|
|
|
|
مىسرانىمغا قوشاق چېچىۋەتتىم ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،گۈل چىراي،شىر سۈپەت مىسرانىمدىكى خانىملار-ئەپەندىلە.زۇكامدىماي تىنجىمان تۇدىڭلىما.
تۆت-بەش كېلو قوشاق ئۇچراپ قاپتى،مىسرانىمغا چاچاي دىدىم،تالاشماي-ئۇرۇشماي بىردىن-بىردىن تېرىۋاڭلا.
يەتمىگەنلە خاپۇلاشماي تۇرۇپ تۇرۇڭلا،كېلەركى قېتىم بىر سۆپەك ئەكىلىپ ھەممىڭلىگە تاقىتىپ بىرىمەن.
قىزغىنجانكەن ئىسمىڭىز
مەكىتتىكەن ئۆيىڭىز
بارسام ئەگەر مەلىگە
مىنى قارشى ئالامسىز.
ئىزچى دىگەن قوشاقچى
كىمنى پايلاپ يۈردىڭىز
يىغلاپ كەتمەڭ ئوتانچى
قىزدىن تاياق يىسىڭىز.
گۈلبەشىكەر بارمىدۇ
مىنى راسلا تونۇمامدۇ
چاقچاق قىلسام قىزىرىپ
ماڭا پاتاق ئاتامدۇ.
كۆزۈم دىگەن قىزچاقنى
كۆردىڭلامۇ خالايىق
دەپ قوياقلا كۆرگەنلە
ئىزدەپ كەتتى ئابدىخالىق.
زۇلايخامۇ زۇلەيخا
چىرايلىقكەن ئىسمىڭىز
كۈيەپ قالدىم دىسەملا
چاچراپ چىقتى كۆزىڭىز.
ھىسلىرىم دىگەن ساراڭ
نەدە مۈگدەپ يۈردىڭىز
ئېغىر كەلمەس ھە پاراڭ
ئېغىر كەلسە دىسىڭىز.
شاقۇر شاقۇر ئاقىدۇ
يىغلىغاندەك قىلىدۇ
شاتئاي قىزچاقكەلگەندە
ئۆزىنى دۆڭگە ئاتىدۇ.
ئاتئال ئاتئال دەيدۇ
ئالاي دىسە ساتمايدۇ
ئاڭلاپ قوياڭ ئاتئالجان
ئوغال گەپتىن يانمايدۇ
مىسرانىمدا بىر قىزبا
ئىسمى ئۇنىڭ تىپىشماق
تاپالمىدىم تېخىچە
ئۆزى كەلسۇن ئاقپىشماق.
يوقاپ كەتلە ئۈرۈكجان
نىمىش قىلىپ يۈردىڭىز
ئۈرۈكمۇ يوق قاقمۇ يوق
مىسرانغا بىر كەلسىڭىز
ئوتياق ئاكا بامۇ سىز
نەدە ئۇخلاپ قالدىڭىز
ئوتنى يېقىپ ئۆزىڭىز
ماڭا دۆڭگەپ قويدىڭىز
يالپۇز دىگەن بەك بېلەن
ئاچام نەدە يۈرۈيدۇ
ئېيتىپ بەرسەم دەردىمنى
ئونكۈن يىغلاپ يۈرۈيدۇ.
ئۆزەم ئاشىق بىر بالا
ئۇيغۇر دىگەن مىللەتكە
چۈشۈپ قالغان دوسلۇرۇم
ئىنكاس يىزىڭ ئون بەتكە
ئىسمىڭلانى قالدۇرۇڭلا
تونۇۋالاي سىلەرنى
قوشاق چىچىپ سىلەگە
بىلدۈرۋالاي كۆڭلۈمنى.
ئۇشۇق كەتكەن بولسا رەنجىمىگەيسىلەر !
|
|
|
|
|
|