[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 35قەۋەت jassur2 كە 2011-03-22 02:13 AMئەۋەتىلدى :
راس مۇشۇ داموللام دىگەن ئاتالغۇنى مۇكەممەلراق چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغانلار بولسا بىلدۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن،دىمەكچى بولغىنىم،بۇ ئاتالغۇ قانداق بارلىققا كەلگەن،قايسى مىللەت بارلىققا كەلتۈرگەن،ئىلىمى قانچىلىكلەرنى داموللام دەپ ئاتايمىز دىگەندەك.يەنە ھەيران قالماڭلار نىمىشقا بۇنى سورىغۇسى كەپ كەتكەندۇ دەپ،شۇ بىر يېقىن تۇنۇشۇم بىر سورۇندا بىرسى بىلەن خەنزۇتىلى توغرىسىدا سۆزلىشىپ ،مۇشۇ توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ،ھەممە گەپنى دىگىلى بولمايدىكەن،ئەمما ئاساسى مەقسەت،قارشى تەرەپ:ئەمىسە نىمىشقا داموللام دىگەننى چوڭ موللام دەپ ئاتىمايمىز دەپتىكەن،تۇنۇشۇم گەپ قىلالماي قاپتۇ، مىنى بىلىدۇ دەپ سوراپتىكەن مەنمۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمىدىم،بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرسەڭلار.
داموللا سۆزى ھەققىدە:
«مۇللا» دىگەن سۆز ئەرەپچىدىكى «مەۋلا» دىگەن سۆزدىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى «ئۇستاز، خۇجا، ئىگەم، ئەپەندى» دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەن.
«دا» دىگەن سۆز پارسچىدىكى «دەھ» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ، «ئون» دىگەن مەنىسى بار ئىكەن. ئىككىسى قۇشۇلغاندىن كېيىن «دەھ مەنلا» دىگەن سۆز ياسالغان بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى « ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگەللىگەن، ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات» دىگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن.
«دەھ» دىگەن سۆز پارسچىدا «دە» دەپ يېزىلىدىكەن، «مەۋلا» دىگەن سۆز «مولا» دەپ يېزىلىدىكەن. بۇ ئىككى سۆز قۇشۇلۇپ «دە مولا» دەپ يېزىلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەندىن كېيىن «دا مۇللا» بۇلۇپ قالغان. ھازىرمۇ بىرمۇنچە تۈركى مىللەتلەر «داموللا» سۆزىنى «دە مەنلا» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدىكەن.
ئۇنداقتا بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان «ئون ساھادىكى ئىلىم» قايسىلار؟
بۇلار (1) ئىلمى تەۋھىد(ئىلمى كالام)؛ (2) ئىلمى تەپسىر؛ (3) ئىلمى ھەدىس؛ (4) ئىلمى فىقھە؛ (5) ئىلمى تەجۋىد؛ (6)ئىلمى فەرائىز(مىراس قانۇنى) (7) ئىلمى مەنتىق؛ (8) ئىلمى سەرىف (مورفولوگىيە)؛ (9) ئىلمى نەھۋى (گىرامماتىكا)؛ (10) ئىلمى مەئانى (ئىستىلىستىكا). بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىمنىڭ ھەر بىرىدە بىر قانچە ھەتتا ئون نەچچىدىن كىتاپ ئوقۇلىدىكەن، شۇڭا، كىشىلەر 10 نەچچە يىللاپ ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن «دا موللا» ئۇنۋانىنى ئالالايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن «دا مۇللا» سۆزنى «10 يىل ئوقۇغان مۇللا» دىگەن مەنىدە دىگۈچىلەرمۇ بار ئىكەن.
مەنبە: ئۇيغۇرچە «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلى جەۋھەرلىرى ---« ھىدايەت گولزارى» 1- قىسىم؛ مىللەتلەر نەشىرياتى 2006- يىلى 1- نەشىرى 684- بەت؛ شەمشىدىن ھاجى قەلىمىدىكى «داموللا» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش دىگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ يوللاندى.