەتلەر بىلەن قىزنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتتىم ،ئاغىنلىرىمدىن تولا ئاڭلىغىنىمدەك خۇتۇن - خەق دىگەننى ماختاپ قويسا ئۆزىچە خوشال بۇلۇپ ، ئۆچكە يېغىدەك ئېرىپ كىتىدىكەن .ئاندىن ئۇ قىزغا ئامراقلىقىمنى، ئۇنى ياقتۇردىغىنىمنى ئېيتتىم .
- رەھمەت سىزگە ئەلى ، مىنى ئاخىرى چۈشىنىپسىز ، بىز ئارلىشىپ قالايلى ...
تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپتىن ، خۇددى كاللامغا بىرى مۇزدەك بىر چېلەك سۇ قۇيغاندەك چۆچۈپ كەتتىم .
-ئارلىشىپ قالايلى ؟
-شۇنداق ، بولمامدا ؟
قىز ماڭا ئۈتۈنۈش نەزىرىدە قاراپ ئولتۇراتتى ، شۇ تاپتا نىمە دىيىشىمنى ۋە نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم ، ئەسلى بۇ يەرگە كىلىشتىكى مەقسىتىمنى قىزغا قانداق ئېيتىشنى بىلەلمەي قالدىم ...ھە دەپلا ئىشنى تۈگىتەيمۇ يا بۇ قىزنىڭمۇ ئاز كۈندىن كىيىن تەتىلى توشسا ئۈرۈمچىگە يولغا سېپ قويسام ئىش تۈگىمىدىمۇ دەپ ئويلاپ ، قىزغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم .
* * * *
شۇنداق قىلىپ شەمسىيە بىلەن ئارلىشىپ قالدۇق ، قىزغا ماقۇل دىدىم يۇ ، كۆڭلۈم بىر قىسىملا ،گەرچە ئوتتۇرىمىزدا باشقا ئىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ ، مەن خۇددى بىرەر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ، ئايالىم ۋە قىزىمغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ بىر نەچچە كۈن بىئاراملا يۈردۈم .
شەمسىيەنىڭ بۇ ‹‹ ئارلىشىش ›› مىزنى بۇنچىۋالا ئاشۇرۋېتىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ، ئۇ قىز خۇددى ئېپ قويغان خۇتۇنۇمدەكلا توختىماي تېلىفۇن قىلىپ ، قەيەردىلىكىمنى ، نىمىش قىلىۋاتقانلىقىمنى ...ئىشقىلىپ ھەممىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى ، تېخى يېنىڭىزدە قىزلار يوقتۇ ھە ؟ دەپمۇ سوراپ قوياتتى .بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كىتەتتىم .
بىر كۈنى شەمسىيە تېلىفۇن قىلىپ بىللە بازار ئايلىنايلى دىدى ، ياق دىيەلمىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلاندۇق ، ئەمما مەن ماشىنىدىن بەك چۈشۈپ كەتمىدىم ، ئۇنىڭغا نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىڭ دەپ پۇل بەرسەم ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى ، ئۆزۈمدە بار ، سىز پەقەت مەن بىلەن بىللە ئايلىنىشىپ بەرسىڭىزلار بولدى ، قىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىردەم سودا ساراينى بىللە ئايلاندۇق ، قىز ئانچە - مۇنچە سودىلىق قىلدى .قىز نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا پۇلىنى تۆلىۋېتەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ ئۇ رەت قىلدى . كۆڭلۈمدە ئۇنى بولىدىغان قىزكەن جۇمۇ ، قارىغاندا ئۇ پۇلۇمنى كۆزلىمەپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .ئاخىردا ئۇ سىز مىنى ماشىندا ساقلاپ تۇرۇڭ ، مەن كەينىڭىزدىنلا چىقىمەن دىدى .مەن سودا سارايدىن چىقىپ ماشىنىدا شەمسىيەنى ساقلاپ ئولتۇردۇم ، دىگەندەك ئۇ بىردەمدىلا چىقتى .
- بۇنى ئاز بولسىمۇ سىزگە ئالدىم ، سىزگە يارامۇ ؟
قىز قولىدىكى بىر كىچىك قاپنى ماڭا سۇندى ، قۇلۇمغا ئېلىپ ئاچاي دەپ تۇرسام ئۇ :
- ھازىر ئاچماڭ ، ئۆيگە بېرىپ ئېچىڭ ، دىدى .
- نىمە ئالدىڭىز ؟ ئادەمنى خىجىل قىلىپ ....
- ھېچنىمە ، كىچىكلا بىر سوۋغا شۇ ....
- ھە ، ماقۇل ، ئۆيگە بېرىپ ئاچاي .
بىز بىر ئاشخانىدا تاماق يىدۇق ، تاماق يەپ بۇلۇپ شەمسىيەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم . كىتىۋېتىپ ماشىننى توختاتتىم ۋە بايىقى قاپچۇقنى ئېچىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم .
قاپچۇق ئىچىدىن بىر ‹‹ كەمەر›› چىقتى ، يەنە بىر پارچە خەتمۇ تۇراتتى .خەتنى ئېلىپ ئاچتىم :
‹‹ سىزنى سۆيىمەن ئەلى ، سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ، ھەم مىنىڭ تەلىۋىمگە قۇشۇلۇپ مەن بىلەن يۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۆزى سۆيگەن يىگىتكە كەمەر سوۋغا قىلسا ئۇنى ئۆزىگە باشلىۋالغان بولارمىش ، شۇڭا بۇنى سىزگ ئالدىم ، ئاددى بولسىمۇ قۇبۇل قىلىڭ !...››
قاراشتىن خېلى قىممەت كەمەردەك قىلاتتى ، بۇ قىزنىڭ يامانلىقىنى قارا ، ئەرلەرنىڭ نەرسىلىنىمۇ ئوبدان بىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئەرزان باھالىق نەرسە ئىشلەتمەيدىغىنىمنىمۇ بىلىۋاپتۇ . يامان يىرى ، ئۇنىڭ ‹‹ سىنزى سۆيىمەن ..›› دىگەن گىپى بولدى ، ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق يىغۇشتۇرارمەن ، قىز بارغانسىرى پاتقاققا چوڭقۇر پېتىۋاتاتتى . ..
قىزنىڭ سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلغانكەنمەن ، مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىدىم . ئۇنىڭغا نىمە سوۋغا قىلسام بولار ؟كىيىم - كېچەك سوۋغا قىلاي دېسەم ئۇنىڭ قانداق كىيىملەرنى ياقتۇردىغىننى بىلمەيمەن ، زادى نىمە سوۋغا قىلسام بولار ؟ ....
راستىمنى ئېيتسام شەمسىيەگە بارغانسىرى ئامراق بۇلۇپ قېلىۋاتاتتىم ، شۇڭا باشقا نەرسىنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئۇنىڭغا ئۈزۈك سوۋغا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ زەرگەرخانىغا كىردىم .

ئۈزۈكنى بېرىش ئۈچۈن شەمسىيەنى سىرتقا تەكلىپ قىلدىم . ئاۋال تاماق يىدۇق ، قىزنىڭ شەيتانلىقىنى بىلگەچكە ئۈزۈكنى كۆرۈپ خوشاللىقىدا ئالا جوقا ۋارقىراپ سالمىسۇن دەپ ، ئادەم يوق يەردە ئۇنىڭغا بېرىشنى ئويلىدىم .
بىز تاماق يىگەچ بىردەم پاراڭلاشتۇق ، ئۇ مىنىڭ ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چاقىرغىنىمدىن بەك خۇش بولغانلىقىنى ئېيتتى .
بىر ئازدىن كىيىن شەمسىيە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىننى توختىتىپ ،ئۇنىڭغا :
- شەمسىيە ، قايسى كۈنى ماڭا ئالغان سوۋغىڭىز ماڭا بەك يارىدى ، رەھمەت سىزگە ...دىدىم ھەم ئاستا يانچۇقۇمدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ قىزغا سۇندۇم . قىز بىر قاراپلا چىرايلىق ، كىچىك بۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى پەرەز قىلدى بولغاي ، يۈزلىرىگە قىزىللىق يۈگۈردى...
- پاھ ، ئەلى بۈگۈن مىنى ئەجەپ خۇش قىلىۋەتتىڭىزغۇ ، بۇ خوشاللىقىم قاچانغىچە داۋاملىشا ئەمدى ، مىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق خوشال قىلىپ ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن جىېنىم ...
تۇيمايلا قالدىم ، قىز چاققانلىق بىلەن مەڭزىمگە يىنىك بىرنى سۈيۈپلا ماشىنىدىن چۈشتى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا قىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىننىڭ ئىشىكىنىمۇ يېپىپ بولغانىدى ، ماشىنىدىن چۈشۈپ قىز بىلەن خوشلاشتىم . ئۇ شۇنداق خوشال ھالدا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ....
ماشىنىغا چىقىپ بى پەس ئويلاندىم ، شەمسىيەنىڭ مىنى << جېنىم >> دىيىشى قۇلاق تۈۋۈمدىن ، مەڭزىمگە سۆيگەن ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى .ئويلىسام بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ چېكەمدىن تەر چىقىپ كەتتى .ياق مەن كاللامنى سىلكىۋەتمىسەم بولمايدۇ ، چاقچاققا ئوخشاشلا باشلانغان بۇ ئىشنى دەرھال يىغىشتۇرمىسام بولمايدۇ . شەمسىيە تېخى مىنىڭ ئايالىم ۋە بالام بارلىقىنى بىلمەيدۇ ، بەلكىم ئۇلارنى بىلسە ماڭا قاتتىق ئاچچىغى كەلسىمۇ مەندىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ قالا ..دىگەنلەرنى ئويلىدىم .كىتىۋېتىپ ئادىلغا تېلىفۇن قىلدىم ، ئۇ چىقسا بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ، ئۇنىڭ ماڭا ئامال كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم .
- ياخشىمۇ سەن ئاداش ؟
- ياخشى ، ياخشى ، ئۆزۈڭچۇ ؟
- مەنمۇ خۇداغا شۈكرى يامان ئەمەسقۇ ، نەچچە كۈن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ، نىمىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈيسەن ئاداش ؟
- شۇ ئۆي ئىشى ، سودا ئىشى دىگەندەك ....
.......
- نەق گەپكە كىلەيلى ئاداش ، بۈگۈن ساڭا مۇھىم بىر ئىشتا ماڭا يول كۆرسىتەمدىكىن دەپ چاقىردىىم .ماڭا ياردەم قىلمىساڭ بولمايدۇ ...
- نىمىشتى ئاداش ؟ زادى قانداق ئىش ئۇ ؟ ھېسكىمگە ھاقىتىڭ چۈشمەيدىغان سەندەك ئادەمنىڭمۇ باشقىلارۈە موھتاج بولىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ھە ؟قېنى دىگىنە قۇلۇمدىن كەلسىلا مەن قاچان سەندىن ياردىمىمنى ئاياپ باققان ...
- ماۋۇ گىپىڭ جايىدا ئاداش ، سىنىڭ شۇنداق يەرلىرىڭنى دەيمەندە مەن ، بولمىسا نىمە قىلاتتىم سىنى چاقىرىپ ....
- قېنى قانداق ئىشتى دىمەمسەن ؟
- ئالدىنقى قېتىم بىز ئۈرۈمچىدىن كىلىشىمىزدە ئۈچ قىزنى بىللە ئالغاچ كەلمىدۇقمۇ ؟
- ھە ، ھە ، شۇنداق بولغان . ئۇ قىزلارغا نىمە بوپتۇ ؟
- ئۇلارغا ھېچنىمە بولغىنى يوق ، ماڭا بولدى ئاداش ماڭا .
- ساڭا زادى نىمە بولدى ئادەمنى تەقەززا قىلماي گەپنىڭ پوسكالىسىنىلا ئېيتمامسەن .
- ھېلىقى شەمسىيە دىگەن قىز ئېسىڭدىمۇ ؟
- ئېسىمدە ، ئۇ قىزنى ئاخىردا سەن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغانتىتڭ .
- ھە ، دەل شۇ قىز ...........
...............................................................
ئادىلغا باشتىن باشلاپ تا شۇ چاغقىچە بولغان ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تۇلۇق سۆزلەپ بەردىم ، ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ گىپىمنى ئاڭلىدى ۋە بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن :
- ئاداش ، سىنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىپ يۈرگىنىڭگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ، سىنى ئىرىتىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرەلىگىنىگە قارىغاندا ئۇقىز خېلى يامانكەن جۇمۇ ، ئادەتتە سودا ئىشلىرى بىلەن بىر يەردە ئولتۇۇرپ قېلىپ سورۇندىكى قىزلار ساڭا گەپ قىلسىمۇ قاپاق تۈرىۋېلىپ پەقەت چىراي ئاچمايتىڭ ، ئىشقىلىپ سىنى ئازدۇرماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، قارىغاندا شەمسىيە بوش قىز ئەمەسكەن ، كىم بىلىدۇ تېخى ئۇنىڭ سەندەك << يىگىتى >> دىن يەنە نەچچىسى بار تېخى ....
- بولدى قىل ئاداش ، مىنىڭ ئۇ ئىشلارنى بىلگىم يوق ، ھەم ئۇ قىزنىڭمۇ ئۇنداق قىز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن ، ئۇ قىز پەقەت ماڭا كۈيۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ماڭا شۇنداق يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك .
- نىمىشقا ئاشۇنداق تەييار لوق گۆشلەر مەندەك بويتاققا ئۇچرىماي ، سەندەك مىھرىبان ئايالى ، پەرزەنتى بار ئادەمگە ئۇچراپ قالغاندۇ دەيمەن ، ھەي ، تەڭشەلمىگەن جاھان ....
ئادىل ۋايسىغىلى تۇردى ، دىمىسىمۇ ئۇ تېخىچە ئۆيلەنمىگەنىدى ، تۇنجى مۇھەببتىى توي قىپ كەتكەچكە ئۇ تا ھازىرغىچە ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەلمەي ، ئاچچىقىدا ئەتراپىدا بىر مۇنچە قىزلارنى پەرۋانە قىپ يۈرەتتى ، ئىشقىلىپ ، چىرايلىقراق بىرەر قىزنى ئۇچراتسىلا بوش قويمايتى ، ئۇ شۇنداق قىلىپ قىز كەلتۈرۈشكىمۇ ئۇستا بوپ كەتتتى ، بىز ئاغىنىلەر ئۇنى ئادىل سۇيۇق دەپ ئاتىشاتتۇق ، ئۇمۇ بىزنىڭ بۇنداق ئاتاشلىرىمىزغا كۈنۈك ئىدى .تېخى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا : << مەن كىشلىكەن بولغاچقا قىزلار مىنى بىر كۆرۈپلا ماڭا ئاشىق بوپ قالىدىكەن ، ماڭا نىمە ئامال ، ئۇلارنىڭ قىزاسىنى تارتىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلار بلىەن مۇنداقلا ئارلىشىپ قويىمەن شۇ ، ھېلىقى بىر گەپ باغۇ ، سۆيگەننى سۈيۈپ قوي كۆڭلى قالمىسۇن ..دىگەندەك .....ئۇ ئۇشندقا دەپ ئۆزىگە تەسەلى بەرگەچ ئۆزىنى ئاقلايتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆپ قىزلار بىلەن ئارلاشقىنى بىلەن ، بىرەر قىزغىمۇ نىيىتىنى بۇزمايتى ، پەقەت شۇ بىر نەچچە ۋاق بىللە تاماق يەپ ، بىللە ئايىلىنىپلا بولدى قىلاتتى . مەن ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە قايىل ئىدىم ، شۇڭىمۇ ئۇنى ئاغىنلىرىمنىڭ ئالدى ھېساپلايتىم ....
- ئاداش ، چاقچاقمۇ قىلىشتۇق ، ئەمدى سەن بۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتىسەن ؟ ، ئادىل مەندىن سورىدى .
- بىلىسەن زۇلپىيە بىلەن گەرچە ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلمىغان بولساقمۇ ، تويدىن كىيىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، ئۇنىڭغا مىھرىم چۈشۈپ قالدى ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، قىزىم ساباھەت بولسا مىنىڭ جانجىگىرىم ، مەن ئۇ ئىككىسىنى بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق بىرسىگە تەڭ قىلمايمەن ، ھېلىمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن مەن بەك خىجىل ، ئويلىسام زۇلپىيەگە يۈز كىلەلمىگۈدەكمەن ، ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىم ئېغىر ....
- دېمەك ئەمدى ئەقلىڭنى تېپىپسەن ، مەقسەت ھېلىقى شەيتاندىن قانداق قۇتۇلۇش شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق ئاداش ، ئۆزۈممۇ تۇيمايلا بۇ پاتقاققا بارغانسىرى چوڭقۇر پېتىپ كىتىپ بارىمەن .....
ئۇنداق بولسا ئاداش بۇ ئىش تەس ئەمەس ، قىزغا ئائىلەڭ بارلىقىنى ئېيتقىن ، بۇنى ئاڭلىسا ئۇ قىز چۇقۇم نىيىتىدىن يانىدۇ ...
- شۇ قىزغا بۇ ئىشنى قانداق ئېيتىش مەسلىسى ئاداش .
- بولمىسا ئورنۇڭدا مەن ئېيتىپ قويايمۇ يا ؟
- ياق ئاداش ، يەنىلا ئۆزۈم ئېيتاي ، ئۆزۈم تاپقان ئىش بولغاندىكىن ، ئۆزۈم يىغىشتۇراي ...

شەمسىيە بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيان بىز ئادەتتە كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇنلىشاتتۇق ، ئۇ ئاز دىگەندىمۇ نەچچە پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ تۇراتتى ، مانا ئىككى كۈن بوولدى مەن ئۇنىڭ تېلىفۇننى پەقەت ئالمىدىم ، راستىمنى ئېيتسام تېلىفۇننى ئېلىپ قىزغا ئۆزۈمنىڭ خۇتۇنى بار ئەر ئىكەنلىكىمنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .ئۇنىڭ تېلىفۇننى ئالماي ئۇنى خېلى ئوبدانلا ئەنسىرەتكەندەك قىلاتتىم ، ئۇ توختىماي ئۇچۇر قىلاتتى .
<< ئەلى قەيەردە سىز ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ نىمىشقا تېلىفۇنۇمنى ئالمايسىز ؟ .....>>
<< ئەلى سىزنى بەك سېغىندىم ، مىنى ئۇنداق ئەنسىرەتمەي تېلىفۇننى بىر ئېلىڭچۇ ، يا بىرەر پارچە بولسىمۇ ئۇچۇر قايتۇۇرڭ !....>>
مانا شۇنداق ئۇچۇرلار توختىماي كىلىۋەردى ،ئويلىسام بىر تەرەپتىن ئايالىمغا يەنە بىر تەرەپتىن شەمسىيەگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئۆزۈمنى گۇناھكار دەپ ئويلايتىم ، توغرا ، مەن ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم ، بىر ئوبدان ئايالىم ھەم ئوماق بىر قىزىم بار ئادەم تۇرۇپ كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ناز - كەرەشمىسىگە مەھلىيا بۇلۇپ قالدىم ، ئايالىمدىن يۇشۇرۇن قىز بىلەن نەچچە قېتىم ئايرىم ئۇچراشتىم ..مانا بۇلار يىتەرلىك ئەمەسمۇ ، شۇڭا مەن دەرھال كاللامنى سىلكىۋەتمىسەم بولمايدۇ ، مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر شەمسىيەگە گەپنى ئۇچۇق ئېيتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمىسەم بولمايدۇ ....
شەمسىيەگە تېلىفۇن قىلدىم ، قىز تېلىفۇننى ئېلىپلا بىر تالاي سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى :
- بامۇ سىز ئەلى ؟ ئادەمنى ئەجەپمۇ ئەنسىرەتتىڭىز ، نىمە ئىش بولدى ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ ...
- مەن بار شەمسىيە ، ئەنسىرگىدەك ھېچ ئىش يوق ، ئاۋال چىقىڭ ، ئاندىن قالغان ئىشنى سىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىمەن ....
...............
دىيىشكەن يەرگە شەمسىيەدىن بۇرۇنراق كىلىپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم . ئۇمۇ تېزلا يىتىپ كەلدى . بىز بىرەر قۇر تىنچلىق - ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ، يەنە مىنى بىر مۇنچە سۇئاللارغا كۈمۈۋەتمىسۇن دەپ مەن ئاۋال گەپ باشلىدىم .
- قاراڭ شەمسىيە ، بۈگۈن سىزنى بۇ يەرگە مۇھىم بىر ئىش بىلەن چاقىردىم . سىز بىردەم مەندىن سۇئال سورىماي گىپىمنى ئوبدان ئاڭلاڭ ، گىپىم تۈگىگەندىن كىيىن قانداق سۇئالىڭىز بولسا مەن ھەمىسىگە جاۋاپ بېرىمەن ...
- ماقۇل ، قېنى سۆزلەڭ ، قۇلىقىم سىزدە ...
ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى ، بەلكىم ئۇ كۆڭلىدە چۇقۇم ياخشى ئىش دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك ، چىرايىدىن شۇنداق خوشال ، غەمسىز كۆرۈنەتتى .
مەيلى ئۇ نىمە دىسۇن ، مەن بۈگۈن چۇقۇم ئۇنىڭغا بارلىق ئىشنى ئېيتىىم كېرەك ، ئۇنىمۇ ھەم ئۆزۈمنىمۇ ۋە يەنە مىھرىبان ئايالىمنى ئالداۋەرسەم بولمايدۇ ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
- شەمسىيە ،مەن نىكاھلىق ئەر ، مىنىڭ مىھرىبان ئايالىم ۋە ئوماق بىر قىزىم بار ، بۈگۈن سىزنى بۇ يەرگە چاقىرىشىمدىكى ئاساسى مەقسەت مۇشۇ ئىشنى ئېيىش ئىدى .
- نى ..نىمە ؟ نىمە دەۋاتىسىز ئەلى ؟ تولا چاقچاق قىلماڭ ! ، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا تىكىلدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇلاقتەك چىرايلىق ئىككى كۆزى يوغىناپ كەتكەنىدى ...
- راست دەۋاتىمەن شەمسىيە ، سىزنى ئالداپ نىمە قىلىمەن ، بۇنداق ئىشتىمۇ چاقچاق قىلامدۇ كىشى ...
- مەن ئىشەنمەيمەن ، سىز مىنى ئالداۋاتىسىز ....
- ياق شەمسىيە ، سىزنى ئالدىمىدىم ، ماڭا قاراڭە ، سىزنىڭچە مەن ھازىر سىزنى ئالداۋاتقاندەك تۇرامدىم ؟
-ئەجىبا سىز مىنى ئاشنا قىلۋادىڭىزما ؟
- ياق شەمسىيە ئۇنداق ئەمەس ، سىز ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ ، مىنىڭ ئۇنداق مەقسىتىم يوق .
- ئەمىسە ئايالىڭىز ۋە قىزىڭىز بارلىقىنى نىمىشقا ماڭا بۇرۇن ئېيتمىدىڭىز ؟ ...نىمىشقا مىنى ، پاك مۇھەببتىمنى ئالدايسىز ؟.....
شۇ تاپتا قىزنىڭ كۆزىدىن خۇددى يىپى ۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلار تۈكۈلمەكتە ئىدى ، مەن نىمە قىلارىمنى بلىمەي تۇرۇپ قالدىم ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ، دىمىسىمۇ نىمىشقا دەسلىۋىدىلا قىزغا ئايالىم بارلىقىنى ئېيتمىغاندىمەن ، ئۇنىڭ تەلىۋىنى نىمىشقا رەت قىلىمىغاندىمەن ؟ .......
گىپىمنى ئاڭلاڭ شەمسىيە ،دەسلەپتە سىز مىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇم توغۇرلۇق ئازراقمۇ سوراپ قويمىدىڭىز ، ھەتتا مىنى سىز ئكيلەنگەنمۇ دەپمۇ سوراپ باقمىدىڭىز ، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا مەن بىكالا سىزگە مىنىڭ خۇتۇنۇم بار دەپ يۈرسەم بولماس .توغرىمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تۇنۇشقان بۇ بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە بىز پەقەت بىر نەچچە قېتىم بىللە تاماق يىدۇق ، بىر نەچچە قېتىم بازار ئايلاندۇق شۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرىمىزدا چەكتىن ئاشقان بىرەر ئىش بولغىنى يوق ، شۇڭا مەن بىز پەقەت دوست دەپلا ئويلايمەن ، ئەمما سىز ئۇنداق قارىمايدىكەنسىسز شۇڭا سىزنى بۇنداق ئالداۋارگۈم كەلمىدى ، ۋاقتىدا بۇ ئىشنى سىزگە ئېيتىپ ئارىنى ئۇچۇق قىلىۋېتەي دەپ ئويلۇدۇم .مىنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ، مىنى كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . مىنى كەچۈرۈڭ شەمسىيە ....
- قىز يىغلىغانچە قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ چىقىپ كەتتى .......

ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم ، ھاۋا ئۇچۇق ئىدى ، ئاپپاق بۇلۇتلار سۈزۈك ئاسماندا ئۇياقتىن بۇياققا لەيلەپ يۈرەتتى ، توۋا ، ئەجەپ يىنىكلەپ قالدىم دېسە ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ شۇنداقمۇ يا ئىچىمدىكىنى تۆكۈۋېلىپ شۇنداقمۇ ئەيتاۋۇر كەيپىم شۇنداق ياخشى ئىدى . بىر دەم سۈزۈك ئاسمانغا تىكىلگخنىمچە تۇرۇپ قالدىم ، ماشىنامنى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا تاشلاپ قۇيۇپ پىيادە ئۆي تەرەپكە ماڭدىم . ئۇزۇن بوپتىكەن ماڭا پىيادە يول يۈرمىگىلى ، بۈگۈن ئۆزۈمنى باشقىچە ھېس قىلىۋاتاتتىم ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ پىيادە يول ماڭسا نىمىدىگەن ياخشى ھە ! ، دەيتىم ئىچىمدە .
ئەتراپىمغا قارىدىم كىشلەر ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى ، لىكىن ھەممە ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك ، ھەتتا ئاسمانمۇ ماڭا ئۇچۇق چىراي ئېچىۋاتقاندەك بىلىنىپ ، ئۆزۈمنى شۇنداق يىنىك ھېس قىلۋاتاتتىم ....
ئۆيگە ئايالىم ياخشى كۆرىدىغان مىۋىلەرنى ، ئۇ ياقتۇۇرپ يەيدىغان يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىردىم . ئۆزۈمچە ئۇنىڭدىن گۇناھىمنى تۇنىغىنىم بوپ قالا دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك . ئايالىم ھەرقاچان سىرتتىن كىرسەم مىنى ئۇچۇق چىراي كۈتىۋالاتتى ھەم مەندىن قورسىقىڭىز ئاچمۇ ؟ نىمە تاماق يەيسىز ؟....دەپ ھال سورايتى ، زۇلپىيە ھەقىقەتەن ۋاپادار ئايال ، كۈيۈمچان ئانا ئىدى .شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن رازى ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن ...
* * * * *
خاتىرە مانا شۇنداق ئاياقلاشقان بۇلۇپ ، كىيىن قانداق بولغىننى مەن پەرەز قىلدىم ، تېخى يېقىندىلا ئۇ يان تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى ، نىمىشقا ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بۇ نۇمۇرنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ، يېڭى بېجىرگەن نۇمۇرىنى ماختاپ ،
- قاراڭ بۇ نۇمۇر بەك ياخشى نۇمۇركەن ، ئاخىرقى ئالتە خانىسى جۈپ نۇمۇر ، بۇنداق ئېسىل نۇمۇرنى تاپماق تەس ، بۇ نۇمۇرنى ئاران تەستە بېجىردىم دەڭە ...
ئۇ شۇنداق دەپ مىنىڭ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويغانىدى ، مەنمۇ ئادەتتە ئۇنىڭ ئىشىغا بەك ئارلىشىپ كەتمىگەچكە ھەم ئۇنىڭ يۇقارقى ئىشلىرىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىگەنىدىم ، بەلكىم ئۇ شەيتان يەنە ئەلىگە تېلىفۇن قىلىپ تۇرۋالغان بولسا ئۇ شۇڭا يان تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىۋەتتىمۇ تېخى .....
ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىممۇ ياكى خالىمىدىممۇ ئىشقىلىپ ئۇ ئىشلارنى پەقەت ئويلىماي دەپ خاتىرىنى جايىغا سېلىپ ئۈستەلنى قۇلۇپلاپ قويدۇم .
ساباھەت ئويغانغان بولسا كېرەك ، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتاق ئۆيدىن مىھمانخانىغا چىقتىم ، ئۇنى قۇچىقىمغا ئېلىپ بەزلەپ ئولتۇرسام تېلىفۇن سايرىدى .تېلىفۇننى گۈلزىبا ئۇرغان بۇلۇپ ، ئۇ پۇلنى سېلىۋەتكەنلىكىنى ، قېيىنئانىسى تېلىفۇن قىلىپ تېزرەك كىلىشىنى ئېيتقانلىقىنى ، شۇڭا ئۆيگە كىلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قويدى.
شۇنچە قىلساممۇ ئەلىنىڭ ئۇ قىز بىلەن قىسقىغىنە بىر مەزگىللىك ئارلىشىشى كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى ، بەلكىم شەيتان شۇنداق بولسا كېرەك ، ھېچقاچان ئازمايدىغان ئادەم يوق ، ئۇمۇ ئەنە شۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپتۇ دەپ ئويلاپ ، بۇ ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرۋېتىشنى ئويلىدىم . تۇۇرپ ئۇنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگىنىمگە پۇشايمانمۇ قىپ قالدىم . ئۇ يەنىلا مىنى ، قىزىم ساباھەتنى ھەم بۇ ئىللىق ئائىلىمىزنى سۆيىدىكەن ، مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلانماسلىقىم ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىم كېرەك ، ئەنە ئۇ ئۆز گۇناھلىرىنى تۇنۇپ ، ۋاقتىدا ئۆزىنى ئوڭشىۋاپتۇ ، شۇڭا ئۇنى يەنىلا ، ياخشى ئەر دىيىشىكە بولىدۇ .
تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ ئەلىنىڭ نۇمۇرىنى باستىم ،
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ... ئۇنىڭ ئاۋازى باشقىچىلا يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەلى ...
- مىنى سېغىندىڭىزما ؟ ....ئۇ شۇنداق دەپ بۇلۇپ كۈلۈپ كەتت .
- ئەلۋەتتە سېغىندىم ، سىزنى سېغىنماي كىمنى سېغىناتتىم ...ئۇنىڭغا نازلىق ئەركىلەپ قويدۇم .
- ھى ھى ھى .. شۇنداقمۇ ؟ ئادەمنى ئۇنداق خۇش قىلماڭلا خۇتۇن ...
- راست تۇرسا ....-
چاقچاق خۇتۇن ،سىلىگە ئىشىنىمەن .
- ھە ، نەق گەپكە كىلەيلى ، پۇلنى سېلىۋەتتىم ، شۇنى دەپ قوياي دەپ تېلىفۇن قىلغان .
- ھە ، سېپ بولدىڭلىما ؟ بەك چاققان خۇتۇن جۇمۇ سىلە ....
- ۋاي قوۋرۇغامەي ، يەنە ماختىغىلى تۇردى ،پۇشقىقىمدىن يەل ماڭمايدۇ جۇمۇ مىنىڭ ...
- ماختىمىدىم ، راس دەۋاتىمەن خۇتۇن ، سىلى دىگەن مىنىڭ خۇتۇنۇم تۇرساڭلا ...
........
توۋا ، تېلىفۇندا ئۇنىڭغا ئەجەپ ئەركىلەپ كىتىپتىمىنا ؟ تېخى بايىلا (خاتىرىدە )ئۇنىڭ باشقا قىزلارغا قانات سۆرەپ يۈرگىننى كۆرگەن ئىدىمغۇ ، ئەجەبا مەن شۇنچە كەڭ قورساقمۇ ؟ يا مەن شۇنداق ئاخماقمۇ ؟...
ياق مەن ئاخماق ئەمەس ، ئۇمۇ ۋاقتىدا ئۆز گۇناھىنى تۇنىغانىكەن ، مەنمۇ ئۇنى كەچۈرۋېتىشىم ، ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىشىم كېرەك ، ھازىر قايسى بىر ئەرنىڭ سىرتتا ئاشنىسى يوق ، ئەينا قۇلۇم - قوشنىلاردىن ، ئال - ئاغىنىلەردىن ئاڭلاپ تۇرغىنىمدەك ھازىر ئەرلەر بەك بۇزۇلۇپ كەتتى ، ھېلىمۇ ئەلىنىڭ مۇشۇنچىلىك تىچ يۈرگىنىگە ( بىر مەزگىللىك ئازغىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ) شۈكرى دېسەم بولىدۇ ....خاتىرىدە ئوقىغانلىرىمنى بىر ئۇخلاپ ئۇنتۇپ كىتىشنى ، ئۇنى بىر قېتىملىق قاباھەتلىك چۈش دەپ بىلىشنى ئويلىدىم ...

خاتىمە


بىر ھەپتىدىن كىيىن ئەلى قايتىپ كەلدى ، ئۇنى ئىلگىركىدەك ، ياق ئۇنىڭدىنمۇ قىزغىن كۈتىۋالدىم . ئۇ ماڭا ۋە قىزىمىزغا بىرمۇنچە سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ كەلگەنىدى ...شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز يەنە داۋاملاشتى ، ئۇمۇئىلگىركىدەك سىرتلاردا بەك قۇنۇپ قالمايدىغان ، ئامال بار ، كەچ بوپ كەتسىمۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىدىغان ، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى ئۆيدە بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان بولدى . قىزىمىزمۇ كۈندىن كۈنگە چوڭ بۇلىۋاتاتتى ، چوڭ بولغانچە تاتلىق تىللىرى چىققىلى تۇردى . ھېلىقى خاتىرىنىڭ ئىشىنى ئەلى ئىككىلىمىز ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتۇق . شۇ ئىشىتن كىيىن ئەلىگە تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ، ئۇنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىشقا تىرىشتىم . ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ئەلىگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى ....




تامام


دىيارى كۈسەندە يىزىلدى .



ئەسكەرتىش : گەرچە بۇ ئەسەر كۆڭلۈمدىكىدەك تازا مۇكەممەل چىقمىغان بولسىمۇ ، تورداشلىرىمنىڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە ئەسەرگە قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
tarimjan102 + 150 ھەقىقى تۇرمۇش رىئاللىقى ......
تارىم + 100 نادىر ئەسەر!
musilina + 150
kulkiz0903 + 100 سىز لەيلى ھەدەممۇ؟
قـوزام + 100 جېنىم

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8880
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 2351 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويۇپ كەچتە ۋاقىت چىققاندا ئوقاي .

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9406
تۆھپە نۇمۇرى: 280
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:24:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىپ باققاندەكلا يازغاندە سەن بۇ ھىكايىنى....... [s:152]
قايتا ئۇقۇيمەن، تاقلاپ-تاقلاپ ئۇقۇدۇم  ھازىر........

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 850 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل ھېكايە!تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن! [s:174]

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

گـۈللەر ئىچىدىك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33528
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1175
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2011-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما جىنلار نەگىلا بارسا بىر توپ بۇلۇپ يۈرىدىكىنە، ھې ھې ھې، سىڭلىمنىڭ ئەسلى مۇنداقمۇ ھۈنىرى بار ئىكەن دېسە... [s:174]  [s:174]

توققۇز پارچە بولدى يۈرىكىم، سەنسىز قالغان توققۇز كېچىدە. توققۇز يۇلتۇز ئاقتى كۆزۈمدىن، توققۇز كۈندۈز زۇلمەت ئىچىدە...

سەن نەزىرىمدىكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33617
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3100
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تونۇپ قالدىم،تونۇشلا خېلى باركەن-ھە مۇنبەردە،قايتا كۆرگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن

ئىشەنىچ،مىھىر،ۋاپاۋەمېھنەت چىن سۆيگىنىڭ ئاساسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24870
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3817
تۆھپە نۇمۇرى: 222
توردا: 2057 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز .... ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2599
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، يوقلىما قىلغاندەك تۇنۇشلارنىڭ بېرى كىرىپتا ما تىمىغا، قارىغاندا مەن پەرەز قىلغان تۇنۇش "دۈشمەن" شۇ ئوخشايدۇ. [s:152] تىمىنى كۆرمىگەن بولسام تۇنۇمايدىكەنمەن تېخى
ھە راسىت بەلەن يېزىپلا ..

ھەممە ئىشنىڭ ۋاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34588
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 22
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 04:53:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز  بەكمۇ ياخشى چىقپتۇ . . . . . ئەگەر ئەسەردىكى ھەقىقى ئەھۋاللار بولسا ئائىلىڭىزگە تېخىمۇ بەخىت تىلەيمەن  . . . .

ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار ، ياشاش، ئۆلۈش، سۆيۈشنىڭ . . .

بارلىقىم اللاھ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31208
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 8
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2011-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 05:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ .قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئى اللاھ بارلىق مۆئىمىنلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش