دىيارىمىزدىكى تۇنجى ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور ئويۇنى ‹توپچىلار› ئويۇنى 21-مارت (دۈشەنبە كۈنى) سائەت 1:00دە تورداشلارغا رەسمى ئېچىۋېتىلدى ، مەزكۇر ئويۇن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈلگەن تور ئويۇنى بولۇپ، ئوينىغۇچىلار ئويۇن ھوججىتى ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى قاچىلىماي تۇرۇپمۇ بۇ ئويۇننى بىمالال ئوينىيالايدۇ.
بۇ ئويۇننى شېنجېن دىچى داداۋ ‹ يەتتىنچى كوچا › ئويۇن شىركىتى بىلەن شىنجاڭ تىيەنچېڭ تور شىركىتى بىرلىكتە زور مەبلەغ سېلىپ، 7 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرۈپ چىققان . ئويۇن ۋەقەلىكى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئويۇندىكى پىرسوناژلارغا ئوماق كارتون ئوبرازى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جەڭ مەيدانلىرى قوشۇلۇپ كىشىنى ئۆزىگە ئاسانلا جەلپ قىلىدۇ.
چارچىغان ، زېرىككەن ۋاقىتلىرىڭىزدا ، توردا نىمە قىلىشنى بىلمەي يۈرگىنىڭىزدە بۇ ئويۇن سىزنى خوشاللىق دۇنياسىغا باشلاپ، كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرۈپ، سىزگە چەكسىز
خوشاللىق ئاتا قىلغۇسى . (مەزكۇر ئويۇن پۈتۈنلەي ھەقسىز )
ئويۇننىڭ بارلىق كۈرۈنۈشلىرى ئۇيغۇرچە بولغاندىن سىرت ، يېڭى ئۆگەنچىلەرنى يىتەكلەش چۈشەندۈرۈشلىرى ۋە قورال ، جابدۇق چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ، مەشخۇلاتى ئاددىي ، ئويناش ئىنتايىن قولايلىق .
ئويۇننىڭ كىرىش كۆزنىكى كۈرۈنۈش رەسىمى
ئويۇن كۈرۈنىشى
ئويۇن تور ئادرىسى : www.11611.com
بىر كۈرۈپ، ئويناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىگۈدەك ئويۇن !