ئاياللار ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق
ئالدىنقى قىتىم 1،2 تۈرىنى يوللاپ بولغان ئىدىم.
ئادرىسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=42948&u=530
3)ئېرىڭىزنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى چۈشۈنۈڭ،ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىڭ.
ھەر بىر ئادەم مۇستەقىل بىر گەۋدە،ئېرىڭىزمۇ ھەم شۇنداق.ئۇنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش بەزى ئالاھىدە تەلەپلىرى شۇنداقلا ئەيىپلىرى بار.
بەلكىم سىز ئەر كىشىنىڭ رايىغا باققاندىلا ئۇلارنىڭ كۈڭلىنى ئالغىلى بولىدۇ،دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن.ئاگاھ بولۇڭكى،بۇ گەپكە ئىشىنىپ كەتمەڭ.بۇنداق قىلىش بەلكىم ئېرىڭىزنى خوشال قىلىشى مۈمكىن.چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى يولدىشىڭىزنىڭ خاسلىقىغا باغلىق.ئەگەر ئېرىڭىز رەتلىك،ئىنچىكە ئىش قىلىدىغانلاردىن بولسا،ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۆينى رەتلىك،پاكىز تۇتۇڭ.ئېرىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا سەل قارىماڭ.ئامال بار ئېرىڭىزنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى تىپىپ چىقىڭ ھەم قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ.نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئېھتىياجىدىن چىقىشقا تىرىشىڭ.ئەگەر ئېرىڭىز ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويسا،ئۆز قارىشىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قايىل قىلىڭ ھەم ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاڭ.
4)ئاتا-ئانىڭىزغا يۆلىنىۋالماڭ،ئېرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خالىغانچە باھا بېرىپ ئەيىپلىمەڭ.
تويدىن ئىلگىرى ئون نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىل ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا سىزدە ئۇلارغا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بولغاچقا،تويدىن كىيىنمۇ بىرقانچە يىلغىچە نىمىلا ئىش قىلغاندا ئۇلارغا يۆلىنىۋالىدىغان ئادىتىڭىز تۈگىمەيدۇ.ئەمما ئاتا-ئانىنىڭ يىنىغا تارتىشى بىلەن سىزدە يەنە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بولىدۇ.شۇڭا ئاياللار بۇ خىل پىسىىكىلىق تۇسالغۇلارنى تۈگۈتىشكە تىرىشىشى لازىم.
ئېرىڭىزنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان دوستلىرىنى ئەيىپلىمەڭ ھەم ئۇلارغا باھا بەرمەڭ.ئېرىڭىز تۇغقانلىرىدىن رەنجىگەن چاغدا ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ تىللىشىپ بەرمەڭ.چۈنكى ئەرلەر ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بولغان ئەيىپلەشلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
بۈگۈن بۇ ئىككى تۈرنى يوللاپ تۇراي.
مەنبە:شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى 2009-يىللىق 10-سان.