مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3075|ئىنكاس: 54

دېھقانلار قاچان ھاللىق سەۋىيەگە يېتەر؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8760
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 11:40:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دېھقانلار قاچان ھاللىق سەۋىيەگە يېتەر؟

ئاپتور:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران    


يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ شاپائىتىدە، خەلقىمىز ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە بىرمۇنچە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. تۇرمۇشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۈملىدىن پەن - تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئىقتىسادىي ئۇل تېشىنىڭ پۇختا بولمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ كۆپ سانلىق دېھقانلىرىمىز يەنىلا نىسبەتەن نامرات ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ ھال ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشىدا، تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.
سىز نامرات دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ باققان بولسىڭىز بىلىسىزكى، بەزى دېھقانلارنىڭ سۇپىسى بىلەن كىگىزىنىڭ پەرقىنى ئۇقالمايلا قالىسىز. ناۋادا ئۇلار ئالىمادىس بىرەر يامان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئامال قىلالمايدۇ. ئاشۇنداق دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالسا، ئىش تېخىمۇ تەس. بىچارىلەر ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغاچ، ئۆمرىدە ئوڭايلىقچە نېسىپ بولمايدىغان ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاددىيسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى، كىتاب پۇللىرىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنىش يولىدا تەمتىرەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالى ئادەمنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، مەسىلە يەنىلا نامراتلىقتىن ئىبارەت بىرلا نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.
دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر سىياسەتلەر شۇنچە كۆپ تۈزۈلدى ۋە تۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئەمما دېھقانلار نېمە ئۈچۈن بېيىيالمايدۇ؟ ئۇلار بىر قىسىم ماقالىلەردە قەيت قىلىنغاندەك، »ئومۇميۈزلۈك ھۇرۇن«مۇ؟ ياق. كاللىسى ئىشلىمەمدۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەمىسە مەسىلە نەدە؟ مۇئەللىپنىڭ يېقىندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئەھۋاللىرىغا قارىغاندا، دېھقانلاردا مەسىلە كۆپ ئەمەس. ئۇلارمۇ ئىلغارلىققا، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ. ئامال قىلىپ تېزرەك بېيىغۇسى، ھال - كۈنىنى ياخشىلىغۇسى كېلىدۇ. يەنە كېلىپ ھازىرقى يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقانلار كەم دېگەندە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسى ئالغان. ئاق - قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكى دېھقانلىرىمىزغا قارىغاندا يۇقىرى. ئەمىسە مەسىلە نەدە؟ جەزم قىلىش كېرەككى، مەسىلە دەل ئۇلارنى تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، بېيىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، شۇ ۋەجىدىن ھۆكۈمەتنىڭ تېگىشلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم كادىرلاردا_ ئىشەنمىسىڭىز، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا بولغان مۇنۇ بىرنەچچە پەردىلىك كۆرۈنۈشكە ئوبدان كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ:


1 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
ئالتە - يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دېھقانلارنى تېزرەك بېيىتماقچى بولۇپ، ئېرىق - ئېرىقنىڭ بويلىرىغا، ئېتىزنى چۆرىدىگەن قىرلارغا ئومۇميۈزلۈك ئۈجمە كۆچىتى سالدۇرۇپتۇ. ئۈجمىنىڭ سانىنى ھېسابلاپ كەلسە، ھەربىر مو يەرگە 40 تۈپتىن توغرا كېلىدىكەن. ھەربىر تۈپ كۆچەتنىڭ باھاسى 25.0 يۈەن ئىكەن. دېھقانلار پۇلنى نەق تاپشۇرۇپتۇ. يېزا رەھبەرلىرىنىڭ دېگىنى: ئۈجمە كۆچىتى سېلىش ئارقىلىق پىلە قۇرتى باقماقچى، شۇ ئارقىلىق دېھقانلارنى ئىقتىسادىي پايدىغا يۈزلەندۈرمەكچى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ھەربىر ئائىلە ۋەزىپىنى ئورۇنداپتۇ. بىر يىل ئۆتۈپتۇ، ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ، ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. ھېچكىم بىرەر تالمۇ پىلە قۇرتى ئەكىلىپ بەرمەپتۇ. دېھقانلارمۇ قاقشىغاچ تېرىقچىلىقنى قىلىۋېرىپتۇ. ھازىر ئۇ ئۈجمىلەر ھېچقانداق ئىقتىسادىي پايدا يەتكۈزەلمىگەچكە، يەنە كېلىپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەچكە، كۆپ ئادەملەر قومۇرۇپ تاشلاپتۇ.


1 - پەردە 2 - كۆرۈنۈش:
ئۈجمىنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپلا يېزىدىن ياڭاق كۆچىتى سېلىش ۋەزىپىسى كەپتۇ. تەشۋىقات مەزمۇنى: ياڭاق كۆچىتى تىكسە ئۈچ يىلدىلا مېۋىگە كىرىدىكەن. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. ياڭاق مېۋىگە كىرىشكە باشلىغان ھامان ئالىدىغان زاۋۇت تەييار ئىكەن ... شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل ئالدىدا سېلىنغان ئۈجمە كۆچىتى قومۇرۇۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياڭاق كۆچىتى سېلىنىپتۇ. ھەربىر مو يەرگە بەلگىلىمە بويىچە 60 تۈپتىن تىكىش كېرەك ئىكەن. ھەربىر تۈپ ياڭاق كۆچىتىنىڭ باھاسى تۆت يۈەندىن ئالتە يۈەنگىچە توختاپتۇ. دېھقانلار يەنە نەق پۇل تاپشۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ياڭاق كۆچىتى سېلىشقا رازى بولۇشىدىكى سەۋەب: »تېزرەك مېۋىگە كىرسە، ھېچ بولمىغاندا بازاردىن ياڭاقنى پۇلغا ئېلىپ يېمەسمىز« ئىكەن. ئەمما كىلىمات ماسلاشمىغانمۇ، تۈزۈك كۆكلىمەپتۇ. ۋەدە قىلىنغان مېۋىگە كىرىش مۆھلىتىمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. دېھقانلار ياڭاق سالدۇرغان رەھبەرنىمۇ تولا ئىزدەپ تاپالماي )رەھبەر دېگەنئۇياق - بۇياققا تولا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا(، ئاخىر ھەممەيلەن ئىچىگە تىنىپ يۈرۈۋېرىپتۇ ...


1 - پەردە 3 - كۆرۈنۈش:
ياڭاق كۆچىتى سېلىنىپ كېيىنكى يىلى چىلان كۆچىتى سېلىش پىلانلىنىپتۇ. بەلگىلىمە بويىچە ھەربىر مو يەرگە 60 تۈپتىن سېلىنىپتۇ. بۇ قېتىمقى ۋەدە مۇنداق ئىكەن: «چىلان كۆچىتى سېلىنغان يەرنىڭ ھەر موسىغا 100 كىلوگرامدىن ئاشلىق تولۇقلاپ بېرىلىدۇ ... » راست دېگەندەك بىرىنچى يىلى بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئېشىپتۇ. 2 - يىلىدىن باشلاپ ۋەدىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. مانا 3 - يىلىمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ ... ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، چىلان كۆچىتى سېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن شۇ يىللىرى يۇقىرىدىن دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ھەربىر تۈپ چىلان كۆچىتى1.5  يۈەندىن سېتىۋېلىنىپ ئەكىلىنگەنىكەن ...
يۇقىرىقى ھېساب بويىچە كۆچەت تىكىلىش ئەھۋالىنى ستاتىستىكا قىلغاندا، ھەربىر مو يەرنىڭ ئۈچ پۇڭىغا كۆچەت تىكىلگەنىكەن. ھەتتا كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسىنىڭ چىڭلىقىدىن ئەتىيازلىقى نەچچە سانتىمېتىر ئۆسۈپ بولغان كۈزگى بۇغداينىمۇ چاپتۇرۇپ ئورەك كولانغانىكەن.


2 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېزا يەنە ھەربىر ئائىلە بېشىغا كەم دېگەندە بىر مودىن ئۈچ موغىچە چۈچۈكبۇيا تېرىتقان، يەنە كېلىپ ئەڭ پىششىق يەرگە ئۆزلىرى كۆرسىتىپ تېرىتقان. ھەربىر موغا بىر كىلودىن ھېسابلاپ، 20 يۈەن باھادا چۈچۈكبۇيا ئۇرۇقى ساتقان، چۈچۈكبۇيا ئۈنگەن ھامان ئالىدىغان زاۋۇتنىڭ تەييارلىقى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى تەكىتلەنگەن. ئەپسۇس، چۈچۈكبۇيا تېرىلىپ بولغان ھامان ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقمىغان.


3 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
يېزىدىن يەنە سەپەرۋەر قىلىپ ياكى سۈيلەپ مەجبۇرىي دېگۈدەك سەۋزە تېرىتقان. ھەربىر ئائىلىنىڭ سەۋزە تېرىغان يېرى ئالدىغا 4 - 5 مودىن، كەينىگە 2 - 3 مودىن توغرا كەلگەن. ھەر كىلوگرام سەۋزە ئۇرۇقى 120 يۈەندىن توختىغان. ئۇيغۇر دېگەن قويۇق ئاش )پولۇ(نى كۆپ يەيدىغان بولغاچقىمىكىن، سەۋزىنى دېھقانلار ئانچە كۆپ تىرەجىمەيلا تېرىغان. لېكىن كۈزدىچۇ؟ رەھبەرلەر ئەتىيازدا دېگەن گەپلەرنىڭ ئەكسىچە، ئالىدىغان ئادەم چىقماي ياكى نەرخىدە ساتالماي، دېھقانلار ئۆزلىرى يەپ بولالىغاننى ئۆزلىرى يەپ، شەھەردىكى تونۇش - بىلىش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بېرىدىغىنىنى بېرىپ، ئېشىپ - سېسىپ كېتىۋاتقانلىرىنى قوي - كالىلارغا توغراپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان …
ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يېزا دېگەندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچە مىڭ ئائىلە، قانچە مىڭ مو يەر باردۇ؟ ھەربىر موغا 40 تۈپتىن ئۈجمە، 60 تۈپتىن ياڭاق، 60 تۈپتىن چىلان كۆچىتى تىكىش ئۈچۈن جەمئىي قانچە مىڭ تۈپ كۆچەت كېتەر؟ ئۇنىڭ پۇلى نەچچىلىك بولار؟ چۈچۈكبۇيا، سەۋزە ئۈچۈنچۇ؟ …
دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ئۇنى - بۇنى تېرىغان ياكى تىكىلگەن ئاشۇ يەرنىڭ ھەر موسىدىن ئەگەر ئاشلىق تېرىغان بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن، كېۋەز تېرىغان بولسا 2000 يۈەندىن كىرىم قىلغىلى بولاتتىكەن.


4 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
»تېرىقچىلىق ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ بېيىيالمايدىغانلىقى«غا كۆزى يەتكەن رەھبەرلەر دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ يېڭى يولىنى تاپقان: ئىچكىرىدىن سورتلۇق قوي ئەكەلگەن. بۇ قويلارنىڭ ئەۋزەللىكى چۈشەندۈرۈلگەندە: تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى، يۇڭى كۆپ، گۆشى جىق، دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ھەربىر قوينىڭ باھاسى 1200 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولغان. قوي ئەكىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي نۇرغۇنلىرىدىن كېسەل چىقىپ، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرى ئورەك كولىتىپ، ئورەك ئىچىدە قويلارنى كۆيدۈرۈپ كۆمۈۋەتكەن. كېسەل چىقىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قويلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقمىغان.


5 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ بورداقچىلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن رەھبەرلەر بۇ قېتىم «شىنجاڭ قوڭۇرى» ناملىق غۇلجا كالىلىرىدىن ئىككى مىڭنى ئەكىلىپ ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. تارقىتىلغاندىكى ۋەدە مۇنداق بولغان: «كالىنى ئالغان ئائىلە ھەر كالىغا2500يۈەن تاپشۇرىدۇ. بۇ پۇل، ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىدىن قەرز ئېلىش ھېسابىغا قارشى تەرەپكە تۆلىنىدۇ. قەرز ھۆججىتىگە كالا ئالغانلار ئىمزا قويىدۇ. بۇ قەرز پۇل ئىككى يىلدا قايتۇرۇپ بولۇنسا بولىدۇ ... » دېھقانلار «ئاسان سەمرىيدىغان، گۆشى جىق چىقىدىغان، ھەر يىلى موزايلايدىغان» بۇ كالىلارنىمۇ ئېلىشقا رازى بولغان. ئەمما قېرىشقاندەك ئىلىنىڭ ماي بۇياقتەك ياپيېشىل تاغلىرىدا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇچىنى يەپ چوڭ بولغان بۇ كالىلار تىپىك قۇرغاق رايون ھېسابلىنىدىغان بۇ دىيارغا كېلىپلا يەرلىشەلمىگەنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ئەيتاۋۇر بېشى چۈشۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىرىغا كېسەل تەگكەنلىكى مەلۇم بولغان. ھازىر ئەكىلىنگەن ئاشۇ 2000 كالىنىڭ ئىچىدە %30 كالا ئۆلگەن. «ئەركەك چىۋىن قونمىغان»، «تازا بالاغەتكە يەتكەن»، موزاي پېتى دېگۈدەك ياش ۋاقتىدا ئەكىلىنگەن ھېلىقى كالىلار بۇ يىل 3 - يىلى بولغان بولسىمۇ، موزايلاش تۈگۈل تۈزۈكرەكمۇ چوڭايمىغان. ھەرقانچە باقسىمۇ سەمرىمىگەن. 2500 يۈەندىن ئالغان ھېلىقى كالىلارنى ئەي قىلىشقا كۆزى يەتمىگەنلەر ئۇنى بازارغا ئاپارسا 1000 يۈەنگىمۇ ئالىدىغان خېرىدار تېپىلمىغان. مانا ئەمدى ھەربىر كالىنىڭ پۇلى 2500 يۈەننى %15 ئۆسۈم بىلەن تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىم سېتىلغان كالىلارنىڭ پۇلىنى %03 ئادەملا تۆلىيەلىگەن. قالغانلارنىڭ بوينىغا قەرز ئارتىلغان.


6 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
بۇلتۇر قىش پەسلىدە دېھقانلار تېرىقچىلىقتىن بوشىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قومۇش ئورۇشقا تەشكىللەنگەن. يەنە كېلىپ ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش مەجبۇرىي تەشكىللەنگەن. ئىش مۇنداق بولغان: ھەربىر توننا قومۇشنىڭ باھاسى دەسلەپ 75 يۈەن، كېيىنچە 90 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. دېھقانلار ئۆزىگە تەگكەن ئەمەلىي نەپنى ھېسابلىغاندا نەتىجە مۇنداق چىققان: قومۇشنىڭ ھەر توننىسىنى سېتىۋالغۇچىغا 90 يۈەندىن ئۆتكۈزدى دەپ ھېسابلىغاندا، قومۇش ئورغان جاڭگال )كۆل(دىن قومۇش ئۆتكۈزىدىغان يەرگىچە ھەر توننا قومۇشقا 20 يۈەندىن كىرا كەتكەن. مۇشۇ ئەمگەككە تەشكىللىگىنى ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئون يۈەندىن، كەنت مەمۇرىيىتى بەش يۈەندىن تۇتۇپ قالغان، نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ قولىغا نەق تەگكىنى 55 يۈەن بولغان. دېھقانلار ناھىيە بازىرىدىن 50 - 60 كىلومېتىر كېلىدىغان ھېلىقى قومۇش بار يەرگە يېتەرلىك نان - پان، كۈدە - كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ چېدىر تىكىپ قىشىچە ئىشلىگەن. بۇ ئەمگەك شۇ يىلى 12 - ئايدىن كېلەر يىلى 2 - ئايغىچە تازا تاڭ - تاڭ سوغۇقتا ئۇدا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، ئەگەر كىمدە كىم بۇ ئىشقا بويۇنتاۋلىق قىلسا، ھەربىر قېتىملىق بارمىغىنى ئۈچۈن 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە جەرىمانە ئېلىنغان. ئىش جەريانىدا بىرەيلەننىڭ ئالقىنىدىن كىرگەن قومۇش قولىنىڭ دۈمبىسىدىن چىققان. يەنە بىرەيلەننىڭ كۆزىگە قومۇش سانجىلىپ كېتىپ مەركىزىي شەھەرگە يۆتكەشكە توغرا كەلگەندىن سىرت، ئوپېراتسىيە ئۈچۈن بىرمۇنچە چىقىم تارتقان. نەچچە ئادەم قېلىن مۇز تۇتۇپ بولالمىغان يەرنى دەسسەپ سېلىپ، سۇغا چۆكۈپ كېتىپ نەچچە ئايغىچە ئېغىر زۇكامدىن ساقىيالمىغان ...


7 - پەردە 1 - كۆرۈنۈش:
بۇ يىل ئەتىيازدا مەلۇم كەنتتە دائىم گېزىت - ژۇرنال، كىتاب ئوقۇيدىغان، خەۋەر - ئۇچۇر كۆرۈشكە ھېرىسمەن بىرەيلەن پارنىكتا كۆكتات تېرىشنىڭ پايدىسىنى سىناپ باقماق بولۇپ، ئۆزى ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ تەخمىنەن 2 - 3 پۇڭ كېلىدىغان كىچىككىنە بىر بۇلۇڭىغا ئاددىغىنە پارنىك ياساشقا تۇتۇش قىلغان. دەل شۇ چاغدا كەنت كادىرلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھېلىقى دېھقاننىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىغا مەدەت بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە »تېرىلغۇ يەرنى  رۇخسەتسىز بۇزغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكار بولىدىغانلىقى« ھەققىدە ھەيۋە كۆرسىتىپ، نەچچە كۈنگىچە ياسىغىلى قويمىغان. ئاخىر ئۇ دېھقان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئىزدەش ئارقىلىق تېگىشلىك رىغبەتكە ئېرىشكەن ...
دېھقانلارنىڭ نامراتلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى تەھلىل قىلىش ياكى ستاتىستىكا قىلىش توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىگە زىيانلىق بولغان »يەرلىك خاقانىي قائىدە - نىزام«لارغا تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسى ۋە جۈرئىتىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىدىن باشقا يەنە قاراپ تۇرۇپ دېھقاننىڭ كۆزىگە توپا چاچىدىغان يۇقىرىقىدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر پاكىتلارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. ناۋادا دېھقانلار ئاشۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان ۋاقتىدا، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش - سېتىۋېلىش ھەققىدە توختام ياكى كېلىشىم تۈزگەن بولسا ۋە ياكى كادىرلار قانۇن ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىغان بولسا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى تامامەن مۇمكىن ئىدى .
دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىپە. بىز كۆرۈپ ئۆتكەن بۇ مىساللار قارىماققا ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان چارە - ئاماللارنى ئويلاپ تاپقانلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەندەك، دېھقانلار ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ قىلمىغىنى قالمىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە «بۇ تەدبىرلەر زادى قانداق تۈزۈلگەن؟ نېمە ئۈچۈن ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئايىغىغا ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقمايدۇ؟ يۇقىرىقىدەك مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر داۋاملىشىۋەرسە، دېھقانلار قانداقمۇ ھاللىق سەۋىيىگە يىتەر؟ . . .»دېگەندەك سوئاللارنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇنلىغان غۇۋا مەنزىرىلەرنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، دېھقانلارنىغۇ قانۇننى ئۇقمايدۇ دەيلى، لېكىن قانۇننى بىلىدىغان، ھېچ بولمىغاندا ھەر يىلى دېگۈدەك ئېلىنىپ تۇرۇۋاتقان قانۇن ئىمتىھانلىرىدىن يۇقىرى  نومۇر بىلەن ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ئاشۇ كادىرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى  قوغدىمايدۇ؟ دېھقانلار كىمنىڭ ئەجدادى ۋە كىمنىڭ ئەۋلادى؟ دېھقانلارغا ئۇۋال قىلىۋاتقانلارچۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك ئىدى؟ بۇ سوئاللار ھەققىدە ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىكمۇ - ئەمەسمۇ؟
 
        
(ئاپتور: »كروران« ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

"جوڭگۇ مىللەتلىرى" ژورنىلىنىڭ 2004- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 20 ياخشى تېمىكەن...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق

ھەربىر تىنغان تى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6922
يازما سانى: 1941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13672
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 12:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىما يوللىغان قولىڭىز دەرد كۆرمىسۇن ...يازغاندا دېھقان ،ئىغېزدا دىخان شۇڭا  ئۇلانىڭ ھاللىق سەۋىيگە يەتمىكى  مۈشكۈل

ئالدىمغا ئالەمچە خۇشاللىق كەلسىمۇ كۈلىمەن .ئالەمچە خاپىلىق كەلسىمۇ كۈلىمەن ،چۈنكى دۇنياغا كىلىشممۇ يىغا ،كىتىشىممۇ يىغا ، پەقەت مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇملا  كۈلكە.

تەۋەككۈل_ئەجىر 

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7900
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10378
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 7131 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 01:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم چىرىك پارازىتلار يۇقالغاندا ئاندىن ھاللىق سەۋىيەگە يىتىدۇ .

ئۇيغۇر تورخانا ئاچقۇچىلار ۋە تورخانا سېستىمىسى مۇنازىرە چ چ توپ نۇمۇرى:       50701499

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 01:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ يەردە ئۈزۈم كۆچىتى قويدۇرغان ، بىز 3 يىل بولدى تۈزۈك پۇلغا ساتالمىدۇق ، تېخى بۇ يىل نىسى ساتقان ، مۇشۇ كەمكىچە پۇلى يوق .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئونۋېرستىتتا ئو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2765
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9492
تۆھپە نۇمۇرى: 508
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 01:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ بۇيەردىمۇ كۆپ ، دىھقانلارنى خالىسا ئېشەك ،خالىسا ئات قىلىپ ئوينايدۇ بۇ پارخورلار.
ھەممىسى چىرىكلىكە ئۈنۈملۈك زەربە  بىرىلمىگەنلىكىنىڭ كاساپىتى .
مەركەزدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر بەك ياخشى لىكىن بۇلار بۇيەرگە يىتىپ كەلگۈچە بىرقىسىم چىرىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ ،ياكى ئىتىۋارغا ئېلىنماي دىھقانلار . ئەمەلى نەپكە ئېرىشەلمەي كىلىۋاتىدۇ.
يۇقۇرنى ئالداپ تۆۋەننى باسىدىغان ئىشلار ھەممە يەردە بار.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 01:53:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىلا ئىنكاسىمنى تەھرىرلىۋىتەي.جىق گەپ قىلماي.

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 02:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقانلارنى ئەمگەكچان ، تىرىشچان دەپ تەرىپلەيمىز . توغرا بۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ، ئەمما تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سان-ساناقسىز چۈمۈلىلەردەك مىدىرلاپ  يۈرۈشىدىن نۇرغۇن دەرت-ئەلەم ۋە ئىلاجىسىزلىقلارنى كۆرۈپ قالدىم ! شۇڭا شۇنداق دەيمەنكى ، " پەقەت ئىش تەقسىماتى ئوخشاش ئەمەس ، ئەمىلىيەتتە ھەممە ئادەم باپباراۋەر" دېگەن گەپنىڭ ئالدىنقى يېرىمى نەق گەپ ، كېيىنكى يېرىمى يوق گەپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33681
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4008
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2011-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 02:12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقان مەڭگۈ ھاللىق سەۋىيەگە يېتەلمەيدۇ يۇقۇرنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى بىراق تۆۋەندە.........ھەي،
نامدا دىخاننىڭ سېلىقىنىڭ تۈرى بۇرۇنقىدىن ئازايدى دىگەن بىلەن شۇسېلىقنىڭ پۇلى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ كەتتى،

خاتىرجەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33478
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4168
تۆھپە نۇمۇرى: 194
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2011-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 05:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ يىزامنى يازدىمۇ نىمە

گۇناھلىرىمنى يۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-25 05:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە يەردە باركەندە بۇ ئىش،بىزنىڭ يۇرىتتىمۇ بىر يىلى ئۈرۈك.يەنە بىر يىلى چىلان تىكىدۇ،مانا ئىككى يىل بولدى، باراڭ قوغۇننىڭ جىنى چاپلىشىپ قالدى.دېھقاننىڭ سەل بايلىرى باي بولىۋىرىپ،نامراتلىرى تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ،بەلكىم بۇندىن كېيىن دېھقانلارنى ھال-كۈنىمۇ ياخشى بولۇپ كېتەر.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش