ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەر مابەينى قەشقەلىق، خوتەنلىك ،ئاقسۇلۇق ۋە ياكى ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك دەپ يۇرتۋازلىق قىلىش بىزنىڭ قېنىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى، تا 21-ئەسىر بوسۇغۇسىدىمۇ مۇشۇ يۇرتۋازلىقىمىزنى تاشلىماي سۆرەپ ئەكەلدۇق. ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز گەپنى ھەقىقەتتىن ئاڭلايلى.
تۆت كوچا پاراڭلىرى
ياز ئايلىرى تونۇردەك قىزىپ كېتىدىغان قۇمۇل شەھىرى ئاۋات كوچىلىرى، ئەمگەكچان،تىرىشچان خەلقى، جانغا ئارام شېكەردەك مېۋىلىرى بىلەن داڭلىق، مۇشۇ ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان تۆت كوچا بازىرى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركەزلىك پائالىيەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن توي تۆكۈن، سودا سېتىق ،يېمەك ئىچمەك قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان سودا چەمبىرىكى بولۇپ شەكىللەندى ھەم ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى.مۇشۇ ئاۋات رەستىلەردىكى بىر كاۋاپخانىدا بىر نەچچەيلەن پىۋا ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق يۇرتۋازلىققا چۈشكەنىدى.گەپ سۆزىدىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەرلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
---مۇنۇ قاشقالىق دېگەنمىغۇ تازا بىر خەقكەن ئاقىلەي شاقىلەي، ھېلىقى ئاتۇشلۇقچىۇ تېخى! گېپىنىڭ چوڭلۇقىنى دېمەيسەن~
--- xxxئاستانلىق، xxxقارا تۈۋىلىك،xxxتاغچى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەۋرەت گەپلەر كاۋاپ بېسىۋاتقان ياش بالىنىلا ئەمەس ،ياندىكى جوزىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. تۆۋە دېدىم. بۇ يۇرتۋازلىقمۇ ياكى غەيۋەتمۇ؟ ياكى ئۆچمەنلىكمۇ؟
ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كاۋاپخانىدا ئەنە ئۇرۇش چىقتى. نېمە بوپتۇ؟ يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكەر ئۇرۇشۇپتۇ. بىر بىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان گەپ. تۆۋە مۇشۇمۇ بىزنىڭ ھالىمىز ؟ ئۆز ئارا ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشۇپ، بىرەر ئۇيغۇر بوزەك بولسا ھەقىقەت ئۈچۈن مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقالايدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار؟؟ئۆز ئارا ئۇرۇش دېسە بىزگە يېتىدىغىنى يوق.
سودا كوچىسىدىكى ئاۋات رېستوراندا مەلۇم بىر قىز يىگىتنىڭ تويى بولماقتا. يىگىت جوزىسىدا ئولتۇرغان قىزلار گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانلىقتىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنىمۇ پەرق ئېتىش تەس ئىدى. تويى بولغان يىگىت مەلۇم تاغلىق يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تاغدىكى دوست بۇرادەرلىرىنىمۇ تويغا چاقىىرىپ ئەكەلگەنىدى. ئىككى قىز پىچىرلىشىپ كۈلمەكتە!
---ۋىيەي يىگىتنى تاغچى دەيدۇ~
---كۆرمىدىڭمۇ كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغىىنى؟
ئەمدىكى يۇرتۋازلىق ۋىلايەت شەھەرلەردىن قىسىقىراپ رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئۆتۈپتۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ،داڭلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 90-يىللاردىكى مەلۇم بىر سانىدا "ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار"ناملىق بىر ئەدەبىي ئاخباراتنى ئېلان قىلغان، ماقالىدا شىنجاڭدىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلشقا قاتناشقان ھاجىلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككىدىمۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىپ خوتەن رابات، قەشقەر رابات، ئاقسۇ رابات ۋە ياكى باشقا راباتلارغا بۆلۈنۈپ يۇرتۋازلىق قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى قامچىلىغانىدى. شۇ چاغدا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تاۋاپ قىلغۇچىلار بىرلا رابات بولۇپ شەكىللەنگەن.سىنگاپورلۇق بىر ئىسلام ئېتىقادچىسى شۇ جايدىكى ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي سورىغان. بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى بىر ئېغىز سۆز "يۇرتۋاز"كېتىدۇ. ئەمدىلەتىن بۇ يۇرتۋازلىق رايون ئىچىدىكى يۇرتۋازلىققا ئايلاندى.
ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇيۇشقاق دېگەن مەنىدە بولۇپ ھازىر بولسا ئۇرغۇي، ئۇرغۇرغا ئايلىنىپ قالدى.
مەكتەپ پاراڭلىرى
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ سىنىپقا يېڭى بىر ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى.مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىنىپتىكى كەپسىز ئىككى ئوقۇغۇچى پىچىرلاشتى~
--سەھرالىق تومپايكەن دېگىنە!
--كەچتە بېرىپ تەربىيە ئىشلەپ قويايلى.
بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى يېزىدىن كەلگەن بولۇپ مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەرگە كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەلگەنىدى. كەچتە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى چېكىلدى،ھېلىقى كەپسىز بالىلار يېڭى ساۋاغدىشىنى ئۇچۇغداپ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ سىنىپنىڭ ئاتامانى ئىكىەنلىكىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن كىرگەنىدى.
--تۇرە ئورنۇڭدىن
--بۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتا بىزنىڭ دېگىنىمىز بويىچە ئىش كۆرىسىەن.
--نېمىشقا؟
--بىز بۇسىنىپنىڭ ئاتامانى!
--شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ سىلەرگە بېرىشىم بولمىسا نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟
ئۇ ئىككىسى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سەھرادىن چىققان بۇ بالىنى ئۇرماقچى بولغانىدى. كىچىكىدىن ئېتىز ئېرىقتا ئىشلەپ ،سەھرادىكى تەبىئىي نېمەتلەرنى يەپ چوڭ بولغان بۇ ئاقكۆڭۈل دېھقان پەرزەنتىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇئىككى مۇتىھەمنى بويسۇندۇرغۇدەك يېتەرلىك قۇۋۋەت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ بوزەك بولمىدى،تاياق يەپ رەسۋا بولغان بۇ ئىككى مۇتىھەم ئۆلە تىرىلىشىگە باقماي قاچتى. لېكىن ئۇ كۆڭلىدە زادىلا بىر تۈگۈننى يېشەلمىدى. سەھرالىق بولسام نېمە بوپتۇ؟ سەھرالىق ئادەم ئەمەسمىكەن؟
مەسىلىنىڭ نېگىزى نېمە؟ دەل ئاشۇ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلىگەن ئاتا ئانا، جەمىيەت،مەكتەپتىن ئىبارەت ئىجدىمائىي بىرتوپنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى.
ئورگاندىكى پاراڭ
ئىشخانىدا قىزىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ پوپايكا توقۇۋاتقان ئىككى ئايال قىزغىن پاراڭغا يەنى غەيۋەتكە چۈشتى.
---xxxنى بۆلۈم باشلىقى قىلىدىكەن دېگەن پاراڭ بار~
---ئۇ تاغچى قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تېز ئۆسىدۇ؟ چوقۇم بىرەرسىگە پارا پەرگەن گەپ.
---ئۇ تېخى تاغدىن يۆتكىلىپ كەلگىلى 2يىلمۇ بولمىدىغۇ؟ مانا مەن ساق 8يىل بولدى بۇ ئىدارىدە ئىشلەۋاتقىلى.
ئىدارىنىڭ يىغىن زالى.
ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى تەغدىرلەش قارارنامىسىنى ئوقۇماقتا:
--يولداشلار ،بۇيىل ئىدارە پارتكومى تەتقىق قىلىش ،ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يولداش ئەxxx،پxxxلەرنى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى قىلىپ باھالىدۇق.يەنە ھېلىقى ئىككى ئايال~
--نېمە؟ تېخى ئىلغارمۇ بوپتۇ بۇ تاغچى.
--سىز بىلەن بىزگە ئىش بار ئوخشايدۇ.
--ياق، مەن تەشكىلات بۆلۈمىگە ئەرز قىلىمەن.
تۆۋە، خىزمەتنى ئۇ قىلسۇن، سىز ئىشخانىدىن چىقماي پوپايكا توقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ، خەق تىرىشىپ ئىشلەپ ئىلمىي ماقالەيېزىپ،ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنىكى ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئىدارىدىدىكى خەنزۇ يولداشلارنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. ئۇنى مۇكاپاتلىسا سىزنىڭ بانكىدىكى پۇلىڭىز بىلەن ياكى سىزنىڭ مائاشىڭىز بىلەن مۇكاپاتلىمىدىمۇ؟؟؟ ئىدارىڭىزدە بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ بۆلۈم باشلىقى، ئىدارە باشىلىقى بولسا، ئىلغار بولۇپ سايلانسا سىزگە نېمە زىيىنى؟
زەكىيە خانىم ئۆز ئۆيىدە يەنى داچىسىدا چەتئەلدىن كەلگەن تۇغقانلىرىغا ئولتۇرۇش قىلىپ بېرىپ بالاغا قالدى. ھەمممىز ئۇنى تىللىدۇق.ھەتتا تورلاردا ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز مەينەت گەپلەر بىلەن تىللىغان گەپلەر چىقتى. ھەقىقەتەن سورۇندا تېتىقسىز قىلقلار بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن كىم زەكىيە خانىمدەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىدى؟ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا نان تېپىپ يېگۈدەك بولسىمۇ ئاددىي خىزمەت بېرەلىدى؟ يېتىم يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىدى؟ خەيرىخاھلىق قىلدى؟ كوچىدىكى ئۇيغۇر دىۋانىلەرگە بىر يۈەننى بېرىشكە قورسىقىڭىز ئاغرىيدۇ . بۇ ئەمەلىيەتقۇ؟
بىز يۇرتۋازلىق،ئورا كولاش، كۆرەلمەسلكىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتۇق، ئارىمىزدىن بىرەر كىشى باش كۆتۈرۈپ چىقسا ئۇنى يوقىتىش كويىدا بولدۇق.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئاپپاق خوجىمۇ سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى جۇڭغارلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇرۇشقا بەل باغلىغان ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈردۇق. خەلقىمىزنى نادانلىق ،جاھالەت ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىم مەرىپەت تەرغىپ قىلىپ ،زالىم كۈچلەر ئۈستىدىن كۈرەش قىلغان ئابدۇقادىر داموللىنىمۇ ئارىمىزدىن چىققان نامەرت مەلئۇن قەتلى قىلدى. بۇنداق مىساللار تارىختىلا ئەمەس ھازىرمۇ كۆپتۇر.
يېڭى دەۋىردە جۇڭگو كومپارتىيسىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. بىز بولساق ئۆز ئىچىمىزدىمۇ ئىتتىپاق بولالمايۋاتىمىز. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.
ىتتىپاقلىق كۈچ، ئۇ بىر ئۇيۇلتاش. ئەمدى يۇرتۋازلىق ئىناقسىزلىقنى يوقىتايلى. ئۇيۇشايلى...
مەنبە؛
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=1360