ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 30قەۋەت karwanhan كە 2011-03-24 01:18 PMئەۋەتىلدى :
ياخشى تېمىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا، باشلانغۇچ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە <<سادىر پالۋان قوشاقلىرى>>نى ئوقۇيتۇق، ئۇ بىزنىڭ سەبىي قەلبىمىزگە ئوزۇق بېرىپ، قەھىرمانلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغايتتى. ئۇلاردىن پەخىرلىنەتتۇق، ئۇلارنى دوراييتۇق، ئەجداد مىراسى باتۇرلۇق قېنىمىزنى ئۇرغۇتاتتى. ھەي، لېكىن ھازىر بالىلار .........، شۇنداقتىمۇ يادىمىزدا بارىنى ئۇكا-سىڭىللىرىمىزغا ئۆگەتسەك، ئەۋلاتمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلساق ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى. قېنى دوستلار، ئېسىمىزدە قالغان <<سادىر پالۋان قوشاقلىرى>>نى بۇ يەرگە يېزىشايلى، ئۆز-ئارا ئۆگىنەيلى!
يامۇلدا تولا ياتىپ،
چېچىم بىر قۇچاق بولدى.
.......
بۇ قوشاقتىكى قوۋۇرغام پىچاق بولدى دىگەن مىسرا ئۇستىدە قىسقا ئىزاھات بىرەي..
سادىر بۇۋام(مەن 5-ئەۋلات يەنى ئەۋرە، سادىر پالۋاننىڭ كىرەمقۇل دىگەن ئوغلىنىڭ ) ئىلى يامۇلىغا سولانغان ۋاقىتتا يامۇلداشلىرى بىلەن يامۇل چىرىكلىرىگە كەندىر ئىلىپ كىرسەڭلار كەندىردىن چىگە ئارقان ئىشىپ بىرىمىز ،سىلەر ئارقاننى بازارغا ئىلىپ چىقىپ سىتىپ پۇلىنى ئۇزۇڭلار ئىشلىتىڭلار دىگەن ،ئاچكۇز چىرىكلەر ماقۇل بولوپ كەندىر ئەكىرىپ بەرگەن شۇنىڭ سادىر بۇۋام يامۇلداشلىرى بىلەن چىگە ئارقان ئىشىپ بەرگەن چىرىكلەر بازارغا ئەپچىقىپ سىتىپ پايدىغا ئىرىشكەن ،كىيىن چىرىكلەر جىنايەتچىلەرنىڭ زەي يامۇلدا يىتىپ كىسەل بولوپ كىرىم مەنبەسىنىڭ ئىتىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقان ساتقان پۇلنىڭ ئاز بىر قىسمىنى يامۇلدىكى جىنايەتچىلەرگە قوۋۇرغىلىق گوش ئەكىرىپ شۇرپا بىرىدىغان بولغان ، شۇنىڭ بىلەن سادىر بۇۋام بىر تال قۇۋۇرغىنى تىقىۋىلىپ كۇندە ئەكىرىپ بەرگەن ئىچىملىك سۇنى يامۇل تىمىغا چىچىپ شۇ تىقىۋالغان قۇۋۇرغا بىلەن كۇندە كولىغان ،شۇنداق قىلىپ
بىر ياقتىن سۇ چىچىپ بىر ياقتىن كولاپ چىرىكلەر كىرسە كولىغان جايىدا ئولتۇرۋىلىپ دىگەندەك نەچچە ئاي دىگەندە قىلىن يامۇل تىمىنى شۇ بىر تال قوۋۇرغا بىلەن كولاپ تىشىپ يامۇلدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ قىچىپ كەتكەن، دوت، ئاچكۇز چىرىكلەرنىڭ ھەممىسى بولسا ئىلى جاڭجۇنى تەرپىدىن كاللىسى ئىلىنغان.
سادىر مەنمۇ سادىر مەن ،
سادىر بولماي كىمدۇرمەن.
تاغ يولىنى سورىساڭ،
ھەممە جاينى بىلورمەن.
سادىر پەلۋاننىڭ نەۋرىسى ھاشىر بۇۋام 105 يىشىدا ئالەمدىن ئوتتى ، سادىر بۇۋام توغرىلىق تەپسىلاتلارنى شۇ بۇۋامدىن ئاڭلىغانتىم