|
|
|
|
نورۇز بايرىمى
نورۇز بايرىمى_ئويغۇرلارنىڭ ئەنئىنىۋى يېڭى يىل بايرىمى،گەرچە بۇ بايرام تۈركىي قوۋملار،پارسلاردا ئۆرتاق شەكىللەنگەن بايرام بولسىمۇ،ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئۆزگىچىلىك بولۇشى بىلەن پەرىقلىندۇ.
«نەۋرۇز» سوغدى تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇ بولۇپ،«نەۋ»يېڭى دىگەننى،«رۇز» كۈن دېگەننى بىلدۈرىدۇ.ئۇ «يېڭى كۈن » مەنىسى بىلەن يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى دېگەنلىك بولدۇ.ئەجىدادلىرىمىز بونىڭدىن نەچچە مېنىڭ يىللار ئىلگىرى ئۆزى تۈزۈپ چىققان قۇياش كالېندارى (شەمىسىيە كالېندارى) بويىچە،ئەتىيازنىڭ كۈن توختىغان كۈندە (مىلادىيە 3-ئاينىڭ 21-،22-كۈنلىرىگە توغرا كىلىدۇ)بۇ بايرامنى ئۆتكۇزۇشكە باشلىغان.
نورۇز بايرىمى -ئويغۇرلارنىڭ ئەڭ كاتتا بايرىمى .بۇ كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى«نورۇزلۇق»تەييارلىقلار باشلىندۇ.ئۆيلىرىدە «كۆك» ئوستۇرىدۇ. ئۇنى نورۇز ئېشى قىلىشقا تەييارلايدۇ.نورۇز كۈنى نورۇز مۇراسىم پائالىيىتىگە ئېلىپ باردىغان دان تەييارلايدۇ.نورۇز كۈنى كىيىشكە يېڭى كىيىم،پاكىز كىيىملەرنى راسلايدۇ.يۇرت ،مەھەللە ئاقساقاللىرى نورۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۇزىدىغان مەيدان،پائالىيەت ئەسلىھەلىرىنى تەييار قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇ.
نورۇز كۈنى نورۇز مەيدانىدا ناغىرا -سوناي چېلىنىپ بايرام ساداسى ياڭرايدۇ.يۇرتىكى ياش-قېرى،ئەر ئايالنىڭ ھەممىسى نوروز مەيدانىغا توپلىندۇ.
نورۇز مۇراسىم سەھنىسى ئالدىغا ئىككى دانە ياغاچ ھارۋا چاقى تىكلەپ قويۇلدۇ.پائالىيەتنى باشلاش جاكارلانغاندىن كىيىن نورۇز پائالىيىتى باشلىندۇ. پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولىدۇ.بەزى نورۇز پائالىيىتى2_3 كۈن داۋاملىشىدۇ.
نورۇز بايرىمى_ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش ،تەبىئەت ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى قەدىرلەش بايرىمى . بۇ كۈندە شائىرلار،يازغۇچى،ئەدىبلەر ئۆزى يازغان نورۇزنامىلىرىنى ئوقۇپ ،يېڭى يىلنىڭ ،تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە بەخىت-قۇت ئېلىپ كېلىشىنى ،دېھقانچىلىق،باغۋەنچىلىكتىن، ئىلىم -ھۇنەردىن مول -ھۇسۇل،بەرىكەت ئېلىپ كېلىشنى تىلەيدۇ.
نورۇز بايرىمى _ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىپەت بايرىمى. نورۇز كۈندە ئىلىم ئەھلىلىرى، شائىرلار،ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقانلار ئۆزلىرى يازغان نورۇزنامىلەرنى بۇلاق سۈيدە ئېقىتىپ ئىلىم -بىلىمنىڭ تېخىمۇ گۇللىشى،بۇلاق سۈيىدەك داۋاملىق ئۇزۇلمەسلىكنى تىلەيدۇ. شاگىرىتلار ئۇستازلىرىنى يوقلايدۇ. پۇلى بارلار مەكتىپ ،مەدىرىسلەرگە مەبلەغ ئاجىرتىدۇ،ياخشى كىتابلارنى كۆچۈرۇپ چىقىشقا ئادەم ئۇرۇنلاشتۇردۇ،كۆۋرۇك ياساش، يول ياساشقا مەبلەغ ئاجىرتىدۇ.
نورۇز بايرىمى_ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە بايرىمى. نورۇز كۈندە چېلىشىش، بەيگە ،ئوغلاق تارتىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدۇ.ئىت تالاشتۇرۇش ،توخۇ ،قوچقار ،بوقا سۇقۇشتۇرۇش،ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش ،چاق پەلەكتە ئايلىنىش ھەركەتلىرى ئوينىلدۇ.كىچىك باللار ھەرخىل باللار ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ.
نورۇز بايرىمى _ سەنئەت بايرىمى .نورۇز كۈندە نورۇز مەشرىپى ئوتكۇزۇلۇپ، سازەندىلەر مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئورۇندايدۇ.ئەر-ئايال ئۇسۇلچىلار ئۇسۇلغا چۇشۇپ نورۇز ئەھلىنى شادلاندۇرىدۇ.
نورۇز ئېشى يېيىش نورۇز پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر خاس مەزمۇنى .نورۇز ئەھلى ئېلىپ كەلگەن يەتتە خىل دان:بوغداي،گۈرۇچ، قوناق،نوقۇت ،ماش .تېرىق ،ئارپا دانلىرى ۋە قوي،كالا ،ئۇچكە ،توخۇ، كەپتەر گوشلىرى داش قازانغا سېلىنىپ نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ .ئاش پىشقاندىن كىيىن،نورۇز ئەھلى بۇ ئاشنى يەيدۇ.
نورۇز بايرىمى_ئىتىپاقلىق بايرىمى .نورۇز كۈنلىرىدە ،يۇرت مەھەللىدە كېسەل بولغانلارنى يوقلاش، ئازارلىشىپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇش ئىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدۇ .
نورۇز بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە نورۇز سەيلىسى بولۇپ،يۇرتىكى چوڭلار توپلۇشۇپ ئېتىز-ئېرىق، باغ، كۆللەرنى ئارلاپ چىقىپ ،تۇزەشتۇردىغان جايلارنى بەلگىلەپ ،ئەتىيەزلىق تېرىلغۇنى باشلاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ.
نورۇز بايرىمى _ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېلنى ئۇزىتىپ،يېڭى يىلنى كۈتۇۋېلىش،كۆڭۇللەرنى شادلاندۇرۇپ، كەلگۇسىگە يېڭى ئىشەنچ،يېڭى ئىرادە تىكلەپ ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش بايرىمى .ئازادلىقتىن ئىلگىرى كەڭ ئەمگەكچى خەلىقنىڭ بۇبايرامنى ئۆتكۇزۇشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىميىتى ۋە ئەزگۇچى سېنىپلارنىڭ قاتتىق چەكلىشىگە ئۇچىراپ ، بۇ بايرامنى ئۆتكۇزۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن ،بولۇپمۇ ئىسلاھات ،ئېچۋېتىشتىن كىيىن پارتىيە ،ھۆكۇمەت بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق ئۆتكۇزۇشكە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.
«نورۇز ئېشى »ئېتىش
«نورۇز ئېشى » نورۇز كۈندە ئېتىلدىغان مەخسۇس تاماق تۇرى.ئۇنىڭ تەييارلىنىشى مۇنداق بولىدۇ:ئۇ ئالدى بىلەن قاپاق تۇۋى (ئۇستى كېسىۋېتىلگەن قاپاق)،چىنە ،تاۋاقلارغا پاختا يېيىتىپ بوغداي ئۇرۇقى سېلىنىپ نەمدىلىدۇ. بوغداي ئۈندۇرمىسى 1_2 سانتىمېتىر ئوسكەندە ،بىخلانغان ئۇرۇق ئۈندۇرمىسى ئېلىۋېلىنىپ ،بىخلىنىپ چىققان«كۆك»بۇلۇپ ئېلىندۇ.بوغداي ئۈندۇرمىسى يۇيۇپ قۇرۈتۇلۇپ ، يارغۇنچاقتا ئىزىپ يارما قىلىنىپ مايدا قۇرۇلۇپ سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇلدۇ .بىخلانغان «كۆك» سېلىندۇ.بۇ ئاش ئۇماچتىن قۇيۇقراق بولدۇ. بۇ ئاش تاتلىق ،ئىچىشلىك بولدۇ.
«نورۇز ئېشى» دىكى «كۆك» يېڭى يىلنىڭ،يېڭى ھاياتنىڭ باشلانغانلىقنىڭ ،كۆكە تېۋىنىشنىڭ بىلگىسى بولۇپ بۇ ئارقىلىق يېڭى يىلدامول-ھۇسۇل ئېلىشقا تىلەكداشلىق بىلدىرىدۇ.
نورۇز كىلىشتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر نورۇزلۇق «كۆك» ئۆستۇرۇشكە كۆڭۈل قويۇپ،بىر قانچە تەخسە ۋە قاپاق تۈۋىگە پاختا يېيىتىپ بوغداي ئۇرىقى سېلىپ ، كۆك ئوستۇرۇشكە ئادەتلەنگەن. بۇئادەت ھازىرمۇ كۆپ ئائىلىلەردە ساقلانماقتا.
نورۇزسۈيى سىپىش ئادىتى
ئۆينىڭ ئىچى-تېشىغا نورۇز سۈيى سېپىش_ئۆيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئەتىگەندە ئورۇندايدىغان ئەنئىنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىرى.
نورۇز بايرىمى كۈنى ئەتىگەندە،قىز-ئاياللار قاپاقلارغا ئېرىق ئۆستەڭلاردىن ئېقىۋاتقان سۈنى قاچىلاپ كىلىپ،ئۆي ئىچى،ھويلا،ئىشىك ئالدىلىرىنى پاكىز سۈپۇرۇپ،تازلاپ بولۇپ سۈ سېپىدۇ.بۇ كونا يىلنىڭ ئەخلەتلىرىنى يوقۇتۇش،يېڭى يىلدا ئائىلىگە بەخىت -ئامەت تىلەش ھەركىتى بولۇپ،قىز-ئاياللار بۇ ئىشنى ئالاھىدە ئىخلاس بىلەن ئورۇندايدۇ .
مەنبە:ئۇيغۇر ئۆرپ-ئاداتلىرىدىن ئۆرنەكلەر.كىتاب ئاپتۇرى:ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى. مۇنبەرگە يوللۇغۇچى:ئەلشىر بەگ.
|
|
|
|
|
|